waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 22:36:46

تەڭرىتاغ كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى ئۇتتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   waskitbol تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 22:37  

  http://you.video.sina.com.cn/api/sinawebApi/outplayrefer.php/vid=136404962_6_6_1_PRqxSHQ5WzLK+l1lHz2stqkM7KQNt6njnynt71+iIQxRUwWHborfO4kK4SrQBM9G+GpP/s.swf
   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئونىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، گۇاڭدۇڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنى كۈتىۋالدى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى كوماندىسى چەتئەللىك ئەزا  ئاندىرى بىراچنىڭ  43 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ  ھەمدە 6 قېتىم توپ تارتىۋىلىشتەك ياخشى نەتىجىسىگە تايىنىپ ئاخىرى 118-101 نەتىجە بىلەن رەقىبى  گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى. تەڭرىتاغ كوماندىسى ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بۇلۇش ھالىتىگە خاتىمە بەردى. گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنىڭ ئۇدا سەككىز مەيدان غەلبە قىلىش ھالىتى ئاخىرلاشتى.
شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن گۇاڭدۇڭ كوماندىسى CBA بىرلەشمىسى تارىخىدا 46 قىتىم مۇسابىقىلەشكە بۇلۇپ، شىنجاڭ كوماندىسى 11 مەيدان ئۇتۇپ 35 مەيدان ئۇتتۇرغان.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ  43 نومۇر، 9 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 6 قېتىم توپ تارىتىۋالدى؛  جۇ چى 26 نومۇر، 7 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 5قىتىم قالپاق كىيگۈزدى؛  ئىستىفان 24 نومۇر، 5 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 3 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  شىرئەلىجان 5 نومۇر،  1 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 5 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ لىيۇۋىي 4 نومۇر،  3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 26-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى  بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php


  

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 09:23:39

شىنجاڭ كوماندىسىدىكى چەتئەللىك راستلا يامان نېمىكەن، مەنمۇ كۆرگەن ئۇ مۇسابىقىنى

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 09:42:08

يارايسىلە ئەزىمەتلەر . چىمپىيونلوق سىلەرگە مەنسۈپ بولغۇسى.{:112:}{:112:}{:112:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 09:45:01

شىرئەلى 4 قېتىم ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ ئېتىپ بىرسىمۇ چۈشمىگەنتى ، ئاخىرىدا ئاچچىقىدا يۈزىدىكى نىقابىنى ئېلىۋېتىپ چۈشۈپلا ئۈچ نۇمۇرلۇق توپ چۈشۈردى ھەم ئارقىدىنلا يەنە ئىككى نۇمۇر ئالدى ، باشتىلا تاقىمايدىغان نىقابكەنتۇقمۇ دەيمەن {:87:} شىرئەلى ئوبدان ھۇجۇم تەشكىللىدى . ئاۋۇ سۇۋىينى ھازىرغىچە ئىشلىتىۋاتقىنىغا قەتئى ئەقلىم سىغمايدۇ ...

bares يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 10:03:45

چەتئەللىك يىڭى ماھىر قالتىس ئوينايدىكەن ...شىرئەلىجان ئاشۇ نىقاپنى تاقىمىسا توپ ئاتسىلا چۈشىدۇ جۇما ھى ھى ....

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 16:27:13

شىرئەلىنىڭ يۈزى يارلانمىغاندۇ؟ نىقاب تاقىۋاپتىغۇ
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسىنى ئۇتتى