‹‹دۇ چيۇ›› ئالەمدىن ئۆتتى
‹‹دۇ چيۇ›› ئالەمدىن ئۆتتىتاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، ياپونىيەنىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسى تاكاكۇرا كېن 10-نويابىر كېسەل سەۋەبىدىن 83 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن . 1978-يىلى ئۇ باش رول ئالغان ‹‹قوغلاپ تۇتۇش›› فىلىمى مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىدىن كېيىن جۇڭگوغا كىرگەن تۇنجى چەت ئەل فىلىمى بولۇپ ، زور داغدۇغا قوزغىغان . فىلىمدە ‹‹دۇ چيۇ›› رولىنى ئالغان تاكاكۇرا كېنمۇ مۇشۇ بىر فىلىم بىلەنلا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ ‹‹چوقۇنغۇچىسى ›› غا ئايلانغان . ھازىرغا قەدەر ئۇ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ جەمئىي 204 فىلىمدە رول ئالغان بولسىمۇ ، ئەمما ‹‹قوغلاپ تۇتۇش ›› تىكى رولى جۇڭگو تاماشىبىنلىرىنىڭ قەلبىگە ئەڭ زور تەسىر قالدۇرغان ، دېيىشكە بولىدۇ .
‹‹قوغلاپ تۇتۇش ›› فىلىمى جۇڭگودىكى پېشقەدەم بىر ئەۋلاد تاماشىبىنلارغا ئەڭ تونۇش بولغان نادىر فىلىملەرنىڭ بىرى . تاكاكۇرا كېننىڭ فىلىمدىكى قەيسەر ، كەسكىن خاراكتېرى ، ‹‹سوغۇق›› قىياپىتى ئەينى يىللىرى كۆرۈرمەنلەر قەلبىنى زىلزىلىگە سالغان . كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان ھېكايە ۋەقەلىكى ، كىشىنى بىتاقەت قىلىدىغان قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرمىسى بىلەن بۇ فىلىم زور ئالقىشقا ئېرىشكەن ، ھەتتا بۇنىڭ بىلەن ‹‹قوغلاپ تۇتۇش ›› قا مۇناسىۋەتلىك ئاز بولمىغان سەنئەت ئەسەرلىرى بارلىققا كەلگەن ، فىلىمدىكى تەپتىش ئەمەلدارى ـــ كېلىشكەن ، ئەمما كۆزلىرىدىن ‹‹سوغۇق نۇر›› چاقناپ تۇرىدىغان ، ھەمىشە تىك ياقىلىق پلاش كىيىۋالىدىغان ‹‹دۇ چيۇ›› ئوبرازى تاكاكۇرا كېننى مىليونلىغان جۇڭگولۇق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىكى تۇنجى ياپونىيەلىك كىنو چولپىنىغا ئايلاندۇرغان.
‹‹قوغلاپ تۇتۇش›› ــ ‹‹دولقۇن كەزگەن ئادەم›› ناملىق ھېكايىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ، 1976-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان، تاكاكۇرا كېن باش رول ئالغان.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى 幸福的黄手帕.720p.国日双语.BD中字【6v电影www.6vhao.net】.mkv
دۇچيۇ دىگىنى خەنچە تەرجىمە قىلغان ئىسمى. كىنودىكى ئەسلى ئاتىلىشى بولسا 'مورىئوكا' بۇ ئۆلۈم ھەممىگە،ئارتىسقىمۇ بار. http://player.youku.com/player.php/sid/XNTI4MTg0MTI0/v.swf يەنىلا ئاتۇشلۇقلار يامان چىقتىمۇ-نىمە، سەكرە دۇچۇ-سەكرە، ئالدىڭدا دوللار با سەكرە!...
دۇچۇ قارىنىڭ بۇ خەۋىرىدىن قارىساق، شۇ يىللاردىكى ياپونىيە بىزنىڭ ھازىرقى جەمىيتىمىزدىن تەرەققى قىلغاندەكلا...
ئاۋۇ شەخسى ئايرۇپىلانىچۇ قىزىنى قۇتقۇزىۋالغان دۇچۇنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سايلامدىن ۋاز كىچىدىغان بىرنىمە ساڭناڭنىڭ... مەن ئۇچ كۇن ئىلگىرى مۇشۇ خەۋەر توغرىسىدا بىر تىما يوللىسام تەستىقلانماپتىكەن. باشقۇرغۇچىلاردىن سورىۋالاي، تىما يىزىشقا پەستىكى شەرتىڭلاردىن باشقا يەنە قانداق شەرىت ھازىرلايمىز؟ سەكرە دۇچۇ{:92:} 1978-يىلى تاكاكۇرا،يەنى دۇچۇ(قوغلاپ تۇتۇش)فىلىمىدە باش رول ئالغان ۋاقىتتا 45ياش ئىكەنتۇق،مانا ئارىدىن 38يىل ۋاقىت ئۆتۈپ بۇ يىل 10-نويابىر ئالەمدىن ئۆتۈپتۇدە،83يېشىدا.
دۇچۇ باش رول ئالغان ۋەكىل خاراكتىرلىك كىنولىرىدىن قايسىلار باركىن؟
ياپۇنيەدەك دىمۇكراتىك دۆلەتلەرگە بەك ھەۋەس قىلىمەن. بۇ كىنونى قويغاندا مەن بەك كىچىكمۇ قانداق ھېچ ئەسلىيەلمەيۋاتىمەن ، بىر كۆەيچۇ {:92:} دۇچۇ قارىيمۇ رەھمەتلىك بولاپ كىتىپتۇ - دە، كۆڭلى ياخشى ئەدەمتى ئۆزى:lol سەكرىمە دىسە ئۇنىماي ،ئاخىرى بىنادىن سەكرەپتۇدە دۇچۇ !{:87:} ئەجەپ بالىلىق ۋاقتىمنى ئەسلەپ قالدىم دىسە..... نادىر فىلىم ئىدى…… قېرىنداشلىرىمىز ئالەمدىن ئۆتسە دەيدىغان «ئەلھەكمۇلىللا»ئەجەبا گاۋساڭجيەنگە لايىق ئەمەسمۇ. بىر قەۋمدىن بولمىغىنى ئۈچۈنلا چاقچاق قىلساق بولىۋېرىدىكەندە.
مېنىڭ خۇالىڭدىكى بىر تونۇشۇم تۈگەپ كېتىپتۇ. يامان ئېسىل خەنزۇ ئىدى. قەرزىم بارتى تۆلىيەلمىگەن، يېرىمنى بولسىمۇ ئايالىغا ئاپىرىپ بەردىم...مۇسۇلمان بولسىمۇ خەنزۇ بولسىمۇ ئۆلگەندىن كېيىن بەرىبىر سورىقىنى ئاللاھ ئۆزى قىلىدىغان بولغاندىكىن، ھېچبولمىغاندا كالچاراپ چاقچاق ئارىلاشتۇرماي تۇرساق بولماسمۇ.
بەت:
[1]