tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 10:45:26

ماڭا ئاق ئاتلىق شاھزادە كېرەك ئەمەس

ماڭا ئاق ئاتلىق شاھزادە كېرەك ئەمەس
ئالىكساندېر شۇنبىكۋا (رۇسىيە)

بىر قىز سۇ ئالغىلى چىققاندا، قۇدۇققا تاشلانغان چېلەككە بىر ئۈزۈك ئىلىنىپ چىقىپتۇ. ئۇ ئۈزۈكنى قولىغا ئېلىشىغا ئۈزۈك زۇۋانغا كىرىپ:
-مېنى قويۇۋېتىڭ قىزچاق، قانداق تەلىپىڭىز بولسا ئورۇنلاپ بېرىمەن،-دەپتۇ، ئەسلىدە بۇ بىر خاسىيەتلىك ئۈزۈك ئىكەن.
-ماڭا ئەقىللىق، ئاق كۆڭۈل، مېنى سۆيىدىغان يىگىت كېرەك، ئەلۋەتتە باي بولسا تېخى ياخشى،-دەپتۇ قىز ئويلىنىپمۇ ئولتۇرماستىن.
-شۇنچىلىك ئىشمىدى؟ سىزگە ئاق ئاتلىق شاھزادە كېرەك ئەمەس ئىكەندە؟-خاسىيەتلىك ئۈزۈك ھەيران بولۇپ سوراپتۇ.
-ياق، كېرىكى يوق! پىيادە كەلسىمۇ بولىۋېرىدۇ،- دەپ كېسىپلا جاۋاب بېرىپتۇ قىزچاق.
-نېمىشقا؟-دەو سوراپتۇ خاسىيەتلىك ئۈزۈك ھەيران بولۇپ.
-20 يىل مۇقەددەم ئاناممۇ بۇ قۇدۇقتىن سۇ تارتقاندا بىر خاسىيەتلىك بىلەيزۈكمۇ ساڭا ئوخشاشلا ئانامنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرماقچى بوپتۇ. ئانام ئەينى چاغدا ئويلانمايلا:«ماڭا ئاق ئاتلىق شاھزادە كېرەك» دەپتىكەن. خاسىيەتلىك بىلەيزۈك ئانامدىن:«پەقەت ئاق ئاتلىق شاھزادە شاھزادە بولسىلا بولامدۇ؟» دەپ سوراپتۇ، ئانام قىن-قىنىغا پاتماي «ھەئە» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئاندىن كېيىن ئانام خاسىيەتلىك بىلەيزۈكنىڭ «ئاق ئاتلىق شاھزادىنىڭ ئېتىغا ئالتۇن ئېگەر سەپلەپ بېرەيمۇ؟ ياقۇت كۆز قويۇلسۇنمۇ؟ شاھزادىنىڭ دوپپىسىغا تۆگىقۇشنىڭ پېيى قادالسۇنمۇ؟ شاھزادىنىڭ مۇراسىم كىيىمىدە مەرۋايىت كۆز بولسۇنمۇ؟» دېگەن سوئاللىرىغا خۇشال بولۇپ «ئەلۋەتتە شۇنداق بولسۇن!» دەپ جاۋاب بېرىپلا خاسىيەتلىك بىلەيزۈكنى قويۇۋېتىپتۇ.
شاھزادىمۇ كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە يېنىدا پەيدا بوپتۇ. ئۇ مىنگە ئات ئېگىز ۋە قاۋۇل بولۇپ، بىر جۈپ كۆزى چاقناپ تۇرىدىكەن، ئالتۇن ئېگەر ۋال-ۋۇل نۇر چېچىپ، كۆمۈش نوختىغا قادالغان رەڭگارەڭ ياقۇتلار كۆرگەنلا كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىكەن. شاھزادىنىڭ كىيىمى پارقىراپ تۇرىدىغان مەرۋايىت بىلەن تىكىلگەن ئىكەن، لېكىن كىيىمىنىڭ ئىچىدىكىسى بېلى مۈكچىيىپ قالغان، ئېغىزى مايماق، مەست-ئەلەس، كوچىدىكى لۈكچەكلەردىن قېلىشمايدىغان ئادەم ئىكەن. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ پۈتۈن دۆلىتىنى، يەنە ھېلىقى ئات ۋە كىيىملىرىنىمۇ مەيگە تېگىشىپ يوق قىپتۇ، ھامىلىدار بولۇپ قالغىنىنى بىلىپ، ئانامنى تاشلاپ كېتىپتۇ. شۇڭا ئانامنىڭ ئۆتمۈشىدىن شۇنداق بىر ھەقىقەتنى بىلدىمكى، ئادەم مەڭگۈلۈك ھەمراھ تاللىغاندا، كۆزنى چاقنىتىدىغان تاشقى بېزەكلەرگىلا قارىماسلىقى كېرەك ئىكەن.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 11:11:51

نېمە تىلىسەڭ بېرىمەن دەپ تۇرسىمۇ قاملاشتۇرۇپ تىلىيەلمىسە ئاشۇنداق بولىدۇ...:lol:lol:lol

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 11:19:31

تىلەك رىئاللىققا قانچە ئۇيغۇن بولسا ئەمەلگە ئاشىدۇ ....

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 12:47:06

مەنىسى چوڭقۇر مەسەل ئىكەن،ۋەقەلىرى قىززىقارلىق ياكى تەسىرلىك بۇلۇپ ئارىسىغا قىممەتلىك ھېكىمەت ئۈنچىللىرى سىڭدۈرۈلگەن مەسەللەر ئادەمنىڭ ئىسىدە قېپقالىدۇ،ھەر-بىر ئىش ھەركىتىدە ئادەمگە ھەمراھ بۇلۇپ خاتالىشىشتىن ساقلايدۇ.

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 15:31:49

ئىنسان ئۆز ئارزۇسىدىن ئارتۇق نەرسىگە قىزىقىپ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىدۇدە ئىرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىگىمۇ ئىرىشەممەيدۇ.
بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنى بەختسز ھېس قىلىشى ئېرىشكىنى ئاز ئەمەس بەلكى قانائەت قىلىشنى بىلمىگەنلىكىدىن.
بەت: [1]
: ماڭا ئاق ئاتلىق شاھزادە كېرەك ئەمەس