kaysar1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 20:40:14

پار شىركىتى بىلەن بولغان داۋادا قانۇن ئارقىلىق غەلبە قىلدۇق

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 09:28  

قەشقەر شەھىرىدىكى  ئۆي تېگىشىپ چىققان تۆۋەن تۇرمۇش پولى ئالىدىغانلارغا 5 يىلغىچە ئېتبار بېرىش سىياسىتىنى ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن. ھەم پۇخرالار بىلەن بولغان كېلىشىمگە شەرت قىلغان ئىدى. كېلىشىمنىڭ 2-تارمىقىدا ئىسسىنىش پۇلىنى 50پىرسەنت ئالىدۇ دىيىلگەن. بىراق،  پار شىركەتلىرى 2010-يىللىق ۋە 2011-يىللىق ئىسسىنىش پۇلىنى تولۇق ئالىمىز دىگەن بولغاچقا، پار شىركىتىگە مۇناسىۋەتلىك تىما يوللىغان ئىدىم.  تىما يوللانغاندىن كېيىن قانۇن نىزاملارنى بىلىدىغان تورداشلارنىڭ ياردىمىدە، قانۇن تەرتىپ بويىچە پار شىركىتىنى ھۆكۈمەتنىڭ كىلىشتۇرۇشى ئارقىلىق پار شىركىتىنى كېلىشىمگە ئەمەل قىلىشقا قايىل قېلدى. پار شىركىتى قانۇن نىزامغا بوي سۇنۇپ ،كېلىشىمگە ئەمەل قىلدى. پار  شىركىتىنى  قانۇن نىزامغا ئەمەل قىلىشقا قانۇن نىزام بىلەن تەمىللىگەن  ئادۋىكاتنىڭ ياردىمىدە،  830ئائىلىنىڭ 2يىللىق 50پىرسەنت، يەنى تەخمىنەن  بىر مىليۇن يۈەنگە يېقىن پۇل پۇخرالارنىڭ قولىدا قالدى.
ياردەم قىلغانلار
شىنجاڭ جەۋلان ئادۋىكاتلىق ئورنىدىكى ئابدۇشۇكۇر ئابلىمىت، تېلپون نومۇرى 15292920009ئارقىلىق ياردەم قىلدى.
كومىتىت شوجىسى يۇقۇرى ئۆرۇنغا مېڭىپ قانۇن تەرتىپ بويۇنچە ماڭغاچقا، ھۆكۈمەتنىڭ كىلىشتۇرۇشى ئارقىلىق 50پىرسەنت پۇل پۇخرالارنىڭ قولىدا قالدى.
ئىزدىنىش تورى باشقۇرغۇچىلار تىمىنى دەرھال تەستىقلاپ،  ياردەم قىلىدىغانلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەردىڭلار،  رەھمەت.
ھەر قايسى ياردەم قىلغان تورداشلارغا رەھمەت. ئىزدىنىش  تورىنى قۇرغۇچىسىغا،   يەنى ئىزدىنىش  تورى باشقورغۇچىسىغا رەھمەت 830ئائىلىگە ياردەم قىلدىڭلار.
تورداشلارغا تەۋسىيە:  مۇشۇنداق ئىشتا  يۇقۇرى- تۆۋەن ئورۇنغا پارا بەرمەي ، جوڭخۇا خەلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن نىزامدىن پايدىلانساق بولىدىكەن. پارا بەرمىسەك چىرىك ئەمەلدارلارغا قارشى  بىر كىشلىك ھەسسە قاتقان بولىدىكەنمىز.


ئىملاسىنى  تۈزەپ قويدۇم

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:06:54

ما ئىملا مانا ئىملادەكلا ئىملاكەنغۇ ، يامان تەستە ئوقۇدۇم .

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:10:07

Abdiweli يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 21:06 static/image/common/back.gif
ما ئىملا مانا ئىملادەكلا ئىملاكەنغۇ ، يامان تەستە ئوقۇ ...

خوشاللىقتا ئالدىراپ يازغان چېغىۋا!{:92:}
10 يىللىق قېرى ئەزالار ئۆچەكتىن چىققىلى تۇرۇپتۇدە.{:112:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:14:33

بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، ئىزدىنىش تور بېكىتى مۇشۇنچىلىك ئىشتا بىر كۆۋرۈگلۈك يول ئوينىيالىغانلىقىدىن خۇشال

biltap1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:32:35

Abdiweli يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 21:06 static/image/common/back.gif
ما ئىملا مانا ئىملادەكلا ئىملاكەنغۇ ، يامان تەستە ئوقۇ ...

بىلىملىك ئادەم باشقىلارنى كوپنىڭ ئالدىدا ئەيىپلىمەيدۇ. باشقىلارنىڭ خوشاللىقىغا سۇ سەپمەڭ!

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:36:59

تېما ياخشى لىكىن ئىملا خاتالىقى زور.ئوقۇش تەس بولىدىكەن.

kayinat0 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:43:43

GoodLuck يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 21:14:33 static/image/common/back.gif
بەك ياخشى ئىش بوپتۇ، ئىزدىنىش تور بېكىتى مۇشۇنچىلىك ئى
توغرا دەيسىز.:)

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:45:51

ئادەم خوشال بولۇپ ھاياجانلانغاندا ئاشۇندا گەپلىرى قولاشماي قالىدۇ .

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 22:02:21

@86 كام ئالدىراشكەندە ...

hakaniye يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 05:34:55

ئادۇۋكات  ئابدۇشۈكۈرجان  سەمىمى  تەقۋادار يىگىت

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 06:58:43

ئادەم خوش بولغۇدەك بىر ئىشكەن، ئەمدى قالغىنىنى كىيىنكى ھەققە قۇشۇپ يىغىۋىلىش ئۈچۈن باھا ئۈستۈرمىسىلا بۇلاتتى...

Shukur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 09:17:47

   تۈنۈگۈن تىلىفۇندا ئىشنىڭ توغرا يول بىلەن ھەل بولغىنىنى، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق كىچىككىنە يول كۆرسىتىشىم ئارقىلىق شۇنداق ياخشى ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ شۇنداق خوش بولدۇم. قىلغان ياردىمىمنىڭ ئۈنىمى بولغانلىقىنىڭ ئۆزى كوپايە، شۇڭا بۇنىڭغا ئايرىم رەھمەت ئىيتمىسىڭىزمۇ بولاتتى.  

Shukur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 09:19:23

hakaniye يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 05:34 static/image/common/back.gif
ئادۇۋكات  ئابدۇشۈكۈرجان  سەمىمى  تەقۋادار يىگىت

   ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت، سىزنى تازا تونىيالماي قالدىم. ئەيىبكە بۇيرىماڭ. ئىككىمىز تونۇشامدۇق؟

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 09:30:46

biltap1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 21:32 static/image/common/back.gif
بىلىملىك ئادەم باشقىلارنى كوپنىڭ ئالدىدا ئەيىپلىمەي ...

ۋوي چاقچاق ! ئارتۇق ئويلىۋالماڭ ... :funk:

Abdiweli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 09:31:39

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 21:10 static/image/common/back.gif
خوشاللىقتا ئالدىراپ يازغان چېغىۋا!
10 يىللىق قېرى  ...

:lol ئىزدىنىشنى كۈندە يوقلاپ تۇرىمەن بولمىسا :lol

gherip928 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 10:50:37

تاما-تاما كۆل بولار دەپ مۇشۇنداق ئىشلاردا بىرلىككە كىلىپ قانۇن ئارقىلىق ھەل قىلساق بۇلىدىكەن مانا.....

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 16:23:07

ياردەم قىلغانلارنىڭ ئەجرى يەردەقالماس

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 19:17:06

kaysar1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 20:12:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kaysar1 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-27 20:13  

سىز سورغان ئولتۇراق رايۇن 1-  5-ئولتۇراق رايۇن ئىدى. بىز ئۆي تىگشىشتىن بۇرۇن كىلشىم ئىمزالىغان ئىدۇق. كىلشىمنىڭ 6-مادىسىدا ئۆي ئالماشتۇرۇپ چىقان يەنى  تۇۋەن تۇرمۇش پولى ئالدىغانلارغا 5يىلغىچە ئىتبار سىياسەتلەردىن بەھرىمان بولسىلەر دىيىلگەنكەن.
2- تارمىقىدا،  توۋەن تۇرمۇش پولى ئالدىغانلار ئىسنىش پولىنى 50پىرسەن ئىتبار قىلىندۇ.دىيىلگەن.

قەشقەر شەھرىنى 2008-يىلى چىقارغان ھوجىتىدە ئۆي ئالماشتۇرۇپ چىقانلارغا يەنى توۋەن تۇرمۇش پولى ئالدىغانلارغا 50پىرسەن ئىتبار قىلىندۇ.
ئىتبار قىلىنغان 50پىرسەننىڭ 30پىرسىننى پار شىركىتى ئۇستىگە ئالدۇ .20پىرسىننى ھوكمەت ئۇستىگە ئالدۇ. دىيىلگەنكەن.

مەقسەتكە كەلسەك نەچە كوننىڭ ئالدىدا  بىر تىيما يولىغان ئىدىم .باشقىلارنىڭ ياردىمىدە قەشقەر شەھەرنىڭ پار شىركىتىگە مۇناسىۋەتلىك  بىر قىسىم ھوجەتلەرنى تاپقان ئىدىم. بۇ ھوجەتلەرنى ۋە كىلشىملەرنى كومتىپ شوجىسىگە كورسەتكەنتىم ،كومتىت شوجىسى  ھوجەت كىلشىمنى ياۋاغ باشقارمىغا ئاپارغاندىن كىيىن ،باشقارما شەھەرلەك ھوكمەتكە ئەكىرىپتىكەن، شەھەر رەھبەرلىرى كىلشىم ۋە قەشقەر شەھرى2008يىلى چىقارغان ھوجەتكە ئاساسلىنىپ 50پىرسەر كوتۇردىغانلىقىنى  كومتىت شوجىسىگە ئوقتۇرۇپتىكەن. كومتىت شوجىسى پوخرالارغا ئوقتۇرغاندىن كىيىن، پوخرالار پول تولەشكە پار شىركىتىگە بارساق 70پىرسەن ئالمىز دەپ چىڭ تورۋالدى. شوجىگە تىلپون قىلساق 70پىرسەن بولسىمۇ تولەپ تۇرۇڭلار 30پىرسىننى كىيىن بىر تەرەپ قىلامىز دىەەچكە 70پىرسەن بويۇنچە پول تاپشۇرغان ئىدۇق. تەخمىنەن 20ئادەم پول تاپشۇرۇپ بولغاندىن كىيىن پار شىركىتى 70پىرسەن ئالمىز دىگەن گىپىدىن يەنىۋەلىپ 100پىرسەن تولەيسىلەر دەپ چىڭ تورۋالدى. ھازىر نىمە قىلىشنى بىلەلمەي يەنە گاڭگىراپ قالدۇق. ياردەم قىلاسىلەر!

پار شىركىتى بىلەن بولغان داۋادا قانۇن ئارقىلىق غەلبە قېلدۇق. دىيىشىمدە شەھەر رەھبەرلىك كومتىت شوجىسىگە ئۇچۇر قىلىپ  تۇۋەن تۇرمۇش پولى ئالدىغانلار50پىرسەن پول تولىسە بولدۇ دىگەچكە خوشلۇقۇمدا ياردەم قىلغانلارغا رەھمەت ئېيتىش يۇزسىدىن تورغا چىقارغان ئىدىم. بىراق پار شىركىتىنىڭ يەنۋىلشىنى نەدىن بىلەي. شۇ سەۋەپتىن
تورداشلاردىن ۋە تور باشقۇرغۇچىلاردىن كەچۇرۇم سورايمەن.
ئۇنۇملۇك چارە تاپساڭلار ياردەم قىلاسىلەر!

Shukur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-28 06:14:00

kaysar1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 20:12 static/image/common/back.gif
سىز سورغان ئولتۇراق رايۇن 1-  5-ئولتۇراق رايۇن ئىدى. بىز  ...

     قولۇڭلاردا يىتەرلىك ئاساس بار تۇرۇپ، نىمىشقا بىر شۇجىنىڭ %70 تۆلەپ تۇرۇڭلار دىگەن بىر ئىغىز گىپى بىلەنلا قانۇن- نىزامنى بىر چەتكە قايرىپ قويىسىلەر؟ دوپپاڭغا بىر جىگدە سىلىۋالاي دىسە دوپپىنى ئىچىپ بەرگەندەكلا ئىش قىپسىلە. ئەمىلىيەتتە ئۇنىڭ دىگىنى «ھۆكىمەت مالىيەسىدىن ئىسسىقلىق شىركىتىگە بىرىدىغان %20 پۇلنى سىلەر تاپشۇرۇڭلار» دىگىنى. خەلق ھۆكىمىتىدىكىلەر قاراپ تۇرۇپ ئۆزى چىقارغان ھۆججەتنى بىر يانغا قايرىپ قويۇپ سىلەرنى ياندىن قويىۋاتسا، تىجارەت قىلىدىغان ئىسسىقلىق شىركىتى %30 زىيانغا چىدىمايدۇ دە.  ئۆزۈڭلارغا ئەسقاتىدىغان ئاساسنى ئۆزۈڭلار كۆزگە ئىلمىساڭلار، خەق ئەلۋەتتە كۆزگە ئىلماي، ھەددىدىن ئاشىدۇ.
مىنىڭ پىكىرىم قولۇڭلاردىكى ئاساسنى چىڭ تۇتۇپ، %50 بويىچە تۆلەيمىز دەپ چىڭ تۇرۇڭلار. تۆلەپ بولغانلار تالۇن بويىچە قالغان ئارتۇق ئالغان %20 پۇلنى قايتۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلىڭلار. ھۆججەتتە ئىنىق سىلەر پەقەت %50 پۇلنى تۆلىسەڭلارلار بولدى. قالغان %50 پۇل ئىسسىقلىق شىركىتى بىلەن شەھەرلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ ئىشى. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەسىلە %50 ئىسسىقلىق پۇلىنىڭ مەسىلىسىلا ئەمەس. ھەق ناھەق مەسىلىسى. بۇ يەردە بۇنىڭدىن ئارتۇق گەپ قىلماي. چۈشىنەلمىگەن بولسىڭىز تىلىفۇن قىلىڭ. ياكى بىۋاستە ئىشخانامغا كىلىڭ. قولىڭىزدىكى ئاساسلارنى يەنە بىر چۈشەندۈرۈپ قوياي.
بەت: [1] 2
: پار شىركىتى بىلەن بولغان داۋادا قانۇن ئارقىلىق غەلبە قىلدۇق