ئىسسىقلىق چاي رېتسىپى لازىم
رەھمەتلىك ئانام رەھمەتلىك قەلەمپۇر، پىلپىل، لاچىندانى، زەنجىۋىل دېگەندەك دورا- دەرمەكتىن ناۋات سېلىپ ئىسسىقلىق چاي دەملەپ بېرەتتى، مىجەزىمىز سوغۇق بولغاچقا ھوزۇرلىنىپ پات- پات ئىچىپ تۇراتتۇق.مەرھۇمنىڭ بەشۋاخ نامىزىدا قىلغان دۇئاسى، ئاللاھنىڭ ئىلتىپات- رەھمىتى بىلەن سالامەتلىكىم ياخشى ( ئاللاھ ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكىنى ياخشى قىلغاي).
رەھمەتلىكنىڭ ئىسسىقلىق چاي رېتسىپىنى خاتىرەلىۋالمىغىنىم ئۈچۈن ئۆكۈنىمەن.
يېقىندا قەلەمپۇر، پىلپىل، لاچىندانى، زەنجىۋىلللاردىن ئىسسىقلىق چاي دورىسى تەڭشەتسەممۇ ئانامنىڭ تەييارلىغىنىدەك چىقمىدى.
بىلىدىغانلار، ئىسسىقلىق چاي رېتسىپىنى مىقدارى بىلەن قالدۇرساڭلار.
رەھمەت.
ئۇيغۇر چاي دورىللىرى دەپ بىر كىتاپ بار، شۇ كىتاپتىن ئىزدەپ باقامسىز. بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بارمىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار:
مەن ئۆتكەن يىلى مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بۇرۇن ياللۇغى بۇلۇپ قالغان،دورىخانىدىن دورا ئېلىپ ،ھەكىملەردىن ئۇيغۇر تىبابەت
دورىلىرى ئېلىپ يەپ باقتىم.ئىككى خىل پۈركۈمە دورا ئېلىپ ئىشلىتىپ باققان بولساممۇ قەتئىي ئۈنىمى بولمىدى.
بىرقانچە كۈندىن بۇيان بۇرۇن ياللۇغۇم ئەدەپ بۇرۇنۇم پۈتۈپ ،كىچىك بالىدەك بۇرۇنۇمنىتارتىپ يۈرىدىغان بوپ قالدىم.
ئاساسلىقى ئەتتىگەنلىكى ئويغانساملا بۇرۇنۇم پۈتۈپ ،بىرخىل يېقىمسىز ئېچىشىش بار.بىريىلدىن بۇيان بەلكى
نەچچە باغلام تازلىق قەغىزىنى ئىشلىتىپ بولدۇم:lol
بولسا قېرىنداشلارنىڭ ئۆزبېشىدىن ئۆتكۈزگەن ياكى ئاڭلىغان ،كۆرگەن ياخشى دورا ياكى داۋالاش ئۇسۇللىرى بولسا دەپ بەرسەڭلار؟ newyork يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 09:31 static/image/common/back.gif
بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بارمىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرى ...
ماۋۇ بالا بىلەن ئالاقىلىشپ بېقىڭ. بىر دورىسى باركەنتۇق. سىڭلىمغا پايدا قىلغان.
ئىسمى ياسىنجان. نومۇرى : 18139115911 مەن دۇكانغا بارغاندا بىز ئىشلەتكەن نۇسخىنى ئەۋەتەي newyork يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 09:31 static/image/common/back.gif
بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بارمىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرى ...
http://mp.weixin.qq.com/s?__biz=MjM5NzQxODg2MA==&mid=200958383&idx=2&sn=e7f560397a3b21aa8816d05a4bc19841#rd بۇ تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-25 10:32
newyork يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 09:31 static/image/common/back.gif
بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بارمىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرى ...
بۇرۇنغا ، تۇگە يىغى دىگەندەك نەرسىلەرنى ئۇيلۇشۇپ باقسىڭىز بۇلامىكى. چۇنكى بۇرۇن مىجازى قۇرۇق سۇغۇق تۇپراق سەۋدا .
چىۋىن پايدا قىلىدۇ دەپ ئاڭلىغاندەك يادىمدا چوڭلاردىن. سوغاق زىيادىلەشكەندىن بۇلىدۇغۇ ھەقەچان. ئىسىقلىق چاي رىتسىپىنى ئىچىۋىرىپ بارا بارا دۇرا تەسىر قىلمايدىغان بۇلىدۇ. بولدىلا قاراچاي ئىچىڭە. بۇرۇن قاناپ كىتىشكە قانداق ئامال قىلىمىز ئادەتتە ھەپتىدە بىر قانايدۇ قان بەك تىز چىقىپ تاماق قاچامغا ياكى كونۇپكا تاختامغا چۈشۈپ قانغا بويىۋېتىدۇ :o kakkur يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 13:10 static/image/common/back.gif
بۇرۇن قاناپ كىتىشكە قانداق ئامال قىلىمىز ئادەتتە ھەپت ...
قان پىلاستىنكىسىنىڭ سانىنى تەكشۈرتۈڭ (ئادەتتىكى تەكشۈرۈش). قان پىلاستىنكىسى تۆۋەنلەپ كەتكەن بولسا قانايدۇ. قان پىلاستىنكىسى نورمال بولسا، بۇرنىڭىزنىڭ تومۇرى نېپىزلاپ كەتكەن، ئىسسىقىڭىز ئېشىپ كەتكەن، جىگىرىڭىزدە مەسىلە بار دېگەندەك..... سەۋەبلەرنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ. قان پىلاستىنكا تۆۋەن بولسا سەل قاراشقا بولمايدۇ. ۋوي قېنى شورپىنىڭ ماتىرياللىرى؟ tadubeg يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 09:52 static/image/common/back.gif
مەن دۇكانغا بارغاندا بىز ئىشلەتكەن نۇسخىنى ئەۋەتەي
رەھمەت، ساقلايمەن ئەمىسە. 678123 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 10:31 static/image/common/back.gif
ئىسىقلىق چاي رىتسىپىنى ئىچىۋىرىپ بارا بارا دۇرا تەسىر ...
رىتسىپ ئىچمەيمەن دورا ئىچىمەن. ;P :lol
قايسى بىر بەتتە ئىسسىقلىق چاي دورىسى زىيانلىق دېيىشىدىكەن ، دادام پەرۋا قىلماي ئىچىۋەرگەنتى، ھېچنەرسە بولمىدى دەپ يېزىلغاننى كۆرگەنتىم، شۇنىڭغا ئوخشاش ئانام رەھمەتلىكمۇ 80 نەچچە يىل ئۆمۈر كۆردى. مۇشۇ ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىسسىقنى ھەجەپ چوڭ بىلىدىغۇ
ھەممە ئادەم ئىسسىقلىق قىلىۋاتقان…
مەن سوغۇقلۇق تەرەپتىكى نەرسىلەر بىلەن بەك بەلەن تۇرىمەن
ئادەمنىڭ سوغۇقى ئېشىپ كەتسە ئېشەككە ئارتىپ ھەرەمگە ئاپىرىپ ئۈلگۈرىدۇ،ئىسسىقى ئېشىپ كەتسە ئىچكىرىكى ئۆيدىن بوسۇغا ئاتلىتىپ تاشقىرىقى ئۆيگە ئەپچىقىشقا ئۈلگۈرمەيدۇ
ئىسسىقلىق چېيى،ئىسسىقلىق چاپلىمىسى،ئىسسىقلىق بىر نىمىسى،تىبابەت دورىلىرى،قۇۋۋەت دورىلىرىنىڭ توقسان پىرسەنتى ئىسسىقلىق تەرىپىدە،بەدەننى سەمرىتىش تەرىپىدە
ئۇيغۇرلار دۇنيادىكى ئەڭ ئىسسىقلىققا ئامراق مىللەتمىكىن دەيمەن بىزنىڭ ئىسىقلىققا ئىنتىلشىمىز بەلكى بىزنىڭ يەۋەتقان يىمەكلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئوغۇتتا يىتىشكەن سەي كۆكتاتلار قوينىمۇ سۇنئىي بىقىپ بودىتىپ گۆشلەرمۇ شۇنداق سوغۇق ئوتنىڭ تەبىيتىمۇ سوغۇق مەنچە ئىسىقلىق قىلغانلىق زىيان ئەمەس .
كۇندە بىر ئىككى پىيالە ئىسىقلىق چاي ئىچىپ بەرگەن ياخشى.
پىلپىل، قەلەمپۇر،قوۋزاق دارچىن بىلەن قىزىل چاينى دەملەپ ئىچسە ئاجايىپ ئىچىشلىك بولىدىكەن ھەم شۇنداق ئىسىق.
قىزىل گۇل لاھىندانە نىڭ پۇرىغىغا كۆنەلمىدىم،زەنجىۋىلنىڭ پۇرىغى بەك ئۆتكۇركەن.
توردىن ئىزدىسەم مۇشۇ تۇردىكىنى تىبابەت دورىسىغا ئىشلىتىدىكەن.
لىىكىن قارا چاينى ئاز ئىچكەن ياخشى. بىرزات ئەپەندىنىڭ قىشىغا بارغان بولسىڭىز ئۆزى بىر قوللۇق تۇمۇر تۇتۇپ مىجەزىڭىزگە قارىتا چاي تەييارلاپ بېرەتتكەنتۇق. مەنمۇ بېرىپ باقايمىكىن يا ...... newyork يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 09:31 static/image/common/back.gif
بۇرۇن ياللۇغىغا شىپا بارمىدۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرى ...
يەرلىك تۇزنى شاللاپ شۇنىڭ سۈيىدە ئۇزۇن مۇددەت بۇرنىڭىزنى يۇيسىڭىز(چايقىسىڭىز)ياخشى مەنپەئەت قىلىدۇ. خولىنجان 105 گرام، مىخدارچىن 105 گرام، قاقىلە 105 گرام، پىلپىل 105 گرام، قەلەمپۇر 105 گرام، لاچىندانە 105 گرام، بەدىيان 70 گرام، كەرەپشە ئۇرۇقى 70 گرام، زەپە خەمىكى 70 گرام، دارچىن 70 گرام، رۇمبەدىيان 70 گرام، سۇمبۇل رۇمى 17 گرام، قىزىلگۈل 17 گرام، زاراڭزا چىچىكى 17 گرام.
قىزىلگۈل ۋە زاراڭزا چېچىكىدىن باشقا دورىلارنى چالا سوقۇپ، گۈللەرنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
بۇ چايلىق شىپاخانىمىزدا ئىزچىل ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ ، رەڭگى ۋە پۇرىقى ياخشى. ئاساسلىقى سوغۇقتىن بولغان مىزاجنى تەڭشەيدۇ. ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەپ ھەزىمنى ياخشىلايدۇ، نېرۋىنى ياشارتىدۇ. ھۆل سۇغۇقتىن بولغان ھەزىم ناچارلىق، بۇغۇم ئاغرىش، بەل پۇت ئاغرىش، بەل ئاغرىش، نېرۋا چارچاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ. iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 22:48 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئۇيغۇر تىبابىتىدە ئىسسىقنى ھەجەپ چوڭ بىلىدىغۇ
ھە ...
كۆڭلۈم سوغۇق نەرسىنى تارتىدۇ ھەم دائىم مېۋە يەپ تۇرۇمەن، شۇنىڭدىنمىكىن، ھەپتىدە بىرنەەچە قېتىم ئىسسىقلىق چاي ئىچمىسەم، بىر قېتىم ھالۋا يېمىسەم كەيپىياتىم ياخشى بولمايدۇ.
بەت:
[1]
2