batur72 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:23:21

قەيسەر مىجىت : يەكشەنبىلىك يازمىلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   batur72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 18:25  

(A)

‏ھەپتە ئاخىرىدىكى پارچىلار...

‏*******************

‏(1)

‏‏بۇلبۇل بولۇپ سايراپ تۇرمىساڭ،
‏ئايلىنىپتۇ دەيمەن قۇزغۇنغا.
‏ھىس قىلمىسام سەندىن خوشاللىق،
‏ئايلىنىمەن ئۆزۈم قۇيۇنغا.

‏(2)

‏ياپراق ئىدىڭ تېخى ئۆتكەن ئاي،
‏غازاڭ بولۇپ چۈشتۈڭ ئۈزۈلۈپ.
‏يامان قىلدىڭ ئالدىمغا چۈشۈپ،
‏سۈپۈردۈممەن كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ.

‏(3)

‏سۆزلىمىسەم يوقالدى دىمە،
‏سۈكۈتتە بار ئاۋازسىز سۆزلەر.
‏سېزەلمىسەڭ ئۆزۈڭنىڭ شورى،
‏قەلبى ئۆلگەن ئەي قارا كۆزلەر..

‏(4)

‏قىزلار «ساراڭ» دىسە كۈلۈپ تۇرۇپ،
‏بۇ پەقەت ساڭا تاتلىق ئەركىلگىنى.
‏غەزەپتە دىسە ئۇلار ئاشۇ سۆزنى،
‏ئىنىقكى سۆزلىشىڭدىن چەكلىگىنى.
‏سۆيگۈنۈڭ ئاچچىق بىلەن قالسا ئىيتىپ،
‏بۇ ئۇنىڭ چىدىمىغىنى-قانمىغىنى.
‏مۇبادا ئىيتىپ قالسا جىلۋە بىلەن،
‏بۇ ئۇنىڭ سەن «ساراڭ»غا دۈم چۈشكىنى.


(B)


‏تاتلىقسەن كانادا...

‏*************

‏    ئىككى يىلدىن بۇيان مەن ھەر يىلى كاناداغا بىرىپ كىلىۋاتىمەن، چۈنكى مەن ئۇ دۆلەتنى ياخشى كۆردۈم، يەر شەكلى چىرايلىق، ئادەملىرى ئوچۇق ھەم دوستانە، جەمىيىتى نىسبەتەن كەڭ قورساق ھەم تېنچ.
‏ئەلۋەتتە ھەر بارغىنىمدا شۇ يەرلەرگە يەرلەشكەن تۇققان ۋە دوست-يارەنلەر بىلەن ھەم سۆھبەت بولدۇم. ئۇلارنىڭ ئازادە تۇرمۇشىنى كۆرۈپ سۆيۈندۈم. ۋەتەن سىرتىدىن باشقا يەردە ياشاشقا توغرا كەلسە كانادا ئەڭ ئالدى بىلەن تاللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇشقا مۇناسىپ ئىكەن دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم.
‏    تېخى تۈنۈگۈن كۆرگەن ھەقىقى ۋەقەلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قىسقا فىلىم مىنىڭ خۇلاسەمنىڭ ياخشى چىقىرىلغانلىغىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
‏تېخى يىقىندا بىر روھى كىسەل بولغان، مۇسۇلمان بولغىلى ئۇزۇن بولمىغان ياش قولىغا قورال ئىلىپ پارلامنت بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ بىر ياش ئەسكەرنى ئىتىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇپ دۇنياۋى خەۋەر پەيدا قىلدى. دىموگراتىك دۆلەتلەردىمۇ ئاشقۇنلار بار، ئۇلار ئۆزىنىلا، ئۆزىنىڭكىنىلا توغرا دەيدۇ، باشقىلارنى چەتكە قاقىدۇ، كەمسىتىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا «كانادالىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان كۆز قارىشىدا ماھىيەتلىك ئۆزگۈرۈش بولدىمۇ-يوق؟»
‏پەلەستىنلىكلەر پۇشتىدىن بولغان ئۆمەر ئىسىملىك مۇسۇلمان بالا ئاشۇ سۇئالغا جاۋاپ تىپىش ئۈچۈن مۇنداق ئىجتىمائى تەجىربە ئىشلىگەن:
‏ئۇ ئۆزى ئەرەپ مۇسۇلمانلىرىدەك كىيىنىپ كوچا ئاپتوبوزىنى ساقلاپ بىر بىكەتتە تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئاق تەنلىك دوستى ئېرقى كەمسۈتكۈچى قىياپىتىدە پەيدا بولۇپ كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدىلا ئۇنى ئەيىپلەپ چۈشىدۇ:
‏-سەن تېررورچى، بىزگە زىيان يەتكۈزىسەن، ئاپتوبوزغا چىقما.
‏     بىكاردىن بىكار يۇۋاش بىر مۇسۇلماننىڭ بوزەك قىلىنىۋاتقىنىغا ئەتراپتىكى كىشىلەر يەنى ھەممىسى ئاق تەنلىكلەر، قىرى ياش، ئەر ئايال بۇ مۇسۇلمانغا ھامى بولىدۇ ھەمدە بۇ ئاق بالىنى ئەيىپلەيدۇ. بۇ ئارىدا بولغان دئىالوگ ئادەمنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ. بۇ بالا ھىلىقى مۇسۇلمان بالىنى زورلۇق بىلەن «ئىلىپ ماڭماقچى» بولغىنىدا، بىر ئاق تەنلىك ياش بالا ئۇنىڭ كەينىدىن ئىتىلىپ كىلىپ ئۇنىڭ ئاغزى بۇرنىنى قان قىلىۋىتىدۇ...
‏مىنى ھەممىدىن بەك تەسىرلەندۈرگىنى ھەممە كىشىنىڭ بىردەك «ئاۋۇ بىچارە، ئاجىز مۇسۇلمان بالا» تەرىپىدە تۇرۇپ سۆز قىلىشى بولدى.
‏ئادالەت ۋە ھەققانىيەتنىڭ مىللەت، دىن، دۆلەت پەرقى بولمايدۇ. مۇشۇ پەرق كىچىك جەمىيەت ھەقىقى ئىناق ۋە گارمونىك جەمىيەت بولۇپ ئادەمگە شاتلىق تۇيغۇسى بىغىشلايدۇ.
‏    ھەقىقەتەن تاتلىقكەنسەن كانادا، مەن قوينۇڭغا يەنە بارىمەن!.... تاتلىقتىن كىممۇ ۋاز كەچسۈن؟ «دىئابىت كىسىلى بارلارچۇ» دىمەڭلا ھە باللا، خوشۇتنىڭ ئاچچىق لازىسىدەك ئاچچىق تۇيۇلمىسۇن ئۇ گەپ!
(C)


‏ئەسكى شامال، تاتلىق خىيال ...

‏***********

‏سوغۇق كەچكۈز، كۈچلۈك شامال ئويغاتتى مىنى،
‏دەرىزىدىن نەزەر سالدىم ئەتراپلىرىمغا.
‏تۇتۇق ھاۋا، سولغان ياپراق، سۇنغان دەرەخلەر،
‏شەمشەر بولۇپ تەگدى روھى دەرمانلىرىمغا.
‏ئارزۇ قىلغان ئىدىم بۈگۈن قۇياشلىق سەھەر،
‏دۇئا قىلغان ئىدىم ھەتتا ئۇيقۇدىن بۇرۇن.
‏مادارىمغا زەخمە يەتتى بۇ ھالنى كۆرۈپ،
‏قەلبىم مىنىڭ يىتىپ قالدى ۋاي ئورۇن تۇتۇپ.
‏كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالاي، خىياللىرىمدىن-
‏سەن بەرمىگەن ھارارەتنى -راھەتنى ئىزدەپ.
‏شىرىن چۈشنى بۇزۇۋەتسە مەس بولغان شامال،
‏شىرىن خىيال چۆگىلەيدۇ كۆڭلۈمنى بەزلەپ.


(D)


‏خەلىقنىڭ چاكىرى-شەھەر باشلىغى مەنىنو

‏**************************


     بۈگۈن بوستون تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن مەزگىل شەھەر باشلىغى بولغان مەنىنو ئەپەندى 71 يىشىدا راك كىسىلى بىلەن ۋاپات بولدى.
‏مەن بوستونغا تۇنجى قىتىم كەلگىنىمدە مۇشۇ ئادەم شەھەر باشلىغى ئىكەن. بۇ شەھەر ئۇنىڭ رەھبەرلىگىدە نىسبەتەن تېنچ، ئاۋات ھەم گۈللەنگەن شەھەرگە ئايلاندى.
‏   مەن ھەممىدىن بۇ ئادەمدىكى ئاددى-ساددىلىق، كەمتەرلىك، تۈز سۆزلۈك، خەلقچىللىق ۋە ئىنسانچىلىققا بەكلا قايىل بولدۇم.
‏ئۆزى ئىگىز بويلۇق، ئۇسقانلىق كىشى بولۇپ ئىنگلىز تىلىنى قويۇق بوستون تەلەپپۇزىدا سۆزلەيتى
‏   ئۇ ئادەم -ھەقىقەتەن كىشىلەر تەلپۈنىدىغان غايىۋى ئامىرىكىنى يەنى ھەممە ئادەم دىن، ئىرقى، ۋە كىلىپ چىقىشىنىڭ نىمە بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ھەممە ئادەم باراۋەر پۇرسەتكە ئىگە بولۇشى كىرەك دىگەن ئەقىدىنى ئەمىلىلەشتۈرۈشكە كۆپ تىرىشقان ئادەم ئىدى. بوستوننىڭ قاتتىق سوغۇقلىرىدا شەھەر خىزمەتچىلىرىنى كەينىگە سىلىپ كوچىدا ئۇخلاپ ئۆلۈپ قالىدىغانلارنىڭ ئالدىنى ئىلىشقا تىرىشاتتى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋە كۆچمەنلەرنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈشكە بەك كۈچەيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ قىلغىنىنى -پەخرلىنىپ سۆزلىگەن ئىدى. ئۇنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قىلغان بىر ياخشى ئىشى بار.
‏يەنى بازار باھاسىدا 20 مىليون دوللارغا يارايدىغان زىمىننى «مۇسۇلمان پۇقرالىرىمىز كۆپۈيۈۋاتىدۇ، ئازادە ئىبادەت قىلىدىغان ئورنى بولمىسا بولمايدۇ دەپ 600،000 دوللارغا سىتىپ بەرگىنىدۇر!
‏   باشقىلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئاز سانلىقلارغا، ئاجىزلارغا مېھر يەتكۈزۈشتىنمۇ ئارتۇق ئۇلۇغلۇق بولامدۇ دۇنيادا؟
‏   مەن ئاددى-ساددا ياشاپ ئۆتكەن بۇ ئۇلۇغ قەلب ئىگىسىنىڭ ئاخىرەتلىگىنىڭ ياخشى بولۇشىنى تىلەيمەن!

(E)




«جىن» بولۇۋىلىپ ياما ئاش ئىچىش...

‏****************

‏      بۈگۈن ئامىرىكىدا «جىن بايرىمى». ئەمىليەتتە بۇ بايرام ئۆسمۈرلەر ۋە بەزى ياشلار ئۈچۈن.
‏     «جىن» ھەققىدە ھەرقايسى خەلقلەردە ھەر تۈرلۈك قاراشلار بار. بەزىلەر «بار» دىسە، بەزىلەر «يوق» دەيدۇ.
‏     بىز مۇسۇلمانلار جىن-شەيتاننىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشىنىمىز. ھىلىھەم ئۆيدە يالغۇز قالسام «جىن» ۋەسۋەسىسى مىنى تەرلىتىپ قويۇدۇ، بىلىدىغان ئايەتلىرىمنى ئوقۇپ، ئەتراپىمغا «سۈف»لەپ بىشىمغا ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە قۇرئانلارنى تىزىۋىلىپ ئاندىن ياتىمەن. جىنغا كەلگەندە ئىسمى «قەيسەر» بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنچىلىك مانا كۆپچىلىك. ماڭىغۇ كۈلۈڭلار ماۋۇ راست بولغان ۋەقەدىكى موللامغا نىمە دەيسىلەر؟:)
‏ئۇ يىللىرى كوممۇنا تېخى مەۋجۈت. ئەترەتتىن ئىشلىگەن نومۇرغا كەلگەن ئاشلىق بىلەن كىشىلەرنىڭ قوسىغى تويمايدىغان چاغلار ئىكەن.
‏دادامنىڭ ئاتۇش ئۈستۈنئاتۇش ساي كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق نەۋرە ئىنىسى 16-17 ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ ئۆزى شوخ ھەم خوشال يۈرۈيدىغان بالا ئىكەن. بىر كۈنى ئۇ مەسجىدتە بىر مۆمىننىڭ «جىن راست بارمۇ؟» دىگەن سۇئالىغا ئىمامنىڭ «بار، بار بولمامدىغان، جىن كەچلەردە پەيدا بولىدۇ» دەپ جاۋاپ بەرگىنىگە دىققەت قىپتۇ ۋە ئۇنىڭ قوسىغىغا «جىن» كىرىپتۇ.
‏       تۇققىنىمىز -يازنىڭ شۇنداق بىر گۈزەل ئايدىڭ كىچىسى ئىمىناق خەپىتىم دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىمامنىڭ كەچتە قوشنا كەنتكە خەتنە قۇرئان ئوقۇشقا بارىدىغانلىغىدىن خەۋەر تىپىپتۇ-دە، دادىسىنىڭ قىشتا كىيىدىغان يۇڭلۇق جۇۋىسنى تەتۈر كىيىپ باشقىلارغا تۇيدۇرماي «ئەمەت ئۇچار» دىسە يۇرتتىكىلەرنى سۈر باسىدىغان بىر ئادەمنىڭ ئۆيىنىڭ يىنىدىكى  ھىلىقى خەپىتىم ئۆتىدىغان ئادەم ئاز ماڭىدىغان يول بويىدىكى ئىرىقتا مۆكۈنۈپ يىتىپتۇ.
‏تۈن يىرىمى بولاي دىگەندە ئىمىناق خەپىتىم ئىشىكىگە مىنىپ يولدا پەيدا بوپتۇ. تۇققىنىمىز خەپىتىمنى ئۆتكۈزۈۋىتىپلا ئىشەكنىڭ كەينىدىن يورغىلاپتۇ. كەينىدىن «شىپىر شىپىر» قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىغان خەپىتىم كەينىگە قاراپ قورقۇپ كىتىپ بىر نىمىلەرنى دەپ ۋاقىراپ ساپتۇ. ئايەت ئوقۇيدىكەن-دە، «جىن»غا قاراپ «سۈف» لەيدىكەن، ھەر «سۈف» لىگەندە «جىن» كەينىگە داجىيدىكەن، ئاندىن يەنە ئەگىشىدىكەن، خەپىتىم «سۈف» لىگەندىن كىيىن يەنە داجىيدىكەن. شۇنداق قىلىپ  «جىن» خەپىتىمنىڭ ئۆيىگىچە ئەگىشىپ بىرىپتۇ، خەپىتىم ئۆينىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۆيدىكىلەرگە ۋاقىرىغاندىن كىيىنلا، «جىن» غايىپ بوپتۇ.
‏ئەتىسى، جامائەت خەپىتىمنىڭ ئۆيىگە ياما ئاشقا نەزىرىگە چاقىرىلىپتۇ.
‏تۇققىنىمىز جامائەت بىلەن نەزىرىگە كىرسە خەپىتىم ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قالغان، ئېغىزلىرىغا قوقاق چىقىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئاغزىدا تۈنۈگۈن ئۆزى كۆرگەن «جىن» نىڭ ھىكايىسى...يا ئاللا قورقۇپ تاس قالدىم ئىشتانغا چىقىرىۋەتكىلى، ياخشىمۇ ئايەتلىرىم كۈچلۈك كەلدى...دەپ سۆزلەۋاتقۇدەك
‏تۇققىنىم ئىچىدە كۈلۈپ  ئوخشىتىپ ئىتىلگەن يامىسىنى ئىچىپتۇ. كوممۇنا قەھەتچىلىگىدە بۇ ئاش تازا تىتىپتۇ، ئۇنىڭغىلا ئەمەس، جامائەتكە!
‏بۇنى ئاڭلاپ «جىن» بولاپ كىتىشمىسىلە جۇما ھەقاسىلىرى، ھازىر خەقتە قان بىسىمى ئېغىر:)

(F)

     بەك مودا قوغلىشىپ كەتسەڭ، تۇرمۇشتا ھىرىپ ياشايسەن! ۋاقتىڭنى يىتىشتۈرەلمەيسەن، كۆڭلۈڭنى ئازادە تۇتالمايسەن، بەلكى پۇلۇڭنىمۇ يەتكۈزۈپ بولالماي بىشىڭنى بېسىم  بىسىۋالىدۇ. نە ھاجىتى بۇنداق قىيلىنىپ ياشاشنىڭ؟ ھەر بىر كۈنۈڭنى تېنىڭ پاكىز، روھىڭ كۆتۈرەڭگە ۋە خوشاللىق ئىچىدە ئۆتكۈزەلىسەڭ-مانا بۇ دوراشقا تىگىشلىك ھەقىقى مودا.
‏شۇندامۇ -يا ئوغاۋاللا، ئاي-خېنىملا؟

  ئەسكەرتىش : بۇ يازما ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاندى

President يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:27:34

كانادا ھەققىدە گەپلەر ئىچىدىكى ئاۋۇ يوۋتۇبدا كۆپ كۆرۈلگەن «كانادالىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان كۆز قارىشىدا ماھىيەتلىك ئۆزگۈرۈش بولدىمۇ-يوق؟» ھەققىدىكى فىلىمنى مەنمۇ كۆرۈپ ئىنتايىن تەسىرلەنگەن ھەمدە كانادادەك كۆپ قىرلىق مەدەنىيەتلەر توپىغا ھەمدە ئادىل قانۇنىي تۈزۈمىگە ئىنتايىن ھەۋەس قىلغان، بۇلارغۇ مۇشۇنداق جەمئىيەتكە نەچچە يۈز يىل يىل ۋاقتىدا ئاران يېتىشىپتىكەن، بىزمۇ ئاشۇنداق ھەر خىل ئېرىق، مىللەت ۋە دىندىكىلەر بىر-بىرىگە ھۆرمەت قىلىشىپ، بەپباراۋەر ياشىيالايدىغان دەۋرنى كوممۇنىزىغا يەتكەن ۋاقتىمىزدا كۆرىدىغان ئوخشايمىز ئەمدى...

President يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:29:43

ئاۋۇ تەجرىبىنىڭ خەنسوچە خەتلىك نەشىرىنى ۋەتەندىكىلەر تۆۋەندىكى ئادرېستىن كۆرۈڭلار:
http://my.tv.sohu.com/us/211258612/76362227.shtml
چەتئەلدىكىلەر ئەسلى نۇسخىسىنى بۇ يەردىن:
http://www.youtube.com/watch?v=p9rFprD_Qf4

huja يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:59:40

«كانادالىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان كۆز قارىشىدا ماھىيەتلىك ئۆزگۈرۈش بولدىمۇ-يوق؟»بۇ تەجىرىبىنى يۇرتىمىزدا ئىشلەپ سالماڭلا يەنە

aypalta يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 22:06:33

huja يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 20:59 static/image/common/back.gif
«كانادالىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان كۆز قارىشىدا م ...

:lol

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 04:29:23

مۇسۇلمانلارنىڭ خىرىستىيانلارغا بولغان كۆز قارشىدا ماھىيەت ئۆزگۈرۈش بولدىمۇ يوق؟ دىگەن تەجىربىنى كۆرۇپ باققان بولساق.
بەت: [1]
: قەيسەر مىجىت : يەكشەنبىلىك يازمىلار