terhemek يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:38:36

بالىلارغا ۋاكسىنا سالدۇرۇش ھەققىدە ياردەم


  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
  مۇشۇ بالىلارغا ۋاكسىنا سېلىش توغرىسىدا خىلمۇ_خىل پاراڭلارنى ئاڭلاپ قالىدىكەنمىز . ۋاكسىنا توغرىسىدا چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغاچ  ،  بۇ خىل پاراڭلارنىڭ تەسىرىدە بالىغا ۋاكسىنا سالدۇرۇشتا  سەل ئىككىلىنىش پەيدا بوپ قالىدىكەن  .
    ۋاكسىنا ھەققىدە بىلىدىغانلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ بېرىشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن .
   

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 09:11:17

ۋاكسىنا ھازىرقى ئىقتىساد راۋاجلانغان جەمىئەتتە ناھايىتى مۇھىم بولغان دائىم كۆرۈلۈدىغان يوقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇسوللارنىڭ بىرىدۇر.
ئۈسەك سۆزلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ.
ئامراق قوزىڭىزغا دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن ۋاكسىنىلارنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئەملىتىڭ.
سىز ۋاكسىنىلارنى ۋاقتىدا ئەملەتمەي ئامراق قوزىڭىز ھەرخىل يوقۇملۇق كىسەللىكلەر بىلەن ئاغرىپ قالسا بىر ئۈمۈر نادامەتتە قالىسىز.
مەن ئىككى بالامغا دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن ھەممە ۋاكسىنىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئەملىتىپ كىلۋاتىمەن.ھازىرغىچە باشقىچە ئەھۋال كۆرۈلمىدى.ئەكسىنچە ئىنتايىن نورمال،ساغلام چوڭ بولۋاتىدۇ.
چوڭى 6ياش بولدى.ئىنتايىن ساغلام.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 12:13:25

مەنمۇ بۇرۇن شۇنداق ئاڭلىغان ،ئاڭلىغان ئادەم ۋاكسىنا سالدۇرۇش ئەمەس كۆرسىمۇ تىنى شۇركۇنگىدەك بولۇپ كىتىدىكەن.
كىيىن ئەقلىمگە كىلىپ ئىزدىنىپ كۆرسەم ھەرگىز ئۇنداق ئەمەسكەن.
بۇ ساغلام يىتىلمەسلىك بويى كىچىك كىسەلچەن ھەرخىل يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئىلىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىنتايىن پايدىسى بار ئىكەن.
بولۇپمۇ كچىك بالىلار ئۇقالمىغاچقا قالايمىغان نەرسىلەرنى ئويناپ قويىدۇ،مىكروپ بىۋاستە تەسىر قىلىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشىقا پايدىسى بار،يەنە بالىلار توپى مەكتەپ يەسلىلەردە كىسەل ئەڭ كۆپ جۇغلىساق ئىمونىت كۇچىگە ئەڭ موھىم رولى بار.
شۇڭا ۋاكسىنىنى قوبۇل قىلىڭ ھەم ۋاختىدا دوختۇرخانىغا بىرىپ ۋاكسىنا ئەملىتىىڭ.
توردا ۋاكسىنا ئەملىگەن ئادەم بىلەن ئەملىمىگەن ئادەمنىڭ پەرقى توغرۇلۇق رەسىملەر بار ئىكەن ،ھازىر تاپالمىدىم.

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 14:36:04

مېڭە پارالىچنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئوغلۇمغا ئۇرغۇزسام، بىلىكى ئىششىپ كېتىپتۇ، يوغانلا. تۇخۇم يېسە بولمايدىكەنتۇق، ۋاكسىنا ئۇرغان ئادەم دەپ قويماپتۇ، بالا تۇخۇمنى تازا يەپ بىلىكى يوغانلا ئىششىپتۇ. تىپىراپلا كەتتۇق، تۇنجى قېتىم كۆرگەچكە بۇنداق ئەھۋالنى. دوختۇر ئاكىمىز تېلىفوندا ئىسسىق ئۆتكۈزسە ياكى ياڭيۇنى بېسىپ قويسا يانىدۇ دېدى، ياڭيۇنى ئىككى ئۈچ سائەت بىلىكىگە تېڭىپ قويدۇق، ئەتىسى ئاساسەن يېنىپ كېتىپتۇ. ھازىر كىچىككىنە يېرى قاتتىق  تۇرۇپتۇ، ئاستا ئاستا يېنىپ كېتەرمىش. نېمىشقا ئىششىغىنىنى بىلگىلى بولمىدى، ئەپلەپ ئۇرالمىدىمۇ ياكى ۋاكسىنىنىڭ نورمال تەسىرىمۇ.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 14:45:59

ئارىلىقتا بىز ئىككى بالامنىڭ ۋاكسىنا ئەملەتكەندە خاتىرلىگەن دەپتەرنى يۈتتۈرۈپ قويدۇپ قايسى ۋاكسىنىلارنى ئۇرۇپ قايسىلىرىنى تېخى ئۇرغۇزمىغانلىقى ھەققىدە جەزىملەشتۈرەلمىدۇق. بۇنداق ئەھۋالدا تېخى ئۇرۇلمىغان لىكىن ئازغىشىپ كەتكەن ياكى كام قالغان ۋاكسىنىلارنى قانداق تولۇقلايدۇ؟ قان تەكشۈرتۈش دېگەندەك ئۇسۇللار بىلەن قايسى خىل ۋاكسىنىنى ئەملەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولامدۇ؟

terhemek يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 16:21:38

ۋاكسىنا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر ئۆز بالىلىرىغا ۋاكسىنا ئۇرغۇزمايدىكەن دىگەن گەپنىمۇ ئاڭلىدىم . راست شۇنداقمۇ ؟ شۇنداق بولسا نىم دەپ بالىسىغا ئۇرغۇزمايدۇ ؟

musajan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 16:06:33

ۋاكسىنا بىر قىسىم يوقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى مەقسەت قىلىپ ياسالغان ئالدىنى ئىلىش ۋاستىسى.
سىزگە ماس ھالدىكى يوقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئاجىزلاشتۇرۇلغان ۋىروسىنى ياكى مىكروبىنى ئۇكۇل قىلىپ ئۇرىدۇ(دىققەت:ب يەردىكى ۋىروس سىزدە كىسەللىك پەيدا قىلالمايدۇ)ئاجىز ۋىروس بەدەنگە كىرگەندىن كىيىنلا بەدىنىمىزنىڭ ئىممونىتىت سىستىمىسى سىرىتتىن كىرگەن ناتۇنۇش دۈشمەنگە قارىتا ئەسكەر ئىشلەپ چىقىرىدۇ،ھەمدە بۇ ئەسكەر شۇ كىشىنىڭ تىنىدە مەڭگۈ ساقلىندۇ،ئادەم شۇنىڭدىن كىيىن مۇشۇ خىل ۋىروس بىلەن يوقۇملانسا بەدىنىمىزىكى تەييار ئەسكەرلەر ئۇ ۋىروسلارنى يۇقىتالايدۇ،مۇشۇ ۋاستە ئارقىلىق بىز بىر قىتىملىق يۇقۇملۇنىشتىن ساقلىنىپ قالىمىز.
شۇڭا ۋاكسىنىنى ۋاقتىدا ئەملىتىپ تۇرۇشىمىز كېرەك.
           مەن تورداشلارغا كورىيەنىڭ 流感 يەنى يوقۇملۇق زۇكام دىگەن فىلىمىنى كۈرۈپ بىقىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
بۇ كىنونى كۆرسىڭىزلا ۋاكسىنىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىگىنى بىلىپ قالىسىز.
پىتنە پاساتلاردىن يىراق تۇرايلى.
بەت: [1]
: بالىلارغا ۋاكسىنا سالدۇرۇش ھەققىدە ياردەم