غېرىپسىنىش
غېرىپسىنىشمەلىكە مۇھەممەت ھىلال
يېگانە ئارالدەك يېگانە قەلبىم،
تاشماقتا كۆزۈمدىن پاتمىغان دەردىم.
قەبرەمگە باش قويۇپ كەتكەندەك گويا،
ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمىدىم بەلكىم.
قەبرەم بولسا يوقلاپ كىلەتتى بىرى،
دېمەستىن بۇ ئىككى ئالەمنى نېرى.
مەن يىراق كەتمىگچ يارەنلىرىمدىن،
ئۇنتۇلدۇم شۇ قەدەر جىمجىت ئاخىرى. ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمىدىم بەلكىم.{:99:} يۇقىرىدىكى شېئىرنى ئوقۇپ تۆۋەندىكىسى ئېسىمگە كەپ قالدى...
ھېچنىمە
ئادىلجان ئابدۇقادىر
ئۆچىدۇ شۇ قەدەر نۇرانە قۇياش،
تاراملاپ يىغلار ئاي، كېلىدۇ كېچە.
ئۇلار تا-ئەبەدىي قوشالمايدۇ باش،
دېمىگىن مېنى ئاي، قۇياشمۇ دېمە.
ۋىسالەن بىر دەقىق يايرىسا تېنىڭ،
ئىسسىق جان كەتسىمۇ سىغماي ئىچىڭگە.
ئىسسىق جان مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر سېنىڭ،
دېمىگىن سەن مېنى سەن جېنىم دېمە.
كۆڭلۈمنى چۈشەنسەڭ بولدى-بولدىلا...
ۋە لېكىن دېمىگىن، سەن مېنىڭ دېمە.
دىلىمدا ئوت كۆيەر، تىلىمدا يارا،
مەنمۇ ھەم دېمەيمەن سېنى ھېچنىمە...
begir يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 19:24 static/image/common/back.gif
پالتاخۇن ، مۇشۇ يازما ئاستىدا بىر مۇشائىرە قىلمامدۇق ...
مەن ئۆمرۈمدە مۇشائىرە قىلىپ باقمىغان. كۆزۈممۇ يەتمەيدۇ. ئى شېئىرنى ئوقۇپ يەنە بىر ئى شېئىر ئېسىمگە كېلىپ قاپتى، شۇڭا يېزىپ قويۇشۇم... لېكىن چىشىم چىقىپ تۇنجى قېتىم مۇشائىرە قىلىش تەكلىپى ئالغانلىقىم مېنى خېلى ھاياجانلاندۇردى. غېرىپسىنىش ھەققىدە دەي دېسەمغۇ گېپىم ساماندەك، لېكىن شۇنى شېئىرىي شەكىلدە ئىپادىلەش ھەيتاڭەي جۇمۇ... بوممىسا سىلە يېزىڭلار، مەن ماندا شالاڭراق قىلىپ ئىنكاس يازغاچ تۇراي. ئاي كېتەر سامانى تاشلاپ ،
يۇلتۇز ھەم ھەمرانى باشلاپ .
ھېچكىم يوق مېنى تاشلاپ ،
يالغۇزلۇقتا مەن ياشلاپ {:92:} غىرىبسىنماڭ يېگانە ئارالدەك يېگانە قەلبىم،
تاشماقتا كۆزۈمدىن پاتمىغان دەردىم.
قەبرەمگە باش قويۇپ كەتكەندەك گويا،
ھېچكىمنىڭ ئېسىدە قالمىدىم بەلكىم.
قەلبىمگە تىكلىسەم خاتىرە تېشىڭ،
زىيارەت ئەيلىسە ئاشىق، سىردېشىڭ،
نە ئارمان، رۇخسارىڭ جىسمىمدا كۈلسە،
ياشناتسا روھىمنى شىرىن كۆز- يېشىڭ!:'(
با بارماق ئاران 10تۇرسا، 11بوغۇملۇق شېئىرنى قانداق يازغاندۇ دەيمەندە:lol 2-كۇپلىتنىڭ 1-مىسراسى ئۇدارغا چۈشمەپتۇ،
1-كۇپلىتنىڭ 4-مىسراسى يېقىشلىق بولۇپتۇ. خىيالغا پىتىپ كىتىدۇ ئۆتمۈش،
ئورمانلار ئىچىدە ئۇخلايدۇ نەرگىز.
خەۋەرسىز قالغاندا قىرى يالغۇزلۇق،
جۇشقۇنلۇق كۆزىنى ئاچمايدۇ ھەرگىز. يېگانە ئارالدەك يېگانە قەلبىم،
---
بەك تولا ئىشلىتىلىپ كەتكەن ،چاينىلىپ كەتكەن مىسرا.
ئاندىن ئىككىنجى كوپلىتتىكى پىكىر ھاياجانسىز بەك تومتاقلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئەسلى بەدىئيي بوشلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلانغان بولسا ،ئوقۇغۇچىنى بەك ھاياجانلاندۇراركەن.
بەت:
[1]