678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 16:46:03

تەپەككۇر توغرىسىدا تادۇچە قاراش

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 17:34  

جانلىق دىگەن سۆزنى ئەسلىسەك ، كۆزئالدىمىزغا ئىنسان ، ھايۋان، ئۆسۇملۇك، يەنە چوڭلارنىڭ رىۋايىتىگە بىقىنداش جىن ئەرۋاھلار كىلىدۇ.مەيلى بىرپۇتۇن تاكاممۇل مەخلۇق بولسۇن، ياكى كۆزبىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ئاددىي تەنچىلەرگىچە ، ئۇلاردا جان دەيدىغان بىر سىر بار.جۇپلىشىدۇ تۇغىدۇ ئۇنىدۇ ئۆسەپ چوڭ بۇلۇپ ئۆلىدۇ. ئىنسان ياسىغان بۇيۇملار لەگلەكتىن ئايرۇپىلانغا، ئەينەكتىن تىلۋۇزۇرغا تەرەققىي قىلغىنى راس، بىراق جىنى بار مەخلۇقاتلار ئۇرىغىدىن ئۇنىدۇ.ماھىيەتلىك پەرقى بار.
تەپەككۇر جانلىق ئارسىدىكى  ئىنساندا ئىپادىلەنگەن ئەڭ ئالىي نىممەت بۇلۇپ، ئىنسان مۇشۇ كوزىرى بىلەن كۇللى مەخلۇقاتنىڭ سەجدە ماقامىدا ئەكىس ئىتىدۇ. ئىنسان جىسمى تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا دىن ئىبارەت تۆت تادۇ دىن تۇزۇلگەندەك، ئىنسان روھىيتى تەپەككۇر قەلىپ كۆڭۇل روھتىن ئىبارەت تۆت خىل مەنىۋىيەتنىڭ تۇزىلشى  قىلىقى زىدىيتى مۇناسىۋىتى خۇيى بىلەن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدۇ.
مۇشۇنىڭ ئىچىدىكى تەپەككۇرغا ئايرىم كەلسەك، تەپەككۇر بۇرۇن كۆز ئىغىز قۇلاق تىن ئىبارەت تۆت ئەزادىن چىققان ئۇچۇرلارنى مىڭىدە قىياس قىلىدۇپىشىقلايدۇ، ياكى تۆت تادۇغا سالىدۇ. تەپەككۇرنىڭ مىجازى سەۋدا ، سەۋدا بولغاچ سەۋدا خىياللارنىڭ ئىچىدە ئۆمىلاقمان دومىلايدۇ.شەكلى توپتەك ، توپتەك ھەريانغا يورغىلايدۇ.  بىرئىشنى تۇتۇپ قىلمايدۇ.ھىلى ئۇنى ياخشى كۆرسە ھىلى بۇنى ياخشى كۆرىدۇ. سەۋىرسىزتوختاۋسىز يىڭىلىق ئىزدەش سەپىرى دىيەشكە بۇلىدۇ.

تەپەككۇرمۇ ئۆز ئىچىدىن ھۇش ئەقىل پەزىلەت بىلىم دەپ تۆت تادۇغا ئايرىلىدۇ.
ئادەتتە كۆپۇنچىمىز لوگىكىلىق ۋە ئوبرازلىق ئىككى خىل تەپەككۇر شەكلنى بىلىمىز. لوگىكىلىق تەپەككۇردا نۇرغۇن ئوبىكىتلاردىكى تەجىربە ئىستاستىكىسى،ۋاقىت، سان سىپىر،قانۇن دەستۇر،قۇرال سايمان نەتىجىسى، قىسقىسى ئەقىلنىڭ تۇپتۇز پائالىيتىنىڭ پاكىتى چىقىش قىلىنىپ،چىققان نەتىجىنىڭ ئادىل تەڭ بۇلىشىنى قوغلىشىدۇ.ئوبرازلىق تەپەككۇردا دۇنيادىكى قانۇنىيەت ئوخشاشلىقلار ئۆلچەم پىرىنسىپلار ئوبرازلىق سىلىشتۇرلىدۇ.ئىجادىي تەپەككۇردا بولسا، بۇ ئىككىلىسىنى تەڭ ئىشلىتىپ يىڭىنى بايقايدۇ.مەسلەن؛ بىر بۇۋاينىڭ قۇلىنى يۇپۇرماق كىسىۋەتكەچكە،يۇپۇرماقنىڭ ھەرەچىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ، بۇ لوگىكا.ئاندىن تۆمۇردە مۇشۇنداق ھەرەچىشلىق قىلىپ تىغ ياسىسا ،ياغاچنى كەسكىلى بۇلىدىغانلىقىغا كۆزى يىتىدۇ. بۇ ئوبرازلىق. تادۇچە تەپەككۇردا بولسا ئالدى بىلەن تۇپراق ئوت سۇ ھاۋا بۇيىچە خۇي-خۇسيەتلىرى ئوبرازلىق ئىنقلىنىپ،تەڭپۇڭلۇق‹لوگىكا› بۇيىچە مۇناسىۋەت زىدىيەتلىرى تەھلىل قىلىنىدۇ.دىمەك  ئىجادىي تەپەككۇرنى بايقىشى بىلەن ھۇش دىسەك، لوگىكىلىق تەپەككۇرنى سانسىپىر قۇرالى بىلەن ئەقىل، تادۇچە تەپەككۇرنى پەزىلەت، ئوبرازلىق تەپەككۇرنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى بىلىمگە قىياس قىلىشقا بولىدۇ ياكى مۇشۇنداق ئەكىس ئىتىدۇ.
ھۇش، سەزگۇرلۇك ئۇقۇش بىلىش دىگەن مەنالارنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ، ئىنسان ئىجادىي كۇچىنى بايقاش ئۇندۇرۇش روھىنى تەخمىن قىلسا.ئەقىل، تەدبىر پاراسەت بىلەن تاياقتا مال ھەيدىگەندەك، قىزىتىش چاسىلاش ھەيدەش رولىنى ئۆتەيدۇ.پەزىلەت بولسا سىلىقلىقى بىلەن ياخشى ياماننى  تۆت تەرەپكەباغلىسا.بىلىم خۇددى كوناكاسىردەك تەجىربە ساۋاق يەكۇنلەرنى  خاتىرلەيدۇ.  تۇپراق خۇسيەتتىكى ھۇش بايقىسا،ياكى زىيادە ئاشسا ھاۋا خۇسيەتتىكى بىلىم تەجىربە ئالدى بىلەن دەپتەرلىرىنى ۋاراقلاپ،سىلىشتۇرۇپ مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ چەكلەيدۇ.ياكى بىلىم كىتاپتىن باش كۆتۇرەلمىسە،ھۇش يىڭىلىق ئىلىپ كىلىپ بىيىتىدۇ.بىر مەزگىل ھۇش گەۋدىلەنسە بىر مەزگىل ئەقىل،پەزىلەت بىلىملەر رىتى بۇيىچە گەۋدىلىنىدۇ. ھۇشتا بايقاش گەۋدىلىنىپ، باغلاش كەم بۇلىدۇ،چوڭقۇرلۇق ئەكىس ئىتىپ، كەڭرىلىك ئىتىبارسىز بۇلىدۇ. پەزىلەت‹تادۇ› بۇيىچە دەل تەتۇرسى بۇلۇپ، كەڭرىلىك باغلاش ئاساس قىلىنىپ،بايقاش ئاجىزراق بۇلىدۇ.ئەقىل لوگىكا بۇيىچە پاكىت ئىغىرلىق ئاساس،ئوبىرازنىڭ بۇنىڭ بىلەن كارى يوق ماسسا قوغلىشىدۇ.مۇشۇنداق دەۋرىيلىك زىدىيەت باغلىنىش تەققەزا ئىچىدە تەپەككۇر تۇگمەن تىشىدەك ئوقىدا پىقىرماستىن، ماشىنا چاقىسىدەك توغرىسىغا ئايلىنىپ مەنزىلىگە يىتىدۇ.

تەپەككۇرغا يەنە سەپرامىجازدىكى قەلىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. قەلىپ گۇمانىي قەلىپ، ئەسەبىي گەدەنكەش قەلىپ، ھۇزۇرىي قەلىپ، قورىققان قەلىپ، مۇنداقچە دىگەندە قەلىپ، گۇمان ھەددى ھۇزۇر قورقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالدۇ. بۇلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە تەپەككۇرغا نىسبەتەن چەكلەش كىسىش رولىنى ئۆتەيدۇ.
ئىنسان تەپەككۇرىغا يەنە سۇ سۇپەتتە كۆڭۇل تەسىر كۆرسىتىدۇ. بەلغەم مىجازدىكى كۆڭۇل،بىلىش ئالاھىدىلىكتە  ھاۋايى- ھەۋەس، ئادىللىق خاراكتىردە غەزەپ ۋەخۇشلۇق، ياخشىلىق سۇپەتتە مۇھەببەت ۋە نەپرەت،تەقۋادارلىق خۇسيەتتە ۋىجدان ۋە ساداقەت دەپ تۆتكە ئايرىلىدۇ.مەسلەن؛ سەۋدا مىجازدىكى يەھۇدىيلاردا ھاۋايى –ھەۋەس يىتەكچى بولغاچ،ئۇلاردىكى ۋىجدان ئىززەت كام كىلىدۇ.قان خىلىتتىكى ھىندىلاردا بولسا ۋىجدان ئىززەت قىممەتلىك،كىنولىرى مىسال،شۇڭا تەبىئى ھالدا ھاۋايى ھەۋىسى كام كىلىدۇ. تەرىك دۇنياچىلىق، دەرۋىشلىك، راھىپلىق كۆلەمگە ئىگە.سەپرائادىللىق تىپىدىكىسىدە غەزەپ خوشلىقى ئىگىز بولغاچ، مۇھەببەت نەپرىتى سۇس‹ئەركىن جىنسىيەت› بولىدۇ.ھەۋەس زىيادە ئاشسا،بۇنى ۋىجدان تىزگىنلەيدۇ.غەزەپنى مۇھەببەت باسىدۇ.بۇلار ئارسىدىمۇ تادۇچە مۇناسىۋەت بار. تەپەككۇرنىڭ ياخشى يامانلىقىنى كۆڭۇل بەلگۇلەيدۇ. كۆڭۇلنىڭ تەپەككۇرنى بىيىتىش كۆكلىتىش رولى بۇلىدۇ.چۇنكى ئىشتىياق بولمىسا ، خوش ياقمىغان ئىش تازا بولمايدۇ.
ئىنسان ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلغۇچى.تىلنىڭمۇ بىر قەۋىمنىڭ تەپەككۇرنىڭ ‹تۇنىشى›مەزمۇنى شەكلى نىشانى بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشى بۇلىدۇ.  تىل، مەنا تاۋۇش  گىرامماتىكا يىزىق دەپ تۆت تادۇغا ئايرىلىدۇ. مەنادا تەپەككۇر ئەكىس ئەتسە،تاۋۇش ئاھاڭدا دىل ئەكىس ئىتىدۇ.گىرامماتىكىدا تىل گەۋدىلەنسە، يىزىقتا خۇي شەكىل قىلىدۇ.مەسلەن؛لاتىنچە يىزىقتا چىش‹ئادىللىق› بىلەن كالپۇكنىڭ‹بىلىش› ھەركەت شەكلى چىقىدۇ. ئەرەپ يىزىقىدا تىل ‹ ياخشىلىق›بىلەن ھاۋا ئىقىمنىڭ شەكلى چىقىدۇ.خەنزۇ يىزىقىدا بولسا تەسۋىر ئوبراز  ئاساس خۇيىغا چۇشىدۇ. بىزلەر ياخشىلىق سۇ بولغاچ، تاۋۇش مۇقاملىرىمىزمۇ سۇدەك ئۆركەشلەيدۇ.ئادىللىق ئوتنىڭ تاۋۇش ئاھاڭلىرى ناھايتى شوخلۇق تەلەپ قىلىدۇ قىزىتىدۇ.ئۇيغۇر تىلنىڭ مەنا باغلاش جەھەتتىكى ئىقتىدارى دۇنيادا تخى يىگانە، باشقا تىللار ئورنىنى باسالمايدۇ. ئويلىغان تەپەككۇرغا قارغاندا سۆزلىگىنى كەڭرى بۇلىدۇ. ئويلىغانغا قارغاندا يازغىنى چوڭقۇر بۇلىدۇ. يىزىقتىكى ھەرىپلەرنىڭمۇ ئىسسىق سۇغۇق مىجازى بۇلىدۇ.
ئىنساندىكى خۇينى بىر تۇز سىزىققا ئوخشىتىشقا بۇلىدۇ. تۇزلىكى ئالاھىدىلىك بولسا، ھەم  كەمچىلىك.قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقىدۇ دىيىشىدۇ چوڭلار، خۇي ئىرسىي بۇلىدۇ.مەدىنىيەت بۇيىچە قارغاندا‹ مەدىنىيەتتە تۆت تادۇ بىلىش ئادىللىق ياخشىلىق تەقۋادارلىك بۇيىچە ئەكىس ئىتىدۇ›،نوھ ۋە ئۇنىڭ ئۇچ ئوغلى ئىنسانىيەتنىڭ ئۇرۇقلىرىدۇر.ئامغا تەۋەلەر قەدىمقى رۇملۇقلار بولسا، سامغا تەۋەلەر ئىبرايىم ئوغۇللىرى،ياپەس تۇرۇكلەرنىڭ ئورىغىدۇر.نوھ توغرىسىدىكى بايانلارغا قارغاندا، نوھ ۋەئۇنىڭ ئۇچ ئوغلى ، يەنە سەكسەن نەچچە كىشى،تامام جانلىقتىن بىرجۇپ كىمىگە چىقىۋالغان. بەلكىم كىمە توختىغان جاي ياۋايى ھايۋانلار كۆپ ئافىرقا بۇلىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كىيىن لۇت،سەمۇد،ئاد ، يەنە ئىبرايىم توغرىسىدىكى بايانلار بار. لۇتتا لىۋاتە ‹ئەركىن جىنسىيەت› ئادىللىق ئوتنىڭ خۇيى. سەمۇدتا سانىنىڭ كۆپلىكى،تۇرۇزلاردىكى ساختىلىق بۇيىچە تەقۋادارلىق ھاۋا خۇيى.ئىبرايىمنىڭ بىلىش تۇپراق خۇيىلىقى سۆزسىز. ئادىيات، ئاد ئات قەۋىمى بەشكە بۇلۇنگەنلىكى بىرنىڭ ھاۋابۇراندا،بىرنىڭ ئوت زەرەتتە،بەزىلىرىنىڭ ئاۋازدا ھالەك قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان.ئۇنىڭ ئۇستىگە تۇركىي قەۋىملەردە ئات ئەھمىيەتلىك،بۇ ياخشىلىق سۇنىڭ خۇيى.دىمەك بىلىش تىپىدىكىلەرنىڭ خۇيى بىلىشتە، يىڭىلىقنى بايقاشتا گەۋدىلىنىدۇ.ئىنچىكە چوڭقۇر ئويلايدۇ،خۇددى كالىنىڭ رەگگى يىشى جىنسىنى سۇراپ تۇرۋالغاندەك،چوڭقۇرلاشقانچە كالاتاپالمىغاندەك باغلىيالمايدۇ.كونىنى كەسلەپ يىڭىنى ئۇندۇرۇش ئىستىكى كۇچلۇك بۇلىدۇ.بۇھال تەپەككۇردىمۇ ئەكىس ئەتكەن بۇلۇپ،شەرھىلەشتە پەيدا بولغان ئۇنگەن يىرىگە بەكراق قارايدۇ.تەرەققىيات نوختىنەزىرنى ئىلگىرى سۇرىيدۇ.ياخشىلىق تىپىدە بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە، كەڭ مەنىدە باغلاش ئەكىس ئىتىدۇ. تارىختىكى نۇرغۇن دىنلارنىڭ ئىزنالىرى بۇنى پاكىتلايدۇ.تەقۋادارلىقتا ياخشى يامان بىلەن كارى يوق ئادەت كۇنەگ ئەنئەنىلىرىنى قوغلىشىدۇ.ئادىللىقتا قۇرالنى چوڭ بىلىپ، ئاسان چۇقاتماققا ئۇسسۇيدۇ. سەۋدا كىشىلەر يەككە يۇرگەندەك،سەپرالىرى دىلنى رەنجىدكەندەك،بەلغەم  لەيلىغەزەل، قان بىپەرۋا بولغانغا ئوخشاش.خۇي قان بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھاۋا سۇپەتتە بۇلىدۇ.

دىمەك ئىنسان تەپەككۇرى؛ تۇپراق ئالاھىدىلىكىدە تەپەككۇر ، ئوت خاراكتىردىكى قەلىپ،سۇ سۇپەتتە كۆڭۇل، ھاۋا خۇسيەتتە خۇي  دىن ئىبارەت تۆت تادۇنىڭ دەۋرىيلىك،زىدىيەت،باغلىنىش،تەققەززاسى ئىچىدە بولىدۇ.
دەۋرىيلىك دىگەندە،تەپەككۇر تۇپراق بىلىش سۇپەتتە بولغاچ،چوڭقۇرلۇق بايقاشنى قوغلىشىدۇ.ئاندىن بارابارا پەرىق زورىيىپ،تۇنۇش خىلمۇ خىللىشىدۇ،زىدىيەتكە ئوت چاقىدۇ،ۋە ئوت سۇپەتتىكى ئادىللىق قەلىپ گەۋدىلىنىدۇ.قەلىپ ياقتۇرغاننى پەپىلەپ ياقتۇرمىغاننى چاسىلايدۇ.نەتىجىدە قەلىپلەرنى باغلاش زۇريەتلىنىدۇ.تەدىرجى كۆڭۇل تىل ياخشىلىق سۇپەتتە باغلاشقا باشلايدۇ.ھەممىنى ئۆزھەللىسىدە قۇيغاچ بارابارا خۇي تارتىپ، خۇي ئەكىس ئىتىدۇ.زىدىيەت دىگەندە تەپەككۇر بىلەن خۇي بىر بىرىنى چەكلەيدۇ.قەلىپ ب بىلەن تىل بىر بىرىنى چەكلەيدۇ.دىلىمىزدا ئويلىغاننى كۆڭۇل ئاۋايلاپ ئىغىز ئاچمايدىغان ئىش بار. باغلىنىش دىگەندە تەپەككۇر بىلەن قەلىپ يىقىن .يەنە تىل بىلەن خۇي يىقىن.تەقەززاھ دىگەندە كۆپۇنچە قەلىپ خۇينى تەقەززاھ قىلىدۇ،ئوت كۇيىشى ئۇچۇن ھاۋا بۇلىشى كىرەك. قەلىپ خۇيغا باقىدۇ . تەپەككۇر تىلغا.
  مەنبە؛ قۇتادغۇبىلىگدىن پايدىلىنىلدى.

xahtura يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 09:31:29

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahtura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 09:35  

نىمىندا قاملاشمىغان ھىچ لوگىكىغا چۈشمەيدىغان ،ھەتتا گرامماتىكىسىدا زور خاتالىق بار يازما بۇ ؟بىرە تەرىقەتچى جۆيلىگەندە خاتىرلىۋالغانمۇ يا؟:lol:lol

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 11:40:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 11:43  

xahtura يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 09:31 static/image/common/back.gif
نىمىندا قاملاشمىغان ھىچ لوگىكىغا چۈشمەيدىغان ،ھەتتا گ ...

شاختۇرا ەپەندى،.   بۇيازما ۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نەزىريەۋىي اساسى بولغان تۆت تادۇ قارشى بۇيىچە يىزىلغان. لوگىكىنىڭ بوپپىسى پەلسەپە ەسىرى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ. ماۋۇ ەسەرنىڭ قۇلىغا لوگىكا سۇقۇيۇپ بىرەلمەيدۇ. چۇنكى ماۋۇ ەسەرنى باھالاشقا لوگىكىنىڭ دەرىجىسى توشمايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ماۋۇ ەسەرنى قىياس قىلغىلى ساپ ۇيغۇر كىتىدۇ. ناۋادا باشقا مىللەت بولسىڭىز قىينىلىپ يۇرمەڭ ۇقالمايسىز.
ساپ ۇيغۇرنىڭ ىچىدىنمۇ ، ۇيغۇرلۇققا ىشتىياقى بارلىرى بىلە.

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 12:31:59

باغلاپ تەسەۋۋۇر قىلىشقا، پىكىر يۇرگۇزۇشكە باي ئىكەنسىز، لىكىن پىكىر تازا پىشمىغاندەك،  ئىپادىلەشتە چۇۋالچاقلىق باردەك، نۇرغۇنلىغان پەلسەپىۋى مەزمۇنلارنىمۇشۇ بىر تىمىدىلا يورتۇپ بىرىشنى مەقسەت قىلىپ زورقۇپ كەتكەندەك تۇيغىغا كەپ قالدىم،

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 13:58:43

ماددىنىڭ ماھىيىتى دىگەن تېمىنى ئاجايىپ يۇمۇرلىقىڭىز بىلەن قىزىتىۋەتكەنتىڭىز ،خاسلىقىڭىز باركەن . بولۇپمۇ سىز قاراشلىرىڭىزدە «بەلغەم مىجەز »دىدىڭىزمۇ ئەيتاۋۇر . مۇشۇ «بەلغەم» دىگەن گەپنى تىلغا ئالسىڭىزلا ،ئاپتۇۋۇرزلاردىكى بەزىلەرنىڭ «بەلغەم» تۈكۈرۈشلىرى كۆز ئالدىمغا كېلىۋىلىپ بەك بىئارام بولىمەن.  مۇشۇنىڭ داۋاسى بارمىدۇ ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

oguzhan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 15:38:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oguzhan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 15:39  

ماددىنىڭ  ماھىتى توغىرسىدىكى  تېمىدا  ،پەلسەپەچىلەرنىڭ  تەپەككۇرنى قانداق  چۈشىنىدىغىنىنى بىلۋالغانتۇق ،بۇ تېمىدا بولسا تىبابەتتە  تەپەككۇرغا  قانداق  قارلىدىغانلىقى دىيلىپتۇ .
      شۇنىڭغا قارغاندا،بىزنىڭ  ئوخشاش  بىر مەسلە  ئۈستىدە يۈرگىزگەن پىكىرلىرىمىز ،ھەمىمىزنىڭ ئۆز كەسپىمىزگە خاس  مەيداندا تۇرۇپ  قىلىنغاچقا،  مۇنازىرلىشىش ،تالىشىش  ،ھەتاكى ياقا سىقىشىشلار  بۇلىدىغان ئوخشايدۇ  دەپ  ئويلاپ  قالدىم.
     

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 15:40:22

gayur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 15:38:00 static/image/common/back.gif
1311
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۈستىدىگى ئىزاھلىق سۇرەتلەرگە ياخشى قاراڭ ۋە ئويلىغانلىرىڭىزنى ئېيتىپ بېقىڭ.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 17:42:47

gayur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 15:40 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۈستىدىگى ئىزاھلىق سۇرەتلەرگە يا ...

بۇرادەر غەيۇر ، ماۋۇ مىنىڭ ساندۇقۇمدا ھىچ رەسىم كۇرۇنمەيدۇغۇ. يۇپتىر توغرىسىدىكى يەتتە يۇلتۇزنىڭ گىپىنى قىلۋاتمايدىغانسىز. بولسا مۇشۇ يەرلىك تىلدىكى ئىلمى نۇجۇم توغرىسىدا بىلگەنلىرىڭىزنى ياكى ماتىريال ئۇچۇرلىرىنى تەمىن قىلسىڭىز. ئىككى دۇنيالىقىڭىزغا دۇئا قىلىپ قۇياتتىم.
  

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 17:55:41

678123 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 17:42:47 static/image/common/back.gif


بۇرادەر غەيۇر ، ماۋۇ مىنىڭ ساندۇقۇمدا ھىچ رەسىم كۇرۇن
ئەسلىدە يوللىغان ئىدىم، لېكىن تېمىنىڭ شاخلاپ كەتمەسلىگى ئۈچۈن ئۆچۈرۈۋەتتىم. مۇنەججىملەر دائىم تىلغا ئالىدىغان يۇلتۇزلار ھەققىدىكى بەزى مەلۇمات ۋە ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئازىموت ۋە كۆردىناتلىرىنىڭ قىممىتى قاتارلىقلار بار بولغان سۈرەتلەر ئىدى. ئاستورىنومىيەنىڭ توت تادۇ قارىشىدىكى ۋەزنىنى بىلگۈم بار ئىدى شۇ.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:03:11

Ehsan21 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 13:58 static/image/common/back.gif
ماددىنىڭ ماھىيىتى دىگەن تېمىنى ئاجايىپ يۇمۇرلىقىڭىز ب ...

ماددىنىڭ ماھىيتى دىگەن تىما خىلى ياخشى تىما. بەزىلىرىمىز ماھىيەت دىگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسىنى ياخشى قىياس قىلالمىغانلارمۇ بار. ماھىيەت   ئىنسانىيەت   جەمىيەت     بۇ ئەرەپچى گەپلەر، ماھىيەت   بىلىشىمچە ، ماھى        ماھى تابانىم   ،  مۇشۇنىڭغا يىقىن 99ئىسىمنىڭ ئىچىدە بار.  ماھىيەت دىگەننى ماھىيەت نوختىسىدا تۇرۇپ پەرىق قىلىمىز دىسە، بۇمۇ لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەستۇ. مۇشۇنداق تۇزلىشىگە قىلىقىغا خۇيىغا مۇناسىۋىتىگە قاراپ تەخمىن قىلىدىغان گەپ. ماھىيەت دىگەنلىكنى ئىچىدىكى سىر ، ياكى ماددىنىڭ ماھى ، ماددىنىڭ ئىچىدىكى ئاڭ، دەپ تەخمىن قىلىشقىمۇ بۇلىدۇ. ماددىنىڭ ماھىيتى ئىنسان پايدىسىدىن سىرىت ، تىخىمۇ مۇھىمى ئىلاھىي ماھىيەتنى ئىما قىلىدۇ. ماتىريالىزىم بۇنىڭغا قىنىي بولمىغاچ ، ئەپچىل ئۆزنى قاچۇرۇپ، ماددا يۇقتىن بار بولمايدۇ. باردىن يوق بولمايدۇ. ئايلىنىپ بىر بىرسىگە ئايلىنىپ تۇرىدۇ. مادىدا ھىچ ئەھمىيەت يوق دەيدۇ. ،،،،،،،،،،،،،،،. چىڭ يىرگە كەلسە لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس دەپ تۇرىۋالىدۇ. ماددىدا ئەكىس ئەتكەن ئەقىلنى لوگىكىغا ئۇيغۇن ئەمەس دەيدۇ. ئەمىلىيەتتە ماھىيەت دىگەن ئۇدۇل شۇيەرگە باشلايدۇ.

يەنەبىر بۇرادەر، مەنا پىشماپتۇ دەيدۇماۋۇ تىمىغا. بۇمۇ توغرا بىرەر ئىككى يۇز يىل ئەيلىسەك بۇمۇ پىشىپ قالا.

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 18:21:35

gayur1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 17:55 static/image/common/back.gif
ئەسلىدە يوللىغان ئىدىم، لېكىن تېمىنىڭ شاخلاپ كەتمەسل ...

تۆت تادۇ  ماكان زامان ئىنسان مەدىنىيەت    ‹مەدىنىيەت ئىچىدىكى ساماۋىي كىتاپ› مۇشۇ تۆت ئۇقۇمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قەدىمقى پەيلاسۇپلار  ماكان زامان ئىنسان قۇرئان بۇ تۆتى ئوتتۇرسىدا ئوخشاشلىق بار دەپ قارايدۇ. مەسلەن قۇرئاندىكى نۇر سۇرىسى كۆزنى كۆرسىتىدۇ. قاف بۇ  قەلىپ يۇرەكنى بىلدۇرىدۇ. ھۇجرات بۇ گەپنى باشقۇرۇش تىل نى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭدەك قۇرئاندىكى سۇرىلەرنى تىزىپ كەلسە بىر ئادەم بەدىنى شەكىلىنىدىغانلىقى نىسبەتەن  ھازىر مەندە گۇمان زور. ھەج بۇرۇننى كۆرسىتىدۇ. تىخى جايىغا سىلىپ بۇلالمىدىم. شۇ نىڭغا ئوخشاش ئاسماندىمۇ يەتتە يۇلتۇز بار، ئون ئىككى بۇرۇج بار. ئۇيغۇرلار يەتتە يۇلتۇز ئون ئىككى بۇرۇجنى ئاساس قىلىدۇ. ماۋۇ خەنسۇلار  يەتتىنى تۆتكە كۆپەيتىپ يىگىرمە سەككىز ھىساپلايدىكەن. ئادەم بەدىنىدىمۇ تۆت يەردە يەتتە بار. مەسلەن كۆز قۇلاق ئىغىز بۇرۇن قول پۇت ئەمچەك بۇيەتتە. تىرە گۆش سۇڭەك يىلىك تۇمۇر پەي تۇك. ئىچكى ئەزادىن  يۇرەك ئۆپكە جىگەر ئاشقازان بۆرەك ئۇچەي تاشاق تال يەتتە ئەزا بار. مىڭىگە تايىنلارمۇ يەتتە خىل بولسا   ، بۇ جەمىي 28 بۇلىدۇ.  ئاسماندىكى خەنسۇچى يىگىرمە سەككىز يۇلتۇز بۇلىكىنى ئادەم بە دىنىگە تەدبىقلايدىغانلىقىغا ئىسپات بار.  خۇلاسىلىغاندا ئىلمىي نۇجۇم بۇرۇجلار ئىلمى  تۆت تادۇ دىكى زامان ئۇقۇمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇنداقلا ساماۋىي كىتاپتىكى ئىلمنى يىشىشتە بۇنىڭ ئەھمىيتىنى سەلچاغلىغىلى بولمايدۇ.

ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق، بۇ ئىلم بەك كونىراپ كەتكەچكە، پەقىر بۇنىڭ ماھىيتىنى بىلشكە ئاجىز كىلىۋاتىمەن.

xahtura يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 10:51:38

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xahtura تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 10:52  

678123 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 11:40 static/image/common/back.gif
شاختۇرا ەپەندى،.   بۇيازما ۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نەزىريەۋ ...

678123(مەھپۇس نومۇرىڭىزمۇ يا باشقا نومۇرمۇ بىلمىدىم،) ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاساسى مىزاج ،خىلىت ئوتتۇردىكى مۇناسىۋەتنى ئاساسىي چىقىش نۇقتىسى قىلغان،سىزنىڭ تەرىقىتىڭىزدىكى تۆت تادۇ-سۇ،ئوت،تۇپراق،ھاۋا، تەرىقەتچىلەرنىڭ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى مۇزەككەر مۇئەننەس دەپ ئايرىش ئاساسىدىكى ماددى تۇتقا !!!

مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇددىزىمچى ۋاقىتلىرىدا تۇغۇلمىغان،شۇڭا ماندا نىستۇرى،مانى ئىتقادلىرى نىڭ پۇرىقى كۈچلۈك يازمىنى چۈشەنمەيدىكەنمەن،لىكىن مۇندا قارىسام باتىل سوپىزىمچە تەرىقەت بىلەن شەرىئەتنى بىرلەشتۈرمەكچى بولغان، ئەقىلگە ئەمەس ھىچنىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان كومنومۇس مۇسۇلمان(دۇنيادىكى ئەڭ بىمەنە قارمۇ قارشى بىرىكمە سۆز)لارنىڭ يازمىسىدەك قىلىدە شۇڭا تىخىمۇ چۈشىنىشنى خالىمىدىم!
ئاخىرىغا  مەنبە؛ قۇتادغۇبىلىگدىن پايدىلىنىلدى. دەپ يىزىپ قويۇپ قۇتادغۇ بىلىككە ئىغىر ئاھانەت ھاقارەت تۆھمەت قىپسىز!!!قۇتادغۇ بىلىكتىكى تۆت پىرسۇناج سىزنڭ تۆت تادۇرىڭىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋىتى يوق!!!
قۇتادغۇ بىلىك ھەر قاندا سەۋىيەدىكى، ياشتىكى ئادەم ئوقۇسا ئۆزىگە ماس تەربىيە ئالىدىغان چوڭ كىتاب!سىزنىڭ سۆز دۆۋىڭىزگە قىلچە ئوخشىمايدۇ،
لوگىكىلىق تەپەككۇر قىلىش ئەقىل ئىگىسىنىڭ ئالاھىدىلكى ،ئەلۋەتتە چاھار پايلارغا ئۇندا تەلەپ قويۇلمايدۇ،ئۇلار پەقەت كۆنگىنىگە ئەگىشىدۇ خالاس!
ئىككىمىزنى تەكشۇرۈپ قالسا سىزنىڭ ماددى مەنىۋى جەھەتتىن ئۇيغۇر ئەمەسلىكىڭىز چىنىپ قالىدۇ!ئاخىرىدا ئۇيغۇرچە يىزىشنى ئاخىرى ئۈگىنىۋالغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن!!!سىزنىڭ خەتلىرىڭىزدە نۇرغۇن ئىملا خاتالىقى بولسىمۇ ئۆز نەسلىمگە ،ئىسىللىكىمگە خاس ئالىيجاناپلىق بىلەن يەنىمۇ تىرىشىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن!

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 11:56:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 12:05  

xahtura يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 10:51 static/image/common/back.gif
678123(مەھپۇس نومۇرىڭىزمۇ يا باشقا نومۇرمۇ بىلمىدىم،) ئۇ ...

باشقا گەپلىرىڭىزنى قۇيۇپ تۇراي، ماۋۇ لوگىكا ئىنسان ئەقلىنىڭ بىرنىمىسى دەپ جۆيلۇپ كىتىپسىز.نىمە دىگەن  بىمەنە گەپ بۇ. تىخى ك بىنمە دەمدۇ ماۋۇ يىڭى گەپكەن.  قايسى سىز ك بىنمە دىگەندىن تاشقىرى مۇسۇلماننىڭ كىتاۋىدا لوگىكا دەپ بار. ئۇمەر دەپتىكەنمۇ، ياكى ئەبۇبەكرى دەپتىكەنمۇ؟ شۇنى سەمىڭىزگە سىلىپ قۇياي، لوگىكا مەنتىقىنىڭ بالىسى، كالام ئىلمى مەنتىقىنىڭ بوپپىسى. مەن يازغان ماۋۇ گەپلەر  كالام ئىلمىنىڭ دادىسى پەلسەپە دىگىنى شۇ. تۆ بىلەن پەگانىڭ پەرقى بۇلا ھەقەنچى بولسا.
بەت: [1]
: تەپەككۇر توغرىسىدا تادۇچە قاراش