mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 16:20:05

زامانىۋى خوراپاتلىق ۋە نىجاتلىق (مەۋلانا)

زامانىۋى خوراپاتلىق ۋە نىجاتلىق

بۈگۈنكى دەۋر ئەقلىيتىنى ئويغاقلىقتا، سەگەكلىكتە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بىرى ھەر نەرسىگە ئۇنىڭ ئىلمى ئاساسى، پاكىتى بىلەن چىن پۈتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەمما بۇنىڭ بىر نۇقسانى تەرىپى، بۇخىل مىتوتنى ئىلاھى مىتوتتىن ئىلىشتىن كۆرە، سەھۋەنلىكتىن خالى بولمىغان ماددىيەتكە ئاشىنا ئىنسانى مىتوتتىن ئىلىش بولماقتا. نەقىلچىلەردىكى ئەقىلنى كەمسىتىش خاھىشى ئەقىلنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئەقلىيەتنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ تەكىتلەشمۇ بېرىپ بېرىپ مەنىۋىيەتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشنى، غەيبى مەسىلىلەرگە گۇمانى نەزەردە قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.  ھالبۇكى، ئىنسان ئەقىل ۋە قەلب بىرلەشكەن ھالىتىدە كاماللىققا يۈزلىنىدۇ. ئىككىسىنى بىر-بىرىدىن جودا قىلىشقا ئۇرۇنغانلىق ماھىيەتتە قۇشنىڭ ئىككى قانىتىدىن بىرىگە قەست قىلغانلىققا باراۋەر. بەلكى، بۇ ئىنساننىڭ ئاللاھ تامان پەرۋاز قىلىشىغا بۈيۈك توسقۇنلۇقتۇر.
  ئەقىلنى ھەممىگە قادىر ئورۇنغا قويۇشتەك ئاقىۋەتلەر تەدرىجى كىشىلەرنى مەنىۋى بوھرانغا ئىلىپ بىرىپ ماددىيەتتە ئاشقۇنلۇقلىشىش، چوقۇنۇش ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنالمىدى. يەنە كېلىپ بۇخىل كەيپىيات ئەقلىيەتنىڭ بارغارنچە سەزگۈرچانلىقىنى ئاشۇرۇپ ئۇنىڭ قەلب بىلەن بولغان ئالاقىسىنى زىدىلىدى. ئەقىل شۇ قەدەر سەزگۈرلەشكەن ئىدىكى، گويا ئۇنىڭ نەزىرىدە پاكىزە قەلب بىلەن بۇزۇلغان قەلب ئوتتۇرسىدا پەرق يوق بولۇپ، قەلب ھەقىقەتلىرىنىڭ ھەممىسىگە شۈبھىلىك نەزەردە قاراش ھادىسىسى مەيدانغا كەلدى. بۇ يەردىن قەلب ئىتىراپ قىلغاننى ئەقىل، ئەقىل ئىتىراپ قىلغاننى قەلب ئىتىراپ قىلماسلىقتەك بىرتەن ئېچىدىكى ئىككى جانجىگەر ئارىسىدا ئىناقسىزلىق كېلىپ چىقتى. مانا بۇ ئىنساننىڭ ئىچكى جەھەتتىن يېمىرلىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن موھىم ئامىللاردىن ئىدى. ئىسلامنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان خىتابىنىڭ ھەم ئەقىلگە، ھەم قەلبكە تەڭ بولىشىدىكى سىرمۇ دەل ئىنساننىڭ ئىچكى جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تاشقى بىردەكلىكنىڭ ئىچكى ئىناقلىقتىن كېلىدىغانلىقى ياراتقۇچى تەرپىدىن بېكىتىلگەن قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا تونۇتۇش ۋە ھېس قىلدۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزى  ماددى قىممەت بىلەن مەنىۋى قىممەت ئارىسىدا ، ئاڭ بىلەن ماددا ئارىسىدا، تاشقى ھەرىكەت بىلەن ئىچكى ئامىل ئارىسىدا، ئەقىل بىلەن ۋەھىي ئارىسىدا، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدا مۇۋازىنەت قۇرۇشنىڭ زۆرۈرۈلىكىدىن دېرەك ئىدى.
بىراق، ھاياتلىقنى ماددىيلىقنىڭ ئەسىرىگە ئايلاندۇرىۋالغان ۋەيا ئايلاندۇرۇش قەستى بار بىر تۈركۈم ئاشقۇن ئەقىلىيەت دەۋاچىلىرى ئىنساننىڭ ئەسلى تەبىئىتىگە ئورنالغان تەبىئى قانۇنىيەتكە جەڭ ئېلان قىلماقچى بولۇشتى. ئۇلار تاشقى ئىناقلىقنى بۇزۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولىنىڭ ئىچكى بىردەكلىكنى بۇزۇش ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشتى.
ھالبۇكى، ئىنساننى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان ئەڭ ئالى  ۋە شەرەپ مەركىزىنىڭ ئەقىل بولىشىغا قارىماي ئۇنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئىنساننى ھەممە ئىشتا توغرا يولغا يېتەكلەشكە قادىر ئەمەسلىكى ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى يارىتىپلا تاشلاپ قويمىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى.  بۇ نۇقتىدىن ئۇ ھەمىشە قەلب ھەقىقەتلىرى بىلەن ماسلىشىشچانلىقنى ساقلاپ ئۆتۈشكە مەجبۇر. شۇنىڭدەك، گەرچە ئۇ شەيئىلەرنىڭ ماھىيتى ھەققىدە ئىزدەنگىنىدە مۇستەقىل ھەرىكەت ئىلىپ بارسىمۇ، ئەمما ئەڭ توغرا قارارنى بىرىشتە يەنىلا قەلبنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشى زۆرۈردۇر. مانابۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ «يۈرەكتىكىگە قۇلاق سال» تەلىمىنىڭ ئۆز ئەينىسى. بۇ جەھەتتىن قەلب خۇدانىڭ نەزەر دەرگاھى بولۇش سالاھىيتى بىلەن ھەقىقەتنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە ئىلاھى باغلىنىش يولى ئارقىلىق كەلگەن مەرىپەتنى ئەقىل بىلەن ئورتاقلىشىش ئاساسىدا ئۇنىڭ قىستاڭچىلىق ئېچىدە قالغان يولىنى ئاچىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئىنسانغا بىر پۈتۈن نەزەردە قارىغان ۋاقىتتا، گەرچە ئىنسان ئەقىل ئارقىلىق ئۆزىنى ئىدارە قىلسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىنى توغرا شەكىلدە ئىدارە قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى ئۈچۈن قەلبنىڭ چىن ھەقىقەتلىرىگە، بەلكى قەلب ئەزەلدىن باغلىنىپ كەلگەن ۋە تايىنىپ كەلگەن ئىدارە قىلغۇچىسىغا، يەنى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە مۇھتاج. بۇ مەنىدىن ئىيتقاندا، ئىنسان تەن ساقلىقى ئۈچۈن ماددى غىزاغا مۇھتاج بولغىنىدەك، روھىيتىنى پاكلاش، قەلبىنى ساپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنى ساغلام تۇتۇشى ئۈچۈن مەنىۋى غىزاغا ئېھتىياجى بار. ئۇ، ئۇشبۇ مەنىۋى غىزاغا بولغان ئېھتىياجىنى پەقەت ئەقلى تەپەككۇر قىلىش ۋە بىلىش ئارقىلىق قامداپلا قالماي، ئەسلىدە ئۇنىڭغا ئاشۇ ھازىرلىقلارنى قولىغا تۇتقۇزغان بۈيۈك قۇدرەتلىك زاتنىڭ ھوزۇرىدىن كەلگەن مەرىپەت ئارقىلىق تولۇقلىغىنىدا ئاندىن مۇكەممەللىك تاپىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، ئىنسانى كامالەت پەقەت ئىككى نەرسە ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدۇ: بىرى ئەقىلنى ئۆز ئورنىدا ئىشلىتىش. يەنە بىرى ئىلاھى مەرىپەتنى ھەمىشە ئەقىلنىڭ يېتەكچىسىگە ئايلاندۇرۇش.
يۇقارقىدەك ئەھۋالدا مۇكەممەللىك تاپالايدۇ دىيشىمىز، چۈنكى، ئەقىل ۋە قەلبنىڭ بىرلىشىشى ئىنساندا ئۈچىنچى بىر نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشىغا نائىل بولغۇچى ئەمەلدىن ئىبارەت. ئەقىل ۋە قەلب ئارىسىدىكى ئىناقلىق يۇقارىقى شەكىلدە زىچ ئۇيۇشچانلىق ھاسىل قىلغان ۋاقتىدا تەبىلا بۇ ئىنساننىڭ ئىش-ھەرىكىتى ۋە ئەمەلىيتىگە تەسىر قىلىدۇ. ئەمەل بىلەن نىيەت، ھەرىكەت بىلەن ئىرادە ئۆز-ئارا بىردەكلىكنى ساقلايدۇ. بەجا كەلتۈرۈلگەن ھەربىر ئىش-ھەرىكەت ۋە ئەمەل ياراتقۇچىنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن ۋە بەندىدىن كۈتۈلگىنىدەك ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مانا بۇلار ئىنساننى ياراتقۇچىنىڭ شەپقەت نەزىرىگە، چەكسىز رەھمىتىگە مۇشەررەپ قىلىدىغان يۈكسەك ماقامدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: ئاللاھ سىلەرنىڭ تاشقى ھالىتىڭلىگە قارىمايدۇ، بەلكى، سىلەرنىڭ قەلبىڭلار بىلەن ئەمىلىڭلارغا قارايدۇ، دېگەن سۆزىنىڭ ھەقىقىتىمۇ مۇشۇ دۇر.
ھەقىقەت شۇكى، دەل تاشقى ھەرىكەت بىلەن ئىچ ئارىسىدا بىردەكلىكنى ساقلىغان رەۋىشتە ۋۇجۇدقا كەلگەن سالىھ ئەمەل ئىنساننى نىجاتلىققا ئىرىشتۈرىدۇ. مانا بۇ، ئەسىر سۈرىسىدىكى «ئىمان ئىيتىپ سالىھ ئەمەل قىلغانلارلا نىجاتلىققا ئىرىشىدۇ» دىن ئىبارەت ئىلاھى يارلىقنىڭ روشەن ئىسپاتى. بۇ يەردە ئىمان: ئەقىل ۋە قەلبنىڭ ئۆز-ئارا بىردەكلىكنى ساقلىشى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن شەكسىز ئىتىقاد ۋە ئىشەنچنى تەمسىل ئەتسە، ئەمەل ئۇ ئىككىسىنىڭ ھاسىلاتلىرىنى تەمسىل ئىتىدۇ. شۇنىڭدەك، ئايەتنىڭ داۋامىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆز ئارا سەۋىرگە ۋە ھەقىقەتكە تەۋسىيە قىلىش ئىشى بولسا، ئىمان ۋە ئەمەلنىڭ بىردەكلەشكەنلىك ئىپادىسىنىڭ كىشىلىك ۋە ئىجتىمائى ھاياتتىكى ئۆرنەكلىرىدىن بىرى ئىكەنلىككىگە ھەم شەك يوقتۇر، ئەلۋەتتە!

- مەۋلانا خاتېرىلىرىدىن.

....................................................
ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:32:04

قوسقۇم ئاچتى لەخمەن كۆزۇمگە كۆرنۇپ كەتتى ، تەم تىلىمدا ، چىقىپ يەپ كېرەي ھە :)

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:36:28

ئەقىل بىلەن مەخلۇقاتنى جۇملىدىن، زامان ماكان ئىچىدە بولغان ، باشلىنىش ئاخىرلىشىشى بولغان، شەكىلگە ئىگە بولغان مەۋجۇداتنى چۇشەنگىنى بولغان بىلەن، زامان ماكاننىڭ چەككىمىسىگە ئۇچىرمايدىغان، بەلكى ئۇلارنى ياراتقان ، باشلىنىش ئاخىرلىشىشى بولمىغان، شەكىلگە ئىگە بولمىغان خالىقنىڭ  يەنە ئاللاھنىڭ زاتى ھەققىدە بىلىشكە ئەقىل ئاجىزلىق قىلىدۇ.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:37:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 18:38  

بۈگۈنكى دەۋر ئەقلىيتىنى ئويغاقلىقتا، سەگەكلىكتە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان نەرسىلەرنىڭ بىرى ھەر نەرسىگە ئۇنىڭ ئىلمى ئاساسى، پاكىتى بىلەن چىن پۈتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت. ئەمما بۇنىڭ بىر نۇقسانى تەرىپى، بۇخىل مىتوتنى ئىلاھى مىتوتتىن ئىلىشتىن كۆرە، سەھۋەنلىكتىن خالى بولمىغان ماددىيەتكە ئاشىنا ئىنسانى مىتوتتىن ئىلىش بولماقتا.

بىرىنچى ئابزاستىكى مۇنۇ قۇرلار ھەقىقەتەن بەك ئېسىل دېيىلىپتۇ، ئوقۇپلا شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كەتتىم. مەۋلانا ئۇستازغا كۆپ تەشەككۈر.
ھازىر بىزدىكى نۇقسان ياكى ئەقلىي قانائەتتتىن ئۆزىنى ئەپقېچىش ياكى پۈتۈنلەي ئەقلىيەتچى بولۇپ بىر قۇتۇپلىشىپ كېتىش، ئالدىنقىلار ئىلمىي دەلىللەشتىن قورقىدۇ، كېيىنكىلەر ئىلىم-پەن بىلەن ماددېزىملىق تەپەككۈرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئازغىشىپ كېتىدۇ. بىر مۇنەۋۋەر ئىسلامىي كوللىكتىپنىڭ ئوتتۇرا ھاللىق ئاساسىدا بۇ جەھەتلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈشىگە شۇنچىلىك ئىنتىزار بولدۇق...

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:08:28

دۇنيادا نوپۇزلۇق بولغان غەرىپتىكى ئىلىم–پەن تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى بولسا تەجىربە ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغان ھەقىقەتلەرنى ئىتىراپ قىلماسلىق. ئۇلارنىڭ تەجىربىچىلىك مىتودى گەرچە ماددى دۇنياغا ، كەڭ مەنىدىن ئىيىتقاندا مەخلۇقاتلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئۇنۇملۇك بولسىمۇ، خالىقنى يەنى ئاللاھنىڭ بارلىقىنى تەجىربە ئارقىلىق ئىسپاتلاشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ.


تەجىربىچىلىك پەقەت سەزگۇ ئەزالار بىلەن بىلەيدىغان، كۆرگىنى بولىدىغان ، تۇتقىنى بولدىغان، ئاڭلىغىنى بولدىغان، تەسەۋۋۇر قىلغىنى بولدىغان شەيئىلەرگە ئۇنۇملۇكتۇر،

sahl777 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:22:57

ھەق مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ،ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى ئۇنىڭ قىممىتىگە تەسىركۆرسىتەلمەيدۇ.
باتىل ھامان باتىلدۇر،كۆرىنىشى ھەققە ئوخشىسا ھەم،خېرىدارى كۆپ بولسا ھەم،قاسقاندىن يېڭى چىققان بولسا ھەم.
............
شۇڭا توغرا پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىشىمىز،خاتا بولسا قاسقىنىنى دۈمبىسىگە ئارتىشىپ بېرىشىمىز كېرەك.
...........
توغرا بىلەن خاتانى قانداق پەرىقلەندۈرۈش مۇمكىن؟
جاۋاب:بىزگە بېرىلگەن ،بىرئۇچى ھەققە تۇتاشقان،ھەق بىلەن باتىلنى ئاجرىتىشىمىزغا ۋاستە بولىدىغان،مەڭگۈيېپيېڭى تۇرىدىغان،
ئېگىلسىمۇ سۇنماس ،قىممەتلىك ھەم تاقاش قولاي بولغان كۆزئەينىكىمىزنى تاقايمىز.پىكىر بىلەن نەزەر تاشلايمىز...
.............
مانا كارامەت!!! يىتەلمەي قوغلاپ يۈرگىنىمنىڭ كۆپى بەئەينى چۆلدىكى ئالۋۇندەك قۇرۇق نەرسىلەر ئىكەن

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:30:44

تەجىربە ئارقىلىق ئىسپاتلىغىنى بولمىسىلا ئىنكار قىلىش ئاقىلانىلىكمۇ؟ بۇ بىر ھاماقەتلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىلگىنىمىزدەك تەجىربە مەلۇم بىر ئۆلچەم سىستىمىسى ئارقىلىق ئىلىپ بىرىلىدۇ. ئاللاھ تەرپىدىن يارتىلغان شەيئىلەر مەلۇم ئۆلچەم ئىچىدە بولىدۇ، نەچچە كىلو كىلىدۇ، نەچچە مىتىر كىلىدۇ، قانچىلىك ۋاقىت ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇلارنى ئىزدىنىش ئارقىلىق بىلگىنى بولىدۇ. لىكىن ئاللاھنى كىلولىغىنى، مىتىرلىغىنى، زامان ئىچىدە تەسەۋۋۇر قىلىپ پەيدا بولۇش ۋە يوقىلىش ۋاقتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىنى بولمايدۇ. دىمەك ئاللاھ ئۆلچەم سىستىمىسىنىڭ سىرىتىدىدۇر، دىمەك ئاللاھنى ئۆلچەمگە سىلىپ تەجىربە ئارقىلىق ئىسپاتلايمەن دىيىش، ئەڭ چوڭ نادانلىقتۇر، ئۆلچەم سىرىتىدىكى ئاللاھنى قانداقمۇ ئۆلچەمگە سالغىنى بولسۇن.

iqbal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 21:14:57

ئۇستازغا رەھمەت،داۋامى باردەكلا ھېس قىلدىم

iqbal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 21:18:39

ئەسسالامۇئەلەيكۇم  «يۈرەكتىگە قۇلاق سال» دېگەن ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىسنى بىر تولۇقى بىلەن سۆزلىۋەتكەن بولسىڭىز ئۇستاز،ئوقۇپ باقمىغاندەكلا تۇيۇلدى بۇ ھەدىس

alip824 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 00:38:51

غەرىپنىڭ خېلى تەتقىقاچىسىى خاتالىقىنى بوينىغا ئالىدۇغۇ ؟

TEWBE يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 01:24:57

ھالبۇكى، ئىنساننى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلغان ئەڭ ئالى  ۋە شەرەپ مەركىزىنىڭ ئەقىل بولىشىغا قارىماي ئۇنىڭ مۇستەقىل ھالدا ئىنساننى ھەممە ئىشتا توغرا يولغا يېتەكلەشكە قادىر ئەمەسلىكى ياراتقۇچىنىڭ ئۇنى يارىتىپلا تاشلاپ قويمىغانلىقىنىڭ بەلگىسى ئىدى.  بۇ نۇقتىدىن ئۇ ھەمىشە قەلب ھەقىقەتلىرى بىلەن ماسلىشىشچانلىقنى ساقلاپ ئۆتۈشكە مەجبۇر.

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 04:05:21

مەۋلانا ئەپەندىنىڭ پىكرى ماقالىسىنىڭ ھەر بىر ئابزاسلىرى ئايرىم، ئايرىم ھالدا قىممەتلىك جەۋھەرلەر ئىكەن. مەن تۆۋەندىكى ئۈزۈندىنى ئالاھىدە ئايرىۋالدىم.

«......ئىسلامنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان خىتابىنىڭ ھەم ئەقىلگە، ھەم قەلبكە تەڭ بولىشىدىكى سىرمۇ دەل ئىنساننىڭ ئىچكى جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش، تاشقى بىردەكلىكنىڭ ئىچكى ئىناقلىقتىن كېلىدىغانلىقى ياراتقۇچى تەرپىدىن بېكىتىلگەن قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى ئىنسانلارغا تونۇتۇش ۋە ھېس قىلدۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئۆزى  ماددى قىممەت بىلەن مەنىۋى قىممەت ئارىسىدا ، ئاڭ بىلەن ماددا ئارىسىدا، تاشقى ھەرىكەت بىلەن ئىچكى ئامىل ئارىسىدا، ئەقىل بىلەن ۋەھىي ئارىسىدا، دۇنيا بىلەن ئاخىرەت ئارىسىدا مۇۋازىنەت قۇرۇشنىڭ زۆرۈرۈلىكىدىن دېرەك ئىدى.»

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 06:14:31

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SATAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 06:36  

نەقىلچىلەردىكى ئەقىلنى كەمسىتىش خاھىشى ئەقىلنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، ئەقلىيەتنى چېكىدىن ئاشۇرۇپ تەكىتلەشمۇ بېرىپ بېرىپ مەنىۋىيەتنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىشنى، غەيبى مەسىلىلەرگە گۇمانى نەزەردە قاراشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مەۋلانە ئۇستازغا تەشەككۇر  ..  
ئىنساندىكى مەسىلىنىڭ تۇگۇنى دەل مۇشۇ نۆختىدىدۇر .

گەرچە تىمىڭىزنىڭ بىشىدا ئەقىلچىلىك بىلەن مەنىۋىيەتنى تەڭ ئۆرۇندا قۇيۇپ مۇلاھىزە قىلغان بولسىڭىزمۇ لىكىن تىمىڭىزنىڭ كىيىنكى بەزەن بىر بۇلەكلىرىدە ئەقىلچىلىكنى كەمسىتىش كۇچلۇنۇپتۇ  .
ۋەھى ئەقىلگە ھۆكۇمىرانلىق قىلىنىش ئۇچۇن كىلىنگەن ئەمەس  ئۇ ئەقىلگە ياردەمچى قىلىنىپ كىلىنگەن ..
ئەقىلنىڭ قۇماندانلىقىسىز ۋەھىنىڭ ھېچ بىر قىممىتى بولمايدۇ  ..
بىزدە ‹‹ چاپىغىنى ئالىمەن دەپ كۇزىنى كۆر قىپتۇ ›› دەيدىغان ھىكمەتلىك سۆز بار ..
قەلىبنىڭ ساداسى ئەقىلگە مۇراجەت قىلماي تۇرۇپ ھېچ ئىشنى تۆغرا ياكى مۇۋاپىق شەكىلدە ۋۇجۇتقا چىقىرالمايدۇ .

گەرچە ئۇ شەيئىلەرنىڭ ماھىيتى ھەققىدە ئىزدەنگىنىدە مۇستەقىل ھەرىكەت ئىلىپ بارسىمۇ، ئەمما ئەڭ توغرا قارارنى بىرىشتە يەنىلا قەلبنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشى زۆرۈردۇر. مانابۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ «يۈرەكتىكىگە قۇلاق سال» تەلىمىنىڭ ئۆز ئەينىسى.
بىزدە  ‹‹  تاڭغىلى بولماس تاشنى تاياققا ›› دەيدىغان سۆز بار  . يىنە بىزدە  ‹‹ دىل ئازار - خۇدا بىزار ››  دەيدىغانمۇ سۆز بار  ..
دەرۋەقە ئەقىل ھەرقانچە قۇماندان بۇلۇپ كەتكەن تەغدىردىمۇ  ئۇ يىنە قەلىب ساداسىغا قۇلاق سېلىشقا مەجبۇر  .. لىكىن بۇ دىگەنلىك قەلىبنىڭ ساداسىغا قارغۇلارچە قۇلاق سال  ئەقىل كۇزۇڭنى چىڭ يۇمىۋېلىپ قەلبىڭگىلام ئەگىشىپ كىتۋەر دىگەنلىك بولمايدۇ  .. قەلىبنىڭ ساداسى ھەرقانچە كۇچلۇك ۋە جاراڭلىق بۇلۇپ كەتكەن تەغدىردىمۇ  ئۇ يىنە ئەقىلنىڭ مۇۋاپىق ئۆرۇنلاشتۇرىشىغا مۇھتاج ..

ئەقىل ۋە قەلبنىڭ بىرلىشىشى ئىنساندا ئۈچىنچى بىر نەرسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشىغا نائىل بولغۇچى ئەمەلدىن ئىبارەت.
ئىسىل خۇلاسىكەن بۇ  ..




گەرچەر قەلىبنىڭ ساداسى شۇنچە كۇچلۇك جاراڭلاپ تۇرسىمۇ لىكىن مۇسۇلمانلاردا  ئەقىلگە مۇراجەت قىلماسلىق   ئەقىلنىڭ كۇچىنى كەمسىتىش  ئۇنىڭ رۆلىنى تۇلۇق ئىجىرا قىلماسلىق  ، ئەقىلنىڭ  قۇماندانلىق كۇچىدىن تۆغرا ، مۇۋاپىق شەكىلدە  ۋە يىتەرلىك  دەرىجىدە پايدىىلانىماسلىقتەك سەۋەبلەر تۇپەيلى  قەلىبكە  قارغۇلارچە ئەگىشىپ مىڭىش  خاھىشى ئېغىر . .. بۇنىڭغا كۇنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنۇمسىز ئىش ھەركەتلىرى كۇچلۇك دەلىل ..





mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 08:38:33

SATAN يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 06:14 static/image/common/back.gif
مەۋلانە ئۇستازغا تەشەككۇر  ..  
ئىنساندىكى مەسىلىنىڭ تۇ ...

سىزگە ھەم تەشەككۇر ساتان ئەپەندى.
ئەقىل ۋە قەلب ئارىسىدا ھۆكۈمرانلىق مەسىلىسىدە كۆزدە تۇتقىنىڭىز ئورۇنلۇق. كەمىنىنىڭ قەلب ھەقىقەتلىرىدىن غايە قىلغان نەرسە ۋەھىي مەرىپىتى ئىدى. شۇ نۇقتىدىن كۈزەتكەن ئەھۋالدا مەن ئىيتقاندەك خۇلاسە قىلىنغان. ئەمما ئەقىلنىڭ رولى سىز كۆزلىگەن بويىچە چۈشىنىلگىنىدە ئاشۇنداق مۇئەييەنلەشتۈرۈلسىمۇ كېرەك يوق.

گەرچەر قەلىبنىڭ ساداسى شۇنچە كۇچلۇك جاراڭلاپ تۇرسىمۇ لىكىن مۇسۇلمانلاردا  ئەقىلگە مۇراجەت قىلماسلىق   ئەقىلنىڭ كۇچىنى كەمسىتىش  ئۇنىڭ رۆلىنى تۇلۇق ئىجىرا قىلماسلىق  ، ئەقىلنىڭ  قۇماندانلىق كۇچىدىن تۆغرا ، مۇۋاپىق شەكىلدە  ۋە يىتەرلىك  دەرىجىدە پايدىىلانىماسلىقتەك سەۋەبلەر تۇپەيلى  قەلىبكە  قارغۇلارچە ئەگىشىپ مىڭىش  خاھىشى ئېغىر . .. بۇنىڭغا كۇنىمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنۇمسىز ئىش ھەركەتلىرى كۇچلۇك دەلىل ..

بۇخىل خاھىشنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ ئىيتقىلى بولمىسىمۇ، خىلى سالماقنى ئىگەللىسە كېرەك.
توغرىنى توغرا دەپ مۇئەييەنلەشتۈرۈشمۇ بىر پەزىلەت. يۇقىرىقى خۇلاسىڭىزنىڭ جىنى بار.

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 09:59:06

iqbal يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 21:18 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇئەلەيكۇم  «يۈرەكتىگە قۇلاق سال» دېگەن ئىمام  ...

ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن: «ياخشىلىق: كۆڭۈل ئۇنىڭدىن تەسكىنلىك ئالغان، قەلب خاتىرجەم بولغان ئىشتۇر، گۇناھ: كۆڭۈلنى دىلىغۇل قىلغان، ئىككىلىنىش پەيدا قىلغان ئىشتۇر. كىشىلەر ساڭا يول كۆرسەتسىمۇ، سەن يەنىلا يۈرۈكۈڭدىكىگە قۇلاق سال» [ھەدىس نۇمۇرى: 17545]
ئەگەر  ئۇدۇل تەرجىمە قىلساق، مەنىسى :باشقىلار ساڭا پەتىۋا بەرگەن تەقدىردىمۇ، سەن قەلبىڭدىن پەتىۋا ئال» دەپ ئېلىنىدۇ.
ھەدىس بىر مەنىدىن بىراۋدىن پەتىۋا ئالغاندا دەلىل جەھەتتە كۆڭۈل قايسىسىغا  قانائەت ھاسىل قىلسا، شۇنى تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولسا، يەنە بىر مەنىدىن ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى ئايرىشتا ئىلاھى مەرىپەت بىلەن سۇغۇرۇلغان قەلبنىڭ توغرا قارار چىقىرىش سالاھىيتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت بار.
ئىمام مەناۋىي ئۇشبۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تەرىپىدىن راست بىلەن يالغاننى، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئارىسىنى ئايرىيدىغان نۇر ئاتا قىلىنىپ خاتىرجەملىكىگە ئىرىشكەن قەلبىڭدىن سورا- دېگەنلىكتۇر.»

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 05:19:18

ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان ھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن: «ياخشىلىق: كۆڭۈل ئۇنىڭدىن تەسكىنلىك ئالغان، قەلب خاتىرجەم بولغان ئىشتۇر، گۇناھ: كۆڭۈلنى دىلىغۇل قىلغان، ئىككىلىنىش پەيدا قىلغان ئىشتۇر. كىشىلەر ساڭا يول كۆرسەتسىمۇ، سەن يەنىلا يۈرۈكۈڭدىكىگە قۇلاق سال» [ھەدىس نۇمۇرى: 17545]
ئەگەر  ئۇدۇل تەرجىمە قىلساق، مەنىسى :باشقىلار ساڭا پەتىۋا بەرگەن تەقدىردىمۇ، سەن قەلبىڭدىن پەتىۋا ئال» دەپ ئېلىنىدۇ.
ھەدىس بىر مەنىدىن بىراۋدىن پەتىۋا ئالغاندا دەلىل جەھەتتە كۆڭۈل قايسىسىغا  قانائەت ھاسىل قىلسا، شۇنى تۇتۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولسا، يەنە بىر مەنىدىن ھەقىقەت بىلەن سەپسەتىنى ئايرىشتا ئىلاھى مەرىپەت بىلەن سۇغۇرۇلغان قەلبنىڭ توغرا قارار چىقىرىش سالاھىيتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت بار.
ئىمام مەناۋىي ئۇشبۇ ھەدىسنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «ھەدىسنىڭ مەنىسى: ئاللاھ تەرىپىدىن راست بىلەن يالغاننى، ھەقىقەت بىلەن سەپسەتە ئارىسىنى ئايرىيدىغان نۇر ئاتا قىلىنىپ خاتىرجەملىكىگە ئىرىشكەن قەلبىڭدىن سورا- دېگەنلىكتۇر.»
ئىسىل  گەپلەركەن ..
مەۋلانە ئۇستازغا تەشەككۇر ..

MOHADDIS يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 12:23:45

تەرجىمە ئېسىل بوپتۇ مەۋلانا ئۇستاز. مەزكۇر ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد قاتارلىق مۇھەددىسلەر رىۋايەت قىلغان بولۇپ، ئۇ ھەسەن دەرىجىدىكى ھەدىستۇر.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 12:31:23

ئەسكەرتىش زۆرۈركى:
مەۋلانە ئۇستازنىڭ دېگەنلىرى ئىمان بىلەن سۇغۇرۇلغان مۇسۇلمان قەلبگە قارىتىلغىنى. ئەمما شەيتانى پىكىر ۋە ھەۋەستە ئەللەيلەنگەن ،شەرىئەت تەكلىپلىرىگە ئۇنىمىغان كىشىلەر سەكرەپ ئۆتۈپلا يۇقارقىلار ئارقىلىق ئۆزىنى ئالداش ۋە تەسەللىي بېرىش ئاقمايدۇ.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 12:57:58

بۇنداق دىيىشىمدە مەن تونۇيدىغان بىر كىشىنىڭ خىرىستىئانغا (بەلكىم شۇ چاغدىلا ئايلىنىپ بولغان بولىشىمۇ مۈمكىن) ئايلىنىش جەريانىغا گۇۋاھمەن .ئۇمۇ دەسلىۋىدە سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىپ ،دىلىم تەستىقلىمىدى ،دىلىم تەستىقلىغانغا ئىشىنىمەن دەپ ئۆزىنى ئالداپ يۈرگەن ئىدى.

asmanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 16:17:30

MOHADDIS يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 12:23 static/image/common/back.gif
تەرجىمە ئېسىل بوپتۇ مەۋلانا ئۇستاز. مەزكۇر ھەدىسنى ئىم ...

‹‹يۈرۈكۈڭدىكىگە قۇلاق سال»
=================
ئىمام بۇخارى،  ئىبنى ھىببان قاتارلىق مۇھەددىسلەر  رىۋايەت قىلغان مۇزىكا توغرىسىدىكى سەھىھ ھەدىسلەرنى ئىنكار قىلىش بىلەن تۇنۇلغان ئاتالمىش مۇھەددىس جانابلىرى بۇنداق بەك زەئىپ ھەدىسنى ھەسەن، دەپ ئېتىراپ قىلىشى ئاجايىپ ئىشتە؟
بۇ  ھەدىسقا كەلسەك، بۇ ھەدىس سەنەدىدە ئىككى زەئىپلىق بار:
1.  ئىمام ئەھمەد ئۆزىنىڭ كىتابىدا بۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ: زۇبەير ئەييۇبتىن رىۋايەت قىلغان، دەپ بۇلۇپ:‹‹زۇبەير  بۇ ھەدىسنى ئەييۇبتىن ئاڭلىمىغان››، دىگەننى قوشۇپ قويغان. يەنى زۇبەير ئەييۇب بىلەن تونۇشماي تۇرۇپلا بۇ ھەدىسنى ئەييۇبتىن ئاڭلىغان، دىگەن.
2. زۇبەيرنى مۇھەددىس شەئەيب ھاپىز ئىبنى ھەجەرنىڭ مەجھۇل، دىگەنلىكىنى بايان قىلغان؛  مۇھەددىس دارىقۇتنى زۇبەيرنى: مەجھۇل، دىگەن، يەنە بىر قېتىم مۇنكەر ھەدىس رىۋايەت قىلىدىغان راۋى، دىگەن.
شۇڭا، مۇسنەد ئەھمەدنى تەھقىقلىگەن مۇھەددىس شۇئەيب ئەنۇئۇت‹‹يۈرۈكۈڭدىكىگە قۇلاق سال»، دىگەن ھەدىسنى بەك زەئىپ، دەپ باھالىغان.
بەت: [1] 2 3
: زامانىۋى خوراپاتلىق ۋە نىجاتلىق (مەۋلانا)