abux311 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 08:29:54

رەخىمجان سابىر ھاجى توغرىسىدىكى ماتىريال جىددى لازىم بولۇپ قالدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار !
گەرچە مۇشۇ كىچىككىنە ئىشنى دەپ ئايرىم تېما يوللاشنى دەسلىۋىدە ئەپسىز كۆرگەن بولساممۇ ، بۇ ماتىريال بەك جىددى لازىم بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن ئامالسىز يوللاۋەردىم . تېمىدا  دىيىلگەندەك رەخىمجان سابىر ھاجى  توغرىسىدىكى ماتىريال جىددى لازىم بولۇپ قالدى . بولسا تور بەت ئادرىسى بولسا تەمىنلىسەڭلارمۇ بولىدۇ .شۇنىڭدىن ئۇچۇر ئىگەللەپ باقساممۇ بولىدۇ . ئەمما ئۆزۈم بىرقانچە ئىزدەش ماتورلىرىدىن ئىزدەپمۇ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىدىم   باشقۇرغۇچىلار ماۋۇ تېمىنى تەستىقلەپ قويغان بولساڭلار ، رەھمەت !

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 10:12:11

شېرىپ خۇشتارنىڭ «شىنجاڭ تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىسلەر» دېگەن 2 كىتابىدىن تاپالايسىز. كىتاپخانىلارغا بېرىڭ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 10:47:09

كۇتۇپخانىلاردىن ئىزدەڭ

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 12:16:07

شۇ  كىشىنىڭ غۇلجىلىق نەۋرىلىرىمۇ باردۇ  ھازىر

yulghun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 12:46:32

مەسئۇد سەبىرى ____________________________ رەھىمجان سابىر ھاجى

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 13:59:42

ئانا يۇرتنى ئوقۇڭ.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 14:45:15

ھۆكۈمەت تەرەپتىن يېزىلغان تەرجىمالى:
رەھىمجان سابىرھاجى (1906-1973) شىنجاڭ غۇلجىدىن. ئۇيغۇر . ئىلىدىكى چوڭ سودىگەر ۋە پومىشچىك. مەسئۇدنىڭ جيەن ئوغلى ھەم كۈيۈئوغلى. «غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى» نىڭ رەھبىرىي ئەزاسى. غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ھەم ئۇنى پىلانلىغان. ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە ھەربىي ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، ئىچكى ئىشلار نازارىتىنىڭ نازىرى، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى. شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ئەزاسى، قوشۇمچە خەلق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دائىمى ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 1973-يىلى 12-ئايدا كېسەل سەۋەبى بىلەن غۇلجىدا ۋاپات بولغان.
«شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار خاتىرىسى» دېگەن كىتابتا شۇنداق يېزىلىپتۇ.

ئەمدى قوشۇمچە قىلساق، بۇ ئادەم ئەينى دەۋردە غۇلجىدا ئۆتكەن زىيالىيلارنىڭ بىرى، 1930-يىللاردا مائارىپ، سەنئەت ئىشلىرىنى جىق قوللىغان ئۆزىمۇ بىر سەنئەتكار. ئۈچ ۋىلايەت ھارپىسىدا سوۋېت كونسۇلىنىڭ پىلانلىشى بىلەن قۇرۇلغان «ئازادلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا بولۇپ، خەلققە تەشۋىقات-تەرغىبات ئىشلىرىنى ئىشلەپ «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دا خىزمەت كۆرسەتكەن (1944-يىلى 11-ئايدا غۇلجا قوزغىلىڭىدا رەھىمجان سابىرھاجىنىڭ غۇلجا ئالتەشوئار مەھەللىسىدىكى ئۆيى ۋاقىتلىق قوماندانلىق ئىشتابى قىلىنغان، ئۆيىنى قوماندانلىق ئىشتابى قىلغانغا باشلىق بوپتىكەن دەپ چۈشىنىۋالمايسىلەر بەلكىم) ئىنقىلاب مەزگىلىدە پولكوۋنىك ھەربىي ئۇنۋاندا بولغان، گومىنداڭ بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تىنچلىق سۆھبىتىگە ئۆمەك باشلىقى بولۇپ ئەۋەتىلگەن. ئازادلىققىچە مۇھىم ۋەزىپىلەردە بولغان. ئازادلىقتىن كېيىنكى سولچىل سىياسەت (1951-يىللىرىغۇ دەيمەن) كېڭىيىپ كەتكەن مەزگىلدە خاتا قولغا بىز مەزگىل قامالغان. كېيىن گۇناھسىزلىقى ئىسپاتلىنىپ قويۇپ بېرىلىپ سىياسىي كېڭەشتە ۋاپات بولغىچە ئىشلىگەن. مەدەنىيەت ئىنقىلابى باشلانغاندىن كېيىن كۈرەش قىلىنىپ جىق ئازار يېگەن.
ئاكىسى ئابدۇغوپۇر سابىرھاجى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دەۋرىدە ھەربىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى بولغان. ئازادلىقتىن كېيىن 1951-يىلى خەلق ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغان.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 15:32:33

11ماددىلىق بېتىمنى تۈزگەن ۋەكىللەرنىڭ باشلىقى مۇشۇ كىشىغۇ دەيمەن

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 16:23:11

ئالدىنقى رەتتە يانتۇ يېتىپ رەسىمگە چۈشكەن كىشى شۇكەن

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 16:34:47

elxatrahim يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 13:59 static/image/common/back.gif
ئانا يۇرتنى ئوقۇڭ.

رومانلاردىكى تەسۋىرنى بىر ماتىرىيال دەپ ئىشلەتكىلى بولماس ...


ئۇنى دىسە ئۇنداق رومانلار جىق ، ئېلى دولقۇنلىرى ، شىنجاڭنىڭ 50 يىلى ، ئۆمۈر داستانى ، ئانا يۇرت .......

   مىنىڭ بىلىشىمچە رەھىمجان سابىرھاجى تېنچلىق بېتىمى تۈزۈلۈشنىڭ ئالدى كەينىدە ئىلى ۋەكىللىرى ئارىسىدا ئېلىخانتۆرىدىن قالسا ئىككىنچى نۇمۇرلۇق ئەرباپ بولغان ،...

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 16:40:37

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 16:34 static/image/common/back.gif
رومانلاردىكى تەسۋىرنى بىر ماتىرىيال دەپ ئىشلەتكىلى ب ...

پىكرىڭىز توغرا ئەمما ئانا يۇرتنىڭ  تارىخى چىنلىقى سىز دىگەن باشقا رومانلاردىن ئۈستۈن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 16:44:42

ئۇ بىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە باغلىق ئىشمىكىن ....

قايسىسىغا ئىشىنىش قايسىغا ئىشەنمەسلىك ، ئۇنىڭ ئۈسىتىگە رومانلاردا تىلغا ئېلىنغان شەخسلەرگە باشتىن ئاخىر تۇلۇق تەبىر بىرىلمەيدۇ ،،،

   مىسالغا ئالساق ئانا يۇرت رومانىدىمۇ رەھىمجان سابىر ھاجى ھەققىدە نىياز دىخان ئوتتۇرىغا قويغاندەك بىر باش ئاخىرى بار بىر نەرسە چىقمايدۇ ....

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 17:35:49

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 16:44:42 static/image/common/back.gif
ئۇ بىزنىڭ ئىشەنچىمىزگە باغلىق ئىشمىكىن ....

قايسىسىغا
شۇڭا تېما ئىگىسىگە نەخ بار دەپ شىرىپ خۇشتارنىڭ كىتابىنى تەۋسىيە قىلغانتىم.

840 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 17:40:44

شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرىدا يوقمىدۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 18:09:38

ئاتۇشلۇق

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 18:12:45

سەيپىدىن ئەزىزنىڭ ئومۇر داستانىدا  بايانلار بولىشى مومكىن، كىتابنى تولۇق ئوقۇمىغاچقا بىلەلمىدىم

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 18:14:21

840 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 17:40:44 static/image/common/back.gif
شىنجاڭ تارىخ ماتىرياللىرىدا يوقمىدۇ
50 قىسىملىق كىتابنىڭ ھەر بىرىنى ۋاراقلاشقا توغرا كېلىدۇ. مۇندەرىجىسىنى يىغىپ قويساق مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئەسقاتاتتى.
بەت: [1]
: رەخىمجان سابىر ھاجى توغرىسىدىكى ماتىريال جىددى لازىم بولۇپ قالدى