86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 16:06:47

شەيتان بىلەن ئادەم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-23 20:35

شەيتان بىلەن ئادەم

ئىنسانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، ئىنسانلارنىڭ پادىشاھى، ئىنسانلارنىڭ ئىلاھى (ﷲ)غا سېغىنىپ، قوغلاندىشەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىنىڭ شەررىدىن پاناھ تىلەيمەن

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن ياكى غەيرى مۇسۇلمان بولسۇن ھەممىسى «شەيتان» دىگەن ئىسىمنى تۇلا ئاڭلىغان. ھەمگۇنا ئىش دەپ قارالغان ئىشلارنى قىلغان ئەھۋالغا نىسبەتەن، «شەيتان ئازدۇرغان، شەيتان تىيىلدۈرگەن» دىگەن گەپلەرنىمۇ ئاڭلاپ تۇرىمىز. بۇنىڭغا قارىتا، بەزىلەر: «قىلىدىغاننىڭ ھەممىنى ئۆزى قىلىپمەسئۇلىيەتنى شەيتانغا دۆڭگەپ قۇيسا قانداق ئادىل بولىدۇ؟» دەپ ئازدۇرۇلۇشنىڭ شەيتان تەرىپىدىن بولمايدۇ دەپ گۇمان قىلىدىغان ئەھۋاللارنىمۇ چېلىقتۇرۇپ تۇرىمىز.ئادەمنى پەقەت شەيتانلا ئازدۇرامدۇ؟ شەيتان مەۋجۇت بولمىغان بولسىمۇ ئادەم گۇنا قىلامدۇ؟ شەيتان زادى قانداق نەرسە؟ دىگەن مەسىلىدە تەھلىل قىلىپ باقايلى.
ئىلاۋە:
مەن بۇ مەزمۇندا نۇقتىنەزەرنى بايان قىلغاندا، قۇرئان كەرىمنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ، دەلىل سۈپىتىدەئايەتنىڭ ئۆزىنى نەقىل قىلماي، پەقەت ئايەتنىڭ قايسى سۈرە قايسى ئايەت دىگەننى ئىپادىلاپ، قۇرئان كەرىمدىكى سۈرىلەرنىڭ تەرتىپىنى ئىپادىلىگەن سۈرە نومۇرى ۋە شۇ سۈرە ئىچىدىكى قانچىنى ئايەت دىگەننى بىلدۈرىدىغاننومۇرىنى ئوتتۇرا تىرناق ئىچىگە يېزىپ قويىمەن. مەنبەسىنى قۇرئان كەرىمدىن كۆرىۋالساڭلار بولىدۇ.

1. شەيتان كىم؟
شەيتان بولسا،قۇرئان كەرىم ئايەتلرىى ئارقىلىق بىزگەبىلدۈرۈلگەن، روھانىي، يەنى ماددىي بولمىغان مەخلۇق بولۇپ، بىزنىڭ سېزىمىمىزغا چۈشمەيدىغان غايىب نەرسىلەر تۈرىدىكى مەخلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن،شەيتاننىڭ قانداق مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىشتە ،پەقەت قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدە بايان قىلغان بويىچە بىلىشكە تۇغرا كېلىدۇ.
ئاللاھ ئادەم ئاتىمىزنى تۇپراقتىن يارىتىپئۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بارلىق پەرىشتىلەرگە: ئادەمگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ سەجدە قىلىشىنى ئېيتقاندا، پەرىشتىلەر بۇيرۇققا ئىتائەت قىلىپ سەجدە قىلغان بولۇپ،پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلىشتىن باش تارتقان. نىمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ دىگەندە، ئىبلىسنىڭ بەرگەن جاۋابى: «مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ، مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، ئۇ مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق ئەمەس»دەپ ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈپ ئاللاھنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتقان. .
ئىبلىس تەكببەۇرلۇق قىلىپ، بويۇنتاۋلىق قىلىپ كاپىر بولغان ئىدى. كاپىر بولغانلىقى ئۈچۈن جەننەتتىن چىقىرىلىدۇ.
ئۆزىنى ئۈستۈن كۆرۈشنىڭ نەتىجىسىدە ، كاپىر بولۇپ جازالىنىپ،پەرىشتىلەردىن ئۈستۈن بولغان ئادەمنىڭ يارالغىنىغا ھەسەت قىلدى. ھەسەت قىلىشنىڭ تۈرتكىسىدە دۈشمەنلىك قىلىشقا باشلىدى.

2. ئادەم كىم؟
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە،ئىنسانلارنى پەقەت ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈنلا ياراتقنالىقىنى ئېيتقان..
بۇ گەپتىن قارىغاندا،ئادەمنىڭ ھەر كۈنىدىكى 24 سائەت ئىچىدىكى ھەممە ئىشى ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە بوي سۇنغان ھالدا ، بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىپ، چەكلىمىلىرىدىن چەكلىنىپ، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتقاندائەسلىدىكى ئورنى بولغان جەننەتكە كىرىشكە لايىق ياشىشى ئىبادەت قىلىپ ياشىغانلىقى ھىساپلىنىدۇ.
ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقاندا، پەقەت بىرلا چەكلىمە ، يەنى بىر خىل دەرەخنىڭ مىۋىسىنى يىيىشى چەكلەنگەنلىكىنى ئېيقان بولۇپ، ئىبلىس ئەنە شۇ چەكلىمىگە خىلاپلىق قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقان. ئادەمگە ھەسەت قىلغىنىدىن، ھەۋۋا ئانىنى ئالداپ يىگۈزگەن ۋە ئادەم ئاتىغىمۇ يىگۈزگەن. ئىبلىس ئادەمگە بىرەر ئىشنى مەجبۇرى قىلدۇرمىغان. چۈنكى مەجۇرى قىلدۈرسا گۇناھنىڭ ھەممىسى مەجۇرلىغۇچىغا ئارتىلىدۇ. شۇڭا، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قىلىشى ئۈچۈن ئۇنى قىلتاققا دەسسىتىپ تىيىلدۈرۈش ۋاستىسىنى قوللانغان. .شۇنداق قىلىپ ئادەم ئاتىمىز ئىبلىسنىڭ دامىغا چۈشۈپ ئاللاھنىڭ چەكلىمىسى بويىچەقاتتىق چەكلەنمەي، ئىبلىسنىڭ گېپىگە ئىتائەت قىلىپ گۇناھ قىلىدۇ.ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچى، ئاللاھ ئىبلىسنى جەننەتتىن چىقىرىپ دوزاققا چۈشۈرۈش جازاسنى بېكىتىدۇ. ئادەم گۇنا قىلغانلىقىغا تەۋبە قىلىدۇ. تەۋبىسى قۇبۇل قىلىنىدۇ. ئىبلىسقىيامەت كۈنىگىچە مۆھلەت بېرىشىنى ئاللاھقا ئىلتىجا قىلدى.. ئاللاھ ئىبلىسنىئادەم ئاتىمىز ۋە ھەۋۋا ئانىمىزغا بىر-بىرىگە دۈشمەن ھالىتىدە يەر يۈزىگە چۈشۈرۈپ، ۋاقىتلىق ياشىشىنى ئېيتقان. . ئىبلىس دوزاققا كىرىدىغانلىقى ئېنىق بولغاچقا، ئادەمگە ھەسەت قىلىپ ئادەم بالىلىرىنى ئازدۇرۇپ ئۇلارنىمۇ دوزاققا چۈشۈشى ئۈچۈن ھەركەت قىلىپ ياشايدۇ. يەر يۈزىگە ئادەم بىلەن بىرگە چۈشۈشتىن ئىلگىرىلا، ئادەم بالىلىرىنى ئازدۈرۇشقا قەسەم قىلغان .

3. شەيتان ئادەمنىڭ بىردىن-بىر دۈشمىنى
ئادەم ئاتىمىزنى ياراتقان ۋاقتىدا ئادەمنىڭ نىمىلەرنى قىلىش، نىمىلەرنى قىلماسلىقى تۇغرىسدا كۆرسەتمە بەرگەن بولۇپ، ئادەم يەر يۈزىگە چۈشكەندىن كېيىن، ھەر بىر دەۋىرئۈممەتلىرىگە پەيغەمبەر ئەۋەتىپ،شۇ ئۈممەتلەرگە بۇيرۇق ۋە چەكلىمىلەرنى بىلدۈرگەن. ھەر بىر پەيغەمبەر ئۈممەتلىرى ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئاللاھنى تونۇپ، كۆرسەتمىسىگە ئىتائەت قىلىپ ياشىشى مۇشۇ ئۈممەتلەرنىڭ ئىبادەت قىلىپ ياشىغانلىقى ھىساپلىنىدۇ.شەيتان ھەر بىر ئۈممەتلەرنى ئاللاھنىڭ شۇ ئۈممەتلەرگە كۆرسەتكەن بەلگىلىمىسىگە رايە قىلماسلىقى ئۈچۈن تىيىلدۈرۈپ ھىلە ئىشلىتىش بىلەنلا ھەپىلىشىدۇ.ئاللاھ پەيغەمبەر ئەۋەتكەن چاغدا ئۈممەتلىرىگە شەيتاننىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. . شەيتان ھەر ۋاقىت ئادەم بالىلىرىنى ئازدۇرۇشقىلا تۇرىدۇ.
شەيتاننىڭ بىلىدىغىنى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قىلتاققا دەسىتىش ھىلە-مىكىرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن «شەيتان» دىگەن ھالقىلىق سۆز بىلەن ئىزدىسڭىز،162ئورۇندا شەيتانىڭ يامانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان ئايەتلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز. بۇ ئايەتلەردە، شەيتانغا ئەگەشمەسلىكنى ئېيتىدۇ. شەيتان ئادەم بالىلىرىنى ئازدۇرۇپ كاپىر لىققا يىتەكلەيدۇ.
شەيتان پىقىرلىقتىن قورقۇتۇپ، بىخىللىقا يىتەكلەيدۇ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ ئازغانلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئازدۇرۇشقا كۈچەيدۇ؛ كاپىر بولۇپ كەتكەنلەر شەيتاننى دوست تۇتقانلار بولۇپ، ئۇلار شەيتاننىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىدىغانلار؛شەيتان ئادەم بالىلىرىنى خام خىيال قىلدۇرۇشقا قەسەم قىلغان؛ ھاراق، قىمارغا قىزىقتۇرىدۇ؛
شەيتان ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ قىلىمىشلىىرنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ؛
شەيتان بۇ دۇنيادا شەيتاننى دوست تۇتقانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ، ھەم ئىسراپچىلىق قىلدۈرىدۇ ؛ ؛ شەيتان ئۆزى بىۋاستە ئادەمنى گۇناھ ئىشقا مەجبۇرى قىلالمايدۇ، ئەمما ئۆزىگە ئەگەشكەن كىشىلەرنى دوستىغا ئايلاندۇرۇپ،شۇلار ئارقىلىق باشقا كشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ماددىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ، بارلىق ھىلە-مىكىرلەرنى ئىشقا سالىدۇ.

ئاللاھ ئادەم ئاتىمىزغا مەلۇم بىر دەرەخنىڭ مىۋىسىنى يىيشتىنلا چەكلىگەن .قۇرئان كەرىم ئاخىرقى ئۈممەتكە چۈشۈرۈپ بەرگەن ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسى بولۇپ،ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرى ۋە چەكلىمىلىرى بېرىلگەن. ئاخىرقى زاماندىكى بۇ ئىنسانلارغا ئىسلام دىنىلا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قۇبۇل قىلىنىغىان يول قىلىپ بەلگىلىگەن. شەيتان ئەنە شۇ بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلماسلىقىمىز ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدۇ؛ چەكلمىلەرگە سەل قارىشىمىز ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدۇ. ئاللاھنى ئىنكار قىلىشىمىز ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەيدۇ؛ چۈنكى شۇنداق قىلغاندا دوزاققا شەيتان بىلەن بىللە چۈشىدىغان گەپ.
ھاياتىمىزنىڭ ھەر بىر مىنۇتلىرى قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئۇيغۇن بولغىنى ئىبادەت قىلغىنمىز ھىساپلىنىدۇ. ئۇنىڭغا زىت بولغىنى شەيتانغا ئەگەشكەنلىك ھىساپلىنىدۇ.يەنى، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشتىن باشقىسى شەيتانغا ئىتائەت قىلغانلىق ھىساپلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقىسى يوق.شەيتان ئادەملەرگە يۇشۇرۇن بولغىنى بىلەن ئاشكارە دۈشمەندۇر.
شەيتان ھاۋا ئانىمىزنى ۋە ئادەم ئاتىمىزنى ئازدۇرغان چېغىدا ئادەمنىڭ نەفسىدىن پايدىلانغان. ھازىرمۇ شۇنداق قىلىدۇ. چۈنكىتۇلا ھاللاردا بەلگىلىمە ئالدىدا نەفسىدىن پايدىلانسا ئېزىتۇرۇش كۈچى چوڭ بولىدۇ. ئادەم ئاتىنى ئەنە شۇ نەفسىدىن پايدىلىنىپ تىيىلدۈرگەن. كىشىلەرنەفسىگە بېرىلىپ، ئاللاھنىڭ ھالال-ھارام ئۆلچىمىگە رايە قىلمىغانلىقنىڭ ئۆزى شەيتاننىڭ قىلتىقىغا دەسسىگەنلىكى، ھەتتاشەيتاننىڭ ياردەمچىسىگە ئايلىنىپ قالغىنىنىمۇ سەزمىگەنلىك بولىدۇ.

شەيتان مەۋجۇت بولمىسا ئادەم ئازمىغان بۇلىدۇ. ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىسىگە تولۇق رايە قىلغان بولىدۇ.ئازغۇنلۇقنى پەقەت شەيتان ئىدىيە خىزمەت ئىشلەپكەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئازغان ئادەملەر بۇنى سەزمەيدۇ. شەيتان ئادەمنىڭ نىيىتىنى كونتۇرۇل قىلىشقا قادىر ئەمەس، شۇڭا، ئادەم گۇناھ ئىشنى تاللىغانلىقىنىڭ جازاسىنى كۆرىدۇ.
شەيتان ئادەم بالىلىرىنى ئىماندا كاپىر قىلىۋېتەلمىگەن ھالىتىدە، ئەمەلدە كاپىر قىلىشقا ئۇرۇنىدۇ. شەيتان ئۆزى ئىمانىدا كاپىر ئەمەسلىكىنى ئېيتىدۇ. چۈنكى ئۇ ئاللاھنى ناھايىتى ياخشى تونۇيدۇ.ھەر ۋقىت شۇنداق(ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈلمىگەن بولۇپ دوزاققا چۈشۈشى ئېنىق بېكىتىلىپ بولغان). ئۇ ئاللاھنىڭ ھەر بىر ئۈممەتكە چۈشۈرگەن شەرىئىتىنىمۇ بىلىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئۈممەتنىڭ شۇ يولغا زىت ماڭدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويىدىغان مۇھىم بىر مەسىلە شۇكى، ئىمانىم بار بولسىلا بولدى دەپ ئەمەل قىلماسلىقمۇ شەيتاننىڭ يولىغا ئوخشاشمۇ قانداق؟ ئايەتلەرگە قاراڭلار، شەيتان ئاللاھنى ئىنكار قىلىپ ئەمەس، بەلكى بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلماي كاپىر بولغان.
شۇڭا، نامازنى ئۆتىمىسەممۇ، كۆڭلۈمدە بىلسەملا بولمىدىمۇ؟ دەپ ئاللاھنىڭ مۇشۇنداق بۇيرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشتىن باش تارتىشنى شەيتان ئۈگەتكەن بولمامدۇ؟ .
شەيتاننىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇتىدۇ؛ھاكاۋۇر؛ھەسەتخور.
بۇلار شەيتاننىڭ خۇسۇىيەتلىرى، شۇڭا، كېبىرلىك، ھەسەتخورلۇق كىشىنى دوزاق يولىغا باشلاپ قويىدۇ.
بىلىملىك بولۇپ كەتسىلا كۇپايە بولۇپ كەتمەيدىغانلىقىنى بىلىش لازىم. ئەنە، شەيتان شۇنچە بىلىملىك،لېكىن ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلماي كاپىر بولغان. شۇڭا، مۇھىمى شۇكى، بىلىملىك بولۇش بىلەن بىرگە ئاللاھقا ئىتائەت قىلىش مۇھىم.
ئاخىرىدا يەنە ئبادەت ئۇقۇمىنى دىسەم: ئىبادەت دىيىلسە پەقەت بەش پەرىزلا بولماستىن، ئىنسان ھاايتىغا ئالاقىدار، بارلىق ئىشلار ئىسلام دىنىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە بولغىنى ئىبادەت بولىدۇ. تاماقنى ھالالنى تاللاپ يىيشمۇ ئىباەت؛ ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە شەيتاننىڭ ئادەمگە دۈشمەنلىكى تۇغرىسىدا ئېيتقان بايانلىرىنىئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈشۈم، ئوقۇرمەنلەرگە بىلىدۈرۈپ قۇيۇش ئۈچۈن كۇنۇپكا تاختىسىنى بېىسپ ئولتۇرغىنىممۇ ئىبادەت. ئوقۇرمەننىڭ سەمىمىي تەپەككۈر قىلىپ ئاللاھ كۆرسەتكەن تۇغرا يولنى بىلىشكە تىرىشقانلىقىمۇ ئىبادەت؛ئاللاھنى تونۇپ ، ھەر كۈنلەردە شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىسى ئىچىدە ئەمەل قىلىپ ياشىغانلىقنىڭ ئۆزى ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىنىمىز، ئۇنىڭغا زىت ئىش قىلغان ھالىتىمىزدە شەيتانغا ئىبادەت قىلغىنىمىز.
شەيتان ئادەم بالىلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئازدۇرۇپ كېتىشكە كۆزى يەتمىسىمۇ شۇنىڭغا كۈچەيدۇ.
ئاللاھ بىزنى شەيتاننىڭ تىيىلدۈرىشىدىن ساقلىسۇن!


umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 16:42:47

ئىنسانلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا تەسەللى بىرىش ئۈچۈن ئىنتايىن قىززىقارلىق ۋە گۈزەل پىرسۇناژلارنى ئويدۇرۇپ چىقالايدۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن ئىنساندىكى ئىجادىيەت كۈچى پۈتكۈل رەزىللىكلەرنى يوشۇرۇپ تاشلاشقا يىتىدۇ دىيەلەيمىز.
قۇبۇل قىلىش تەسلەشكەندە جاھىللىق جۇشقۇنلىشىپ،ھەقىقەت ئۇخلاپ قالىدۇ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 17:27:16

.....................................................

0996 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 17:40:53

umun99 يوللىغان ۋاقتى2014-11-23 16:42:47 static/image/common/back.gif
ئىنسانلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا تەسەللى بىرىش ئۈچۈن ئ
سىزنىڭ نەزىرىڭىزدىكى گۇناھ نىمىلەرنى كۆرسىتىدۇ؟

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 17:46:15

umun99 يوللىغان ۋاقتى2014-11-23 16:42:47 static/image/common/back.gif
ئىنسانلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا تەسەللى بىرىش ئۈچۈن ئ
ئىنسانلار ھەسەتخورۇق بىلەن زەھەرخەندىلىك قىلغاندا، ھاكاۋۇرلۇق بىلەن سەپسەتىنى بازارغا سالغاندا بەشتە ياخشى ئۇمۇن بولالايدۇ.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:03:03

تىما بىسمىللا بىلەن باشلانغان بولسىمۇ ، ئەئۇزۇ بىلەن باشلانمىغان بولغاچقا دەسلەپتىلا شەيتانى ئىنكاس چۇشتىمۇ نىمە؟

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:05:03

umun99 يوللىغان ۋاقتى2014-11-23 16:42:47 static/image/common/back.gif
ئىنسانلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا تەسەللى بىرىش ئۈچۈن ئ
سىزنىڭچە ئۇخلاپ قالغان ھەقىقەت نىمىدۇ؟ دەپ بىقىڭە قىنى؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:09:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-23 18:11

qin_dos يوللىغان ۋاقتى2014-11-23 18:03 static/image/common/back.gif
تىما بىسمىللا بىلەن باشلانغان بولسىمۇ ، ئەئۇزۇ بىلەن ب ...

شەيتانغا قارشى گەپ چىقسا، شەيتاننىڭ   ئولتۇرالماي قېلىشى ئېنىق.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:15:30

86 يوللىغان ۋاقتى2014-11-23 18:09:35 static/image/common/back.gif


شەيتانغا قارشى گەپ چىقسا، شەيتاننىڭ   ئولتۇرالماي قېل
تىمىنى تەھرىرلەپ ئەئۇزۇنى بىشىغا يىزىپ قويىڭا، شەيتاننىڭ گىپىنى قىلغاندا، شەيتاندىن پاناھ تىلەپ باشلىمىساق، شەيتان ئارلىشىۋالىدىكەن.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:21:13

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   terjiman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-23 18:23

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ، يازغان تېمىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم، سىزگە لايىق ئەجىر تىلەيمەن.
سوراپ باقسام، «شەيتان سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر» دېگەن ئايەتتىكى «ئاشكارا» دېگەن سۆزنى قانداق چۈشىنىدىغاندىمىز؟
بۇندىن باشقا، ئىسلام پەيلاسوپلىرى تارىختا ئىنسان ۋۇجۇدىنى پەرىشتىلىك ۋە شەيتانلىق (ياكى گۇناھى ئىللەت ۋە سەۋابى ئىللەت)تىن ئىبارەت ئىككى سۈپەتنىڭ بىرىكمىسى دېگىنىدەك، ئىنسان ئۆز ۋۇجۇدىدىكى شەيتانلىق سەۋەبىدىن ياكى شەيتانلىقنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن گۇناھ ئىشلارنى قىلغان بولسا، بۇنىڭ ئاللاھنىڭ مۇستەقىل مەخلۇقى ھېسابلانغان شەيتان (عليه لعنە) بىلەن قانداق ئالاقىسى بار؟ يەنى ئىنسان شەيتاننىڭ ئازدۇرۇشىسىزمۇ گۇناھ قىلامدۇ؟ ياكى شەيتان بىز تۇغۇلغاندىن باشلاپلا ئىزچىل بىزنى ئازدۇرۇپ، بىزنىڭ گۇناھى ئىللەتلىرىمىزنى قوزغىتىپ تۇرامدۇ؟

Heqqaniyet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:30:34

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Heqqaniyet تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-23 20:28

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى شەيتان دىنى؟

مەن بۇ ماقالىنى شەيتان دىنى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئايدىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن يازدىم. يازمامنىڭ تەرتىپى ئاۋۋال مودا شەيتان دىنىنى تونۇشتۇرۇش ئاندىن بۇ دىندىكى سىموۋۇللار بىلەن تونۇشۇپ چىقىش ئاندىن ئۇيغۇر تارىخىدىكى شامان دىنى، مانى دىنى ۋە بۇنددا دىنىنىڭ شەيتان دىنى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى ئوقۇرمەنلەرگە ھېس قىلدۇرۇش. ئۇنىڭدىن كېيىنشەيتان دىنى مەقسىتى، ئۇنىڭ دەججال بىلەن باغلىنىشى ۋە ئىسلامدىكى دەججال تەتقىقاتى( "دەججال ۋە زامان ئاخىرى ھەققىدىكى سىموۋۇللار"،ۋە "ئىسلامدىكى زامان ئاخىرى تەتقىقاتىنىڭ غەربنىڭ زامانىۋى مەدىنىيىتىگە بەرگەن چۈشەنچىسى ۋە پەيغەمبىرىمىز ئالدىن خەۋەر بەرگەن مەلھەمە" دىگەن يازمىلارغا قارالسۇن)، ئاخرىدا ھازىرقى زاماندا ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان پوزىتسىيىسى.

لاۋىيان شەيتانىزىم بولسا ئاتىزىم شەيتانىزىم ياكى مودا شەيتانىزىم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. شەيتانىزىمنىڭ دىن پەلسەپىسىنى 1966-يىلى ئانتون لاۋىي قۇرىغان ھەمدە 1969-يىلى "شەيتان ئىنجىلى"نى يېزىپ چىققان. ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئېتقاد ۋە پەلسەپەلەر بولسا ئىندىۋىدۇئالىزىم(شەخىسىلىك)، ھېپۇكراتىزىم(قەدىمكى گىرىك پەيلاسوپىنىڭ پەلسەپىسى)، سېكيۇلارىزىم(دىنسىزلىق پەلسەپىسى)،ئېگوئېزىم(ئۆزىنى زىيادە مۇھىم ھېس قىلىش پەلسەپىسى)،ئاپوسېسىس(نەرسىلەرنىڭ ئاشۇرۇپ كۆرسىتىپ مۇقەددەس قىلىۋىتىش)، ناتۇرالىزىم(ھەممە نەرسە تەبىئەتنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە نەتىجىسىدىن كېلىپ چىقىدۇ دەپ روھىيەتلىك چۈشەندۈرۈشنى ئىنكار قىلىدۇ)، سوتسىئال دارۋىنىزىم ۋە لېكىس تالىيونس(قانغا قان جانغا جان بىلەن جاۋاب قىلىش) ئاساسىدا شەكىللەنگەن.

ئۇنىڭدىن سىرت شەيتانىزىم سېھرىگەرلىكنى مەشىق قىلىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىككى روشەن سېھىرگەرلىك شەكلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ يەنى چوڭ ۋە كىچىك سېىھىرگەرلىك دىيىلىدۇ. چوڭ سېھرىگەرلىك شەكلى بولسا بىرخىل دىننى شەكىلدىكى مەشىق بولۇپ شەكلى ئۆزگىرەلەيدىغان پىسخىكىلىق ھەركەتنى(پىسخىكىلىق داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇسۇل) ئۆزىنىڭ مەلۇم مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن باشقا بىرسىنىڭ ھېسسىي ئېنىرگىيەسىگە يىغىش. كىچىك سېھرىگەرلىك شەكلى بولسا دېققىتىنى تارتىش قانۇنىيىتىگە ئاساسلىنىدىغان بولۇپ شۇنداقلا بىر كىشى ئۆزىنىڭ تەبئىي قابىلىيىتىگە تايىنىپ باشقىلارنى كونتىرول قىلىش. لاۋىي سېھرىگەرلىك ۋە دىننى مۇراسىم توغرىسىدا ئۆزىنىڭ "شەيتان دىنىنىڭ مۇراسىملىرى" ۋە " شەيتان دىنىنىڭ پېرخونلىقى" دىگەن كىتابىدا تەپسىلى چۈشەندۈرگەن.

نۇرغۇن داڭلىق ئېتقادلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى لاۋىيان شەيتانىزىمى دىۋىگە ئېتقاد قىلىشنى ياكى ھەرقانداق ئىلاھقا ئىتقاد قىلىشى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. ئۇ بولسا بىر ئاتىزىم پەلسەپىسى بولۇپ شەيتاننى ئىپتىخارلىقنىڭ،جىنسىيەتنىڭ،ئەركىنلىكنىڭ،ئويغىنىشنىڭ،ساپ پاراسەتنىڭ سىموۋىلى شەكلىدە ئىشلىتىدۇ. شەيتان بولسا ئەنئەنىۋى ئاساسى پەلسەپە ۋە دىننى ئېقىمغا قارشىچىقىشنىڭ سىموۋىلى بولۇپ (ئاساسلىقى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىغا قارشى بولغان ) ،بىز شەيتان دىنىدىن بۇنى ھېس قىلالايمىز.

1966-يىلى ئانتون لاۋى شەيتان چېركاۋىنى قۇرىغان بولۇپ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدەيەنى "قارا ئۆي" دە لىكسىيە سۆزلىگەن شۇنداقلا ھەرقېتىملىقدەرىسكە قاتناشقۇچىلارغا 2 دوللار پۇل بەرگەن. ئۇ سېھرىگەرلەر ئۇيۇشمىشىنى شەكىللەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن شەيتان چېركاۋىنى قۇرۇغان.

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى جەلىپ قىلىش ئۇچۈن ئۇ يالىڭاچ ئاياللارنى دىننى مۇراسىمدا ئىشلەتكەن.شەيتانلىق شەكىلدىكى توي ۋە ئۆلۈم مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ چېچىنى بىراقلام چۈشۈرۋېتىپ بوينىغا ئاق رەڭلىك بويۇن چەمبىرىكى تاقاپ ھەتتا بەزى ۋاقىتلاردا مۈڭگۈزلەرنى تاقاپ ھەقىقى شەيتاننىڭ قىياپىتىدە نامايەن بولۇپ نۇرغۇن ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ دېققىتىنى جەلىپ قىلغان.
1969-يىلى لاۋى شەيتان ئىنجىلىنى نەشىر قىلدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپ 1972-يىلى شەيتان دىنى مۇراسىمى دىگەن كىتابنىمۇ نەشىر قىلدى. كېيىن بۇ تەرەققى قىلىپ مايكىل باشچىلىق قىلدى.

شەيتان ئىنجىلىدا ئانتون لاۋى شەيتاننى تەبىئەتنىڭ قارا كۈچىنى ھەركەتلەندۈرىدۇ ۋە تەڭشەيدۇ دەپ چۈشەندۈرۈلگەن.ئۇ يەنە قارايالقۇن دەپ تەسۋىرلەنگەن. يەنى بىراۋنىڭ ئىچكى مىجەز خارەكتىرى ۋە ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. شەيتان بولسا تەبىئەت ھەتتا خۇدا بىلەن فۇنكىسىيەسى ئوخشاش ئەمما كېلىش مەنبەسى ئوخشىمايدىغان قىلىپ چۈشەندۈرۈلگەن.

شەيتان چېركاۋىنىڭ ھازىرقى باشلىقى پىتىر مۇنداق دەيدۇ: " شەيتان دىنى ئېتقادچىلىرى تەبىئەتتىن ھالقىغان نەرسىگە ئىشەنمەيدۇ. خۇداغىمۇ ياكى شەيتانغىمۇ ئىشەنمەيدۇ. شەيتان دىنى ئېتقادچىلىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۆزى بولسا ئۆزىنىڭ خۇداسى. شەيتان بولسا شۇ ئادەمنىڭ ھاياتىنىڭ شەيتاندەك ياشىشىغا سىموۋۇل بولىدۇ."

شەيتان بولسا دۇنيادا قارشىلىقنىڭ، قائىدىگە بويسۇنماسلىقنىڭ، بۇزغۇنچىلىقنىڭ ۋە كىشىلەرنى كونتىرول قىلىشنىڭ ئۇسۇلى شەكلىدە پەيدا بولىدۇ. لاۋى ھەتتا ئىلاھلارنى ئىنسانلار ياراتقان دەپ قارايدۇ. ئۇ ئۆزىنى " مەن بولسام ئۆزۈمنىڭ خۇداسى" دەپ قارايدۇ.
شەيتان دىنى پەلسەپىسى ئاساسى ئىندۇۋىدىئالىزىمنىڭمەركەزلىق نۇقتىسى بولسا ھەربىر كىشى چوقۇم ئۆزىنىڭ ھاياتتىكى مەقسىتىگە مەجبۇرلىنىش ۋە ئۆزىنى نۇرغۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئالاھىدە ئورۇنغا كۆتۈرۈش. لاۋىنىڭ ئېيتىشىچە شەيتان دىنى ئېتقادچىلىرى تۇغۇلىدۇ بەلكى ياسالمايدۇ. ئۇلاردا بىر كېسەللىك بولۇپ مۇستەقىللىق دەپ ئاتىلىدۇ يەنى بۇ ھاراققا خۇمار بولۇپ قېلىشقا ئوخشاش. بۇنىڭدا تۆۋەندىكىدەك ئېلىمىنتلار بار بولۇپ: ھەرخىل بولۇشقا ياكى بىر بىرىگە ئوخشاپ قالماسلىققا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ.ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ جىنسىيىتىنى بايقىشى ئۈمۈد قىلىنىدۇ. ئۆزىنىڭ مىجەزخارەكتىرىنى ئۆزى لاھىيەلەيدۇ. ھاياتتىكى ئارزۇسىنى ئۆزى قارار قىلىدۇ يەنى قۇرئان ۋە ئىنجىللار بويىچە بەلگىلىمەيدۇ. (ئەگەر مۇشۇ گەپلەرنى ئوقۇپ سىزدە مۇشۇ ئىشلار پەيدا بولغان بولسا سىز ئۆزىڭىزنى شەيتان دىنى بىلەن يۇقۇملىنىپتىمەن دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ.)

شەيتانىزىم بىراۋنىڭ ئۆزىنى خۇدا دەپ تۇنىشىغا پۇرسەت بېرىدۇ.
شەيتانىزىم بولسا ئىبراھىمنىڭ قارىشىدىكى جىنسىيەت قارىشىنى كۆپ تەنقىدلەيدۇ. يەنى ئۇلارنى تار مەنىدە ئىپادىلىگەن، جىنسىيەتنى چەكلىگەن دەپ قارايدۇ. .

شەيتانلىق سىموۋۇللار؛ (كۆپىنچە سۆز گىرىك تىلىدا بولغاچقا چۈشەندۈرۈشتە سەل مۇجمەل بولۇپ قالسا كەچۈرۈم سورايمەن.)



كۆز ئەينەكلىك يىلان: ئۇمۇرتقا ئاساسىدىكى كۇندالىنى كۈچى(بىئوئېلىكتىرىيەسى ئاددى قىلىپ چۈشەنسەڭلا مېڭىنى ھەركەتلەندۈرىدىغان زەرەت)


بىر ئۇچى تۆۋەنگە قارىغان بەشۋار: ئېنىرگىيە بىزنىڭ يۇقۇرى قىسمىمىزدىن كىرىدۇ. بەشۋارنىڭ ئۈچىنىڭ تۆۋەنگە قارىشى ئېنىرگىيە يۇقۇردىن تۆۋەنگە تۆۋەنلەيدۇ ھەم بىزگە ھاياتلىق بېرىدۇ ئاندىن بىزنىڭ روھىمىزنىڭ كۈچلەندۈرىدۇ.

تۆمۈر كىرىس: ئادەم روھىنىڭ شەكىللىنىشى


لۇسىفىر(يورۇقلۇق پەيدا قىلغۇچى):نازۇك بەدىنىمىز(فىزىكىلىق بەدەن ئەمەس)نىڭ قېنى.


بۇ شەكىللەر بولسا مىسىرنىڭ "ئانكخ" تىن كەلگەن. يەنى ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى دىگەن مەنىدە.پىلانىت مېركۇرى ۋە يۈرەكنىڭ روھى بولسا دوزاخنىڭ شاخزادىسى دىگەن مەنىنىمۇ بىلدۇرىدۇ.

قىزىل، ئاق، قارا رەڭلەر قەدىمقى مىسىردا قوللىنىلغان بولۇپلا قالماي ئەسلى مەنبەسى يىراق شەرىق. مىسىر بولسا " قارا ۋە قىزىل زېمىن" دەپ ئاتالغان ھەمدە دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچنىڭ مەركىزى دەپ قارالغان. بۇ كۈچ ئىنسان روھىنى خۇدانىڭ بېشىغا ئايلاندۇرغان. بىز مۇشۇ خىل ئۆزگىرىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ تېخى تاماملانمىغان ۋەزىپىسىنى ئورۇندايمىز. بۇ ئۈچ رەڭ بولسا ئادەم روھىنىڭ ئۈچ نۇقتىسىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.

"قاراڭغۇلۇق ياكى زۇلمەت"
شەيتان دىنىدىكى قاراڭغۇلۇق روھنىڭ ئاياللىق تەرىپىنى كۆرسىتىدۇ. شەيتاننىڭ كۆزەئەينەكلىك يىلىنى بولسا روھنىڭ ئاياللىق تەرىپى. روھنىڭ ئەرلىك تەرىپى بولسا لوگىكىلىق تەرىپى بولىدۇ يەنى سول مېڭە. ئاياللىق تەرىپى ئوڭ مېگە. روھنىڭ مۇسبەت ۋە مەنپى قۇتۇبى بولىدۇ. ئاياللىق ۋە ئەرلىك تەرەپ چوقۇم تەڭ ئىشلىشى كېرەك. ئاياللىق تەرەپ بولسا روھنىڭ ئېنىرگىيە ئۆيى ھېسابلىنىدۇ. ئاياللىق تەرەپ ئەر تەرەپتىن پەيدا بولغان لوگىكىلىق تەپەككۇرنى كونتىرول قىلىدۇ. ئاياللىق تەرەپ يەنە روھنى، چۈشنى، مۇزىكىنى، ھېسياتنى ۋە تەبىئى قابىلىيەتنى پەيدا قىلىدۇ ياكى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. مۇشۇنداق بولغاچقا خېرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنى ئاياللارغا چەكلىمە قويىدۇ. نەچچە ئەسىردىن بۇيان مۇشۇنداق قىلغاچقا ئاياللارنىڭ روھى ۋە كۈچ قۇدرىتى كۆمىلىپ قالغان شۇنىڭ بىلەن دۇنيا تەرەققى قىلالمىغان. شەيتانىزىم بولسا يەككە تەننىڭ كۈچىيىشىگە ۋە كۈچ قۇدرەتنىڭ تەڭشىلىشىگە ياردەم قىلىدىغان بولۇپ ئاياللىق تەرەپتىكى روھنى كۈچەيتىپ روھى ھاياتلىقنى تەڭشەيدۇ ۋە ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.(بۇ يەردە دىمەكچى بولغىنى دىن روھىيەتكە بۇزغىنچىلىق قىلغان)


دىۋىنىڭ ئارىسى: بۇ خېرىستىئان دۇنياسىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولغان بولۇپ يىراق شەرىقتىن كەلگەن. كۆز ئەينەكلىك يىلاننىڭ ئېنىرگىيىسى ئاساسىدىن ئۈچ نۇقتىنى تىشىش مەنىسىدە ئىپادىلەنگەن.(بۇ نۇقتىلار يوگا بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن. فالۇنگوڭمۇ مۇشۇنداقراق بىر نەرسە)


روھنىڭ قانىتى روھى ئەركىنلىككە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۆچكە بولسا ھياتلىقنى كۆپەيتىدىغان كۈچ تۇغۇمچانلىققا سىموۋۇل قىلىنغان.



مۇڭگۈز بولسا ھاياتلىقنىڭ كۈچى، پېرخونلۇق كۈچ... بۇ بولسا پلانىت مېركۇرىغا سىموۋۇل قىلىنغان. مېركۇرى خۇدانىڭ خەۋەرچىسى دەپ قارىلىدۇ. خۇدا بولسا ئاجىز روھ ئۈچۈن يارىتىلغان. بۇ رەسىمدىكى ئازازۇل نىڭ بېشىدىن نۇرلارپارقىراپ چىققان بولۇپ كۆتۈرۈلگەن كۆزئەينەكلىك يىلانغا سىموۋۇل قىلىنغان.

پىرامىدا بولسا ئىنسان ئاجىز روھىنىڭشەكلىگە سىموۋۇل قىلىنغان. يوقاپ كېتىلگەن قالپاق تاش تېخى تاماملانمىغان ئىشقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغان كۆز بولسا بىرسىنىڭ خۇدانىڭ بېشىغا ئېرىشكەندە ھەممىنى بىلىدىغان ھالىتىگە سىموۋۇل قىلىنغان. بۇ رەسىم ئامېرىكا دوللىرىدىن تارتىلغان بولۇپ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ماسونلارنىڭ پىرىنسىپلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئەسلىدىكى ئەركىن ماسونلار بولسا شەيتان.

666 بولسا مەخپى گىرىك پەلسەپىسىدىن كەلگەن قۇياشنىڭ مەيدانى. بۇنىڭ ھەقىقى مەنىسى بولسا سولوموننىڭ(سۇلايمان ئەلەيھىسسالام) ئىبادەتخانىسى يەنى قۇياشنىڭ ئىبادەتخانىسى. "سول" "وم" "ون" لارنىڭ ھەممىسى قۇياش دىگەن سۆز بولۇپ. "سول"بولسا قۇياش دىگەن سۆزنىڭ لاتىن ھەرىپى بۇ ھەم ئىنگىلىزچىدىكى روھ (soul)سۆزىگە يىقىن. "وم" بولسا ھىندى دىنىدىكى روھى قۇياشنى بىلدۈرىدۇ. "ون" بولسا مىسىر يېزىقىدا قۇياش دىگەن گەپ. سولوموننىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ سىموۋىلى يەھۇدىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلىنىپ قوللىنىلغان بولۇپ يەھۇدى-ناسارالار ئىنجىلىدىن بۇ توغرىسىدا كۆپ ئۇچۇرلار بار.
   


قۇياش ئىبادەتخانىسىنىڭ ھەقىقى مەنىسى بولسا روھىيەت. بۇ روھنىڭ مۇكەممەل بولىشىغا سىموۋۇل قىلىنغان. نۇرلار پەيدا بولغان قۇياش روھىيىتى بولسا روھنىڭ مەركىزى ۋە ئۆزئارا ئايلىنىدىغان روھى ئېنىرگىيە ھەمدە 8 ئايرىم نۇرنى قويۇپ بېرىدۇ. پارقىرىغان روھ بولسا قۇياشقا سىموۋۇل قىلىنغان. 8 بولسا دوزاخ شاخسادىسىنىڭ نۇمۇرى.8 يەنە چەكسىزلىككە ياكى مەڭگۈلۈك ھاياتقا سىموۋۇل قىلىنغان.بۇ بولسا يەنە " يىڭى ئىروسالىم" . "ئىروسالىم" دىگەن ئىسىم يەھۇدىلار تەرىپىدىن ئوغۇرلانغان. ئىروسالىم بولسا بىر ئۇقۇم.

بۇ رەسىم بولسا دوزاخ شاخسادىسىنىڭ سىموۋۇلى يەنى مۇھازىنەتنى تەڭشەشكە سىموۋۇل قىلىنغان.

باش سۆڭەك ۋە باشقا سۆڭەكلەر بولسا روھنىڭ خۇدانىڭ بېشىغا ئايلىنىشتىكى بىر باشقۇچقا سىموۋۇل قىلىنغان. بو بولسا روھنىڭ پاكلىنىپ خۇدانىڭ بېشىغا ئايلىنىش ئالدىدا پۈتۈن خىزمەتلەرنىڭ تۈگەيدىغان ياكى خىزمەتلەرنىڭ ئۆلىدىغان باسقۇچى. مەينەت نەرسىلارنىڭ ساپلىقتىن ئايرىلىدىغان ۋاقتى.

قارا رەڭلىك قۇياش، توم قارا، چىللاش ۋە قارا رەڭلەر ھەممىسى ئۆزگىرىش باسقۇچىغا سىموۋۇل قىلىنغان.


توز بولسا مۇقەددەس شەيتاندۇر ۋە ئۈچىنچى كۆزىگە سىموۋۇل قىلىنغان ھەمدە خۇدانىڭ بېشىغا ئېگە بولۇشتىن بۇرۇنقى رەڭگارەڭ باسقۇچلارغا سىموۋۇل قىلىنغان. لۇسىفىر(يورۇقلۇق ئاتا قىلغۇچى) قۇيرۇقىنى كەڭ يېيىپ ئاندىن مېنى تولۇق تېزلىكتە ئۇدۇل يولغا باشلاپ ماڭ.


بۇ كىرىس ئەڭ بۇرۇنقى سىموۋۇل بولۇپ خېرىستىئان دىنى ۋە يەھۇدى دىنىدىن مىڭ يىللار بۇرۇن مەۋجۇت بولغان. بۇنىڭ ھەقىقى مەنىسى ئاجىز روھنىڭ توغرا يول بويىچە تىزىلىشىنى بىلدۈرىدۇ. ئەڭ مۇھىم قۇياش روھى بولسا يۇقۇردىن تۆۋەنگە قاراپ تىزىلىپ ماڭىدۇ ھەمدە ئۆزىدىن بىزگە كۈچ قۇدرەت بېرىدۇ
بۇلاردىن باشقا يەنە بار بولۇپ قىززىقسىڭىز . بۇنى چىكىڭ.http://www.crossroad.to/Books/symbols1.html

ﮪﻮﻧﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ 1500 ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ5 ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ (ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻞ) ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﮪﻨﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﯞﻻﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ. ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﭺ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ 500 ﻳﯩﻞ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﮪﻮﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ 207- ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 216- ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ)، 170 ﻳﯩﻞ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﮪﻮﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ (ﻣﯩﻼﺩﯨﺪﯨﻦ 46- 216- ﻳﯩﻠﻼﺭ)، 95 ﻳﯩﻞ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﮪﻮﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ (375-469) ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯜﭺ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﭖ، ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﯞﻩ ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﯞﻩ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺟﻪﮪﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.

ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮪﻮﻧﻼﺭ ﺋﻪﯓ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ، ﭼﻮﻏﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ، ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ، ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﯞﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ. ﮪﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭽﻪ "ﮪﻮن" ﺳﯚﺯﻯ ﻛﯜﻥ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ.

ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﮪﻮﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﯞﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻗﺎﻣﺎﻥ (ﺷﺎﻣﺎﻥ) ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﮪﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﻛﯚﭖ ﺧﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ﺩﯨﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﻗﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ «ﻛﯜﻥ» ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ. ﺷﯘﯕﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﮪﻮﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ. «ﻛﯜﻥ» ﺳﯚﺯﻯ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ «ﮪﻮﻥ» ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ.

ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺋﺎ. ﺯﻩﻛﻰ ﯞﻩﻟﯩﺪ ﺗﻮﻏﺎﻧﻤﯘ «ﮪﻮﻥ» ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ «ﻛﯜﻥ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻤﯘ «ﮪﻮﻥ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﺩﻩﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﭖ، «ﮪﻮﻥ» ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﻣﯩﻼﺩﻯ 5- ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ (420- ﻳﯩﻠﻰ) ﺋﺎﺭﺍﻝ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻧﻼﺭ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﮪﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ، ﻛﯘﺷﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ. ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻧﻼﺭ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺑﻮﻟﯘﭖ ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﻰ ﺋﺎﻕ ﺳﯜﺯﯛﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﻭﻣﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﻓﺮﻭﻛﻮﻓﯩﻴﺲ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ «ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻧﻼﺭ» ﺩﻩﭖ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ. 5- ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻣﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯘﺷﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻔﺘﺎﻟﯩﺘﻼﺭﻧﻰ (ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻧﻼﺭ) ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﯦﮕﻪﻥ . ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﻛﯘﺷﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻔﺘﺎﻟﯩﺘﻼﺭ (ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻧﻼﺭ) ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ. ﺑﯘﻧﻰ «ﺗﺎﯓ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﻰ . ﺋﯩﻔﺘﺎﻟﯩﺘﻼﺭ ﮪﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﺴﻪ» ﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻤﯘ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ. ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ: «ﺋﯩﻔﺘﺎﻟﯩﺘﻼﺭ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ». ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﻩ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ، ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﯘﺧﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻥ، ﻛﯘﺷﺎﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ، ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻧﻼﺭ (ﺋﯩﻔﺘﺎﻟﯩﺘﻼﺭ) ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ، ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ، ﺑﺎﻱ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻣﻪﺷﮭﯘﺭ.

ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ (ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﭘﺎﺭﺳﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ) «ﻳﺎﯞ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﺎﻳﺘﺘﻰ. «ﻳﺎﯞﭼﻰ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻳﺎﯞﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻕ، ﺋﯚﺯ ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﮪﻪﻡ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ «ﺋﺎﺧﯘﻥ» ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﮪﺎﺩﯨﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ «ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻥ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ «ﺋﺎﺧﯘﻥ» ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺩﻩﭖ ﮪﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ . ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻧﻪﺳﻪﺑﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﭖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻻﻳﯩﻖ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ: ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﺎﺧﯘﻥ، ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ. ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻥ، ﺳﺎﯞﯗﺕ ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ «ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻥ» ﺳﯚﺯﻯ «ﺋﺎﺧﯘﻥ» ﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ. ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺋﺎﺧﯘﻧﺠﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﻪﺳﻠﻰ «ﺋﺎﻕ ﮪﻮﻥ ﺟﺎﻥ ﺋﺎﻛﺎ» ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯗﺭ.

(بۇنى مەزمۇننى قىستۇرىشىمدىكى سەۋەب شامان دىنى بىلەن شەيتان دىنىنىڭ ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلدۇرۇش شۇنداقلا ھونلارنىڭ ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكى، شۇنداق بولغاندا ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادى شەيتانغا ئېتقاد قىلغانلىقىدەك پاكىتنى بىلدۈرۈش)

شامان دىنى ئۇيغۇرلار ئەڭ بۇرۇن ئېتىقاد قىلغان دىن بولۇپ، ئۇدەسلەپ ئورال - ئالتاي قوۋملىرى ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن شامان دىنى ئاساسەن شۇ رايونلار ۋە ئۇنىڭغا قوشنا رايونلاردا كەڭ تارقالغان. شامان دىنى ئىنسانلار ئەجدادىنىڭ تەبىئەتكە چوقۇنۇش دەۋرىدە ھاسىل بولغان ئەقىدە - ئېتىقادلىرى مۇجەسسەملەشتۈرۈلۈش ئاساسىدا قامانلار تەرىپىدىن تەرغىپ - دالالەت قىلىنغان بىر ئىلاھلىق دىن ئىدى. ئۇنىڭدا "دۇنيا ياخشى - يامان روھلار (جىن - شاياتۇن) بىلەن تولغان"، "قامان يامان روھلارنى قوغلاپ، ياخشى روھلارنى قوغدايدۇ"، "قامانلار ھەممىگە قادىر" دېگەن قاراشلار تەرغىپ قىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار شامان دىنىغا 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئېتىقاد قىلدى. مىلادى Ⅶ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن كېيىن تەدرىجىي مانى دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان. ئەنە شۇنداق ئۇزاق تارىخىي جەرياندا ئەجدادلىرىمىز بۇرۇن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن كۆپ ئىلاھلىق دىن ئەقىدە - ئادەتلىرى، شامان دىنى شارائىتىغا ماسلىشىپ داۋاملىشىپ كەلدى.

يۇقۇرىدا مەن تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن شەيتان دىنى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن قەدىمدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شامان دىنى ئېتقادى ئەسلى شەيتان دىنى ئىكەنلىكىدەكيەكۈنگە ئېرىشەلەيمىز. مۇشنىنىڭغا ئوخشاشلا مانى دىنى ۋە بۇددا دىنىمۇ شەيتان دىنى بىلەن ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. يېغىنچاقلىساق دىمەك بۇلارمۇ شەيتان دىنى.

شەيتان دىنىنىڭ زامانىۋى نۇسخىسى 1969-يىلى قايتىدىن ئىسلاھ قىلىنغان ھالەتتە مەيدانغا كەلگەن. ئەمما ئوقۇرمەنلەرگە ئېننىق بولىشى كېرەككى شەيتان دىنى يەرشارىدىن بىر سىكۇنتمۇ يوقاپ باقمىدى. يەھۇدى دىنى، خېرىستىئان دىنى، ئىسلام دىنى شارائىتىدا ئاجىز ھالەتتە مەۋجۇت بولغان بولسا ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا بۇ دىنلاردىن ئۈستىن ھالەتكە ئۆتتى.

شەيتانىزىمدا چۈشەندۈرىشىچە پىرامىدادىكى يۈتۈپ كەتكەن پىرامىدا قالپىقى تېخى تاماملانمىغان خىزمەتنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىزمەت تاماملانغاندا بىرسىنىڭ خۇدانىڭ كاللىسىغا ئېرىشىدىغانلىقى (ئىنتايىن ئەقىللىق بىرسىنىڭ پەيدا بولىدىغانلىقى) سىموۋۇل قىلىنغان. دىمەك شەيتان دىنى دەل مۇشۇنداق بىرسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ ياكى مۇشۇنداق بىر ئەقىللىق بىرسىنىڭ ئوتتۇرغا چىقىشى بىلەن شەيتان دىنىنىڭ ۋەزىپىسى ئاساسەن تاماملىنىدۇ. ئىسلامدا بۇنداق بىر ئەقىللىق بىرسىنىڭ بارلىقىنى قوللايدىغان بولۇپ بۇنى دەججال دەپ ئاتايدۇ.

مۇھەممەد س ئە ۋە بىزنى خەۋەردار قىلغاندەك نەچچە 600 يىلدىن كېيىن يالغان مەسىھ پەيدا بولىدۇ بۇ دەل دەججال. دەججالنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ئىسرائىل ئەۋلادىنى يەنى يەھۇدىلار دەججالنى ھەقىقى مەسىھ دەپ قوللىغۇزۇش ۋە قۇبۇل قىلدۇرۇش. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن دەججال ئاۋال دۇنيانى كونتىرول قىلىشى(rulling the world) كېرەك. ئەلۋەتتە دۇنيانى كونتىرول قىلىش دۇنيادىكى ھەممە يېرىدىكى ئادەملەرنى كونتىرول قىلىشنى كۆرسەتمەيدۇ بەلكى دۇنيادا ئۇنىڭغا قارشى تۇرالايدىغان كۈچ بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ مۇقەددەس جاي ياكى ئىروسالىم ئارقىلىق دۇنيانى كونتىرول قىلىش ئۈچۈن ئۇ چوقۇم بىر نەچچە تۈرلۈك ئىشلارنى قىلىشى كېرەك.

1. ئۇ مۇقەددەس جاي ئىروسالىمنى يەھۇدىلار ئۈچۈن ئازاد قىلىپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى مۇسۇلمانلار ئۇ يەرنى كونتىرول قىلىۋاتقان. بۇ ئىشنى 1917-يىلى ئۇ قىلىپ بولدى.
2. ئۇ مۇقەددەس جايغا يەھۇدىلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىشى كېرەك ۋە يەھۇدىلار بۇ بىزنىڭ ماكان دەپ دۇنياغا جاكارلىشى كېرەك.2000 يىل بۇرۇن ئاللاھ ئۇلارنى مۇقەددەس جايدىن ھەيدەپ چىقىرىپ پۈتۈن دۇنياغا پارچە پارچە قىلىپ چىچىۋەتكەن. ھازىر ئۇلار قايتىپ كەلدى.
3. ئۇ ئىسرائىل دۆلىتىنى قۇرۇشى كېرەك.( بۇ بىر لوگىكىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىش بولۇپ مەندىن ھەدىس قېنى دەپ سورىماڭلار) ئۇ چوقۇم ئىسرائىل دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىشى كېرەك.شۇنداقلا يەھۇدىلارنى بۇ ئىسرائىل دۆلىتىنىڭ مۇقەددەس ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈش كېرەك.
4. ئۇ ئىسرائىل دۆلىتىنى دۇنيانى كونتىرول قىلىدىغان كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇش كېرەك. يەنى بۇرۇنقى ئەنگىلىيە ئىمپىرىيىسى دۇنيانى كونتىرول قىلغاندەك ھەم ھازىرقى ئامېرىكىدەك. بۇنىڭ بولىشىغا ئاز قالدى.

نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ياكى تۇرمۇشتا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلار يۇقۇردىكى تۆت ئىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ بۇ شەيتانىزىمدىكى تېخى تاماملانمىغان ئىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىشلار تاماملانغاندىن كېيىن شەيتانىزمدا ئوتتۇرغا قويغان ئەڭ ئەقىللىق بىرسى ئوتتۇرغا چىقىدۇ ۋە ئۆزىنى خۇدا دەپ ئاتايدۇ.قىستۇرۇپ قويۇشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە شۇكى شەيتان دىنى ئۆز يولىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق كونسىرۋاتىپ پەلسەپەۋى قاراشلار، ھەقىقى يەھۇدى دىنى، خېرىستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىنىنى پارچىلاپ ياكى ئۆزگەرتىپ يوقىتىۋېتىشى كېرەك. بۇنداق بولمىغاندا بۇ دىنلار شەيتانىزىمنىڭ يولىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن 1969-يىلىغىچە شەيتانىزىم ئاساسەن باشقا دىنلارنى پاچىلاپ ۋە مەخپى ھالدا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ بولغان. ئەمدىكى يول پەقەت دۇنيانى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلىش ياكى پۈتۈن ئىنسانلارنى قۇل قىلىش.ئۇزۇن ئۆتمەي 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى نىكسون يىڭى پۇل مۇئامىلە سېستىمىسىنىڭ بارلىققا كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىنسانلارنىڭ قۇللۇق ھاياتى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.( سىز بۇ توغرىسىدا"دوللارنىڭ كۈنى ئاز قالدىمۇ؟"غا قاراڭ.)ئۇنداقتا بۇ ئىشلارغا نىسبەتەن ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشەنچىسى قانداق؟ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئىشقا قوشقان تۆھپىسى قانچىلىك بولىدى، بولىۋاتىدۇ ۋە بولىدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئىسلامىيتتىن كېيىن شەيتان دىنىغا ئەگەشتىمۇ ،ئەگىشىۋاتامدۇ ۋە ئەگىشەمدۇ؟


پايدىلانغان ماتىرياللار:

1.لاۋىيان شەيتانىزىمى
http://en.wikipedia.org/wiki/LaVeyan_Satanism

2.شەيتانلىق سىموۋۇللار
http://spiritualwarfare666.webs.com/satanic_symbols.htm

3. ﮪﺎﺟﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻗﺎﺩﯨﺮﯨﻨﯩﯔ «ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪﻥ ﻳﺎﺩﯨﯖﺪﺍ ﺩﯗﻧﻴﺎ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﻛﯩﺘﺎﺏ «ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ» ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ 2001- ﻳﯩﻠﻰ 2- ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ.

4.شامان دىنى http://ug.wikipedia.org/wiki/%D8%B4%D8%A7%D9%85%D8%A7%D9%86_%D8%AF%D9%89%D9%86%D9%89

5.مانى دىنى
www.akademiye.org/ug/?p=2319

6.بۇددا دىنى ۋە شەيتانىزىمنىڭ ئوخشاشلىقى
http://newbuddhist.com/discussion/12593/buddhism-and-satanism

7. دەججال ۋە زامان ئاخىرى ھەققىدىكى سىموۋۇللار
http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=60201&page=4#pid403654

8.دوللارنىڭ كۈنى ئاز قالدىمۇ؟
http://bbs.izdinix.com/thread-60464-1-1.html

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:42:17

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SATAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-23 18:54

شەيتاننىڭ بىلىدىغىنى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قىلتاققا دەسىتىش ھىلە-مىكىرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ. قۇرئان كەرىم ئايەتلىرىدىن «شەيتان» دىگەن ھالقىلىق سۆز بىلەن ئىزدىسڭىز،162ئورۇندا شەيتانىڭ يامانلىقىدىن ئاگاھلاندۇرغان ئايەتلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرىمىز.   
    :lol:lol:lol
قۇرئانئۇماتىماتىكىلق كىتاپ ئەمەس ..قۇرئاننى ماتىماتىكىلىق ھىساپ كىتاپ قىلىشقا كەلتۇرمىگەن..

mevlana يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:42:48

خۇدانى ئىقرار قىلىپ تۇرۇپ جوھۇت ۋە دەھرىيلىك ئارقىنىغا ئېسىلماقچى بولغانلار ئۈچۈن شەيتان بىر ئۈلگە ھېسابلانسا، ئىمانىغا ئىگە چىقىشنى غورۇر بىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئىبرەتتۇر.
شەيتان ھەققىدە ياخشى چۈشەنچىلەر بېرىلىپتۇ.
ئىمكان يار بەرسە تېما ئىگىسىنىڭ شەيتان تېمىسىغا ئۇلاپ شەيتانلىق ھەققىدىمۇ تەپسىلىيراق بىر توختىلىۋېتىشى لايىقتەك.

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:43:08

ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى شەيتان دىنى؟

;P;P;P

SATAN يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:53:26

ئىنسانلار ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىغا تەسەللى بىرىش ئۈچۈن ئىنتايىن قىززىقارلىق ۋە گۈزەل پىرسۇناژلارنى ئويدۇرۇپ چىقالايدۇ.شۇنۇڭ ئۈچۈن ئىنساندىكى ئىجادىيەت كۈچى پۈتكۈل رەزىللىكلەرنى يوشۇرۇپ تاشلاشقا يىتىدۇ دىيەلەيمىز.
قۇبۇل قىلىش تەسلەشكەندە جاھىللىق جۇشقۇنلىشىپ،ھەقىقەت ئۇخلاپ قالىدۇ.
:lol:lol:lol

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:56:07

سەكسەن ئالتە بىلەن مەۋلانە ھەزرىتىم تۇرۇپتۇ ، ئۇشبۇ پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇزاقتىن بۇيان بىلەلمىگەن بىر سوئالنى سوراشنى لايىق تاپتىم . ئەمدى سوئالغا دىققەت قىلىڭىزلەر . سوئال :
-ئاللاھ ھەممىگە قادىردۇر (بۇنىڭغا چىن پۈتىمەن ئەلۋەتتە) . ئاللاھ ھەممىدىن ئۈستۈندۇر . شۇنداق بولغانكىن ئاللاھ نىمىشقا شەيتاننى ئۆز ئەركىگە قويۇۋېتىدۇ ؟ نىمىشقا جاھاننىڭ زۇلۇم بىلەن قاپلىنىشىغا سۈكۈتقىلىدۇ ؟ نىمىشقا بىگۇناھ قانلارنىڭ تۆكۈلىشىگە چىدايدۇ ؟.....
نىمىشقا شەيتاننى بىر تەرەپ قىلىۋەتمەيدۇ ؟

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:41:40

begir يوللىغان ۋاقتى2014-11-23 18:56:07 static/image/common/back.gif
سەكسەن ئالتە بىلەن مەۋلانە ھەزرىتىم تۇرۇپتۇ ، ئ
ئەڭ توغرا جاۋاپنى ئىخلاسمەنلىك بىلەن قۇرئاننى ئوقۇپ ئىزدەڭ، نىمە ئۇچۇنلىرىڭىزنىڭ جاۋابىنى ئاللاھ ئەڭ ياخشىبىلىدۇ،ھەم جاۋابى قۇرئاندا ئوچۇق بار، ئىخلاسمەنلىك بىلەن ئوقىسىڭىز چوقۇم تاپالايسىز.

mehman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:06:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mehman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-23 20:08

umun99 دەيدۇلەركى :
ئىنسانلار ئەڭ گۈزەل ئۆزىمۇ چۈشنەلمەيدىغان سۆزلەرنى شەيتانغا بېغىشلىغىنى بىلەن، شەيتاندا قىلچە گۈزەلىك يۇق .
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201409/12/175120koxei2ezxoxk9eet.png.thumb.jpg

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:11:52

ئاللاھ قۇرئاندا   قۇرئاننىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى،نۇقساندىن پاك ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان، شۇڭا قۇرئاننىئىجتىھات بىلەن چوڭقۇر چۆكۈپقايتا قايتا ئوقۇساق نۇرغۇن مەسىلىلەرگە جاۋاپ تاپالايمىز دەپ قارايمەن.

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:20:23

86 يوللىغان ۋاقتى2014-11-23 18:09 static/image/common/back.gif
شەيتانغا قارشى گەپ چىقسا، شەيتاننىڭ   ئولتۇرالماي قېل ...

86 ئۇستازنىڭ بىزنى مۇشۇنداق ئېسىل تىمىلار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكىدىن بەك مەمنۇن بولدۇم. ، ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: شەيتان بىلەن ئادەم