jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 11:57:31

خىسلەت كۈتۈبخانا دېتالى 2.0تارقىتىلدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار. گۇرۇپپىمىز بۇيىلنىڭ بېشىدا تارقاتقان خىسلەت كۈتۈبخانىىس 1.0 دىكى خاتالىقلارنى تۈزىتىش، كۆرۈنمە يۈزىنى ياخشىلاش، قىسمەن ئىقتىدارلارنى يېڭىلاس، يەنە بىر تۈركۈم كىتابلارنى قوشۇش ئاساسىدا مەزكۇر دېتالنىڭ 2-نەشرىنى تارقاتماقچى.
2-نەشىردىكى يېڭىلىقلار
1- بىرلا قېتىمدا دېتالنىڭ نورمال ئىشلىشىگە مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە پىروگراممىلارنى تەڭ قاچىلىنىدىغان قىلىندى.
2 يۇمشاق دېتالنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ ئىشلەتكۈچىلەرگە قولايلىق قىلىپ ئۆزگەرتىلدى.
3-ئەسلىدىكى يۇمشاق دېتال تېرىسى چىقىرىپ تاشلىنىپ، پۈتۈنلەي كود بىلەن يۇمشاق دېتال كۆرۈنمە يۈزى ياسالدى.
4- يېڭىدىن ئېلخەت ئەۋەتىش ئىقتىدارى قوشۇلدى.
5- كىتاب ئوقۇش كۆزنىكى يان تەرىپىگە ئىلكىتابلارنىڭ ئىككىلىك كود ئادرىسى بېرىلدى ۋە شۇ ئارقىلىق كىتابلارنى يانفونغا چۈشۈرگىلى بولىدىغان قىلىندى.
6-كىتابلارنى بىۋاستە كومپىيۇتېرغا ساقلىنىدىغان قىلىپ، ھەرقېتىم دېتالنى ئاچقاندا قايتىدىن كىتابنى چۈشۈرۈش ئاۋارچىلىقى يوقىتىلدى.





چۈشۈرۈش ئادرىسى:http://hislat.org/kitab/  
خاتالىق ۋە سەۋەنلىكلەردىن ئەلۋەتتە خالىي ئەمەسمىز، دوستلارنىڭ ئىشلەتكەندىن كېيىنكى پىكىر تەكلىپلىرى بولسا جان دەپ قوبۇل قىلغايمىز.
يۇمشاق دېتالنىڭ پۈتۈپ چىقىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان گۇرۇپپا ئەزالىرىدىن چاشقان ۋە رەناغا، ساۋاقدىشىم ياقۇپجان ۋە ئىرشاتقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:34:51

تېلفۇننىڭ ئۇيغۇرچە تېكسىت تونۇيدىغان بىرەر دېتالى بارمىدۇ؟

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:44:52

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 19:34 static/image/common/back.gif
تېلفۇننىڭ ئۇيغۇرچە تېكسىت تونۇيدىغان بىرەر دېتالى بار ...

ئەينەكنى ئىشلىتىپ باققانمۇ ؟

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:12:17

TXT ئوقۇغۇچ دېمەكچىدىم

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:50:59

قاچىلىسام كىتاپلار ئېچىلمىدىغۇ، يەنە باشقا مەشغۇلاتلىرى بارمۇ يا

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 22:11:15

Adobe Reader XI نى قاچىلىغاندىن كىيىن ئېچىلدى. ھازىرغىچە ئوندەك كىتابنى چۈشۈردۈم ياخشى چۈشتى. كۆپتىن كۆپ رەخمەت!

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 23:04:02

terjiman يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 19:34 static/image/common/back.gif
تېلفۇننىڭ ئۇيغۇرچە تېكسىت تونۇيدىغان بىرەر دېتالى بار ...

بۇرۇن ئاق ئالما ئوقۇغۇچىسى دەپ بىر ئەپ بولىدىغان، javaمۇھىتىدا ئىجرا بولىدىغان، ئاندىروئىد ياكى ئايفوندا ئىشلەيدىغان قانداق دېتالنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىكەنمەن

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 23:06:41

Ozuyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 20:50 static/image/common/back.gif
قاچىلىسام كىتاپلار ئېچىلمىدىغۇ، يەنە باشقا مەشغۇلاتل ...

قاچىلاش باسقۇچىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە قاچىلايدىغان يەنە بىر دېتال بار ئىدى، شۇ قاچىلاندىمۇ؟ مۇبادا سىستېمىڭىز xpبولسا net مۇھىتى قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، دېتالنى تۇنجى قېتىم قوزغاتقاندا ئاپتوماتىك ئەسكەرتىش بېرىپ net قاچىلىنىدۇ.  ئەگەر يۇقارقىلاردىمۇ ھەم كىتابلار ئېچىلمىغان بولسا 408834707نى قوشسىڭىز، مەن يېراقتىن كونتىرول قىلىپ نورماللاشتۇرۇپ بېرەي

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 03:55:05

بەك ياخشى دېتالكەن. مەيلى كۆرۈنمە يۈزى ياكى ئىقتىدار جەھەتتىن بولسۇن خېلى سۈپەتلى چىقىپتۇ. كۆپ ئەجىر قىلىپسىلەر. توختىماستىن ئالغا ئىلگىرلىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 13:35:42

WPFتە ياسىدىڭلىمۇ ياكى؟ تىرە چاپلىدىڭلارمۇ كۆزنەككە؟

jilwe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 14:52:12

cooloff يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 13:35 static/image/common/back.gif
WPFتە ياسىدىڭلىمۇ ياكى؟ تىرە چاپلىدىڭلارمۇ كۆزنەككە؟

تېرە ئىشلەتمىدۇق، كۆرۈنمە يۈزىنى كود ۋە كۆزنەك تەڭشەكلىرى ئارقىلىق شۇ ھالەتكە ئەكەلگەن
بەت: [1]
: خىسلەت كۈتۈبخانا دېتالى 2.0تارقىتىلدى