TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 08:42:47

تاشپولات: ھۇزۇر ھەم ئىلھام ئېلىڭ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 09:17  

ھۇزۇر ھەم ئىلھام ئېلىڭ: " ئۇيغۇر" نامى  خەلقئارالىق تىببى ماقالىلاردا

تاشپولات روزى


مۇشۇ كۈنلەردە، " ئۇيغۇرچە ئىسم" ياكى" ئۇيغۇر"دىگەن نامنى  خەلقئارالىق  ئىلىم - پەن ساھەسىدە كۆرگىنىمىزدە ھەممىمىز ناھايىتى سۆيۈنىمىز ھەم ئىلھاملىنىمىز.جۈملىدىن  مەن ناھايىتى سۆيۈنىمەن، پەخىرلىنىمەن،   ھەم “ئۇيغۇر” نامىنى ئىلىم-پەن ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەن ياشلارغا ئەڭ چوڭ كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىپ قوللاشنى بۇرچۇم دەپ ئويلايمەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئىچىدە، پەن - تەتقىقاتقا ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن بېرىلىپ، ئۈن - تونسىز ئۈزلۈكسىز نەتىجە يارىتىۋاتقان ئوغلانلىرىمىز كۆپەيمەكتە. بۇ ياشلىرىمىزنىڭ بىرسى بولغان ياش ئۇيغۇر ئالىمى نېرۋا ئىلمى دوكتۇرى ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنى ئالدىنقى قېتىم قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكام ھازىرمۇ ئوز ئورنىدا " تەتقىقاتچى ئالىم"  (Research Scientist)  نامى بىلەن ئۇنتۇغاقلىققا ئائىت تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يېقىندا  ئۇ  يەنە خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرنال "مىڭە تەتقىقاتى"  (Brain Research)   ژۇرنىلىنىڭ نەشىردىن بۇرۇنقى ماقالىلارنىڭ نەشىر قىلىنىش لاياقىتىنى كەسپى جەھەتتىن  باھالىغۇچى بولۇپ تەكلىپ قىلىندى.

دوكتۇر ئەلقەم ئۇكامنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك  تەتقىقاتلىرىنى  ئالدىنقى  تونۇشتۇرۇشتا  قىسقىچە تىلغا ئالغان ئىدىم. يېقىندا، ئۇنىڭ باشقا (ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان) ماقالىلىرىدىن" ئۇيغۇر تىبابىتى" نامىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنداق بىر مىللەت ۋە تىبابەتنىڭ مەۋجۇتلىغىنى  ئوز ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ سەمىگە سېلىشقا ئۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى سۆيۈندۈم، ھۇزۇرلاندىم، ھەم ئاپىرىن ئوقۇدۇم. بۇ ماقالىلىرىدە، دوكتۇر ئەلقەم ئۇكام ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئىشلىگەن ئورنى "ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومى" نى ئۆزىنىڭ ئالاقە ئادرىسلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىش ئارقىلىق،  " ئۇيغۇر تىبابىتى"  نامىنى 7 پارچە ماقالىسىگە كىرگۈزگەن ئىكەن. " تەتقىقات دەرۋازىسى"  (ResearchGate)  دىگەن تور بەتىگە ئاساسلانغاندا (پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا قاراڭ)،  دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنىڭ  ئىلان قىلغان 18 پارچە ماقالىلىرى ھازىرغىچە ئۆز ساھەسىدىكى 200  دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تىببى ماقالىلاردا پايدىنىلىنغان بولۇپ 2000 قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن ھەم تەسىر  كۈچى   (Impact Factor) 60  نومۇردىن ھالقىشقا يۈزلەنگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى " بادرەنجى بۇيا" نىڭ ئۇنتۇغاقلىق كېسەلگە بولغان شىپالىق تەسىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى 61 قېتىم پايدىنىلىنغان (پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا قاراڭ).

مەن تۆۋەندە بۇ ماقالىلارنىڭ PDF نۇسخىسىدىن چۈشۈرۈلگەن رەسىم كۆرۈنۇشنى سىلەر بىلەن ئورتاق ھۇزۇرلىنىشقا سۇنىمەن.  بۇ كۇرۇنۇشلەردىكى " ئۇيغۇر تىبابىتى" يەنى   (Uighur Medicine)  دىگەن سۆزنى بايقاشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن سېرىق رەڭدە بۇياپ قويدۇم، ھەم بۇ ماقالىلارنىڭ تور ئادرىسىنى رەسىم ئاستىغا  قۇشۇپ قويدۇم. سىلەرنىڭمۇ، ئىلىم - پەن ساھاسىدەكۈچلۈك ئىشتىياق بىلەن ئۈن - تونسىز  تىرىشىۋاتقان   دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنىڭ توھپىلىرىدىن ئورتاق ھۇزۇر ۋە ئىلھام ئېلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن



1- رەسىم:   
     http://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S0166432807001313


2 - رەسىم:
يۇقۇرىدىكى "بادرەنجى بۇيا" ماقالىسىدىكى ئۇيغۇر تىبابىتىنى تۇنۇشتۇرۇش قىسمى.


3- رەسىم:  
http://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S0166432807006675


4- رەسىم:  



5- رەسىم:  
http://www.nature.com/npp/journal/v34/n6/full/npp2008212a.html


6- رەسىم:  
http://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S0166432810001282


7- رەسىم:  
http://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S0166432811000799


8- رەسىم:  
http://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S0166432812007085

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
1 -  دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنى تۇنۇشتۇرغان ماقالەم:
http://bbs.izdinix.com/thread-58637-1-1.html

2 -   دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنىڭ ئامىركا دولەتلىك كۇتۇپخانىسىدىكى ماقالىلىرى:
http://www.ncbi.nlm.nih.gov/pubmed/?term=Alkam+T

3 -  دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنىڭ تەتقىقات دەرۋازىسى تور بەتىدە ئىزاھلانغان تەتقىقات ئەھۋالى:
http://www.researchgate.net/profile/Tursun_Alkam

4 - دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنىڭ بادرەنجى بۇيا ماقالىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىش ستاتىستىكىسى:
تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى ئېچىپ، ئېچىلغان تور بېتىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى "  Citing  articles 61 "   (پايدىلانغان ماقالىلار 61) دىگەن ئۇلانمىنى چىكىڭ.
http://www.sciencedirect.com/science/article/pii/S0166432807001313

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:27:00

كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر سىزگە تاشپولاتكا!بۇ ئەسەرنىڭ پايدىلنىش قىممىتى يۇقىرى ئىكەن ،ساقلىۋالدىم.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 23:21:18

تاشپولاتكامغا تەشەككۈر، ئۈن تىنسىز ئىلىم پەن تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىپ مىللىتىمىزنىڭ پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇۋاتقان ئالىملار نى خەلىققە تونۇشتۇرۇشمۇ ياشلارنى ئىلھاملاندۇرىدىغان ياخشى ئىش.

UyghurBalisi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 23:22:49

بەزى ماقالىلىرىنى چۈشۈرىۋالدىم، ئالدىرىماي ئوقۇپ باقارمەن ئۆزىمىزنىڭ ئالىملىرى يازغان ئىلمى ماقالىلەرنىمۇ.

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 00:19:08

UyghurBalisi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 23:22 static/image/common/back.gif
بەزى ماقالىلىرىنى چۈشۈرىۋالدىم، ئالدىرىماي ئوقۇپ باق ...

مۇشۇنداق ئۇچۇرلارنى كۆرسەم، شۇ نەتىجىنى ئۆزەم قولغا كەلتۈرىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىمەن- دىسە.
رەخمەت دوكتۇر تاشپولات روزى ئەپەندىم. كۆزلىرىم نۇرلىنىۋاتىدۇ.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 07:48:31

ئۇيغۇر نامىنىڭ ئىنگلىزچىسى نىمىشقا ھەرخىل ئىلىنىدۇ.
بۇ ماقالىدىمۇ شۇنداقكەن. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىلكوم بىكىتكەن يىزىش ئۆلچىمى قوللىنىلماپتۇ.

تاشپولاتكامنىڭ يازمىسىغا تەشەككۇر !

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 09:42:18

matimatika يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 07:48 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇر نامىنىڭ ئىنگلىزچىسى نىمىشقا ھەرخىل ئىلىنىدۇ.
ب ...

ھۆججەت چىقىشتىن بۇرۇن دۇنيا مىقياسىدا Uighur دېگەن نامنى ئىشلىتەتتى. شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر نامى ئاشۇنداق ئېلىنىپ قالغان ئىدى. ئەلقەم ئۇكام ئەلۋەتتە بۇندىن كېيىن يېڭى ماقاللىرىدا بىرلىككە كەلگەنUyghur نامىنى قوللىنىدۇ. بۇ ياش ئالىمىمىز ھەرگىز ئورتاقلىققا زىيان سالىدىغانلاردىن ئەمەس.

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 16:46:07

ھەقىقەتەن ئېسىل!{:112:}
نەق يۈرەككە بارىدۇ مۇشۇنداق تېما

yuknaki يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 14:27:25

ئاللا رەھمەت قىلسۇن تاشپۇلاتكا ،راس گەپنى قىلسام مىنىڭ سىلەرگە بەك ھەۋىسىم كىلىدۇ.سىلەردەك ئالى بىلىم يۇرتىلىرىدا دۇنيا يېڭىلىقلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەدە چۈشىنىش ۋەتەپەككۇر قىلىش ئادەمنى تۇلىمۇ جەلىپ قىلىدۇ.

kumaltah يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 21:57:01

yuknaki يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 14:27 static/image/common/back.gif
ئاللا رەھمەت قىلسۇن تاشپۇلاتكا ،راس گەپنى قىلسام مىنى ...

مۇشۇنداق تىرىشچان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئىش ئىزلىرى ،مۇۋەپپىقىيەتلىرى ،يەنە بىر ياق بىر نەچچە مىڭ ياشلارغا ئۈلگە بولسا ھە!!!!!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 22:13:57

ئالىملىرىمىزغا ئوتلۇق سالام يوللايمىز!
سىلەر بىزنىڭ پەخرىمىز بولۇپلا قالماي ئىنسانىيەتنىڭمۇ سەر خىللىرى، سىلەرنى بېشىمىزدا كۆتۈرىمىز

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 09:04:36

ئەسسىلام تاش پولات مالىم ،ھەربىر باسقان يولىڭىزدىن گەۈللەر ئۈنسۇن. ياشلارنى تەربىيەلەش ۋە تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان ئەجرىڭىزگە ئاللاھ ئىجازەت بەرگەي. شۇنچە ئالدىراش ،قىس ۋاقىتلىرىڭىزدىن ۋاقىت چىقىرىپ ،ئۇيغۇرۇم ئۈچۈن شان شۆھرەت قازىنىۋاتقان ئوغلانلىرىمىزنى بىزگە تونۇشتۇرۇپ ،ياشلىرىمىزنىڭ ئۈگىنىش قىزغىنلىقىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتىرىۋەتتىڭىز. رەخمەت سىزگە. ئاللاھ ئىشلىرىڭىزگە بەركەت ،ئائىلىڭىزگە بەخت ئامەت ،تىنىڭىز ساق سالامەت بولسۇن، ئامىن

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 12:25:03

يۇقىرىدا ماڭا ئىنكاس قالدۇرغان بارلىق قېرىنداشلارغا كۆپ رەھمەت! سىلەرنىڭ سەمىمىي سۆزلىرىڭلاردىن خوش بولدۇم. ئامېرىكادا ئىشلىرىڭلار بولسا ئالاقە قىلىڭلار كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەم قىلىمەن.  

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 19:37:11

رەھمەت ، ئاللاھ سىزنى سالامەت قىلسۇن

Tashchiqiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 08:13:29

تاشپولات ئاكا، بۇ ئالىمىمىزنى «تەتقىقات دەرۋازىسى» دىن تېپىۋالدىم، لېكىن سىزنى تاپالمىدىم، ئىسمىڭىزنى قالدۇرۇپ قويامسىز؟ تەشەككۈر:)

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 08:40:45

Tashchiqiz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 08:13 static/image/common/back.gif
تاشپولات ئاكا، بۇ ئالىمىمىزنى «تەتقىقات دەرۋازىسى» دى ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، مەن بۇ دەرۋازىدىن كىرمەپتىكەنمەن.  ئۇ يەرگە كىرگەندىن كېيىن ئەۋەتىپ بېرەي.  ئەگەر سىزگە مەندىن دەررۇ كېرەكلىك نەرسە بولسا ماڭا ئۇندىداردا سوز قالدۇرۇڭ ئەۋەتىپ بېرەي. ئۇندىدار كارتىم: qarighay

mewize يوللانغان ۋاقتى 2014-11-27 11:03:25

ھەقىقەتەن ھەممىمىزنى پەخىرلەندۈدىغان ئىش بوپتۇ،ئۇيغۇرلارنى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇتۋاتقان بۇ پەخىرلىك ئالىملىرمىزغا سالامەتلىك،ئىشلىرغا بەرىكەت تىلەيمىز
بەت: [1]
: تاشپولات: ھۇزۇر ھەم ئىلھام ئېلىڭ