KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 16:20:33

زامانىۋى ئىنسان ئەخلاقى

زامانىۋى ئىنسان ئەخلاقى ۋە تەبىئەت بىلەن ئىنساننىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتى

    2001 - يىلى كانادادا يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىقتىسادشۇناس، جەمئىيەتشۇناس، پىسخولوگ، پەيلاسوپ، ئەدىب، دۆلەت ئەربابلىرى، مەشھۇر ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر يىغىلىپ «زامانىۋى ئىنسان ئەخلاقى ۋە تەبىئەت بىلەن ئىساننىڭ ماس قەدەملىك تەرەققىياتى» دېگەن تېمىدا كېڭەش ئېلىپ بارغان. كىڭەش ئەھلى بىردەك زامانىۋىلىققا ماس كېلىدىغان ئىنسان تەبىئىتىنى تۆۋەندىكى ئالتە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغان:
    1. تەبىئەت بىلەن ئىنساننىڭ گارمونىك ماسلىقى ساقلانغان ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈش ئەمەلگە ئاشقان بولۇش.
    2. يۈكسەك ھالدىكى بىر - بىرىگە مەسئۇل بولۇش ۋە كوللېكتىپ ئېڭى بولۇش.
    3. ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلىي تەبىئىتىدىكى يېتۈك خىسلەتلەر ساقلانغان ھەم راۋاجلانغان بولۇش، مۇكەممەل ئىتىقادقا ئىگە بولۇش.
    4. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇق ئۈستىگە قۇرغان بولۇش، كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن مۇكەممەل بولغان تەبىئەت قالدۇرۇش.
    5. ئىنسانىيەتنىڭ قىممەتلىك ماددىي ۋە مەنىۋى مىراسلىرى ياخشى قوغدالغان، ئاسرالغان بولۇش.
    6. كېيىنكى ئەۋلادلار ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل ئىنسانىي پەزىلەتنى يادىكار قىلىش.

    مەنبە: «پەرزەنت ۋە پەزىلەت» ناملىق كىتاب
بەت: [1]
: زامانىۋى ئىنسان ئەخلاقى