ئالتۇن سودا تەھلىلى24/11
ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن سودابازارنى ئويلاپ ئۆتسەك بازار ئىچىلىش باھاسى 1186.86دوللارئەڭ يۇقىرى باھاسى 1207.97 دوللا ر ، ئەڭتۆۋەن باھاسى 1175.26دوللا ربازار يېپىلىش باھاسى 1201.42 دوللار بولدى .ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا دوللارنىڭ كۆرسەتكۈچى ئەڭ يۇقىرى 88.46 دوللار ئەتىراپىدا بولىدى، ئالتۇننىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى1204 دوللار بولدى .
ئاساسى ئانالىز:
ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن كۈمۈش باھاسى ئۆسۈش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرغان ، ئالتۇن 1200 دوللاردىكى چوڭ ئۆتكەلنى ساقلاپ قالغان ، كۈمۈش 16.10 دوللاردىكى بۆسۈش نۇقتىسىنى بۆسۈپ ئۆتكەن ، بۈھەپتە ئۆسۈش يۆلىنىشىنى داۋاملاش تۇرۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىشى مۇمكىن . ياۋروپا مەركىزى بانكا ، ياپونىيە مەركىزى بانكا ۋە جۇڭگو مەركىزى بانكىلارنىڭ كەڭ تەدبىرى ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا تىرەكلىك كۈچ كۆرسىتىدۇ . بۇندىن باشقا يەنە شۋېيتسارىيە پۇقرالارنىڭ ئاۋاز بېرىشى ، رۇسىيە مەركىزى بانكىسىنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشى ، جۇڭگو ھىندىستانماددىي بۇيۇم ئالتۇن ئېھتىياجى قاتارلىقلار ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن . بۈگۈن ياپونىيە بازىرى ئارام ئالىدۇ ، بۈگۈن مۇھىم بولغان سانلىق مەلۇماتلار بىر قەدەر ئاز بولۇپ ، گېرمانىيە IFO سودا گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىدە بولىدۇ . ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا بۈگۈن ئاساسىي يۈزنىڭ ئالتۇن كۈمۈشكە بولغان تەسىرى بىر قەدەر كىچىك بولىشى مۇمكىن .
مەشغۇلات باسقۇچى :
1.ئەتىگەنكى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننىڭ باھاسى 1204-1199 دوللار ئارىقىدا تەۋرەندى ، چۈشلۈك ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1293دوللار ئەتىراپىدىن ئۆرلەشكە ئىلىپ ، زىيىنىنى 1290دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1200-1208دوللار ئەتىراپىدا چىقىرىشقا بولىدۇ .
2. ياۋرۇپابازىرىدا ئالتۇن باھاسى1208 دوللاردىن ئىشىپ كىتەلمىسەچۈشۈشكەئىلىپ ، زىيىنىنى 4 دوللاردا توختىتىپ پايدىسىنى 1292-1290 دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ .
.3 بۈگۈن مۇھىم چوڭ سانلىق ئۇچۇر يوق ، پەيشەنبە ، جۈمە كۈنى ئامىرىكىنىڭ مىنەتدار بايرىمى بولغانلىقى ئۇچۈن سودا بازىرى دەم ئالىدۇ ، شۇڭا مۇھىم سانلىق ئۇچۇرلار چارشەنبە كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى . ئالتۇننىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىدا 1200 دوللارنىڭ يۇقىرىدىن ئۆرلەشكە ئىلىش مۇۋاپىق ئەمەس .
چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1208 ،1205
ئۆرلەشكە ئىلىشقا بولدىغان نۇقتىلار 1193 . 1180
بۈگۈنكى تەۋرىنىش دائىرىسى 1208-1188
بۈگۈنكى تىرەش نۇقتىسى 1190
بۈگۈنكى بۆسۈش نۇقتىسى 1210
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقارىلارنى پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىپ كۆزىتىشنى ئاساس قىلىڭ .
كېلىش مەنبەسى : ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
بەت:
[1]