[خەتلىك فىلىم] سامانيولى مۇھاپىزەتچىلىرى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-23 16:04فىلىم نامى: سامانيولى مۇھاپىزەتچىلىرى
ئېنگىلىزچە نامى: Guardians of the Galaxy
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2014-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: تەۋەككۈلچىلىك / فانتازىيەلىك
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.4
رازمىرى: 1920x1080 / 1280x720
چوڭلىقى: 2.1GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:00:51
رېژىسسور: James Gunn
باش روللاردا: Chris Pratt, Vin Diesel, Bradley Cooper
فىلىم ھەققىدە:
تەۋەككۈلچى «يۇلتۇز چەۋەنداز» پېتىر كۈېل بىر سىرلىق شارچىنى ئوغرىلىغاندىن كېيىن ئىنئاملىق ئوۋچىلارنىڭ باش نىشانىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، ئەسلىدە شىكايەتچى رونان بۇ نەرسىگە ئۇزۇندىن بۇيان چىشىنى بىلەپ تۇرغان ئىدى. كۈئېل ئۈزلۈكسىز ئۇچراپ تۇرغان قوغلاپ ئۆلتۈرۈلۈش خەۋىپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، ئۇ 4 نەپەر ئۆز-ئارا چىقىشالمايدىغان كىشىلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىدۇ. ئۇلار بىر راكېتاچى ئېنوت، بىر دەرەخ ئادەم گرۇت، ئالەمدىكى ئەڭ خەتەرلىك ئايال دەپ ئاتىلىدىغان گامورا ھەمدە ۋەيران قىلغۇچى درەكس ئىدى. كۈېل بۇ شارچە ئىگە بولغان ھەقىقىي ئېنېرگىيىنىڭ، ھەمدە ئۇنىڭ پۈتۈن ئالەمگە زور تەھدىت ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىنى بىلگەن چېغىدا، ئۇ جەزىمەن مۇشۇ كوللېكتىپقا قېتىلىپ، جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قويۇپ كۈرەش قىلغاندىلا ئاندىن پۈتۈن سامانيولى سىستېمىسىنى قوغدىيالايتتى.
كەسمە رەسىملەر:
http://www.kowruk.cn/post_image/guardiansofthegalaxy/01.jpg
http://www.kowruk.cn/post_image/guardiansofthegalaxy/02.jpg
http://www.kowruk.cn/post_image/guardiansofthegalaxy/03.jpg
http://www.kowruk.cn/post_image/guardiansofthegalaxy/04.jpg
http://www.kowruk.cn/post_image/guardiansofthegalaxy/05.jpg
http://www.kowruk.cn/post_image/guardiansofthegalaxy/06.jpg
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن ياكى بەيدۇ بۇلۇت دېسكىسىدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
ئەسكەرتىش: 1080P نۇسخىسىنىڭ مەنبەسى تولۇقلىنىۋاتىدۇ. http://www.kowruk.cn/post_image/guardiansofthegalaxy/characters.jpg بۇ كىنونىڭ تاماشىبىنلار تونۇشتۇرۇشى :
داداش - ئىزدىنىشنىڭ بىر ئەزاسى ، ئابرال مائارىپ بىلوگىنىڭ ئاپتۇرى، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى باش سۈرىتىنى سىكاننىرلىسا ئاشكارە بولىدۇ.:lol يۇلتۇز چەۋەندازنىڭ دادىسى تاشقى پىلانتلىقمۇ قانداق؟ ئاخىرىدا شۇنداقراق بىر گەپنى دىگەندەك ئىسىمدە.
Typography يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 18:25 static/image/common/back.gif
يۇلتۇز چەۋەندازنىڭ دادىسى تاشقى پىلانتلىقمۇ قانداق؟ ئ ...
ھەئە شۇنداق ئىكەن، يېڭى يۇلتۇز بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ناھايىتى قەدىمىي بىر جانلىق ئىكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، دادىسى بەلكىم كېيىنكى بۆلىمىدە چىقىشى مۇمكىن. كۆۋرۈك تور بىكىتىنىڭ pc تېرمىنالى تىزراق چىقسا بۇلاتتى، توركۆرگۈچتىن بىۋاستە كۆرسەم قېتىۋېلىپ پەقەتلا كۆرگىلى بولمايۋاتىدۇ. Mahir512 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 18:56 static/image/common/back.gif
كۆۋرۈك تور بىكىتىنىڭ pc تېرمىنالى تىزراق چىقسا بۇلاتتى ...
بارغۇ سىلەرگە بىر تەكلىپ توربىتىڭلاردا بەك سەت ئىلانلار بار ئىكەن، باشقىسىغا ئالماشتۇرۋەتكەن بولساڭلار~! ئاخىرىدا قىساسكارلار ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىدۇ oyuncu يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 19:27 static/image/common/back.gif
سىلەرگە بىر تەكلىپ توربىتىڭلاردا بەك سەت ئىلانلار بار ...
ئېلان تۈرىدىن پەقەت «پاي چېكى» گە مۇناسىۋەتلىكلا ئېلانلارنى كۆرسىتىشكە تەڭشەپ قويغان، يولداشلارغا ئامال يوقكەن، بايقىغان سەت ئېلانلارنىڭ ھەممىنى سۈزۈپ مېڭىۋاتىمىز، ھەم ئامالىنى قىلىۋاتىمىز. kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 19:43 static/image/common/back.gif
ئېلان تۈرىدىن پەقەت «پاي چېكى» گە مۇناسىۋەتلىكلا ئېل ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تور بېتىڭلارنىڭ يان تېلفون نۇسخىسىنى پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىم؟ putboljan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 20:33 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تور بېتىڭلارنىڭ يان تېلفون نۇسخىس ...
iOS نۇسخىسىنىمۇ؟ مۇشۇ كىنو پەيزىكەن، ئى كۈنى كۆرۈۋېدىم تېخى. قارىسام ھۆججەتلىرىڭلارنى شۈنلېي بوشلۇقىغا يوللاۋېتىپسىلەر، مۇشۇ تېمىدا سورىۋالسام، خېلى كۆپ تور دېسكىلىرىنى كۆرۈپ باقتىم، پەقەت شۈنلېينىڭ بوشلۇقىنىڭلا ھۆججەت يوللاش چېكى خېلى يۇقىرىكەن(100gb). مۇشۇ يېرى ياراپ قالغان ئىدى، لېكىن 迅雷快传插件دېگەن قىستۇرمىسىنى قاچىلايدىكەنمىز. چۈشۈرۈپ، قاچىلاپ باقتىم، لېكىن تور كۆرگۈچتە ئىنكاس يوق، يەنە شۇ قىستۇرمىنى قاچىلاڭ دەپ چىقىۋالدى. ئىشلىتىۋاتقىنىمie11 ئىدى. سىلەرمۇ شۇ قىستۇرما ئارقىلىق ھۆججەت يوللاۋاتامسىلەر؟ قانداق قىلسا نورمال ئىشلەيدىغانلىقىنى دەپ بەرسىڭىز بولاتتى. HEZINE يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 22:44 static/image/common/back.gif
قارىسام ھۆججەتلىرىڭلارنى شۈنلېي بوشلۇقىغا يوللاۋېتىپ ...
شۇنداق، بىزنىڭ ئىشلىتىۋاتقىنىمىز IE 10، قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن توركۆرگۈنى قايتا بىر قوزغىتىۋەتسىڭىزلا ئىشلەيتتى. kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 19:43 static/image/common/back.gif
ئېلان تۈرىدىن پەقەت «پاي چېكى» گە مۇناسىۋەتلىكلا ئېل ...
بەيدۇنىڭ ئىلانلىرى بارغانسىرى چىكىدىن ئاشقىنى تۇردى ھەممىسى سېرىق رەسىم قويۇلغان ئىلان.
تورغا بەزى چوڭلار بار ۋاقىتتا چىقىمز ئىچىپلا قالساق نىمە سەتچىلىك.
ھەممە بەيدۇ ئىلانى ئالغان بەت ئوخشاش.
ئىلان قويمىسا تىخى كىرىم مەنبەسى قويسا تىخى... جەننەت خاندانلىقىنى ........ ماۋۇ كىنو ياخشىكەن :lol،ئاۋۇ ھايۋان قىزىقكەن ،گەپلىرى يۇمۇر-يۇمۇر،ياخشى تەرجىمە قىلىپسىلەر.:lol باتىستۇتانىڭ(دىرەكىس) كۈچتۈڭگۈرلىكى تازا گەۋدىلەنمەپتۇ ، ئادەتتىكى ئادەمدىن پەرقى يوقلا...
ئەمما باشتا راكىتا پېتىرنى يالغان پۇتنى ئەپكەل دەپ ئەخمەق قىلغاندا سەت كۈلۈپتىمەن... كۈرۈپ بېقىپ ئاندىن باھا يازاي
بەت:
[1]
2