رەقىبىڭىز تېخىمۇ جىددىيلىشىدۇ
رەقىبىڭىز تېخىمۇ جىددىيلىشىدۇجۇ خەيلياڭ
ئۆمەر ئامۇت تەرجىمىسى
كىچىك چېغىمدا يىراق بىر تۇغقىنىم دائىم ئوۋچىلىق ھەققىدىكى قىزىقارلىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ بېرەتتى. ئۇ ھېكايىلەرنىڭ ئىچىدە بۆرە بىلەن تار يولدا دوقۇرۇشۇپ قالىدىغان ھېكايىگە قەۋەتلا ئامراق ئىدىم.
-ئەنسىرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق،-دېگەنىدى تۇغقىنىم،-بۆرە سەندىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىدۇ. ئۇنىڭ كۆزلىرىگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇۋال، كۆزۈڭنى ھەرگىز ئۇياق-بۇياققا قاچۇرما، جىددىيلەشكىنىڭنى قىلچە چاندۇرما. شۇ تەرىقىدە بىردەم تىكىلىپ قاراشقاندىن كېيىن، بۆرە ئۆزلىكىدىن قورقۇپ تىكىۋېتىدۇ.
بۇ ئۇنىڭ ھەقىقىي كەچۈرمىشى ئىدى. بۆرە بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالغاندا ھەر قانچە قورقسىڭىزمۇ، غەيرىتىڭىزگە كېلىپ، جىددىيلىشىۋاتقانلىقىڭىزنى بۆرىگە چاندۇرۇپ قويمىسىڭىزلا ئاخىرقى غالىبلاردىن بولالايدىكەنسىز.
-بۆرىمۇ جىددىيلىشىدىكەن، سەندىن بەكرەك جىددىيلىشىدىكەن. مۇتلەق شۇنداق ئىكەن،-دېگەنىدى تۇغقىنىم،-بۆرىنىڭ ھەرىكىتى ئۇنىڭ قەلبىگە ئاسىيلىق قىلدى.
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر دوستۇم شەھەرلىك مەدەنىيەت سارىيى تەشكىللىگەن شاھمات مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، بىر باشتىن سۈرۈپ يەڭگىنىچە، ئۇتتۇر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرىپ كەتتى. ئەمما كۆز ئالدىغىلا كېلىپ قالغان چېمپىيونلۇقنى تالىشىشقا كەلگەندە، تاللاش مۇسابىقىسى ۋە يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكىدەك ئۇنداق بىمالال بولالماي، ئەكسىچە جىددىيلىشىپ قارا تەرگە چۆمۈپ كەتتى.
ئۇ كۈنى مەن ئىزچىل ئۇنىڭ يېنىدا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنى كۆرۈپ تۇرغانىدىم. ئۇ دەسلەپ خۇددى ئېلىشىپ قالغاندەك ئۇرۇقلارنى قارىسىغىلا ماڭغىلى تۇردى.
ئەمما ئويلىمىغان يەردىن چېمپىيون بولدى.
ئىشتىن كېيىن ئۇ ماڭا:
-ئارىلىقتا نەچچە قېتىم بەل قويۇپ بېرىپ، يېڭىلگەنلىكىمگە تەن بېرەي دېگەنىدىم، كېيىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ رەقىبىمگە شۇنداق قارىسام، ئۇنىڭ كۆزىدىن مەندىنمۇ بەكرەك جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدىم،-دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىدىن ئۆزىنى رۇسلاپ، بۇ قول شاھماتتا ئۇتۇپ چىقىپتۇ.
ئىشلار ئەمەلىيەتتە مانا مۇشۇنداق ئاددىي.
مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 4-سان شۇندامىدۇ ؟ ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم
ئۇنىڭدىن قۇرۇقما ، ئۇمۇ سەندىن قورقىدۇ :lol ئادەتتە قانچە ئىش كۆرگەن ئادەم، شۇنچە تەمكىن بولىدىكەن. شۇڭلاشقا شۇنداق بىر پىسخىكا ساپا ھازىرلاش ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى تاۋلاپ چىقىشىمىز كېرەككەن پۇزىتسىيە ھەممىنى بەلگىلەيدۇ دىگەن ھېكىمەتكە ماسلىشىپراق كېتىدىكەن...
مەن سىناپ باققانتىم،بىر خوشنىمىزنىڭ شۇنداق چوڭ بىر قارا ئىتى بولىدىغان،ھەرقانداق كىشىنى يىراقتىنلا كۆرسە چىشلىسەم دەپ ھاۋشىپ كىتەتتى،لىكىن باغلاقلىق بۇلۇپ مەللىدىكى خېلى كۆپ بالىلارمۇ ئەشۇ باغلاقلىق ئىتقا يېقىنلىشىشتىن قورقاتتى،بىر كۈنى كۆزۈمنى ئالايتىپ تازا غەزەپلەنگەن،ئاچچىقلانغان قىياپەتتە ئىتقا 15مىتىر يىراقلىقتىن ئاستا قەدەم ئېلىپ كەلدىم،ئىتمۇ دەسلەپتە ئادىتى بۇيىچە باغلاقنى ئۈزۋەتكۈدەك قىياپەتتە شۇنداق سەت ھاۋشىدى،يېقىنلاشقانسىرى،ئىتنىڭ كۆزىدىمۇ قورقۇشتەك بىر ئالامەتلەرنى سەزگەندەك بولدۇم،ئىتنىڭ كۆزىگە تازا تىكىلىپ تېخىمۇ غەزەپلەنگەن قىياپەتتە مېڭىپ تېخىمۇ يېقىنلاشقاندا ئىت تىكىۋەتتى،بىللە كەلگەن باللا كۈلۈشۈپ ئىت بىلەن تالىشىپ باقامسە يا دەپ چاخچاقنى باشلاپ كەتتى.:lol:lol:lol
قەلبىمىزدە ئويلىغىنىمىزنى قارشى تەرەپكە سەزدۈرمەسلىككىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك، قويلار بىلەن كىچىك بالىلارغا ئۈگىتىپ قويغىلى بولغان بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى...
بىزنىڭ بۇ يەردەقويلارنى ئىت يەپ كىتىدىغان ئىشلار كۈپىيىپ قالدى. ئىت يۇقىتىش باشلانسىلا ئۇ ئىتلار باغلاققا ئىلىنىدۇ، ئۈتۈپ كەتسە يەنە... ياخشى بىر ماھارەت ئۆگۈنىۋالدىم . ئەمدى رەقىبلىرىمنى كۆزىگە قاراپلا :@ بۆرە ، تۈلكە ، شىر ، يولۋاس كەلسىمۇ :lol{:112:} بۇ ئۇسۇل ساھىبجامال ئۆتكىلىدە ئاقماسمىكىن.:lol izchilar يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 21:29 static/image/common/back.gif
بۇ ئۇسۇل ساھىبجامال ئۆتكىلىدە ئاقماسمىكىن.
:lol شاخمات ئوينىغاندا قانچە قورقمىغانسېرى شۇنچە ئۇتىدىغان گەپكەندە. يېڭى ھۈنەركەن بۇ.
بەت:
[1]