arek يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 15:00:15

ئازات سۇلتان مۇئەللىمنىڭ بىيجىڭدىكى لىكسيەسى

http://tvplayer.people.com.cn/player.php/xml/L3B2c2VydmljZS94bWwvMjAxNC8xMS8yMC9mMzA2ODMwOC1hNTliLTRjMzItOTQyNy03NTNiMTE1NjdkMTcueG1s/playerByOsmf.swf

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:25:22

ياخشى لېكسىيە بوپتۇ .يوللاپ تۇرۇڭ .

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 00:00:56

ئەدەبىياتنى كەمسىتكىنىم ئەمەس، بىز ئۈچۇن ئۇنى بەك تەكىتلەپ كىتىشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىدى. ئىقتىساد، تېخنىكا بىزگە ئەسقاتىدۇ.  {:92:}{:92:} ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك.

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 01:57:23

مەن بۇ لېكىسيەنى تولۇق ھەم كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدىم. ئەدەبىي يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياشلار ئېرىنمەي ئاڭلاپ قويۇڭلار. ئىنكاسلارنىڭ قانداق بولىشىغا قاراپ مۇئامىلە قىلماي، ئۆزەڭلا ئاڭلاپ قويساڭلا، قەلىمىڭلارغا ئىلمى قۇۋۋەت قوشۇلىدۇ. بىر سائەت 15 مىنۇت ۋاقىت ئاجىرتىپ، بۇ دەرسنى ئاڭلاڭلا.

bahadirlarbiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 08:20:24

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 00:00 static/image/common/back.gif
ئەدەبىياتنى كەمسىتكىنىم ئەمەس، بىز ئۈچۇن ئۇنى بەك تەك ...

تولىمۇ بىر تەرەپلىمە پىكىر . بۇنىڭغا ئەڭ ياخشىسى مائارىپچىلار بىرنېمە دېسۇن.
ئۇيغۇرتىلى كۈنسىرى يىتىمسىراۋاتقان،بارچە كۆزلەر ئۇنىڭغا ئالىيۋاتقان ھازىرقى كۈنلەردە ،مەن شۇنى چوڭقۇر ھىس قىلدىمكى ،تىل-ئەدەبىيات ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئادەم ئۈچۈن كىشىلىك ئەخلاق، گۈزەل پىسخىك ساپا،ئادىمىلىك پەزىلەت يىتىلدۈرۈش ھازىرقى پەن -تېخنىكا بىلىملىرىنى ئىگەللەشتىنمۇ كۆپ مۇھىم ئورۇندا تورىدىكەن. كىشىلىك ئەخلاق، ئىلغار پىسخىك ساپا،ئادىمىلىك پەزىلەت بىلىم-ساۋاتلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىل-ئەدەبىياتنى ياخشى ئوقۇشى ۋە ئۇنىڭغا قېزىقىشى ئاساسىدا ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىي ئەسەرلىرىنى ئوقۇش،ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بايان قىلىنغان كىتابلارنى كۆپ كۆرۈش ،ئۆزمىللىتىنىڭ ئۆرۇپ-ئادەت، قائىدە -يۇسۇنلىرىنى ئۆگىنىشكە باغلىق بولىدىكەن.ئىشقىلىپ سۆزلىسەم جىق گەپ . پەرزەنتتىڭىز كەچلىكى ماتېماتىكا تاپشۇرۇقىنى ئىشلىمەي ئۇخلاشقا ئالدىرسا مەيلىكى ،ھەرگىز ئۇنى تىل-ئەدەبىيات كىتابىدىن بىرەر بۇلەك ھىكايەتنى ئوقۇمىغىچە ئۇخلاتماڭ.تەۋسىيەم شۇكى،ئۇنى ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇشقا ھېرىسمەن قىلىپ تەربىيلەڭ.

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 16:12:20

ئاۋازى سەل تۆۋەنمۇ قانداق؟ئاڭلىغىلى بولمىدى،

تورخانىنىڭ ئىچى بەك ۋاراڭ-چۇرۇڭكەن،تىنىچ مۇھىتتا تورغا چىققاندا تۇلۇق كۆرۈپ چىقاي،

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 22:12:23

arslan428 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 00:00 static/image/common/back.gif
ئەدەبىياتنى كەمسىتكىنىم ئەمەس، بىز ئۈچۇن ئۇنى بەك تەك ...

ئەدەبىيات مىللەتنى مىللەت قىلىپ تۇردىغان ئامىللارنىڭ بىرسى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 22:13:52

ئاخىرلاشمايلا فىلىم تۈگەپ كەتكەندەك قىلىدۇ.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 13:14:40

بەك ياخشى سۆزلەپتۇ. لىكىن مىنىڭچە يەنىلا بىر نەرسىلەر سەل كامدەكلا ....ھىچ بولمىغاندا خەنچىنىڭ ئورنىغا ئىنگىلىزچە ياكى روسچىنى ئارلاشتۇرۇپ سۆزلىگەن بولىسچۇ........:lol:lol:lol:lol:lol
بەت: [1]
: ئازات سۇلتان مۇئەللىمنىڭ بىيجىڭدىكى لىكسيەسى