Teshna يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:05:20

ئېدىقۇت قدەىمىي شەھرى

ئېدىقۇت قەدىمىي شەھرى
ئېدىقۇت قەدىمى شەھرى تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى مورتۇق دەرياسى ئەتراپىدىكى بوستانلىققا جايلاشقان بولۇپ، غەرب تەرەپتىكى تۇرپان شەھرىگە 40 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدۇ.
ئېدىقۇت قەدىمىي شەھرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ خەن-جىن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 1-ئەسىردىن مىلادى 4- ئەسىرگىچە ) ، جەنۇبىي-شىمالىي سۇلالىلەر (مىلادى 4-ئەسىردىن 7-ئەسىرگىچە)، تاڭ سۇلالىسى دەۋرى (مىلادى 9-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە) ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان، جەمىي 1400 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىشلىتىلىپ، 14-ئەسىرگە كەلگەندە تاشلىنىپ قالغان. 1961-يىلى دۆلەت تەرىپىدىن 1-تۈركۈمدىكى قوغدىلىنىدىغان مەدەنىيەت ئورنى قىلىپ تەستىقلانغان.
ئېدىقىۇتتىن ئەڭ بۇرۇن بايقالغان خارابە ئىزلىرى3-ۋە 4-ئەسىرلەرگە تەۋە بولۇپ، ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغانلىرى ئاساسلىقى ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى (مىلاى 9-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە)  دەۋرىدىكى خارابە ئىزلىرىدۇر. خارابە ئۇزۇنلىقى 5440  مېتىر كېلىدىغان تاشقى شەھەر سېپىلى بىلەن ئورالغان بولۇپ، يەر مەيدانى 198 گېكتار كېلىدۇ. يەر شەكلى قانۇنىيەتسىز ھالدىكى ئىگىز-پەس شەكىلدە بولۇپ، تاشقى شەھەر، ئىچكى شەھەر ۋە خانلىق شەھەر (خاقان شەھرى)دىن ئىبارەت ئۇچ قەۋەت(قاتلام)دىن تەركىپ تاپقان. ئاسالىق ئاسارە ئەتىقىلەردىن شەھەر سېپىلى، شەھەر قوۋۇقى، شەھەر ئورنى، شەھەر ئىچىدىكى دىننىي قۇرۇلۇش (بۇددا دىنىي) خارابىلىرى ۋە ئولتۇراق ئۆي خارابىلىرى ، دىننىي مەدەنىي يادىكارلىقلار، ھەرخىل تىل-يېزىقتىكى ۋەقىسلەر، تۇرمۇش بۇيۇملىرى شۇنداقلار قۇرۇلۇش ئەسلەھەلىرى ساقلىنىپ قالغان.
ئېدىقۇت قەدىمى شەھرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 1-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە يىپەك يولى تۇرپان ئويمانلىقىدىكى بىرىنجى مەركىزىي شەھەر شۇنداقلاخەن ۋە تاڭدىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى سۇلالىلەرنىڭ ئايماق ۋە مەھكىمە قۇرۇلۇشلىرى ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ ئېچىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە كاپالەتلىك قىلغانلىقىنى ، شۇنداقلا قەدىمكى غەربىي يۇرتتا قۇچۇ ، ئېدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت مەدەنىيەتنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ، شەھەر مەدەنىيىتى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى ، كۆپ خىل مەدەنىيەت ۋە ھەرخىل مىللەت مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆزئارا بىرككەنلكىنى ۋە تارقالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
+++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
باشقا مۇناسىۋەتلىك  ماتېرىياللار (توردىن تېپىلغان)
قۇچۇ ( تۇرپان ) ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ( 866 - 1369 )
قۇچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ ئىچكى - تاشقى سىياسىتى
ئۇرخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار خىل قوراللارنغان، ئوزۇق - تۈلۈك ۋە باشقا كېرەكلىك نەرسىلەر بىلەن ياخشى تەمىنلەرنگەن قوشۇنغا ئىگە بولالمىدى. 840 - يىلىدىكى ۋەقەلەردىن كېيىن، ئۇلار ئۆزىنى ئززوڭشىۋالالماي ئاجىز ھالەتتە تۇردى. ئەھۋاللارغا قارىغاندا، تۇرپان ئويمانلىقىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى دەسلەپكى چاغلاردا مەركەزلەشكەن بىر ھاكىمىيەتكىمۇ ئىگە بولالمىغان. ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەرنىڭ ھەربىي كۈچ - قۇدرىتىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئوقۇپ كېتەلمەي، ئۇنىڭدىن سەل چۆچۈپ تۇرغان بولسا كېرەك. تىبەتلىكلەرنىڭ ھاكىمىيەت ئورۇنلىرى ئۆززلىرىنىڭ ھەربىي كۈچ - قۇدرىتىنى مۇشۇقايتىپ كەلگۈچى ئۇيغۇرلار ھېسابىغا كۆپەيتىشنى مۆلچەرلەپ، ئۇلارغا چېقىلماستىن بۈ يەرگە ئەركىن قايتىپ كېلىشىگە يول قويدى. مۇشۇ سەۋەب بىلەن تىبەتلىكلەر كەلگۇچىلەرگە باشقا پىكىردە بولمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قوچۇ تېررىتورىيىسىگە تىنىچ يول بىلەن قايتىپ كېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسى مانا مۇشۇنداق باشلاندى. كېيىنچە زئۇيغۇرلار بۇ يەردە ئۆز ئېلىنى قۇردى. يېرىم كۆچمەن قەبىلىلەر بۇ يەردىكى يېڭى يەرلەرنى ئۆزلەشتۇردى، شەھەر مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتى. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى يېڭى بىر دىنىي ئىدېئولوگىيە، جۇملىدىن يەرلىك ئۇيغۇرلار، جەنۇبتىكى ۋە شىمالدىكى تۈركلەر، چوڭ ۋە كىچىك جۇنيۇن ( 小仲云 , 大仲云(ياۋچىلار ، ياغما، قارلۇق، قىرغىز، مومان، گېدو قاتارلىق قەبىلىلەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتى(1). كېيىن ئۇيغۇرلار بۇ قەبىلىلەرنىڭ ھەمىسىنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يەرلەرگە كۆچۈپ كەلگەن دەسلەپكى يىللاردا تىبەت ھاكىمىيىتى بىلەن قانداق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتتە بولغانلىقى بىزگە نامەلۇم، ئەمما ئۇلارنىڭ تىبەتلىكلەرگە ئەسكەرلىككە قاتناشقانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن تاڭ سۇلالىسىگە قارشى ھەربىي يۈرۈشلەرگە قاتناشقانلىقىدا گۇمان يوق. ئەھۋاللارغا قارىغاندا، قوچۇ ئۇيغۇرلىرى 9 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىغىچە تىبەت ھۆكۈمرانلىقىغا بويسۇنۇپ تۇرغان بولسا كېرەك. قوچۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تىبەتلىكلەرگە قارشى چوڭراق پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقلىرى جۇڭگونىڭ بىزگە مەلۇم بولغان تارىخىي مەنبەلىرىدە كۆرۈلمەيدۇ. 9 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا مۇستەقىل بولۇش ئۇچۇن ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشلار ئەۋج ئېلىپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلار تىبەتلىكلەرگە قارشى چوڭ بىر ئىتتىپاق تەشكىللىدى ۋە ئۇ ئىتتىپاق تىبەتلىكلەرگە قاتتىق زەربە بەردى. ۋەقەنىڭ بۇنداق تەرەققىياتىغا بۇ رايۇندا پەيدا بولغان سىياسىي ۋەزىيەتمۇ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بەردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئا. فون گابائىن تۆۋەندىكىلەرنى يازغان: ‹‹ ئۇيغۇرلار شەرقتە جۇڭگولۇقلارنىڭ، جەنۇبتا تىبەتلىكلەرنىڭ ئىچكى سىياسىي جەھەتتىكى مۇقىمسىزلىقىدىن پايدىلىنىپ ئەركىن ھەرىكەت قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى(2). ۋ. ئا. بوگوسلوۋسكىينىڭ قارىشىچە ( 1962 - يىلىدىكى ئەسىرى، 68 - 72 - بەتلەر )، 9 - ئەسىرنى ئوتتۇرىلىرىدا، تىبەتتىكى مەركىزىي ھاكىمىيەت بەك ئاجىزلىشىپ كەتكەن. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، ئاقسۇڭەكلەر ئۇرۇقىنىڭ كۇچىيىپ كېتىشى ۋە بۇددا راھىبلىرىنىڭ كۈچ - قۇدرىتىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن ئۆزئارا ئىچكى ماجرالار كۈچەيگەن، نەتىجىدە مەركىزىي ھاكىمىيەت ئاجىزلاشقان. بىر چاغلاردا قۇدرەتلىك سانالغان تىبەت دۆلىتىنىڭ ئەمدىلىكتە پارچە - پارچە بەگلىكلەرگە بۆلۈنۈپ كېتىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەت ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنى ئاسانلاشتۇردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنى تەشكىللىگەن ۋاقتى تارىخ كىتابلىرىدا 9 - ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرى بىلەن 70 - يىللىرىنىڭ ئارىلىقى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. بۇ يەردە ئېنىق بىر يىلنىڭ كۆرسىتىلمىگەنلىكى دەل مۇشۇ مەسىلىنىڭ يېتەرلىك تەتقىق قىلىنمىغانلىقىدىن بولۇۋاتىدۇ. پەقەت 9 - 13 - ئەسىرلەر ئارلىقىدىكى جۇڭگو مەنبەلىرىلا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئۇچۇن ئېلىپ بارغان كۈرۈشلىرىنى ئوچۇقراق قىلىپ كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرۇشكە ۋە بۇ ئەلنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنى ئېنقراق بېكىتىشكە ئىمان بېرىدۇ. ‹‹ يېڭى تاڭنامە ›› دە مۇنداق يېزىلغان: ‹‹ شيەنتوڭنىڭ 7 - يىلى ( 866 - يىلى 1 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 867 - يىل 2 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە ) ئۇيغۇر پۇگۇجۇن بېيتىڭ ( بەشبالىق ) دىن شىجۇغا ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇ يەردىكى ھەممە قەبىلىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى. شەنجۇ ئۆلكىسىدىكى شېنچېن قەلئەسىنىڭ ئەمىرلەشكىرى جاڭ جىيۈن شاڭكۇڭرى ( تىبەتلىكلەرنىڭ سەركەردىسى ) بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۇنى يەڭدى. قولغا چۈشۇرۇلگەن قورال - ياراغلارنى چوڭ ھۆرمەت بىلەن ئوردىغا يوللاپ بەردى. قالغان تىبەتلىكلەر بىڭجۇ ۋە نىڭجۇ ئۆلكىلىرىگە بېسىپ كىردى. چېگرا رايوننىڭ ھېراۋۇلى شۇخۇنجۇن ئۇلارغا زەربە بەردى. ئۇ پۇگۇجۇن بىلەن بىرلىكتە تىبەتلىكلەر بىلەن قاتتىق جەڭ قىلدى....›› (3). ‹‹ كونا تاڭنامە ›› دە ‹‹ ئۇيغۇرلار مىلادىيە 866 - يىلى تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن غەلبە قازاندى ›› دەپ يېزىلغان. ‹‹ شيەنتوڭنىڭ 7 - يىلى 9 - ئايدا ( مىلادىيە 866 - يىل 11 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە ) شاجۇدىن جاڭ بىچاۋ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سەركەردىسى پۇگۇجۇن تىبەتلىكلەرنىڭ سەركەردىسى شاڭكۇڭرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى، شاڭكۇڭرىنىڭ كاللىسىنى كېسىۋېلىپ، ئۇنى پايتەختكە يوللاپ بەردى ›› دەپ دوكلات قىلدى. ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئۆرنەكلەر ››دە پۇگۇجۇننىڭ شاڭكۇڭرى ئۇستىدىن غەلبە قىلغان ۋاقتى ئون ئاي ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھالدا يېزىلغان، بۇ ۋەقە 866 - يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىدە يۈز بەرگەن، دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ مەنبەدە يەنە شۇ چاغلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن شەھەرلەرمۇ كۆرسىتىلىدۇ. ‹‹ شيەنتۇڭنىڭ 7 - يىلى بەھەردا، ئىككىنچى ئاي ئىچىدە ( مىلادىيە 866 - يىلى 2 - ئاينىڭ 19 - 20 - كۈنلىرى ) گۇييى ئۇلكىسىنىڭ ھېراۋۇلى جاڭ يىچاۋ پادىشاھقا دوكلات قىلىپ بەشبالىقتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ رەھبىرى گۇجۇن ( پۇگۇجۇن )* شىجۇ ، قۇچۇ ، بېيتىڭ ( بەشبالىق )، لۇنتەي ( ھازىرقى ئۈرۈمچى شەھىرى تەۋەسىدە )، چىڭجېن ( ھازىرقى ماناس ناھيىسى تەۋەسىدە ) ۋە باشقا كۆپ شەھەرلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇردى ›› دەپ يازغانىدى(4).
جۇڭگو تارىخ مەنبەلىرىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار تۆۋەندىكى خۇلاسىنى چىقىرىشقا ئىمكانىيەت بېرىدۇ: قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى پۇگۇجۇن قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەرنىڭ رەھبىرى شاڭكۇڭرى ئۈستىدىن قىلغان غەلبىسى نەتىجىسىدە 866 - يىلى دۇنياغا كەلگەن ئۇيغۇرلار غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ تېررىتورىيىسىنى تەخمىنەن 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دائىرىگىچە كېڭەيتتى(5). ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغان بۇ مۇستەقىل ئىدىقۇت خانلىقى 500 يىلدىن ئارتۇقراق داۋام قىلدى.
تاڭ ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن قازانغان غەلبىسىنى ئاڭلىدى. چۇشىنىش ئاساسىدا، تىبەتلىكلەرگە قارشى كۈرەشتە ئۇيغۇرلار تاڭ ھاكىمىيىتىگە ئىتتىپاقچى بولىدۇ، دېگەن نەزەردە مۇئامىلە قىلدى. شۇڭا، تاڭ پادىشاھى دەرھاللا پەرمان چىقىرىپ، پۇگۇجۇننى قانۇنلۇق قاغان دەپ ئېتىراپ قىلدى. تاڭ ھاكىمىيىتى ئۆزلىرىنىڭ بۇ قارارىنى تارخان ( ھەربىي قوماندان ) مى خۇەييۇگە ئۇقتۇردى. بۇ تارخاننى پۇگۇجۇن شىجۇ، بۈگۈر ۋە باشقا شەھەرلەرنى ئالغاندىن كېيىن تاڭ ئوردىسىغا ئەۋەتكەنىدى(6).
‹‹ يېڭى تاڭنامە ››دىكى شەنجۇ ئۆلكىسىدىكى شەنچېن قەلئەسىنىڭ قورۇقچى سەركەردىسى جاڭ جيەن ‹‹ شاڭكۇڭرى بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى مەغلۇپ قىلدى ›› دېگەن مەلۇمات كىشىدە گۇمان پەيدا قىلىدۇ، ئەگەر شۇ چاغدا راستىنلا تاڭ ئەسكەرلىرى تىبەتلىكلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان بولسا، بۇ گەپ ‹‹ يېڭى تاڭنامە ›› ۋە باشقا تارىخىي مەنبەلەردە كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىناتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق مەلۇمات يوق.
قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن تاڭ سۇلالىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىناق - دوستانە مۇناسىۋەتلەر ئانچە ئۇزۇن داۋام قىلمىدى. تاڭ ئوردىسىدا يۈز بەرگەن تەخت تالىشىش كۈرەشلىرى تاڭ سۇلالىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتتى. نەتىجىدە تاڭ پادىشاھلىقى پارچىلاندى. غەرب تەرەپتىكى گۇيىجۇ ئۆلكىسى تاڭ پادىشاھلىقىدىن ئايرىلىپ كەتتى. ئۇيغۇرلار تاڭغۇتلار بىلەن بىرلىشىپ ، 875 - يىلىنىڭ باشلىرىدا ‹‹ تەن دىجۇن ئۆلكىسىگە ھۇجۇم قىلىپ كىردى ›› ( چيەنفۇنىڭ بىرىنچى يىلىنىڭ 12 - ئېيى ئىچىدە ››(7).
ئۇيغۇرلار بەشبالىقتا تىبەتلىكلەرنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، ناھايىتى چوڭ تېررىتورىيىگە ئىگە بولدى. شىمال تەرەپتە ئۇيغۇرر ئېلىنىڭ چېگىرىسى بۈگۈنكى ئۇرۇمچى شەھەرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن 150 كىلومېتىر نېرىدا ئىدى. ( بۈگۈنكى ماناس بىلەن قۇتۇبى ئارلىقىغا جايلاشقان چىڭجېن شەھىرىمۇ پۇگۇجۇن تەرىپىدىن ئىگىلىنىپ، ئۇنىڭ ئېلى تەركىبىگە كىرگۈزۈلگەنىدى )(8). جەنۇبىي تەرىپى خوتەن ۋە تبەتلەر ىلەن چېگرىلاندى. غەربتە ۋە شىمال تەرەپتە قاراخانىيلار دۆلىتى بىلەن چېگرىلاندى. شەرق تەرەپتە بولسا، گەنجۇ ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن چېگرىلاندى.
يېڭى تەشكىل قىلىنغان ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ تەركىبىدە 9 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا چوڭ مەدەنىيەت، سودا - تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي مەركەزلەر بولغان تۇرپان، بەشبالىق، قۇچۇ، باي قاتارلىق شەھەرلەر بار ئىدى. بۇ شەھەرلەردىن كۇچار، قۇمۇل، تۇرپان، باي قاتارلىقلار ھازىرغىچە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. بەشبالىق ۋە قوچۇ شەھەرلىرىنىڭ خارابىلىرى بۈگۈنكى كۈندە ئارخېئولوگىيىلىك مۇھاپىزەت قىلىنىش ئورۇنلىرى سۈپىتىدە ساقلانماقتا ( قوچۇ - ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ئىككىنچى پايتەختى ئىدى. ) ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى تەركىبىگە كىرگەن قوچۇ ۋە باشقا شەھەرلەردە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئارخېئولوگىيىلىك قېدىرىشلار ئېلىپ بېرىلدى. 1819 - يىلى ر. كلېمېنتىس، 1907 - يىلى ئا. ستەيىن ھەم س. ف. ئولدېنبۇرگ، ئا. گريۇنۋېدېل، ئا. لېكوك قاتارلىقلارمۇ ئارخېئولوگىيىلىك قېزىشلار ئېلىپ باردى. ئىدىقۇت ئېلىنىڭ پايتەختى دەسلەپتە بەشبالىق شەھىرى ئىدى. كېيىن 913 - يىلىدىن باشلاپ، بۇ ئەل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان پۇتۇن جەريان ئىچىدە، قوچۇ شەھىرى بۇ ئەلنىڭ پايتەختى بولدى.
قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ( ئىدىقۇت - مۇقەددەس، بەخت - سائادەت دېگەن مەنىدە ) خەنزۇچە مەنبەلەرگە قارىغاندا، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىل ياكىمۇستەقىللىقى قىسقا ۋاقىت ئۈزۈلۈپ قالغان ۋاقىتلارنى ھېساب قىلغاندىمۇ، 500 يىلدىن ئوشۇقراق مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. قوچۇ ئىدىقۇت ئۇيغۇر قاغانلىقى ئاكتىپ ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەر يۈرگۈزدى.
9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، قوچۇ ئىدىقۇتلىرى ياخشى تەربىيلەنگەن ۋە ئوبدان قوراللانغان قوشۇن تەشكىللىگەن ۋە قوشىنلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىش نىيىتىدىمۇ بولغانىدى. مەسىلەن، ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ›› ( 263 - باب، 9 - توم، 8573 - بەت ) دىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 902 - يىلى ئۇيغۇرلار تاڭ سارىيىغا ‹‹ ئەلچى ۋە سوۋغا - سالاملار ئەۋەتىپ، ئوردىغا ياردەم ئۈچۈن ئەسكەر ئەۋەتىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ھەم بۇنىڭغا رۇخسەت قىلىشنى سورىغان ››(9). بۇ ئەھۋال جۇڭگو پادىشاھىنى سەل ئويغا سېلىپ قويغان. ئۇ بۇ ھەقتە ئۆز ئالدىغا بىر قارارغا كېلىشتىن ئاۋۋال، خەنلىن بىلىم يۇرتىنىڭ ئەزاسى خەن ۋۇ دېگەن ئادەمگە بۇ توغرۇلۇق يازما ماتېرىيال تەييارلاشنى تاپشۇرغان. شۇنىڭدىن تۆت كۈن كېيىن، 902 - يىل 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى،خەنۋۇ پادىشاھ نامىغا دوكلات يېزىپ تۆۋەندىكىلەرنى ئىسپاتلىغان: ‹‹ بۇ ياۋايى خەلقلەر ناھايىتى رەھىمسىز كېلىدۇ. ئۇلارغا ئىشىنىشكە بولمايدۇ. ئېلىمىزدىكى ئوبدان ئادەملەر ۋە نەرسىلەرنى كۆرۈپ، شەھىرىمىزنىڭ تاشلىنىپ قالغان ئەھۋالىنى بايقاپ، ئەسكەرلەرنىڭ بوشاڭ ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇلاردا تاڭ ئوردىسىغا نىسبەتەن كۆزگە ئىلماسلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ ۋە ئاچكۆزلۈكى قوزغىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، تاڭ سۇلالىسى ئۇيغۇرلارنى تارمار قىلغانىدى. بۇنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك. ئۇيغۇرلار بىزنىڭ مۇشۇ ھالىمىزدىن پايدىلىنىپ ئۆچ ئېلىشى مۇمكىن. قاغانغا جاۋاپ يازغاندا، چېگرىمىزغا ناھايىتى كىچىك دائىرىدە كېلىپ - كېىشكە رۇخسەت قىلىپ، تاڭ ئوردىسىغا ياردەمگە كەلدۇق دەپ ئىچكىرىلەپ كىرىشگە رۇخسەت قىلماسلىق كېرەك. ئۇلارنىڭ نومۇسسىزلارچە ئويلىغان سۈيىقەستلىرىنى ۋە پىلانلىرىنى ئالدىن توسۇۋېلىش كېرەك ››. پادىشاھ خەنۋۇنىڭ بۇ پىكىرىگە قوشۇلغان(10).

....داۋامى بار....پايدىلانغان ماتېرىياللار؛(1) ‹‹ سوڭنامە ››، 490 - جىلد، 8 - 12 - بەتلەر: ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، 89 - بەت، نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل(2) ئاننېمارى فون گابائىن: ‹‹ قارا قوچۇ ئۇيغۇر ئېلى ››، 20 - بەت، 1961 - يىل.(3) ‹‹ يېڭى تاڭنامە ››، 216 - جىلد، 9 - بەت.(4) ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ››، 250 - جىلد، 8113 - بەت.(5) د. ئى. تىخونوف: ‹‹ 10 - 14 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمى ››، 41 - بەت، موسكۋا - لېنىنگراد، 1966 - يىل(6) ‹‹ يېڭى تاڭنامە ››، 27 - جىلد، 1 - 4 - بەتلەر.(7) ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ››، 9 - توم، 252 - جىلد، 8164 - 8174 - بەتلەر.(8) ‹‹ ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمىي ئۆرنەكلەر ››، 9 - توم، 251 - جىلد، 8113 - بەت(9)ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››41 - بەت،نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل(10) ئا. گ. مالياۋكىن ‹‹ 9 - 12 - ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇرلار تارىخغا دائىر ماتېرىياللار توپلىمى ››، 41 - بەت،نوۋوسبىرسك، 1974 - يىل مەكىزى ئاسىيا تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار << ئۇيغۇرلار ۋە غەربىي يۇرتتىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى >>، رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى : ئۇيغۇر سايرانى

++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
توردىن چۈشۈرگەن ماتېرىيال (2)
ئىدىقۇت قەدىمىي شەھىرى
ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى قەدىمكى شەھەر خارابىسى، تۇرپان شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېتىر شەرقىدىكى ئاستانە كەنتىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان بولۇپ ، شىمالىي تەرىپى قاراغوجا كەنتىگە يېقىن ، خەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئىدىقۇت قەلئەسى دەپ ئاتالغان، شەرقىي جىن سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى لياڭ پادىشاھلىقى ئىدىقۇت ۋىلايىتىنى تەسسىس قىلغان. شىمالىي ۋېي سۇلالىسى دەۋرىدە ئالدىنقى لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئەۋلادى بۇ يەرنى پايتەخت قىلىپ، ئۆزىنى «لياڭ پادىشاھى» دەپمۇ ئاتىغان، كېيىن ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مەركىزى قىلىنغان. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە غەربىي ئايماق تەسسىس قىلىنغان. 9 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى خانلىقى بۇ شەھەرنى پايتەخت قىلغاچقا، ئۇ ئىدىقۇت شەھىرى دەپمۇ ئاتالغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە بۇ يەردە قوچۇ ھۆدەيچى مەھكىمىسى تەسسىس قىلىنغان بولۇپ، ئۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى، مىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى ئۇرۇش ئوتىدا ۋەيران بولغان. بۇ شەھەر خارابىسى تاشقى شەھەر، ئىچكى شەھەر ۋە بالا شەھەردىن ئىبارەت ئۈچ قات بولۇپ، ھەر بىرى خاڭداپ ياسالغان سېپىل بىلەن ئورالغان. تاشقى شەھەر تەرتىپسىز چاسا شەكىللىك بولۇپ، ئايلانما ئۇزۇنلۇقى بەش يېرىم كىلومېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 2 مىليون 100 مىڭ كۋادرات مېتىر، سېپىل ئۇلىنىڭ كەڭلىكى تەخمىنەن 12 مېتىر، بىر قەدەر ياخشى ساقلانغان بۆلىكىنىڭ قالدۇق ئېگىزلىكى 11.5 مېتىر كېلىدۇ. سېپىلنىڭ تۆت ئەتراپىغا يۆلەك تام ياسالغان. شەھەر قوۋۇقىنىڭ سانى ئېنىق ئەمەس. بۇلارنىڭ ئىچىدە غەربىي تەرەپتىكى قوۋۇق خېلى ياخشى ساقلانغان بولۇپ، ئۇنى قوشۇمچە سېپىل قورۇقداپ تۇرىدۇ. ئىچكى شەھەر تاشقى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 820 مېتىر كېلىدىغان چاسا شەكىللىك شەھەر ھېسابلىنىدۇ. بالا شەھەر ئىچكى شەھەرنىڭ دەل ئوتتۇرسىنىڭ سەل شىمالىدىراق بولۇپ، تەكشى يۈزى تۈز ئەمەس، كۆلىمى تەخمىنەن 40 مىڭ كۋادرات مېتىر كېلىدۇ، ئېگىزلىكتىكى چاسا شەكىللىك مۇنار بار. بالا شەھەر شىمالىي سېپىلنىڭ سىرتىدا بىر نەچچە سۇپا ئۇلى بار. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە يەرنى ئويۇپ ياسالغان مەھكىمە قۇرۇلۇشى بار. تاشقى شەھەرنىڭ شەرقىي جەنۇبىي بۇرجىكىدە بىر كىچىك ئىبادەتخانا بولۇپ، ئىبادەتخانىدا مۇنارنىڭ قالدۇق ئۇلى بىلەن تام رەسىملىرىنىڭ قالدۇقلىرى قېپقالغان بىر ۋەيرانە چايتيا غارى بار. غەربىي جەنۇبىي بۇرجەكتە بىر چوڭ ئىبادەتخانا بار، ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىسى شەرققە قارايدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىغا دۇكان شەكلىدىكى قۇرۇلۇشلار سېلىنغان.
قەدىمكى شەھەردىن قېزىۋېلىنغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، كۆپىنچىسى ئەينى يىللاردا چەت ئەلگە ئېلىپ كېتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە گېرمانىيىدە ساقلىنىۋاتقانلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئاساسەن مانى دىنى، بۇددا دىنى، نېستورىئان دىنى قاتارلىق دىنلارنىڭ نوم – دەستۇرلىرى ۋە ھۆججەتلەر، تام رەسىملىرى، رەسىم، ھەيكەللەر قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. قول يازمىلاردىن سانسكرىتچە، قەدىمكى تۈركچە، قەدىمكى ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، تىبەتچە ۋە موڭغۇلچە ھۆججەتلەر بىلەن قەدىمىي ئىران تىلىدىكى قول يازمىلار با . يەنە ئاز مىقداردا «تۇمشۇق تىلى» ۋە باكتېرىيە تىلىدىكى قول يازمىلارمۇ ساقلانماقتا. گېرمانىيىگە ئېلىپ كېتىلگەن شىمالىي لياڭ پادىشاھلىقىنىڭ چېڭپىڭ 3 – يىلى ئورنىتىلغان «جۇرچى ئانجۇنىڭ ئىبادەتخانا ياساتقانلىق ئابىدىسى» دەل مۇشۇ شەھەر ئىچىدىن قېزىۋېلىنغان. بۇ قەدىمكى شەھەر مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى ھېسابلىنىدۇ.
_____تۇمارىس ئەھمەد ئاگنى
++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++++
ئىدىقۇت شەھرى—— مىلادىنىڭ 500-يىللىرىدىن 600-يىللىرىغىچە قۇجۇ خانلىقىنىڭ نىڭ ئاستانىسى بولغان شەھەر, كىيىن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قىشلىق ئاستانىسى)پايتەختى(بولغان , 1500يىلدىن ئارتۇق يازما تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەر。 ئىدىقۇت - “بەخىت بەرگۇچى” مەنىسىدە بولۇپ , ”ئىدى“ , ”ئىگە“ ,”قۇت“ ,”بەخىت“ دېگەنلىكتۇر , 7-ئەسىردە باشبالىق ) ھازىرقى جىمىسار ئەتراپىدا (دا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ باسمىل قەبىلىسىنىڭ ئاقساقاللىرىنىڭ ھۆرمەت نامىمۇ ”ئىدىقۇت“ئىدى; 12-13-ئەسىرلەردە قۇجۇدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قەبىلە باشلىقىنىڭ ۋە خانلىرىنىڭ ھۆرمەت نامىمۇ بولغان , بۇ ئىسىم تاكى يۇەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرغىچە قوللىنىلغان 。

        ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە

        پەرھات جىلان  

ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مىلادى 844-يىلى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا يېڭى بىر دەۋىر باشلاندى.ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىرنەچچە تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ غەربكە كۆچۈپ،ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ،گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى ۋە ئىدىقۇت خانلىقىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىجتىمائىي تۈركۈمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى .ئۈچىنچى بىر تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بولسا،قاراخانىيلار سۇلالىسىنى تىكلىدى.
بۇ ئۈچ خانلىق ئىچىدە مەۋجۇت ۋاختى ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىدىن ئىبارەت بولۇپ،ئۇنىڭ سەلتەنەت دەۋرى مىلادى 860-يىلدىن 1369-يىلغىچە بولغان 500 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خانلىقنىڭ 5 ئەسىرلىك تارىخى جەريانىدا چېگرا-پاسىللىرى ئۆزگىرىپ تۇرغان.ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ زىمىن دائىرىسى تېز كېڭىيىشكە باشلىغان ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىكى شەرقتە قۇمۇلنى،غەربتە ئىلى رايونى،جەنۇپتا كۇچا ۋە ئاقسۇنى،شىمالدا ئىمىل دەريا ۋادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى.لېكىن چېگرىنىڭ بۇنداق ھالىتى ئۇزاق داۋاملاشمىدى.ئەڭ ئالدى بىلەن ئىدىقۇت خانلىقى تەۋەلىكىدىن كۇچا ۋە ئۇنىڭ غەربىدىكى يەرلەر بۆلۈنۈپ چىقىپ،قاراخانىلار تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كەتتى. رۇس تارىخچىسى ئا.مالياۋكىن ئۆزىنىڭ《 9-10ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر دۆلەتلىرى 》ناملىق ئەسىرىدە :《تۇرپان (ئىدىقۇت) خانلىقى كۇچا رايونىنى ئانچە ئۇزاققىچە تۇتۇپ تۇرالمىدى ...كۇچانىڭ قولدىن كېتىشى،ئېھتىمال،بۇ رايوندا ئىسلام دىنىنىڭ ئومۇملاشقانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك 》دەپ كۆرسىتىدۇ.
ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ 《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ بەش شەھىرى بار ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ،بۇ بەش شەھەر_قۇجۇ،سۇلمى،بەشبالىق،چانبالىق،ياڭىبالىق دەپ كۆرسىتىلىدۇ.《قۇجۇ》دىيىلگىنى ھازىرقى تۇرپاننىڭ ئورنىدابولغان. 《سۇلمى》دىگىنى ھازىرقى قارا شەھەر ناھىيىسىنىڭ ئورنىدا بولغان دەپ پەرەز قىلىنماقتا. 《بەشبالىق》شەھىرى ھازىرقى جىمسار ناھىيىسىنى كۆرسىتىدۇ. 《چانبالىق》شەھىرى ھازىرقى سانجى شەھىرىنىڭ ئورنىدا دەپ قارالماقتا.ۋەھالەنكى،《ياڭىبالىق》شەھىرىنىڭ ئورنى ئىلىم ساھەسىدە ھازىرغىچە نامەلۇم بولۇپ تۇرماقتا.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن،بۇ شەھەر كۇچا ئەمەس،چۈنكى كۇچا تارىختا ئىزچىل تۈردە كۈسەن،كۇچار دىگەن ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن.《تۈركىي تىللار دىۋانى》دا يەنە كۇچا ئەتراپىدىكى جايلاردا دىنىي ماجرالارنىڭ يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھىچنىمە دىيىلمىگەن. شۇنىڭدىن قارىغاندا،كۇچا دىيارىنىڭ ئىسلاملىشىپ،قاراخانىلار تەۋەلىكىگە ئۆتۈپ كېتىشى نىسبەتەن تىنىچ يول بىلەن ئەمەلىيلەشكەن بولسا كېرەك. بۇنىڭ ئەكسىچە ،مەھمۇد قەشقىرى ئۆز ئەسىرىدە ئىلى ۋە ئىمىل دەريالىرى ۋادىلىرىدا مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى دىندىكى ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدا بولغان جەڭلەر تېما قىلىنغان بىرمۇنچە قوشاقلار خاتىرىلەنگەن.ئەنە شۇ جەڭلەر نەتىجىسىدا ئىلى ۋە ئىمىل رايونلىرىمۇ قاراخانىلار تەۋەلىكىگە ئۆتكۈزىۋېلىنغان ۋە ئىسلاملاشتۇرۇلغان.
11-ئەسىردە ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ چېگرىسى جەۇپتا كۇچا بىلەن قاراشەھەرنىڭ ئارىلىقىدا،غەرب ۋە شىمالدا ئىلى ۋە ئىمىل ۋادىلىرىغا يەتمىگەن يەرلەردە بولغان دەپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ.
بۇ چېگرىلار تاكى 1369-يىل ئىدىقۇت خانلىقى موغۇلىستان خانلىقى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغانغا قەدەر ساقلانغان دىيىش مۇمكىن.13-ئەسىرنىڭ بېشىدىن ئېتىبارەن ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى چىڭگىزخان رەھبەرلىكىدىكى مۇڭغۇللار بىلەن ئىتىپاقلاشقانىدى.مۇڭغۇللار گەرچە ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرغان بولسىمۇ،ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە دەخلى- تەرۇز يەتكۈزمىگەنىدى.ئەتراپتىكى باشقا خانلىقلارمۇ چىڭگىزخانغا بېقىنىپ،ئىدىقۇت خانلىقنىڭ چېگرىلىرىغا تەھدىت سالالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى.شۇنداق دىيىشكە بولىدۇكى،چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردە ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ۋە ئومۇمەن پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتى نىسبەتەن مۇقىم بولۇپ،خەلقنىڭ تۇرمۇشى بىرقەدەر تىنچ ئۆتتى.مۇڭغۇل خانلىرى باشتىن-ئاياغ ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ يەرلىرىنى بېسىۋېلىش نىيىتىدە بولمىغان.دىمەك مۇڭغۇللار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋىردە ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ چېگرىلىرى ئۆزگەرمىگەن دىيىشكە بولىدۇ. 13-14-ئەسىرلەردىكى ئاسىيا تارىخىدا ئۇيغۇرلار خېلى كۆرىنەرلىك رول ئوينىدى.چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرى بېسىپ ئۆتكەن يوللاردا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئىزلىرى بار.چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئورنىتىلغان يېڭى تەرتىپتە ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللاردىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولغانىدى.چىڭگىزخان ئۆز قول ئاستىدىكى يەرلەرنى تۆت ئوغلىغا تەقسىم قىلىپ بېرىش بىلەن بىللە ئىدىقۇت خان بارچۇق ئارت تېگىننى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ قانۇنىي خاقانى دەپ ئېتىراپ قىلدى.ئۇيغۇر زېمىنىلىرىغا مۇڭغۇل قوشۇنى ۋە نازارەتچى ئەمەلدارلىرى كىرمىدى. مىلادى 1209-يىلى چىڭگىزخان بىلەن ئىدىقۇت خان ئۆز ئارا ئەلچىلەر ئەۋەتىشىپ،رەسمىي يوسۇندا ئىتىپاقلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.1211-يىلى چىڭگىزخان ئۆز قىزىنى ئۇنىڭغا نىكاھلاپ بېرىدىغانلىغىنى جاكارلىدى.
بۇ مۇناسىۋەتنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈزشى قانداق ئىدى؟نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللار بىلەن ئىتتىپاقلاشتى؟ 12-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ قىتانلارنىڭ شەرقتىن غەرپكە كۆچۈش ھەركىتى باشلاندى.12-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا،شەرقتىكى تاڭغۇت خانلىقى باشتىن-ئاياغ ئۇيغۇرلار بىلەن دۈشمەنلىشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى.ئىدىقۇت خانلىقى قارا قىتانلار ۋە تاڭغۇتلاردىن ئىبارەت كۈچلۈك ئىككى خانلىقنىڭ ئوتۇرىسىدا سىقىلىپ قېلىپ،سىياسىي،ئىقتىسادىي جەھەتتە ئىنتايىن پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالغانىدى.شۇڭا،قارا قىتانلاردىن قۇتۇلۇش ۋە تاڭغۇتلارغا تاقابىل تۇرۇش ئارزۇسى ئىدىقۇت خانلىرىنى بىر كۈچلۈك ئىتىپاقداشنىڭ تېپىلىشىغا تەققەززا قىلاتتى.
ئۇيغۇرلار چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بارلىققا كەلتۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى.

1) ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت تارقىتىش رولىنى ئوينىدى.مۇڭغۇللار ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا زور يېڭىلىق ۋە ئىلگىرىلەش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.ئىلگىرى مۇڭغۇل خانلىرىنىڭ ئەمىر –پەرمانلىرى ئەئەنىۋى ئادەت بويىچە قوشاق ئېيتىش شەكلى بىلەن ئېغىزچە يەتكۈزىلەتتى.تاتاتۇڭا (ئۇيغۇر ،دۆلەت ئۇستازى) كېيىن تامغا بېسىلغان مەكتۈپ شەكلى بىلەن يەتكۈزىلىدىغان قىلدى.ئۇنىڭدىن باشقا باج-سېلىق ۋە تۈرلۈك ھاكىمىيەت ئىشلىرىمۇ يېزىق بىلەن خاتىرىلىنىدىغان بولدى.مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرىگە يېزىق ئۈگىتىلىپ،مائارىپ ئىشلىرى يولغا قويۇلدى.ئۇلار مۇڭغۇل تىلىنى ئۇۇيغۇرۇ يېزىقى بىلەن يېزىپ ۋە كېيىنچە بۇيېزىقنى ئىسلاھ قىلىپ،مۇڭغۇل يېزىقىنى بارلىققا كەلتۈردى.
2) ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللارنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىدە ئاكتىپ رول ئوينىدى.تاتاتۇڭا چىڭگىزخان تەرىپىدىن دۆلەت ئۇستازى قىلىپ تەيىنلەنگەندىن تارتىپ،قۇبلايخان قۇرغان يۇەن سۇلالىسىنىڭ تارىخىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇن ئىش ئىزلىرى خاتىرىلىنىپ قالغان.1271-يىلى يۇەن سۇلالىسى تىكلىنىپ،پۈتۈن جۇڭگو زىمىنى يېڭىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن قۇبلايخان نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنى ئىچكى جايلارغا كۆچۈرۈپ ئاپارغان.شۇ دەۋىردە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ نامى ئۇيغۇرچە《خانىبالىق》(خان تۇرىدىغان شەھەر)دەپ ئۆزگەرتىلگەن.بىر مۇنچە ئۇيغۇرلار مۇڭغۇل خانلىرىنىڭ ئوردىسىدا مەسلەھەتچى،تەرجىمان،ئوقۇتقۇچى،باجگىر بولۇپ خىزمەت قىلغان.3) ئۇيغۇرلار مۇڭغۇللارنىڭ ھەربىي ئىشلىرىدا كۆرىنەرلىك رول ئوينىدى. ئىدىقۇت ئۇغۇرلىرى چىڭگىزخاننىڭ غەرپكە يۈرۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى كەنت،خارەزىم،سەمەرقەند،بۇخارا ۋە ئېراندىكى مەرۋى،نىشاپۇر شەھەرلىرىنى ئېلىشتا ئىدىقۇت بارچۇق ئارت تېگىننىڭ بىۋاستە قوماندانلىقىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ جەڭ قىلغان.چىڭگىزخان ئۇلارنى《ئىتىزامى ئىنتايىن كۈچلۈك،تەڭدىشى يوق بىر قوشۇن بولۇپ،بىزگە ناھايىتى زور تۆپە قوشتى 》دىگەنىدى.ئىدىقۇت قۇماندانلىرىدىن ئالابارس يېتەكچىلىكىدىكى ئۇيغۇر قوشۇنى 1219-يىلى قەشقەر،خوتەن قاتارلىق جايلاردا نايمانلارغا قارشى ئۇرۇشلارغا قاتناشقان.ئۇيغۇر قوماندانلاردىن يولۇن تەمۈر،بولۇق،گەسمەرى قاتارلىقلار چىڭگىزخاننىڭ قوماندانلىق شىتابىدا ئىشلىگەن.
قۇبلايخاننىڭ جۇڭگونى بىرلىككا كەلتۈرۈپ،يۇەن سۇلالىسىنى تىكلەش ۋە بۇ سۇلالىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئىچكى ئۆلكىلەردە ھەم شىزاڭ رايونىدا ئېلىپ بارغان ھەبىي ھەركەتلىرىدە باشتىن-ئاياغ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مۇڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىر قاتاردا تۇرغان.ئۇيغۇر قوشۇنلىرى كېيىن يەنە ھىندىچىن يېرىم ئارىلىغىچە بېرىپ ۋېيتنامنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشلىغىمۇ قاتناشقان.
شىنجاڭ تارىخى ۋە بولۇپمۇ ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشتا شۇ دەۋلەردىكى ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن مۇڭغۇللار قۇرغان ھەرقايسى ھاكىمىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر،خۇسۇسەن يۇەن سۇلالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە ئوينىغان رولى يېتەرلىك دەرىجىدە تولۇق ۋە مەخسۇس يورۇتۇلۇشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا،شىنجاڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخىدا كەمتۈكلۈك پەيدا بولىدۇ.


بىر قىسىم خاتىرە سۈرەتلەر
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان
1.ئېدىقۇت قەدىمىي شەھىرىگە بېرىش يولىدىكى دەرەخلىق يول

كىرىش ئېغىزى

شەھەر سېپىلىدىن بىر كۆرۈنۈش

شەھەر سېپىلى (قوۋۇقنىڭ بىر قىسمى بولسا كېرەك)

يەنە بىر كۆرۈنۈش

سېپىل خارابىسى

سېپىل خارابىسى

يەنە شۇ سېپىل خارابىسى

قوۋۇقتىن كىرگەندىكى كۆرۈنۈش

تاشقى شەھەر ئىچىدىكى بىر خارابە

خارابە

يەنە بىر كۆرۈنۈش

سېپىل خارەبىسى ۋە يالقۇنتاغ

كىچىك بۇددا مۇنارى خارەبىسى

مۇنارنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى

مۇنارنىڭ ئىچكى كۆرۈنىشى --- تامدىكىسى بۇددا سۈرەتلىرى بەك تۇتۇق

يەنە بىر مۇنار خارەبىسى

شەھەر سېپىلىنىڭ يەنە بىر تەرىپى

ئىچكى شەھەردىن بىر كۆرۈنۈش

خارابە

بۇمۇ شۇ

ئىچكى شەھەردىن ساقلىنىپ قالغان قۇرلۇشلار

سېپىلدىن ساقلىنىپ قالغان ئەڭ ئىگىز قىسمى

ئىچكى شەھەر سېپىل خارەبىسى

تۇرالغۇ ئۆي خارەبىسى

خانلىق شەھەر سېپىلى خارەبىسى

يەنە بىر كۆرۈنۈش

شەھەر ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ بۇددا ئىبادەتخانىسىدىن بىر كۆرۈنۈش

ئىبادەتخانە ئىچىدىكى بىر قۇرۇلۇش


چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلاردىن ساقلىنىپ قالغانلىرى

ئاخرىقى كۆرۈنۈش

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 13:20:55

،،توۋا ،،،،،،،،،،،،،،،،ئىنكاسمۇ تەستىق كۈتىدىغان بوپ قالدىما ئىزدىنىشتا؟،سادىغاڭ كېتەيلى باشقۇرغۇچىلار،ئارامخۇدا گەپ قىلىشىمىزنى بولسىمۇ چەكلىمىسەڭلار قانداق؟

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 15:45:55

سۈرەتلەر ياخشى چىقىپتۇ .

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 20:31:44

ئۇيغۇرۇم ، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرۇم ، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم،ئۇيغۇرۇم ، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرۇم ، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم،ئۇيغۇرۇم ، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم ئۇيغۇرۇم ، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم، ئۇيغۇرۇم،  سىنى سۆيىمەن ئۇيغۇرۇم، سەن ياشاۋاتقان بىر ئۇچۇم تۇپراقنىمۇ سۆيىمەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 10:33:34

ئانا تىل8:
پراكتىكانت ئەزالارنىڭ ئىنكاسى تەستىقلىنىپ چىقىدۇ.

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 12:36:30

مەن بارغاندا ئالدى تەرەپتىكى سېپىل دەرۋازىسىنى ئوڭشاۋېتىپتىكەن.
ھەقىقەتەن ھەيۋەت
دۆلەتمەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىزى

mux يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 17:44:42

ھازىرقى مەدەنىيەت خارابىلىرىغا ئازراق بەسەي تۇزى قۇشۋىتىلگەن.  چىن ئەمەس

attirgul يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 22:54:22

mux يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 19:44 static/image/common/back.gif
ھازىرقى مەدەنىيەت خارابىلىرىغا ئازراق بەسەي تۇزى قۇشۋ ...

بەسەي تۇزى دېگەن قانداق تۇز؟تۇنجى ئاڭلاپتىمەن بۇ يەردە ،بىلىۋالاي دەيمەن ...

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 07:13:51

يائاللا، تېما ئىملاسىنى چىم ئوڭشاپ قويىدۇ ؟

Uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-29 08:08:46

ئىشقىلىپ تۇرپاندا بەك كۆپ مەدەنىيەت ئىزلىرى. قايسى بىر كىتابتىن تۇرپان دۇنيا بۇيىچە ئەڭ چوڭ ئۈستى ئۇچۇق موزىي دەپ ئۇقۇغۇنۇم ئىسىمدە

Teshna يوللانغان ۋاقتى 2014-12-1 00:38:15

ئىملادا ھەقىقەتەن مەسىلە بار. تېمىدا بېرىلگەن تۆت ئابزاستىن باشقا ھەممىسىنى مۇشۇ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدىن يىغىۋالغان ئىدىم، ۋاقتىم يەتمەي قويدى. مەقسدىم شۇ بۇ يازما ۋە سۈرەتلەر بىرلشىپ نىسبەتەن مۇكەممەل بىر يۈرۈش مەزمۇن بولسىكەن ...
بەت: [1]
: ئېدىقۇت قدەىمىي شەھرى