شىرئەلىجان چىداپ تۇرۇپ مەيدانغا چىققان
ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 23- كۈنى كەچ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئونىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزا سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، گۇاڭدۇڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. شىنجاڭ كوماندىسى ئالدىنقى ئايلانمىلاردا ئۇدا جىياڭسۇ كوماندىسى بىلەن دۇڭگۇەن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ، مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان تۇنجى قىتىم ئۇدا مەغلۇپ بولدى. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە، غوللۇق بىك شىرئەلىجان مەيدانغا چۇشۇدىغانلار تىزىلىگىگە كىرگۇزۇلمىدى. سەۋەبى يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكى زەخىملىنىپ ئىغىرلىشىپ كەتكەن. شىرئەلىجان بۈگۇنكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدىمۇ مەيدانغا چىقماي يەنىلا چەتتە تۇرۇپ تاماشا كۆرۇشى مۇمكىن.
شىرئەلىجان بۇ تۇغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ؛ « دۇختۇر پەقەت ئون بەش مىنۇت ئويناش تەكىپىنى بەردى، يەنىلا تىرىنىرلار گۇرپىسىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشىغا قارايمەن ». ئۇ ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرەتلەپ ؛ « تۈۋەن پەللەمنىڭ يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكى قىسمى قاتتىق سىقىلىدۇ. شۇڭا ھەر قىتىم ئىگىلىپ-تۇرغاندا زىڭىلداپ ئاغرىيدۇ ». « پەسىللىك مۇسابىقە باشلىنىپ، بىرىنچى مەيداندا سىچۋەن كوماندىسى بىلەن ئوينىغاندا، مەن چىڭدۇ قۇراللىق ساقچى قىسىم دۇختۇرخانىسىغا بىرىپ لىنتىغا ئالغۇزغان، ئەينى ۋاقتىدا دۇختۇر مىنىڭ دەم ئىلىپ كۇتۈنىشكە دىققەت قىلىشنى ئىيتقان، بىراق ئامال يوق مەن ئىزچىل ھالدا چىداپ مۇسابىقە ئۇيناپ كەلدىم. كىيىن ئوينىغان نەچچە مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە ئاغرىققا چىداپ كەلدىم. بىراق كىيىن ھەقىقەتەن بەك ئىغىرلىشىپ كەتتى، يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەك ئىغىر ھالدا زەخىلەنگەن ئىكەن ».
شىرئەلىجاننىڭ بۇ پەسىلىك مۇسابىقىنىڭ كۆپ مەيدان مۇسابىقىسدە ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى، كوماندىنىڭ غەلبىسى ئۈچۇن ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشتى، ئەمما جىياڭسۇ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان مۇسابىقىدە، ئۇ گەرچە مەيدانغا چىققان ۋاختى ئۇزۇن بولسىمۇ، بىراق يېرىم ئايسىمان كۆمۈرچەكىنىڭ يارلىنىشى تەسىرى بىلەن رولىنى نۇرمال جارى قىلدۇرالمىدى، دۇڭگۇەن كوماندىسىغا يىڭىلىپ قالغان مۇسابىقىدە يارىسى سەۋەبىدىن مەيدانغا چىقمىدى. ئەڭ يامان بولغىنى شۇكى؛ شىنجاڭ كوماندىسى ئۆزىنىڭ مۇھىم ئوت ئېچىش نۇقتىسىدىن ۋاختىنچە ئايرىلىپ قالغان.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
كەسپى تەنھەركەتچى ھەرگىز ئۇنداق ئەخمەقلىق قىلمايدۇ. كېيىنىكى كەسپى ھاياتىڭنى ئويلىساڭ، ۋاقتىدا داۋالان. خەنزۇۋان ئوخشىمامدۇ بۇ بالا؟
http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201411/23/14145641bmqezq8i8b44d4.jpg.thumb.jpg dolkun531 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 19:56 static/image/common/back.gif
خەنزۇۋان ئوخشىمامدۇ بۇ بالا؟
قالايمىقان گەپ قىلمايلى ئۇنداق. ئاناتىل زۇۋان شىرئەلىجان. ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلى شىرئېلى جان ئالدىنقى قېتىم بىر مۇسابىقىدە ئىسىمدە قالماپتۇ بېيجىڭغۇ دەيمەن تاماششىبىنلا شىرئېلى جاننىڭ كۇماندىسنى يەنى شىنجاڭ كۇماندىسنى كەم سىتكەندە جان جەھلى بىلەن ئويناپ چوڭ نۇمۇر پەرقىبىلەن رەقىبىنى ئۇتۇپ مۇسابىقە ئاياغلاشقاندا ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقىرىپ ۋاقىرغىننى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆرگەن تىلىۋىزوردا ، ئوتتۇرا بارماقنىڭ مەنىسنى بىلىسلىغۇ دەيمەن ……سەپداشلىرى تۇتۇۋالسىمۇ ئۇنىماي شىنجاڭلىقلار قانداقكەن كۈرەشتىڭمۇ دەپ ۋاقىرغىننى ئاڭلىغان ئىسىمدە قالماپتۇ بېيجىڭ كۇماندىسى ياكى گۇڭدۇڭ كۇماندىسى شۇنىڭدىن باشلاپ خەنزۇۋانمۇ ئۇيغۇر زۇۋانمۇ ئۇيغۇرنىڭ پەخىلىك ئوغلانىكەن دەپ قايىل بولغانمەن ………………ئاخىرقى سۈزۈم قۇرۇق گەپتىن ئەمىلىيەت ئەلا ياشا شىر ئېلى ……………گەپلىرىم تازا قۇلاشمىدى تورداشلارنىڭ تۈزتىپ چۈشنىشنى ئۈمۈت قىلىمەن پەخىرلىك ئوغلانىمىزغا كۆزتەككەندەك بوپتۇ. شۇنداق تۇرۇپمۇ مەيداندىكى جاسارىتى ھىچكىشىدىن قىلىشمايدۇ. غەيرەت قىلىڭ. لىكىن كىسەل داۋالاشقىمۇ ئەھمىيەت بىرىڭ. سالامەتلىك مۇھۇم. سىزنىڭ گۈزەل رۇخسارىڭىز ئۆزگىلەرنىڭ چىشىغا تىگىپ قاپتۇدە؟:lol:lol sardar8 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 05:23 static/image/common/back.gif
ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەيلى شىرئېلى جان ئالدىنقى قېتىم بى ...
ئۇ ئوتتۇرا بارمىقىنى كۆتۈرمىگەن(ئۇ چەتئەللىكلەرنىڭ ئىشى) خاتا كۆرۈپ قاپسىز! سول قولى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ جەينەك(ئىچى تەرىپى)نى تۇتۇپ ئېگىز كۆتۈرگەن بۇنى ئۇيغۇرلاردىن باشقىلار چۈشەنمەسمىكىن بەلكىم!!! :lol مۇشۇ شۇمۇ يا:lol
بەت:
[1]