tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 08:45:32

سۈت بوتۇلكىسى بىلەن كولا بوتۇلكىسى

سۈت بوتۇلكىسى بىلەن كولا بوتۇلكىسى
روبېرت فىرانىك [ئامېرىكا]
ئابدۇغېنى ئابدۇكېرىم تەرجىمىسى
نېمە ئۈچۈن سۈت چاسا شەكىلدىكى قاپقا، كولا بولسا سىلىندىر شەكىلدىكى بوتۇلكىغا قاچىلاپ سېتىلىدۇ؟ ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەر مەيلى ئەينەكلىك بوتۇلكىلىق بولسۇن ۋە ياكى ئاليومىن بوتۇلكىلىق بولسۇن، ھەممىسى دېگۈدەك سىلىندىر شەكىلدە. لېكىن، سۈت قېپى ئاساسەن دېگۈدەك چاسا شەكىللىك. سىلىندىر  شەكىللىك قۇتىغا قارىغاندا چاسا شەكىللىك قاپنىڭ ئىچكى بوشلۇقىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەرنى ئىشلەپچىقارغۇچىلار نېمە ئۈچۈن سىلىندىر شەكىللىك قۇتىنىلا ئىشلىتىدۇ؟
بۇنىڭ سەۋەبى، ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەرنى بىۋاسىتە بوتۇلكا بىلەن ئىستېمال قىلغىلى بولىدۇ. سىلىندىر شەكىللىك قۇتىلار تۇتۇشقا ئەپلىك بولغانلىقى ئۈچۈن، ساقلاش جەھەتتە ئېلىپ كەلگەن ئارتۇقچە تەننەرخنى يوقىتىدۇ. ئەمما، سۈت ئۇنداق ئەمەس، نۇرغۇن كىشىلەر سۈتنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلمايدۇ.
ناۋادا سۈتنىڭ قېپى سىلىندىر شەكىللىك بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بىز تېخىمۇ چوڭ توڭلاتقۇغا ئېھتىياجلىق بولىمىز.
كۆپ سانلىق ئادەملەر سۈتنى بىۋاسىتە ئىستېمال قىلغان تەقدىردىمۇ، تەننەرخ ئۈنۈمىدە كۆرسىتىلىشچە، سۈتنى سىلىندىر شەكىللىك بوتۇلكىغا قاچىلاپ سېتىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن ئىكەن. چاسا شەكىللىك قاپ (ئىچىگە نېمە قاچىلىنىشىدىن قەتئىينەزەر) ھەقىقەتەن بوشلۇقنى تېجەيدۇ، سۈتنىڭ تېجىگەن بوشلۇقى ئىسپىرتسىز ئىچىملىككە قارىغاندا ئېنىقكى ناھايىتى چوڭ. تاللا بازىرىدىكى كۆپ سانلىق ئىسپىرتسىز ئىچىملىكلەر ئېچىۋېتىلگەن مال جازىسىغا تىزىلىدۇ، بۇنداق جازا ئەرزان يۆتكەش قولايلىق. لېكىن سۈتنى مەخسۇس توڭلاتقۇغا قويىدۇ، توڭلاتقۇ ناھايىتى قىممەت، يۆتكەش تەننەرخىمۇ ناھايىتى يۇقىرى. يەنە كېلىپ توڭلاتقۇنىڭ ساقلاش بوشلۇقى چەكلىك، شۇڭا سۈتنى چاسا قاپقا قاچىلىغاندا پايدىنى تېخىمۇ ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
مەنبە: «تەرمىلەر» ژۇرنىلى 2013-يىللىق 4-ئاي

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 10:01:41

ھـــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــە بىلىۋالدىم !

rock يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 11:10:54

{:112:}
ھىم. بىلىۋالدىم مەنمۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 14:42:13

مۇشۇ ئامرىكىلىقلارمۇ قىززىق خەق ئىكەن. شۇنچىلىك ئاددىي بىر ئىشنىمۇ ئالاھىتەن ماقالە قىلىپ يېزىپ ئاندىن بۇ خەنزۇچىغا، ئارقىسىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تەرمىلەر ژورنىلىدا ئىلان قىلىنىپ، ئۇندىن كىيىن ئىزدىنىشقا يوللىنىپ دېگەندەك بىر تالاي ئاۋارچىلىقلارغا سەۋەب بولغىنىنى :lol

suret يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 19:48:29

بىلۋالدىم:)

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 20:33:18

ئەمەلىيەتتە مۇشۇنداق يازمىلاردىمۇ نۇرغۇن سودا پۇرسىتى بولىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە مۇشۇنداق بىر ئىشقا مۇناۋسىۋەتلىك بولغان ئەھۋال ئاستىدا، شۇڭلىلاشقا مەنمۇ داۋاملاشتۇرۇپ بىلىۋالدىم دەپ ئىنكاس يازاي.:lol

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:10:11

مەنمۇ بىلىۋالغانلىقىمنى دەپ قويمىسام بومماس ھە باللا

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:14:34

بىلۋاغانلاغا قۇشۇلدۇق

anur77 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:30:30

يوۋ، ماۋۇ ئويلىنىشنى.بىز ئويلاپ باقمىغان ئىشلار.رەھمەت، سىز ئابدۇغېنى مۇئەللىممۇ يە؟

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 08:12:24

يۇمىلاق قېرىنداش قەلەم ياخشىمۇ كوپ قىرلىق قېرىنداش قەلەم ياخشىمۇ؟

ئاددى كىچىك ئىشلاردىمۇ بىر ھىكمەت بار.

XXXXYXXXX يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 16:33:02

توۋا مەن ئانچە سەپسېلىپ ئىرەن قىلىپ كەتمەپتىمەن دىسە :o بۇنداق بولىشىدىمۇ چوڭ ھىكمەت بار ئىكەن ئەمەسمۇ  {:112:}  
مەنمۇ بىلىۋالغانلارنىڭ ئارقىسىدىن ماڭاي :)

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 18:10:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   boran0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-25 18:11  

«تېجەش» توغرىلىق گەپ بولسىلا، ما گەپ يادىمغا يېتىدۇ:
قايسى بىر ھۆكۈمەتنىڭ «چوڭام»لىرى بىر قېتىملىق يىغىن ئېچىپ، زىمىن بايلىقىنىڭ بەك ئىسراپ بوپ كېتىۋاتقانلىقى، قانداق قىلىپ بۇ مەسىلىنى تۈزىگىلى بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلىشىپتۇدەك. زىمىن -بايلىق مىنىستىرى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەپتۇدەك:
-زىمىن بايلىقىنىڭ ئىسراپ بولۇۋاتقانلىقىنىڭ بىرىنچى مىسالى: ئۆلۈكلەرنىڭ نۇرغۇن زىمىننى ئىگەللەپ يېتىشى بولۇپ، ئىگەللىشىمىزچە، بىر ئۆلۈك ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 7كۋادراتمىتىر يەرنى ئىگەللەپ ياتىدۇ. مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، يەنە 20-30يىلدىن كيىن مانچە كۋادرات كىلومىتىر زىمىن ئۆلۈكلەر تەرىپىدىن ئىگەللىنىپ كەتكۈدەك. شۇڭا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنى مۇزاكىرىلىشىپ باقساق.....
دەپنە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇنداق ئەقىل كۆرسەتكۈدەك:
-بۇ ئوڭاي، ئەنئەنىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆلۈكلەرنى ياتقۇزۇپ دەپىن قىلىشتىن ئۆرە تۇرغۇزۇپ دەپىن قىلىشقا ئۆزگەرتسەكلا، بايىقى ئىسراپچىلىقنىڭ %70ىنى ئازايتقىلى بولىدۇ...
دەل شۇ چاغدا، مەدەنىيەت مىنىستىرى سۆز ئېلىپ:
- بۇمۇغۇ بولىدىغان چارىكەن. بىراق مەن ئويلايمەن: ئۆلگەنلەرنى يەر ئاستىغا پۈتۈن كۆمۈۋەتمەي، بېلىنىڭ تۆۋىنىنى كۆمۈپ، يوقۇرىسىنى يەر يۈزىگە چىقىرىپ قويۇش كېرەك. شۇنداق بولغاندا، ئۆلگۈچىگە قەبرە تېشى ئورنىتىشنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكىنى چىرايىغا قاراپلا بىلىۋالسا، قەبرە تېشى ياسايدىغان خىراجەت تېجىلىپ قالمامدۇ؟....

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 20:58:22

:lol:lol:lolمەنمۇ بىلگەن بولاي...

Mostafa يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 20:58:57

مەنمۇ ئويلاپ باقماپـىكەنمەن.  
بەت: [1]
: سۈت بوتۇلكىسى بىلەن كولا بوتۇلكىسى