azizyaxa يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 17:05:19

چۈنكى مەن خاتىرىسنى يۇقاتقان ئادەم

  

ئەسلىگىم يوق ئۆتمۈشنى
ئۆتمۈشىم تولغان
ھەسرەت
داغ بىلەن
قەلبىم جاھارەتلەنگەن
كەچۈرگىسىز
خاتالىقلىرىم بىلەن
شۇڭا ئاراپلانماي
سورىما مەندىن
ئۆتمۈشىمنى
ئۇنتۇي تائابەت
چۈنكى مەن خاتىرىسنى يۇقاتقان ئادەم

بارسام ئىشلەي دەپ ئالدىڭغا
باركەن دېمە قارا خاتىرەڭ
چۈنكى ئۇنۇتقان
مەن ئۇنى
ياشاي دەپ
پاك
ھالال
ئەسلىگىم يوق ئۆتمۈشنى
چۈنكى دەپنە قىلىۋەتكەن
ئۇنى مەن
ئون
ئەللىك
يۈز
كىلومىتىر چوڭقۇرغا
شۇندىلا ياشىيالاتتىم
ئادەمدەك
ئازاپلىماتتى
ئۆتكۈزگەن خاتالىقلىرىم
چۈنكى مەن خاتىرىسنى يۇقاتقان ئادەم

بىلىمسىز نادانكەن دېمە
قىلما ھاقارەت
مەن ئۇقىمىغان
مەكتەپ قالمىغان
دادام رەھمەتلىك
ئاپىرىپ ھارمىغان
ئانام رەھمىتى
سۆزلەپ -سۆزلەپ
يۈرۈكىدىن
ئېقىپ ياشلىرى
كۆزلىرىنىڭ خۇنى قالمىغان
بولدى ساۋاتسىز دېمىگىن مىنى
چۈنكى ياشلىقتا
مەن تېخى
ئويناپ ھارمىغان
مەكتەپتىن قېچىپ كۈندە
ياكى تالمىغان
شۇنداق قالغان ساۋاتسىز
چۈنكى بۇ ياشتا
قىلاي دېسەممۇ
پۇشمان
پۇشمانغا ئەسلا
دۇرا قالمىغان
چۈنكى مەن خاتىرىسنى يۇقاتقان ئادەم

ئۇنتاي دېدىم ئۆتمۈشلىرىمنى
كۆرگەن چۈش - پۈشلىرىمنى
بىللە ئويناپ چوڭ بولغان
دوسىت-ئاغىنە
تەڭتۇشلىرىمنى
كۆرسەم ئازاپلىنىمەن
چۈنكى مەنمۇ ئادەمغۇ
تېخى مىنىڭ ئۆيۈم يوق تۇرسا
بالا تۈگۈل
خۇتۇن يوق تۇرسا
دوسىتلىرىمنىڭ
ئىككى ياكى ئۈچتىن
بالىسى تۇرسا
ئازاپلىما!
سورىما!
سورىما! مەندىن
بىلمەيمەن ! بىلمەيمەن!
چۈنكى مەن خاتىرىسنى يۇقاتقان ئادەم

خەنزۇچىنى سۆزلەيسەن
تەمتىرمەي دېمە
چۈنكى قارا دەرۋازىدا
سىياسەت يادلاپ
كۆنۈپ قالغان
شۇ چاغدا پېقىر
ئاز -پاز
ئۆگىنىپ قالغان
نېمىشقا دېمە كىرىپ قالغان
چۈنكى قەلبىمگە
چوڭ -چوڭ
جاراھەت چىقىپ قالغان
سورىساڭ تاتلاپ سالىسەن
چۈنكى قاناشقا ئۇ
بەك-بەك
ئاز قالغان
قانىسا ئۆلەپ قالىمەن
بولدى سورىما
پەرزەنتىم يوق
دەپنە
قىلىشقا
چۇقۇم چوڭ يولدا قالىمەن
چۈنكى مەن خاتىرىسنى يۇقاتقان ئادەم

ماڭا كۈلۈپ باقسا ئەتە
ھايات بەتلىرىنى يېڭىدىن
ئاچسام
ئۇنتۇپ كەتسەم تامام
بالىلىق
ياشلىق
ئۆتمۈشىمنى.......
خاتا باسقان ھەر بىر
قەدەملىرىمنى
قان يېغلاتقان ئاتا -ئانام
ئاھۇداشلىرىمنى
شۇندىلا قۇتىلاتتىم
ۋىجدان ..........
ئازابىدىن
باشلىيالاتتىم
مەن يېڭى ھاياتىمنى
شۇنىڭ ئۈچۈن يۇقاتقان مەن
خاتىرەمنى
بىلمەيمەن ئىسمىم نىمە؟
تۇغۇلغان قايسى جاي
قايسى ۋاقىتتا؟
قايسى كۈندە؟
مەن تۇغۇلدۇم قايتا
مەن تېخى بوۋاق
يېڭى ئىسمىم تۇلان بەگ
تەڭرىم قۇيۇپ قويغان
چىن قەلبىڭدىن تەۋبە قىلساڭ
مەن كەچۈرىمەن
باشقىلار ......
كەچۈرمىسىمۇ دەپ
قۇرئانىمغا ئۇيۇپ قويغان
چۈنكى مەن خاتىرىسنى يۇقاتقان ئادەم

خاتىرەمنى يۇقاتقان دېسەم
تىرىك ئۆلۈككەن دېمە
چۈنكى مەن ھايات ئادەم
ئۆزلىكىنى تېپىش ئۈچۈن  
بۇندىن كېيىنكى ھەياتىدا بولسىمۇ
ياخشىلىققا ........
سەرىپ ئىتەي دەپ
قۇلۇمغا ئوتتۇز ياشتا
قەلەم ئېلىپ سالغان
كەچۈر رەببىم دەپ
بەك قاتتىق
قاتتىق يىغلاپ سالغان
چۈنكى مەن خاتىرىسنى يۇقاتقان ئادەم

ئاپتۇرى : تۇلان بەگ

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 00:35:08

ئېكراننىڭ بىر يېقىغا يىغىلىۋاپتۇ، قايتا تەھرىرلەپ بېقىڭە!  قېرىندىشىم.{:92:}

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 02:31:20

zuwansiz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 00:35 static/image/common/back.gif
ئېكراننىڭ بىر يېقىغا يىغىلىۋاپتۇ، قايتا تەھرىرلەپ بېق ...

;P ;P :L

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 02:39:20

ناخشىڭىزنى ئاھاڭغا سېلىپ، بىر ئاز دوراپ باقتىم. ياخشى يېزىلغان « ئۇيغۇرچە روك » ئىكەن. كېيىنكى قېتىمدا تىنىش بەلگىلىرىنى ئۇنتۇپ قالماڭ. بۇنچىۋالا ئۇزۇن ناخشىنى بىر نەپەستە ئاخىرىغا چىقىرىپ بولالمايسىز.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 07:12:46

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 09:22:35

مەن ياقتۇردۇم. يېزىپ تۇرۇڭ ھەم ئۇسۇلىڭىزنى يېڭىلاپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 09:28:15

ئاپتورنىڭ شىئىرىدىكى ھىسىياتى ، مىنىڭ ھىسىياتىم بىلەن مەلۇم دەرىجىدە بىردەكلىككە ئىگە ئىكەن، خاتىرەمنى يوقىتىشنى خالايمەن دىگەن بولسىڭىز شېئىردا ئىپادىلەنگەن ھىسىياتقا تىخىمۇ يىقىنلىشاركەن دەپ ئويلىدىم.

bagalip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 10:38:05

ياخشى يېزىلغان شېئىر ئىكەن ،گۇناھ تۇيعۇسى، پۇشايمان ......

azizyaxa يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 11:09:08

قوللاپ تۇرۇڭلا  , بۇلمىغان جايلىرى بولسا سۆزلەپ تۇرۇڭلا  ,  تەلىمڭلارغا مۇھتاج مەن

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 13:17:21

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 07:12 static/image/common/back.gif
رەپ .

ۋاييي، ئاخشام مۇشۇ گەپنى تاپالماي، ئاخىرى روك - دەپلا قۇتۇلغان. رەخمەت سىزگە. :D

talibe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 21:13:01

ئاللاھ قوللىرىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن قېرىندىشىم.گۇناھ ،پۇشايمان،ھەسرەت ھەممىسىنىڭ ياخشى دورىسى تەۋبە،دۇئا قىلىشتۇر.........................
بەت: [1]
: چۈنكى مەن خاتىرىسنى يۇقاتقان ئادەم