dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 11:36:01

بىز ئۇچۇرسىراش كېسلىگە گىرىپتار بولدۇقمۇ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dadash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 11:38  

بىز ئۇچۇرسىراش كېسلىگە گىرىپتار بولدۇقمۇ؟

- خەۋەر كۆرمەسلىكنىڭ  10 تۈرلۈك باھانىسى


كۆپ ساندىكى كىشلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، تۈرلۈك خەۋەرلەر ئۇلارنىڭ خىلى كۆپ ۋاقتىنى ئسىراپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىز تېلېۋىزۇر، كومپيۇتېرۋە تۈرلۈك كۆچمە ئالاقە ئۇسكۇنىلىرى ئارقىلىق تۈرلۈك ئۇچۇلارنى قۇبۇل قىلىمىز. ئۇچۇر قاپلىمىغان جايمۇ قالمىدىغۇ دەيمەن. بىر كۇنۇپكا بىلەن دۇنيانى كېزىپ چىقىش رېئاللىققا ئايلانغان بۈگۈنكى دەۋردە، بىز راستىنلا شۇنچە كۆپ ۋە شۇنچە تېز يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بۇ خەۋەرلەرنى ئوقۇپ چىقىشىمىز زۆرۈرمۇ؟

Less News = More Productivity

يېقىندىن بۇيان غەربلىكلەر شۇنداق دەپتۇمىش : خەۋەرنىڭ ئاز بولۇشى ،ئىش ئۈنۈمىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت( Less News = More Productivity )، راست، گەپ جىق يەردە قانداقمۇ ئىشنىڭ ئۈنۈمى بولسۇن. ئەگەر بىز بىرەر پارچە خەۋەرنى ئاز ئوقۇساق، ئەشۇ قۇتقۇزۇپ قېلىنغان ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن؟
بەلكىم ئۆزىمىزنىڭ بىركۈنىنى تېخىمۇ ياخشى ئورۇنلاشتۇرالىشىمىز مۇمكىن. شۇڭا ، بولۇپمۇ ئۇنىڭغا ۋاقىت يوق، بۇنىڭغا ۋاقىت يوق دەپ قاقشىغۇچىلار بۇ ھەقتە ئويلىنىپ بىقىشى كېرەك. ئۇنداقتا توختىماي بەت يېڭىلاپ، يېڭى خەۋەرلەرنى بىرىنچى ۋاقىتتا كۆرۈشنى ئادەت قىلغان ئۇچۇرسىراش بىمارلىرى ساقىيىمەن دەيدىكەن بۇ جەھەتتە پەرھىز تۇتۇشنى بىلىشى كېرەك. تۆۋەندە بىز چەتئەللىك بۇرادەرلەر ئوتتۇرىغا قويغان ، ئۇچۇر قوغلاشماسلىق ھەققىدىكى 10چوڭ باھانىنى كۆرۈپ چىقايلى:



It Doesn’t Change That Often
ئۇچۇرلار ئۇنچىۋالا تېز سۈرئەتتە ئۈستى-ئۈستىلەپ يېڭىلانمايدۇ. راست، ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ. ئەمەلىيەتتە بىركۈندە بىرقېتىم، ياكى ئىككى كۈندە بىر قېتىم ئاقتۇرۇپ قويساقمۇ ئۇچۇر قوغلىشش سۈرئىتىمىز تېز بولغان ھېسابلىنىدۇ.



Most of It Doesn’t Matter
كۆپ ساندىكى خەۋەرلەر ئەمەلىيەتتە پەقەتلا مۇھىم ئەمەس. كۆپ ساندىكى خەۋەرلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ھېچبىر ئەھمىيىتى مەۋجۈت ئەمەس. سىز ئەڭ ياخشىسى خەۋەر ئوقۇش ياردەمچى دېتاللىرى(RSS) ئارقىلىق ئۆز قىزىقىشىڭىز دائىرىسىدىكى تېمىلارنى توپلاپ، خەتلىنىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.



Much of it is Wrong
نۇرغۇن ئۇچۇرلار ئىنتايىن خاتا. بۈگۈنكى كۈندە، ھەرقانداق بىر ئادەم توردا خەۋەر يازالايدۇ، ئۇچۇر تارقىتالايدۇ. شۇڭا ھەرقانداق بىر خەۋەر گۇمانلنىش نەزىرىدىن ساقت بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. كەلگۈسىدىكى خەۋەر باشقۇرۇش پەقەت مەزمۇن جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى ئەڭ مۇھىمى توغرىلىق دەرىجىسىنى تۇتقا قىلىدۇ.


Even More is Sensationalized
بىرقىسىم خەۋەرلەر كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدۇ. نۇرغۇن ئاخبارات بېكەتلىرى ئەمەلىيەتتە خەۋەر بىلەن ئۆسەكنىڭ چىگرىسىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ جان باقىدۇ. بۇ يۇقىرىقى مەزمۇندىكىدەكلا ئىنتايىن خەتەرلىك، ئەتەي توقۇلغان بىرمۇنچە ھېكايەتلەر خەۋەر سۈپىتىدە كىشلەرنى قايمۇقتۇرىدۇ. قىسقىسى بىزنىڭ تېخى ئەمدىلا ئايىقى چىققان ئۇيغۇرچە ئاخبارات توربېكەتلىرىمىزمۇ بۇ ئەپچىل يولنى تېپىۋالدى. غەيرى ، ھاڭ-تاڭ قالدۇرىدىغان خەۋەرلەر راستىنلا كۆپلىگەن ئېقىم ئېلىپ كېلەلەيدۇ.

Most of it is Trivia
نۇرغۇن خەۋەرلەر بەكلا بېمەنە . بىكخام ساپما كەشى بىلەن كوچىغا چىقسا نېمە بوپتۇ؟ شىۋازىنگىرنىڭ ئاشنىسى بايقالغان بولسا يەنە نېمە بوپتۇ؟ 90 ياشلىق موماي 30 ياشلىق يېگىتنى ياخشى كۆرۈپ قالسا نېمە بوپتۇ؟….
ئەمەلىيەتتە بىز ئوقۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئەشۇ تۈركۈم-تۈركۈم ئاتالمىش خەۋەرلەر ، پەقەت مېڭىمىزگە ئەخلەت تولدۇرۇش رولىنىلا ئۆتەيدۇ.


Much of the News Isn’t News at All
نۇرغۇن خەۋەرلەر ئەمەلىيەتتە خەۋەر ئەمەس. ئاخبارات بەتلىرىنى ئاقتۇرسىڭىز ياكى گېزىتلەرگە سەپ سالسىڭىز سەرلەۋھىلىك يازمىلارنىڭ تارماق تېمىلىرىنىڭ ساپلا سوئال بەلگىسى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى بايقايسىز. بۇ ئاساسى جەھەتتىن شۇنى جەزىملەشتۈرۈشىمىزنىڭ ئاساسى بولۇدۇكى، بۇلار ئەمەلىيەتتە قانداقتۇر ئاخبارات ھېكايىسى ئەمەس، بەلكى خىلمۇ-خىل سۆھبەت تېمىسى ياكى ئەبجەش مەسىلىلەر مۇلاھىزىسى خالاس. ھەرگىزمۇ ئالاھىتەن ۋاقىت ئاجرىتىشڭىزغا ئەرزىمەيدۇ.

Facebook Isn’t News Either
ئۇلار دەيدۇكى: فېيسبوكمۇ ئاخبارات ئەمەس. ئەلۋەتتە بىزئۇنىڭ نامىنىلا بىلىمىز، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر خىزمەت ۋاقتىدا مىكروبلوگ ۋە تۈرلۈك ئالاقە دېتاللىرىنى ئېچىپ قويىدۇ. بىز جەزمەن ھەرمېنۇت ھەردەقىقىدە دوستلارنىڭ پوزىتسىيىسىنى چۈشۈنۈپ ، ئىگىلەپ تۇرۇشقا ئىھتىياجلىقمۇ؟


Many News “Experts” Aren’t Experts
نۇرغۇن ئاخبارات مۇتەخەسسلىرى، ھەرگىزمۇ مۇتەخەسىس ئەمەس. ئەشۇ بىر تۇركۇم ئاتالمىش نوپۇزلۇقلارغا، مۇتەخەسسلەرگە ئىشنىپ يۈرمەڭ، ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى بىزنىڭكىچىلىكمۇ كۆپ ئەمەس.


Watching/Surfing the News is Inefficient
ئۇچۇر قوغلىششنىڭ ئۈنۈمى يوق. سىزتېخىمۇ كۆپ ئۈنۈملۈك ئىشلارنى ھۇجۇتقا چىقىرالايدىغان شۇ ۋاقىتلاردا سودا ئېلانى ياكى باشقا نەرسىلەرنى كۆرىسىز. بۇ سىپى ئۆزىدىن ئىسراپچىلىق، نۇرغۇن ئاخبارات توربېكەتلىرىدىكى ئېلان ئەمەلى خەۋەردىن كۆپ.بۇيەردە سىزگە يەنىلا (RSS) تىن پايدىلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.


Too Much of the News is Negative
نۇرغۇن ئۇچۇلار پاسسىپ. ئاخبارات ۋاستىلىرى شۇم خەۋەر تارقىتىشقا ئامراق كېلىدۇ. شۇڭا ئاخبارات خەۋەرلىرىنىڭ سىزنىڭ پوزىتسىيىڭىز ۋە خىزمىتىڭىزنىڭ ئۈنۈمىگە پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كېلىشى ئېنىق.

- سىنامىكرو بلوگ تەرمەچلىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈلۈپ تەرجىمە قىلىندى ( داداش تەرجىمىسى)

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 17:44:43

مىنىڭچەھەممە ئادەم ئۆز قىزىقىشا دائىر خەۋەر كۆرىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ خەۋەر قانىلى خەنلەرنىڭكىگە قارىغاندا خىلى يامان ئەمەس كۆپ پىكىرلەر چىققان بىرى تۇتامى يوق ناچار خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلماس بولدى.
مەنمۇ نۇردا ئازراق خەۋەر تەرجىمىگە قاتناشقان ئۇ چاغدا كۆڭۇل ئىچىش خەۋەرلىرىدىن لادىي گاگا دىن باشقىسى بولسا تەرجىمە قىلاتتۇق.
كىيىن كۆپچىلىك پىكىر قىلدى بولغاي تاماششا خەۋەرلىدرىن مۇھىملىرنىلا تەرجىمە قىلدىغان بولدى.

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 17:52:03

مەن مۇنبەر  كۆرۈش كىسىلىگە گىرىپتار بۇلۇپ قاپتىمەن :lol:lol:lol

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 19:31:55

مەنمۇ مۇشۇ ناچار ئادىتىمنى بىر تاشلاپ، كۈنلىرىمنى رەتكە سىلىۋالسام دەيمەنيۇ، يەنە قاراپ سالىمەن ئىزدىنىشقىلا....

uygurjan09 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 19:38:41

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 19:31 static/image/common/back.gif
مەنمۇ مۇشۇ ناچار ئادىتىمنى بىر تاشلاپ، كۈنلىرىمنى رەت ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سالام باي.......
مۇنبەر كورەش  ناچار ئادەت قاتارىغا كىرمەس :dizzy:

President يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 20:12:23

مەن بارلىق ئاممىۋى ئالاقە بېتىگە خۇمار بولۇپ قالدىم! :'(:'(:'(:'(:'(

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 20:25:27

uygurjan09 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 19:38:41 static/image/common/back.gif


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سالام باي.......
مۇنبەر كورەش  ناچار
:lol گەپ چالا بوپ قاپتۇ، مۇنبەر كۆرۈش ناچار ئادەت ئەمەس. ھېچ ئىش قىلماي بەك باغلىنىپ قىلىشمۇ ياخشى ئادەت ئەمەسمىكى دەيمەنغۇ.

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 20:32:49

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 17:44 static/image/common/back.gif
مىنىڭچەھەممە ئادەم ئۆز قىزىقىشا دائىر خەۋەر كۆرىدۇ.
ئۇ ...

ئەسلى مۇنداقكەندە

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:22:40

ماۋۇ گەپلەرنىڭ پۇتى بولسىلا ماڭغۇدەك گەپلەركەن.مەنمۇ مۇنبەر ئارىلاپ ۋاقتىمنى شۇنداق بىكار ئۆتكۈزىۋاتقاندەك ھىس قىلىمەن.ئەمەلىيەتتە بۇ ۋاقىت ئىسىراپ قىلىش
ئەمەس ، لېكىن ۋاقىتنى كونتىرۇل قىلىش موھىم ئىدى.تورداشلار مۇنبەر زىيارەت قىلىش تەجرىبىسىنى سۆزلىشىپ باقساق.مەن ئىككى كۈن مۇنبەر ئارىلىمىساملا بىر نەرسەن كەمدەك بولۇپ قالىمەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:59:56

   ھەقىيقەتەنمۇ كۈندە ئەمەس ھەپتە ھەپتىلەردىمۇ دۇنياۋىي چوڭ خەۋەرلەر يىغىلىپ كېتىدىغان ئىشلار ناھايتى ئازكەن، ھەپتىدە بىر قېتىم دۇنيا ھەپتىلىكىدەك پىراگراممىلارنى كۆرۈپ قويۇش يېتەرلىك، كۆپرەك ۋاقتىمىزنى ئۈگۈنۈش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىش ئاقىلانىلىكتۇر. ئاۋۇ «مىڭىنى ئەخلەت بىلەن تولدۇرۇش» دىگەن گېپى بەك يارىدى ماڭا.

acid يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 22:14:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   acid تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 22:22  


جۇڭگۇنىڭ ئىلغار ئايرۇپىلانى ئامرىكىنى ئەنسىرەتمەكتە!
ئوبامانىڭ تېلفۇن خاتىرىسى ئاشكارلىنىپ كەتتى!
پۇتىن بىرنىمە ۋىروسىغا جىددىي كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۇردى!
ۋاتتا فاكككككككك!!!!
...
بىرئاي خەۋەر كۆرمىسىڭىز تۇرمۇشىڭىزدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش يوقلىقىنى بايقايسىز،تۇرمۇشڭىزغا ئۆزگىرىش كىرمىدى دىگەنلىك سىزگە ئارتۇقچە دىگەنلىك،كۈنىڭىز بۇرۇنقىدەك ئۈتىۋىردۇ.دۆلەتنىڭ ج د پ سى مانچە پىرسەنت ئۆستى دىگەندەك ۋاقىتلاردا يانچۇقىڭىزنى سىلاپ باقامسىز؟مېدىيانىڭ ئىگىسىمۇ سىلاپ باقمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ.لىكىن كۈندە كۆرىسىز،بىرنىمە ئۆگىنىۋاتقاندەك ياكى بىرنەرسىدىن خەۋەردار بۇلىۋاتقاندەك،نىمىشقا كۆرىسە،كۆرمە بۇنى ! دىسە دەيسىز،بىلىپ تۇرمىساق قانداق بۇلىدۇ،بىزدىگەن مانداق ئىشلەۋاتقان تۇرساق،مانداق يېڭى گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرمىساق قانداق بولىدۇ ئەلەي بەلەي.ئەسلەپ بېقىڭا،ھاياتىڭىزغا كىلىپ سىزنىڭ مەنپەتىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان نىمە ئاڭلاپ باقتقڭىز،پايدلىنىپ باقتىڭىزمۇ؟ ئاڭلايسىز ئاڭلايسىز ئاڭلايسىز،قانماي ئاڭلايسىز.بىرنەرسىنى بىلىپ تۇرىۋاتقاندەك تۇيىلىسىز ئۈزىڭىزگە،لىكىن سىز ئۈزىڭىزنىڭ نىمىنى بىلمەيدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيسىز!!سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى سىزگە بىلدۇرۇپ ياكى مەسلەھەت سېلىپ ئولتامايدۇ.ۋاقىتلار ئۆتكەندە تۇرمۇشىڭىزغا سىڭىپ كىرىدۇ ئۈزى،شۇ چاغدىمۇ ئىلمان سۇدىكى پاقىدەك ھېچنىمىنى سەزمەي قالىسىز.
خۇتۇن-باللىرىڭىز،دوست-بۇرادەرلىرىڭىزگە ئوبدان كۆڭۈل بۆلۈڭ،ئاشۇلار راسىت ئادەم،رېئال خەۋەرلەر.دۇنيانىڭ ئۇ تەرپىگە بومبا چۈشتىمۇ يا خاڭگا پىشتىمۇ باكا.ئىشىكىڭىزنىڭ ئالدىغا چۈشكەندە ھىساپ.ھەممىسى زېھىن خورىتىدىغان بۇزۇق پروگىراممىلار.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 22:19:22

چەت ئەللىك يازغان نېمىدەك قىلىدۇ. بىراق ئاشۇنداق قاقشىغانلارنىڭ ئۇچۇرغا ئىگە بولۇشىنى ئۈچ كۈن چەكلەپ قويسا 4-كۈنى كوچىغا چىقىپ نامايىش قىلىدۇ.
قورسىقى توق بولۇش ئەمەلگە ئېشىپ بولغاندىن كېيىن، بەك تويۇپ تاماق يېيش سالامەتلىككە زىيانلىق دېگەنلەرنى تەھلىل قىلغاندەكلا گەپتە بۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 11:56:49

acid يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 22:14 static/image/common/back.gif
جۇڭگۇنىڭ ئىلغار ئايرۇپىلانى ئامرىكىنى ئەنسىرەتمەكتە! ...

:lol  قۇشۇلىمەن زادى ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 12:02:14

خەۋەر پالغا ئوخشاش نەرسىمىكىن ....

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 22:36:23

تولا خەۋەر،ئەخلەت ئۇچۇرلار كۆپىيىپ كەتتى

matros5 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 11:35:20

چەتئەللىك يازغان بولسۇن ياكى تاشقى پىلانىتتىكىلەر يازغان بولسۇن ئۇچۇرنىڭ ئەھمىيتىنى يوققىلا چىقىرىپتۇ.
مەن جۇڭگۇ جۈملىدىن شىنجاڭدىكى ھەر بىر پۇقرانىڭ كۈندە ئاز دېگەندە يېرىم سائەت شۇنداق ئۇچۇر، مۇنبەر ، بىلوگلارنى ئارلاپ ئانچە مۇنچە بىر نەرسىلەرنى ئۇقۇپ قۇيۇشىنى كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىمەن.

ئۇچۇر ۋاقتى كەلسە بىلىمگە ئايلىنىدۇ. بىر ئۆمۈر ئۇچۇر كۆرمەي، بىر نەرسە ئوقۇماي تىرشىپ پۇل يىغىپ مىليادىر بۇلۇپ كەتسىڭىزمۇ بىلىمنى پۇلغا سېتىۋالالمايسىز.  بىلىم دېگەن ياپراققا قونغان چاڭ توزاندەك ئاستا-ئاستا يىغىلىپ توپلىنىدىغان نەرسە ئۇ. {:87:}
بەت: [1]
: بىز ئۇچۇرسىراش كېسلىگە گىرىپتار بولدۇقمۇ؟