مۇنداق بىر ئىشنى پىلان قىلدىم
2014- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى
مەن كۈتۈپخانىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈم، ئۇلار ئىئانە كىتابنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.كىتاب سېلىش بۈگۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە.كىتاب سېلىۋەتكەنلار مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قىلىپ قويساڭلار.
ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا زور ھەۋەس بىلەن كىرىپ(باشقا بىر يەرگە بارسام ئالدى بىلەن كىتابخانا ياكى كۈتۈپخانىغا كىرىپ باقىدىغان ئادىتىم بار)، بارلىق سەھىپىلەر بويىچە يېنىش- يېنىشلاپ ئايلىنىپ چىققىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە تۇرۇپتۇ. دەسلەپتە ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ بار- يوقلۇقىنى ئىزدەپ بېقىش ئېسىمگە كەلمەپتۇ، ئالاھەزەل بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىككىنچى قەۋەتتىكى تەكرار ئۆيىدە تەكرار قىلىۋېتىپ، تۇيۇقسىز ئۇيغۇرچە ئىككى قەۋەت ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ئىدىم، شۇ چاغدا ماڭا بۇ ئىشى بەك يېڭى بىلىنگەنمۇ ئەيتاۋۇر ئىشىقىلىپ بىر قاراردىكى بالىلارغا كۈچەپ، ئاشۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ بارلىقىنى سۆزلەپ كېتىپتىمەن، ئۇلار ئۇ چاغدا ئانچە بەك ھەيران قالمىغان ئىدى، ئەسلىدە ئۇلار ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ بارلىقىنى بىلىدىكەنتۇق.شۇنداق قىلىپ بىزنىڭ مەكتەپ كۈتۈپخانىسىدا ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ بارلىقىنى بايقىغان ئىدىم(سانى تەخمىنەن 80 پارچە ئەتراپىدا). تۆۋەن يىللىقتىكى چاغلىرىمدا پات- پات ئاشۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئوقۇپ قوياتتىم. بىر مەزگىلدىن كېيىن مەن كىرىدىغان ئۇ تەكرار ئۆيىدىكى كىتابلارنىڭ جازىسى قۇرۇقلىنىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئېلىۋەتكەن ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ قايتا ئىزدەپ باقمىغان ئىدىم.بىرقانچە ئاي بۇرۇن دوستلىرىم بىلەن شۇ كىتابلارنىڭ پارىڭى بولۇپ قالدى، ئۇلارنىڭ دېيىشىچە ئۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ ھازىرمۇ بارلىقنىڭ گېپى بولۇندى، ئەمما ۋاقىت چىقىرىپ كۈتۈپخانىدىن ئىزدەپ باقمىغان ئىدىم. بۈگۈن كۈتۈپخانا ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئاشۇ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئىزدەپ بېقىش ئويى كېلىپ قالدى، شۇنىڭ ئۇدۇللا كۈتۈپخانا ئىككىنچى قەۋىتىگە چىقىپ ئىزىدىدىم، قارىسام راست بارئىكەن.بىرقانچە كىتابنى قولۇمغا ئېلىپ ئوقۇشقىمۇ ئۈلگۈردۈم، ئەمما مېنى بەك ئەپسۇسلاندۇرغىنى كىتابلارنىڭ سانىنىڭ ئاز بولۇشىغا قارىماي، ئادەم بەكرەك ئېڭىشىپ قارىمىسا كۆرمەيدىغان بىر يەرگە تىزىلىپتۇ.ھەممىمىز بىلىمىز ياخشى كىتاب بىزنىڭ ياخشى ھەمرايىمىز، ئۇسسۇزلۇقىمىزنى قاندۇرىدىغان مەنىۋىي بۇلاق. بىز شۇنداق بىر رېئاللىققا شاھىت بولىۋاتىمىزكى، . ئۇنىۋېرسىتىتلارنى پۈتتۈرگەنلەر ئادەتتە تېخىمۇ ياخشى ۋە ئەخلاقلىق ئىنسان بولۇپ چىقىشى كېرەك ئىدى، قارايدىغان بولساق ھاۋادا ئۇچۇپ يۈرۈيدىغان ۋە ئۆزلىرىنى بىر چاغلاپ قېلىپ قەيەردە ئاللاھ توسقان ئىشلار بولسا شۇنى قىلىدىغان ئادەملەر بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. قىزلار بولسا رەببىمىزنىڭ ئىسمىنى تىلغىمۇ ئېلىپ قويمايدىغان ئۇستازلىرى بىلەن ئەل-ئاغىنىلىرىدىن “سويۇنۇش”نى ۋە ئاللاھ ئاياللارغا بەرگەن گۈزەللىكلىرىنى قانداق «كۆز-كۆز قىلىش»نى ئۆگىنپ چىقىۋاتىدۇ ۋە شۇنداق قىلىشنى زامانىۋىلىشىنىڭ ئالامىتى دەپ قاراۋاتىدۇ. (ئەلۋەتتە ئالى مەكتەپنى ئوقۇش جەريانىدا رەببىنى تۇنۇپ يەتكەن نۇرغۇنلىغان قىز- ئوغۇللىرىمىز يوق ئەمەس!) ۋە ھالەنكى زاۋانىۋىلىشىش كاللىمىزنى ئىشلىتىپ بىز ياشاۋاتقان زاماننىڭ ئىلىم-پەن تېخنىكىسىنى ئۆگىنىشنى كۆرسىتەتتى، ئەسلى بىز ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر «زىيالى» دەپ ئاتىلاتتۇق، ئەپسۇس، نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «خىيالى» دەپ ئاتالدى، كىتاب ئوقۇشقا سەل قارىدۇق، «ئوقۇ» بۇيرۇقىنى ئۇنتۇپ كەتتۇق، بىزدىن تىرىشىش ئاستا- ئاستا يېراقلاشتى.
مۇشۇلارنى ئويلاۋېتىپ تۆۋەندىكى بىر دەسلەپكى پىلاننى كاللامدا تۈزۈپ باقتىم
تەپسىلاتى
مەكتىپىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە كىتاب ئاز بولۇشتەك بوشلۇقنى تولۇقلاش ئۈچۈن ، ئىئانە قىلىشنى خالايدىغان دوستلىرىمىز ئۆزلىرى ئوقۇپ باققان، ياشلارنى تىرىشىشقا،پۈتۈن زېھىنىنى ئوقۇشقا بېغىشلاشقا ئۈندەيدىغان، پەلسەپىيۋىلىكى يۇقىرى ،مەزمۇنى ياخشى كىتابلارنى ماڭا ئەۋەتىپ بەرسەڭلار، مەن مەكتىپىمىزدىكى بىرقانچە دوستلىرىم بىلەن بۇ پىلاننى مەكتەپ رەھبەرلىرىنى ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ مايىللىقىنى كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ باقساق، ئاللاھ خالىسا ھەل بولۇپ قالسا، ئېلىم ئۈچۈن قەلبىي ئۆركەشلەۋاتقان قىېرىنداشلىرىمىز بىز كۈچىگەن ئاشۇ كىتابلاردىن ئوزۇق ئېلىپ قالسا بىز ئەلۋەتتە خۇرسەن بولىمىز. كىتابلارنى خالىس ئەۋەتىپ بېرىشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمىز مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىپادە بىلدۈرۈپ قويساڭلار سېلەردىن تولىمۇ خۇرسەن بولغان بولاتتىم.ئەجىرىڭلارنىڭ ساۋابىنى ئاللاھ ئېگەمدىن تىلەيمەن.بۇ ئىشنىڭ كېيىنكى ئەھۋاللىرىنى مەن مۇشۇ تېمىغا قوشۇپ قويىمەن.
كىتاب سېلىش ئادرېسى
مەكتەپ ئادرېسى:陕西省 西安市 长安区 西沣路兴隆段266号,西安电子科技大学(新校区)
پوچتا نۇمۇرى:710126
ئالاقىلاشقۇچى:ئابدۇۋەلى قاۋۇل(阿卜杜外力·喀伍力)
تېلىفۇن:15249254124
ئالاقە بىلوگ ئادرېسى: ساچقان تور خاتىرىسى قالتس پىلان پوپتۇ ... مەنمۇ بىزنىڭ مەكتەپكە كىتاپ ئەكەلدۈرۈشكە شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ ،ئاقىۋەت ئۈنىمى بولمىغان ....(كىتاپ ئىئانە قىلىدىغانلار چىقماي ) پۇلغا ئېلىپ ئوقۇڭلار توردىن مەن ئىشلەيدىغان مەكتەپتە(5مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىسى بارمەكتەپ،ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 200دىن سەل ئاشىدۇ) ھەريىلى مەكتەپ 6000يۇەن پۇل ئاجىرتىپ ،ئۇيغۇرچە يېڭى كىتاب سېتىۋىلىپ مەكتەپ كۈتۈبخانىسىغا كىرگۈزىدۇ. مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا باغلىق دەپ قارايمەن. شۇ بالىلاردىمۇ ئۇيغۇرچە كىتاپلار بار ، ئاۋۋال ئۆز ئارا ئىئانە قىلىپ ئاندىن كۆلىمىنى كىڭەيتسەڭلار بولارمۇ ؟ ئەگەر كىتاپ ئىئانە قىلىنىپ ئۇنى ئوقۇيدىغان ئادەم بولمىسا ، مەكتەپ كىيىنچە ئەمەلدىن قالدۇرۋىتىشى مۇمكىن. لىكىن بوشىشىپ قالماڭ ، كىتاپلىرىم يېنىمدا ئەمەس، كىيىنچە پۇرسىتى بولسا مەنمۇ ئەمەلىي قوللايمەن.
نەنجىڭ ئۇنۋىرىستىدىكى بالىلار بىلەن كۆرۈشۈپ بىقىڭ ، بىر چاغدا شۇ مەكتەپتىكى بالىلار كۈتۈپخانىغا كىتاپ ئالىدىغاننىڭ گىپىنى قىلغانىدى، شۇلارنىڭ تەجرىبىسى بار دەپ ئويلايمەن. elxatrahim يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 13:57 static/image/common/back.gif
پۇلغا ئېلىپ ئوقۇڭلار توردىن
سىزنىڭ پىلانىڭىز تېخىمۇ قالتىسكەن :funk: XXXXYXXXX يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 16:21 static/image/common/back.gif
سىزنىڭ پىلانىڭىز تېخىمۇ قالتىسكەن
ئەلۋەتتە.بىكاغا ئىش يوق،توخۇدا چىش (يوق):lol بۇنداق ئىشلارنى توردا بەك داۋراڭ قىلىپ كەتمەڭلار ، كىتابىڭلىغا «كۆڭۈل » بۈلىدىغانلار جېقلاپ كىتىدۇ ! burkut327 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 15:58 static/image/common/back.gif
مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا باغلىق دەپ ...
بولىدۇ، تەكلىپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت begir يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 19:03 static/image/common/back.gif
مەكتەپ مۇدىرىيىتىگە بۇ ئىشنى بىر دوكلات قىلىپ باقسىڭى ...
دېگىنىڭىزمۇ ئورۇنلۇق، بىز ئويلىشىوپ باقساق بولغۇدەك. alpbeg يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 19:08:31 static/image/common/back.gif
دېگىنىڭىزمۇ ئورۇنلۇق، بىز ئويلىشىوپ باقساق بولغۇدەك.
مەكتىپىڭلاردا ئادەتتە قانچىلىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇيدۇ؟
بىغىر نەخ تەكلىپنى بېرىپتۇ. ۋەزىيەتكە، ئۇلۇغۋار گەپلەرگە تاقاپ تۇرۇپ، ئەھمىيىتىنى، تەسىرىنى گەۋدىلەندۈرۈپ كوللىكتىپ نامىدىن قاتۇرۇپ ئىلتىماس يېزىپ، مەكتەپنىڭ ئەڭ چوڭىنىلا بىۋاستە ئىزدەڭلا. بۇنىڭدا ھەل بولۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. ئۇنداق چوڭ مەكتەپلەردىكى بۇلۇۋاتقان چىقىملارنىڭ، سورىقى يوق چىقىملارنىڭ ئالدىدا بەش_ ئونمىڭ دېگەن يوق گەپ. كىتاپلار ھەل بولغاندىن كېيىن، بىرەر كىتاب ئىشكابىنى ياكى رايۇنىنى مەخسۇس ئىگەللەپ، شىكەر يالىتىلغان گەپلەردە لەۋھەمۇ، تاختىمۇ...دېگەندەك بىرەر نەرسىنى قاداپ قويساڭلار ئۇزۇن مۇددەتلىك بولاپ كېتىشىدە گەپ يوق. ئەسلىغۇ مەكتەپنىڭ مەجبۇرىيىتى دائىرىسىدىكى ئىشلار... ئۇيغۇردىن 70 دىن ئارتۇقى بار، قارىغندا شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەرك ئوقى تەييارلىساق بولغۇدەك تۆت يىل بۇرۇن بىزنىڭ مەكتەپكىمۇ بىر باينىڭ ئىئانە قىلىشى بىلەن نەچچە يۈز پارچە ئۇيغۇرچە كىتاب كەلگەن. مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا مەسئۇل شىنجاڭدىن ئەۋەتىلگەن بىر ئوقۇتقۇچى مەكتەپ بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ كىتابلارنى بىر بىرلەپ ۋاراقلاپ چىقىپ ھىچقانداق غەيرى مەزمۇن يوقلىقىغا كاپالەت بەرگەندىن كېيىن مەكتەپ كۈتۈبخانىسى قۇبۇل قىلغان. بەك خوشال بولغان ئېدۇق. شۇ چاغدا بىلىشىمىزچە بۇ كىتابلار مەملىكىتىمىزدىكى بىر قانچە داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوخشاش ئىئانە قىلىنغان، ئەمما بەزى مەكتەپ كۈتۈبخانىلىرى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان. بىزنىڭ مەكتەپتە ئۆزىمىز ئايرىم جازىغا قوياتتۇق ئۇيغۇرچە كىتابلارنى، 400 پارچىدىن جىق كىتاپ بار ئىدى.:( bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 14:28 static/image/common/back.gif
مەن ئىشلەيدىغان مەكتەپتە(5مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىسى بارم ...
سىز قايسى مەكتەپتە؟ بىزنىڭ مەكتەپكىمۇ ئىرپان شىركىتى نۇرغۇن كىتاپلارنى ئىئانە قىلدى bahadirlarbiz يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 14:28 static/image/common/back.gif
مەن ئىشلەيدىغان مەكتەپتە(5مىڭغا يېقىن ئوقۇغۇچىسى بارم ...
ۋاي نىمدا بەلەن مەكتەپ ئۇ ، نەدە سىز ؟ {:181:} ئەمىسە ئۇيغۇر باللىلارنىڭ ئاشۇ كىتابلارنى ئوقۇش قىزغىنلىقى قانداقراق ؟ كىتاب ئەۋەتىپ بېرىشنى خالايدىغان قېرانداشلىىمنىڭ ئەسلى بىلوگ ئادرېسىغا كېرىپ، ئىپادىسىنى بىلدۈرۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بەت:
[1]
2