uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 15:53:56

ئالتۇن سودا تەھلىلى25/11

     ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودا  بازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1186.86  دوللار  ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1207.97    دوللا ر ، ئەڭ  تۆۋەن باھاسى 1175.26  دوللا ر  بازار يېپىلىش باھاسى 1201.42    دوللار بولدى .

ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 88.19  دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1200.93   دوللار بولدى .

ئاساسى ئانالىز:     

تۈنۈگۈن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىگەن ، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى جۇڭگو مەركىزى بانكا ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتكەن بولۇپ ، شۇ سەۋەبدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەت جۇڭگونىڭ ماددىي بۇيۇم ئېھتىياج مىقدار مۆلچەرى تېز كۆپەيگەن . پەيشەنبە كۈنى مىننەتدارلىق بايرىمى سەۋەبىدىن ئامېرىكا بازىرى ئارام ئالىدۇ ، مەبلەغ سالغۇچىلار OPEC يىغىننىڭ ئۇچۇرىنى كۈتمەكتە ، شۇنداقلا شۋېيتسارىيە پۇقرالار ئاۋاز بېرىش نەتىجىسىنى كۈتمەكتە ، بازارنىڭ نۆۋەتتىكى سودا ھالىتى سۇس . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ياپونىيە تەرەپ ئېلان قىلىدىغان يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ، ئامېرىكا تەرەپ مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇماتىنى ئېلان قىلىدۇ ، گېرمانىيە 3 - پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر گېرمانىيە مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ناچار بولسا دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ شۇنىڭ بىلەن ئالتۇنغا پايدىسىز بولىدۇ ، ئەگەر نەتىجە ياخشى بولسا دوللار كۆرسەتكۈچ بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .   ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا بۈگۈن ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈشكە بولغان تەسىرى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ .

مەشغۇلات باسقۇچى :

1. ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1200-1195  دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، سودا بازىرىنىڭ تەۋرىنىشى سۇس بولدى .

2. ياۋرۇپا  بازىرىدا ئالتۇن باھاسى1208 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسە  چۈشۈشكە  ئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1192-1190    دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .

.3 كەچلىك سودا بازىرىدا ئامېرىكىنىڭ GDP قىممتىنى ئېلان قىلىدۇ ، ئالتۇنغا بولغان تەسىرى چوڭ بولماسلىقى مۇمكىن ئەمما ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ پىروۋۇت باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، شۇڭا نەتىجە چىققاندىن كىيىن 1183-1175 دوللاردىن چۈشۈپ كەتمىسە ئۆرلەشكە ئىلىپ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1190-1200 دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ . پەيشەنبە ، جۈمە كۈنى ئامىرىكىنىڭ مىنەتدار بايرىمى بولغانلىقى ئۇچۈن سودا بازىرى دەم ئالىدۇ ، شۇڭا مۇھىم سانلىق ئۇچۇرلار چارشەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى . ئالتۇننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدا 1200 دوللارنىڭ يۇقىرىدىن ئۆرلەشكە ئىلىش مۇۋاپىق ئەمەس .

چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار   1208 ، 1205
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1193 . 1180

بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1208-1183
بۈگۈنكى تىرەش   نۇقتىسى 1190
بۈگۈنكى بۆسۈش   نۇقتىسى 1210

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .



  ئالتۇن كۈمۈش سودىسىغا ئەسكەرتىش

          بۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 88.10 ئەتراپىدا ئايلاندى ،  خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1197.97 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى .  تۈنۈگۈن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىگەن ، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى جۇڭگو مەركىزى بانكا ئۆسۈمنى تۆۋەنلەتكەن بولۇپ ، شۇ سەۋەبدىن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىستېمال قىلىدىغان دۆلەت جۇڭگونىڭ ماددىي بۇيۇم ئېھتىياج مىقدار مۆلچەرى تېز كۆپەيگەن .بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ياپونىيە تەرەپ ئېلان قىلىدىغان يىغىن مۇھىم مەزمۇن خاتىرىسى ، ئامېرىكا تەرەپ  ئېلان قىلىدىغان مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇماتلار، گېرمانىيە 3 - پەسىللىك GDP سانلىق مەلۇماتى ، ئەگەر گېرمانىيە مەلۇماتىنىڭ نەتىجىسى ناچار بولسا دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلەش ئېھتىماللىقى چوڭىيىپ ، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇنغا پايدىسىز بولىدۇ ، ئەگەر نەتىجە ياخشى بولسا دوللار كۆرسەتكۈچ بېسىمغا ئۇچراپ ئالتۇن باھاسىغا پايدىلىق بولىشى مۇمكىن .

تۈنۈگۈنكى پۇل مۇئامىلە بازىرى ئەھۋالى  

       تۈنۈگۈن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ، دوللار كۆرسەتكۈچى يۇقىرى ئۆرلەپ ، يېن باھاسى تۆۋەنلىگەن ؛ قىممەت مېتاللار باھاسى ۋە خەلقئارا خام نېفىت باھاسى تۆۋەنلىگەن بولۇپ ، ياۋرو ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىدىكى كۆپ ساندىكى پاي چېكى يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛ بۇ سودا كۈندە ئامېرىكا GDP سانلىق مەلۇماتى بازاردىكىلەرنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغان .
      كۆپلىگەن ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە ، دوللار باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ نەخ مال ئالتۇن باھاسى ۋە قەرەللىك ئالتۇن باھاسى كىچىك ئاساستا تۆۋەنلىگەن .

بۈگۈنكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى

       جۇڭگو خەلق بانكىسى جۇڭگو تاشقى پېرېۋوت سودا مەركىزىگە ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى ئىلان قىلغان ، 2014 - يىلى 11 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىكى بانكىلار ئارا تاشقى پېرېۋوت بازىرىدىكى خەلق پۇلى پېرېۋوت نىسبىتى ئوتتۇرچە باھا ئايلىنىشى :
1دوللار 6.1390 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ياۋرو 7.6325 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 100 يېن 5.1948 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 شىياڭگاڭ دوللىرى 0.79150 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 فوندستېرلىڭ 9.6381 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 ئاۋسترالىيە دوللىرى  5.2866 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يېڭى زېللاندىيە دوللىرى 4.8253 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 سىنگاپور دوللىرى 4.7157 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛  1 كانادا دوللىرى 5.4371 يۈەن خەلق پۇلغا تەڭ بولغان ؛ 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.54579 رېنگىت ) مالايسىيا پۇل بىرلىكى( قا تەڭ بولغان  ،  1 يۈەن خەلق پۇلى 7.3013 روسىيە رۇبلىغا تەڭ بولغان ؛ 1 تۈركىيە لىراسى 2.7492 يۈەن خەلق پۇلغا ، 1 يۈەن خەلق پۇلى 0.3637 تۈركىيە لىراسىغا تەڭ بولغان .

بۈگۈنكى دوللار كۆرسەتكۈچى باھاسى


        11- ئاينىڭ 25 - كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى باھاسى 88.2398 ، ئەڭ تۆۋەن باھاسى 88.0957 ، ئوتتۇرچە باھاسى 88.16 بولۇپ ، ئۆرلەش تۆۋەنلەش ئاساسى 0.04% ‏ بولغان ؛ بۈگۈن بازار ئېچىلىشىدا 88.0952بولۇپ ، سېتىۋېلىش باھاسى 88.1327 ، سېتىلىش باھاسى 88.1216 بولغان ؛ تۈنۈگۈن بازار يېپىلىش باھاسى  88.1008 بولغان .  

كېلىش مەنبەسى : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى


tahlil يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 21:05:02

يوللايدىغاننىڭ ھەممىسى تەپسىلى يوللىنىپتۇ، داۋاملىق تىرىشىڭ!

Jalzat0013 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 22:26:11

ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق پايدىلىق خەۋەر بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتىسىز.  رەھمەت سىزگە!

  ئۈنچە مارجان تاش ئىكەن، ئارپا بۇغداي ئاش ئىكەن بولىۋاتىدۇ ھە ؟!   ھى-ھى :lol:lol
بەت: [1]
: ئالتۇن سودا تەھلىلى25/11