aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:55:51

ئورخان پامۇك: ۋېنېتسىيەدە سۆيۈشمەك

ۋېنېتسىيەدە سۆيۈشمەك

ئورخان پامۇك

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت(ئايپالتا) تەرجىمىسى

رىئالتو كۆۋرۈكىگە يېقىن ، بېلىق بازىرىغا ئازلا قالغان  يەردە  بىر جۈپ ئەر-ئايال سۆيۈشۈۋاتاتتى. ھەر ئىككىسى يارىشىملىق كېيىنگەن، ئېگىز بويلۇق، قاملاشقان ۋە چىرايلىق ئىدى. ئەتراپىدا ۋېنېتسىيەنى ۋېنېتسىيە قىلغان بىنالار، گوت ئۇسلۇبىدىكى دەرىزىلەر ۋە پېتىۋاتقان قۇياشنىڭ، گۇگۇم پەيتىنىڭ يېقىملىق، يۇمشاق نۇرى شۇنداقلا قىزغۇچ ۋە ھالرەڭ رەڭلىرى بار ئىدى. ئۇلار چوڭ قانال(Grand Canal) نىڭ يېنىدىكى بوش مەيداندا ئىدى. بىر-بىرىنى قۇچاقلىشىپ بىر جان، بىر تەن بولۇپ كېتىشكەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئۇنتۇشقان ئىدى.
يەنە بىر قېتىم ئۆزۈمگە: « كامېرا نەدىدۇ ئەجىبا؟» دېمەي تۇرالمىدىم. كېيىن، سۆيۈشۈۋاتقان بىر جۈپكە ھەۋەس بىلەن قاراپ تۇرۇشنىڭ ياراشمايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېشىمنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋالدىم. باشقىلارنىڭ بەختلىك ھالىتى ھەممە كىشىگە ئوخشاش مېنىڭمۇ بىر ئاز ھەسىتىمنى قوزغايتتى، لېكىن بۇ قېتىم روھىمدا بۇنداق بىر كۆلەڭگە پەيدا بولمىدى. بەلكىم بۇ قېتىم  ۋېنېتسىيەگە خۇشاللىق ئىزدەپ كەلگەنلىكمدىن بولسا كېرەك.
پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن سۆيۈشۈۋاتقانلارغا تارتىنماي ۋە بەھۇزۇر قارىيالىشىمنىڭ يەنە بىر سەۋەبى، يېقىندا يازغان رومانىم « مەسۇمىيەت مۇزىيى» دا بۇ تېمىدا خېلى كۆپ قەلەم تەۋرەتكەنلىكىم ئىدى. غەرب مەدەنىيىتىدىن باشقا، بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ماڭا ئوخشاش مىلىيونلىغان كىشى لەۋ يېقىپ سۆيۈشكەن ئاشىق-مەشۇقلارنى ( ئەلۋەتتە، سۆيۈشۈش ئۈچۈن چوقۇم ئاشىق-مەشۇق بولۇش كېرەك ئەمەس) كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئەسلا كۆرەلمەيدۇ. غەرب دۇنياسىدىن باشقا يەرلەردە لەۋ يېقىپ سۆيۈشمەك ( برېژنېۋ بىلەن گرومىكو بۇنىڭ سىرتىدا) يا ئۆي ئىچىدە ياكى بولسا كىنو فىلىملەردە يۈز بېرىدۇ. مىلىيونلىغان كىشىلەرگە ئوخشاش مەنمۇ لەۋ يېقىپ سۆيۈشۈشنى ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم كىنودا كۆرگەن ئىدىم. بالىلىق چېغىمدا تۈركىيەدە تېخى تېلېۋىزور يوق ئىدى. سۆيۈشكەن چېغىدا بۇرۇنلىرى تېگىشىپ كېتەمدىغاندۇ، دەپ ئويلىغىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە.
كىنو تارىخىدىكى ئەڭ گۈزەل ۋە ئۇنۇتۇلماس سۆيۈشۈش كۆرۈنىشىنى رېژىسور خىچكوك سۈرەتكە ئالغان ئىدى، باشقىلارنىڭ دېگىنىدەك Notorious دېگەن فىلىمدە ئەمەس، بەلكى North by Northwest  دېگەن فىلىمىدىكى پويىز ئىچى كۆرۈنىشىدە. چىكاگوغا كېتىپ بارغان پويىزنىڭ تار بۆلۈمچىسىدە گارى گرانت بىلەن ئېۋا مارىې سائىنت سۆيۈشكەندە ئۆز ئەتراپىدا ئايلىنىپ، تاس قالىدۇ بىر چەمبەر سىزىۋەتكىلى، بۇ بەلكىم، سۆيۈشۈشنىڭ ئادەمنى مەستخۇش قىلىپ، بېشىنى ئايلاندۇرىۋېتىدىغان بىر ئىش ئىكەنلىكىنى كىنو سۆيەرلەرگە ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان ئىش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ فىلىملەرنى، سۆيۈشۈش كۆرۈنۈشلىرىنى، كامېرا ئالدىدا چۆرگىلىگەن بۇ جۈپلەرنى ياش ۋاقتىمدا، ئىستانبۇل كىنوخانىلىرىدا كۆرگەن چېغىمدا __ بەلكىم ھېلىغىچە قېنىپ، قېنىپ سۆيگۈدەك بىر سۆيگىنىمنىڭ يوقلۇقىدىن __ ساختىلىق دەپ قاخشايتتىم.
ياش چېغىمدا، كوچىدا سۆيۈشكەن ئىككى كىشىنى ھاياتىمدا تۇنجى قېتىم ئىستانبۇل بايلىرىنىڭ يازلىقلىرى جايلاشقان بىر مەھەللىدە كۆرگەن ئىدىم. كامېرا ئالدىدا تۇرغان ئىككى چولپان، رېژىسورنىڭ « باشلا » دېيىشى بىلەن ئاۋۋال قوللىرىدىكى يالپۇز تەملىك پۈركۈمەدىن ئېغىزلىرىغا پىس-پىس قىلىپ ئىككى قېتىم چېچىۋالغاندىن سۆيۈشۈشكە باشلىغان ئىدى. تۈرك گېزىتلىرىدە «ئەمدى سامساق يېگەندىن كېيىن خىجىل بولمايدىغان بولدىڭىز!» دەپ ئېلانلىرى بېرىلگەن بۇ پۈركۈمە، بىزنىڭ مەھەللىدىكى تېخى سۆيۈشۈپ بېقىشقا ئۈلگۈرمىگەن قىزلار ئارىسىدىمۇ بىر مەزگىل مودا بولغانىدى.
ۋېنېتسىيەدىكى چاغلىرىمدا، رىئالتو كۆۋرۈكىگە يېقىن جايدىكى كېلىشكەن بىر جۈپلەردىن باشقا، كوچىلاردا سۆيۈشكەن سان-ساناقسىز جۈپلەرنى كۆردۈم. ئۇلارنى كۆرگىنىمدە، ماڭا كىنولارنى ئەسلەتكەن يەنە بىر نەرسە، سۆيۈشكەنلەرنىڭ ئارقىسىدا، خۇددى فىلىملەردىكىگە ئوخشاش گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ھەمىشە كۆزگە چېلىقىشى ئىدى. گۈزەل بىر مەنزىرىنى كۆرگەن چېغىمىزدا بىزنىڭ سۆيۈشكىمىزنى كەلتۈرگەن نەرسە نېمىدۇ؟ مېنىڭچە، بۇ دۇنيانىڭ ۋە ھاياتنىڭ ئەسلىدە نە قەدەر گۈزەل بولالايدىغانلىقىنى بىر دەم بولىسىمۇ ئاڭقىرالىماقتۇر بۇ. ساياھەت ئىستاتىكىچىلىرى ۋە نىكاھ مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسلىرى بىر-بىرىدىن كۆڭلى قالغان ئەر-ئاياللارنىڭ دەم ئېلىش ياكى تەتىل مەزگىللىرىدە بىر-بىرىگە يېقىنلىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. لېكىن گۈزەل مەنزىرىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ بىزدە سۆيۈشۈش ئىستىكى ياكى خۇشاللىق تۇيغۇسى پەيدا قىلالىشى ناتايىن. بەزى مەنزىرىلەر بىزدە قورقۇنچ، ھەتتا بەزىلىرى  مېتافىزىك ئەندىشە، بەزىلىرى خاتىرجەملىك ۋە ھۇزۇر، بەزىلىرى ئىستانبۇلدا مەن ھېس قىلىدىغان ئازابلارنى پەيدا قىلىدۇ. خۇددى بەزى شەھەرلەرنىڭ  خىزمەت قىلىشقا ئەڭ مۇناسىپ بىر يەر، بەزىلىرىنىڭ كۆڭۈل ئېچىشقا، بەزىلىرىنىڭ ھېچ تۇرماي بەدەر قېچىشقا، بەزىلىرىنىڭ دەم ئېلىشقا، بەزىلىرىنىڭ دەرت تارتىشقا ھەتتا بەزى شەھەرلەرنىڭ ئۆلۈشكە ئەڭ مۇناسىپ بىر يەر بولغىنىغا ئوخشاش، ۋېنېتسىيەمۇ ئۇ يەرگە چېپىشقان ساياھەتچىلەر ئۈچۈن خۇشال بولۇشنىڭ، بەختلىك بولۇشنىڭ نەق يېرىدۇر. دۇنيادا بەختلىك بولۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى، ۋېنېتسىيە مەنزىرىلىرىنىڭ تېرەنلىكىنى ئىچىمىزدە ھېس قىلغان چاغدا چۈشىنىپ يەتمەكتىمىز. بەلكىم بۇ سۆيۈنچ بىزنى سۆيۈشۈشكە دەۋەت قىلىۋاتقاندۇ...
مىڭ يىللىق ۋېنېتسىيە-ئىستانبۇل مۇناسىۋەتلىرىنى تىلغا ئېلىپ ماڭا قارشى ئېلىش مۇكاپاتىنى بەرگەن ۋېنېتسىيە ۋالىسى، مۇراسىمدىن كېيىن، ئىنتايىن گۈزەل بىر ئايالغا ئىگە بولغانلىقىدىن پەخىرلەنگەن بىر ئەر كىشىگە ئوخشاش، مېنى بىر بۇلۇڭغا تارتتى ۋە ماڭا بىر مەنزىرىنى كۆرسەتتى. چوڭ قانالغا يېقىن بىر بالكونغا چىقتۇق. ئالدىمدا شاھانە بىر مەنزىرە تۇراتتى، ھازىرمۇ ياشاۋاتقان كانالەتتونى كۆرگەندەك بولدۇم.
« ئاۋۇ يەردىن مەنزىرە تېخىمۇ گۈزەل كۆرىنىدۇ» دېدى ۋالى، ياندىكى ھەشەمەتلىك مېھمانخانىنىڭ بالكونىنى ئىشارەت قىلىپ كۈلۈمسىرىگەچ.
مېنىڭچە، ئۇ بالكون بۇ دۇنيادا بەختلىك بولۇشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ھېس قىلىپ سۆيۈشۈشكە ئەڭ مۇناسىپ يەردۇر.

newyork يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 09:38:46

aypalta:
ئىسل تەرجىمىلىرڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
ئادەتتە سىز ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئەسلە تۈركچىسىنى نەدىن تاپىسىز؟سىزنى ئەسەرلىرىىنڭ جەلىپ قىلىشىدىكى سىر نېمە؟
مەن يېقىندا توردىن پامۇكنىڭ بىر قىسم ئەسەرلىرىنىڭ خەنچە تەرجىمىسىنى ئالغانىدىم،ئەمما تېخى ئوقۇغۇدەك بولمۇدۇم.سىزخەنچە نەشىرىنى كۆرۈپ باققانمىدىڭىز؟خەنچە تەرجىمىسىنى تۈركچە
تەرجىمىسىدەك ئازادە كەيپىياتتا ئوقۇغىلى بۇلامۇ؟

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 19:50:35

Newyork;

ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى تۈركىيەدىن ئەكەلدۈرگەن.
ئەسەرلىرىنىڭ مېنى جەلپ قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنى بىر ئىككى ئېغىز گەپ بىلەن دەپ بولغىلى بولمايدۇ. ئۇ نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتىن بۇرۇن ئىسمىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانتىم، كېيىن قىزىقىپ قالدۇق، كىتابلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدۇق، بىر ئىككى كىتابىنى ئوقۇپ بولۇپ تەرجىمە قىلىپ باققۇمىز كەلدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يازغۇچى ھاياتىمىزغا كىرىپ كەلدى. «جىمجىت ئۆي» ناملىق رومانىنى ۋە باشقا بىر نەچچە ئەدەبىي خاتىرىلەر توپلىمىدىكى بىر تۈركۈم ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلدىم. ئەمدى ئاۋۇ سۇئالغا كەلسەك، مېنى جەلپ قىلغان نەرسە، مېنىڭچە مەن مەيلى ئورخان پامۇكنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇي، مەيلى ماقالە ياكى ئەدەبىي خاتىرىلىرىنى ئوقۇي، زېرىكىش ھېس قىلمىدىم، نۇرغۇن يېڭى نەرسىلەرنى ئۇچراتتىم، يېڭى نەرسىلەر مېنى ھەيران قالدۇردى، بىر نەرسىلەرنى ئۆگەتتى، ھەتتا بۇرۇن مەن «مۇنداق بولىدۇ» دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ «ئۇنداق ئەمەسلىكى»نى كۆرسىتىپ بەردى...گەپلەر بەك جىق، بۈگۈن مۇشۇنچىلىك قىلاي.
مەن خەنچىسىنى كۆرۈپ باققان. 2006- يىلى ئورخان پامۇك نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە بىر ئاغىنىمىز ئۇنىڭ "مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» ناملىق رومانىنىڭ خەنچە تەرجىمىسىنى ئاپتىكەن، كېيىن ماڭا بېرىۋەتكەن. مەن نەچچە بەت ئوقۇپ ئاخىرىنى ئوقۇپ بولالماي تۇرۇپلا يەنە بىرسىگە بېرىۋەتكەن. مەن خەنچە كىتاب ئوقۇپ ھۇزۇرلىنالمايمەن، سەۋىيەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئەمەس، خەنچىدىكى مەسىلىمۇ ئەمەس، مەندىكى شەخسىي بىر غەلىتىلىك...ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ خەنچىسىنى تولۇق ئوقۇپ بولغانلارنى كۆردۈم، ھەتتا ئۇنىڭ بەزى رومانلىرىنى خەنچىدىن تەرجىمە قىلغانلارنىمۇ كۆردۈم. قىسقىسى، ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى خەنچە ئوقۇپ ھۇزۇر ئېلىش-ئالالماسلىق شۇ ئوقۇرمەنلەرنىڭ مەيلىگە، پەيلىگە باغلىق بولسا كېرەك.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 12:10:58

    غەرب دۇنياسىدىن باشقا يەرلەردە لەۋ يېقىپ سۆيۈشمەك ( برېژنېۋ بىلەن گرومىكو بۇنىڭ سىرتىدا) يا ئۆي ئىچىدە ياكى بولسا كىنو فىلىملەردە يۈز بېرىدۇ.

ئۈرۈمچىدىمۇ جىق كۆرگىلى بۇلىدۇ ، ئۇنداق سۈيۈشكەنلەرنى ....
بەت: [1]
: ئورخان پامۇك: ۋېنېتسىيەدە سۆيۈشمەك