tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 14:27:07

ئۈرۈمچىنىڭ كۇتۇپخانىسىز ئۆتكەن 20يىلى

ئىلاۋھە : بۇ بايانلار دىلدار ئەزىز ئاپپاينىڭ پارىج رىشىتىسى دىگەن كىتاپىنىڭ 150،151،152-بەتلىرىدىكى ماڭا تەسىر قىلغان بايانلار . بۇ كىتاپ ھەقىدە يەنە ئۇزۇندىن ئۇزۇن كىتاپ ئوقۇش خاتىرلىرىم بار .بولۇپمۇ پارىجدىكى ۋەتەندىشىم دىگەن بابىنى ئۆيىمىزدە كەچ بولۇپ كەتكىنىگە قارىماي يوتقاندا يېتىپ تۇرۇپ خوتۇن باللىرىمىغا ئۇنلۇك ئوقۇپ بەرگىنىم ھېلىمۇ ئىسىمدە .

    مەن يېزىپ موشۇ يەرگە كەلگەندە ئۈرۈمچىدىكى قۇرلۇش باشلىنىپ 20يىلغىچە پۈتمىگەن ،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۇتۈپخانىنى ئەسلەپ قالدىم . ئۇ ئەينى يىلى ، 1930-يىلى 8-ئايدا ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان تۈنجى كۈتۈپخانا ئىدى . شۇ چاغدا بۇ كۈتۈپخانا 80كىۋادىرات مىتىر  ئەتراپىدىكى ئالتە ئېغىزلىق ئۆي بولۇپ ، ئۇنىڭدا 5000 پارچە كىتاپ ساقلىناتتى . ئۇ چاغدا بۇ كۈتۈپخانىنىڭ نامى "ئۆلكە قارمىقىدىكى كۈتۈپخانا "دەپ ئاتىلاتتى . 1949 -يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن ،بۇ كۈتۇپخانىنىڭ نامى "ئۆلكىلىك كۇتۇپخانىغا ئۆزگەرتىلدى . ئۇنىڭدا ساقلانغان كىتاپلارنىڭ سانىمۇ ئەسلىدىكىدىن كۆپۈيۇپ 15مىڭغا يەتتى. 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى قۇرۇلغاندا ،بۇ كۈتۈپخانىنىڭ نامى "ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۈتۈپخانىغا ئۆزگەرتىلدى. ئۇنىڭدا ساقلانغان كىتاپلارنىڭ سانى 20مىڭغا ، كۈتۈپخانا كۆلىمىمۇ 400 كۇۋادىرات مىتىرغا يەتتى. 1958-يىلى ئۆكتەبىردە بۇ كۈتۈپخانىنىڭ كۆلىمى 4300 كۇۋادىرات مىتىرغا كېڭەيدى . بۇ كۇتۇپخانا ئۈرۈمچىنىڭ پەن مەدىنيەت مەركىزى بولغان جەنۇبى شىنخۇا يولىغا جايلاشقاچقا ، كۇتۇپخانىغا كىلىپ كىتىدىغانلارمۇ ، كىتاپ ئارىيەت ئالدىغانلارمۇ كۆپ ئىدى . بەزىدە ئادەمنىڭ كۆپلىكىدىن جايمۇ تاپقىلى بولمايتتى . شىنجاڭنىڭ باشقا ۋىلايەت-شەھەرلىرىدىنمۇ بۇ يەرگە كىتاپ ئىزلەپ كىلدىغانلار بار ئىدى . شۇ يىللاردا بۇ كۈتۈپخانا ئاپتۇنۇم رايونىمىزنىڭ پەن -تېخنىكا ئشىلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇن ھەقىقەتەن ئۆزىنىڭ تىگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان ئىدى . كۇتۇپخانىنىڭ شۇ چاغدىكى كۆلىمى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغانلىقتىن ، كۇتۇپخانىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش زۆرۇر بولۇپ قالدى . (ئەسلىدىكى كۇتۇپخانا كۆپەيتىشنى ھېچ كىشى ئېسىگە كەلمىدى . 1984-يىلى بۇ كۇتۇپخانىنى كېڭەيتىپ قۇرۇش ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇش پىلانىغا كىرگۇزۇلدى . بۇ ئەسلىدە بىر ياخشى ئىش ئىدى ، بىراق بۇ ياخشى ئىشنىڭ نەتىجىسى بىز ئويلىغاندەك ياخشى بولماي قالدى. يەنى كۇتۇپخانا تاقىلىپ كىتاپلار يەر ئاستى ئامبارلىرىغا تىقىلدى. كۇتۇپخانا ئىشكىمۇ ئىلىمگە تەشنا ئوقۇرمەنلەر ئۇچۇن تاقالدى . شۇنىڭدىن كىيىنكى 20يىل شىنجاڭ خەلقى ئۇچۇن كۇتۇپخانىسىز ئۆتكەن 20يىل بولدى . دائىم كۇتۇپخانىغا بارىدىغان ، كۇتۇپخانىغا بېرىشنى ئادەت قىلغان كىشلەر ئەمدى نەگە بېرىشنى بىلمەي قېلىشتى . كىتاپ سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان بىلىمگە تەشنا ئوقۇغۇچىلار ئۇچۇنمۇ بۇ بىر قىيىن ئىش بولدى . بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئورنى گەرچە ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ ، بىراق ئۈرۈمچىنىڭ ئاۋات رايۇنىغا جايلاشقانلىقى ئۇچۇن كىشلەرنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ كىتاپ ئارىيەت ئېلىشلىرىغا ۋە ماتىريال ئىزدەشلىرىگە بەكمۇ قولايلىق ئىدى . ئەپسۇسكى ، بۇ كۇتۇپخانىنىڭ ئورنى قايسى بىر پۇلدار شېركەتنىڭ سودا-ساراي سېلىشى ئۇچۇن لازىم بولۇپ قالغانلىقتىن ،كۇتۇپخانا چېقىلىپ ،ئۇنىڭ ئورنىغا ھەيۋەتلىك بىنا ناھايىتى تىزلا پۇتۇپ ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى . بىراق شەھەر سىرتىغا -بېيجىڭ يولىغا سېلىنغۇسى يېڭى كۇتۇپخانا بىناسى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن 20-يىلغۇچە پۇتمىدى . بۇ 20 يىلدا ئۈرۈمچىدە نۇرغۇن ھەيۋەتلىك سودا سارايلار ،مېھمانخانىلار ، رېستۇرانلار ، كىشلەرنى شەھۋانىلىققا يىتەكلەيدىغان تورخانىلار ، يەر ئاستى دېسكوخانىلار ، يەر ئاستى ماجاڭخانىلار (ئەمىليەتتە قىمارخانىلار )،ھۆكۈمەتنىڭ ئالى دەرىجىلىك خىزمەت بىنالىرىنىڭ قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۇرۇلدى . بۇ 20 يىل جەريانىدا ، يېزا باشلىقلىرىدىن تارتىپ ئاپتۇنۇم رايۇن باشلىقلىرىغىچە بولغان مەمۇرىيەت خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ دىگۇدەك ماشىنىلىىرىمۇ نەچچە قېتىمدىن يېڭىلىنىپ بولدى ،بىراق كۇتۇپخانا بىناسى پۇتمىدى . ئۈرۈمچى خەلقى 20يىلغۇچە كۇتۇپخانسىى يوق تۇرمۇشنى باشتىن كەچۇردى . بۇ 20يىل جەريانىدا ،سىياسى كېڭەش ھەيئەت ئەزالىرى ، خەلق قۇرلتاي ۋەكىللىرى ھەر يىلى دىگۇدەك ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۇتۇپخانىنىڭ قۇرۇلۇشى توغىرسىدا پىكىر -تەكلىپلەرنى بىرىپ ھارمىدى ، بىراق ۋەدىلەر ۋەدە پېتى قېلىۋەردى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ مەدەنىي مائارىپقا مەسئول رەھبىرى كادىرلار بۇ كۇتۇپخانىىنىڭ ئەھۋالىنى بىر نەچچە قېتىم كۆزدىن كەچۇردى ۋە ياخشى ۋەدىلەرنى بەردى ، بىراق كۇتۇپخانا يەنىلا پۇتمىدى . بۇ 20يىلدا كىشلەر كۇتۇپخانا دىگەن نەرسىنىڭ بارلىقىنى پۇتۇنلەي ئۇنتۇپ كەتتى ،موشۇ يىللاردا تۇغۇلغان بالىلارمۇ كۇتۇپخانا دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەي چوڭ بولۇشتى . كشىلەرنىڭ كۇتۇپخانىغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ ئورنىنى رېستۇران ۋە ئەيىش -ئىشرەتلىك سورۇنلارغا بولغان قىزغىنلىقى بېىسپ كەتكەنئىدى . 2004-يلىى ئۆكتەبىردە كۇتۇپخانا ئاخىرى پۇتتى ، بۇ چاغدا كشىلەردىكى كىتاپ خۇمارىنىڭ ئورنىنى غەيۋەت خۇمارى ۋە ئەيىش ئىشرەت خۇمارى بېسىپ كەتكەن ،كۇتۇپخانا كشىلەرنى ئەيىش ئىشرەت سورۇنلىرىچىلىك قىزىقتۇرالمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى . ئۈرۈمچىنىڭ قەدىمىي ئاۋات كوچىلىرىدىن كۆچۇرۇلۇپ ،خىلۋەت بېيجىڭ يولىدىن ئورۇن ئالغان ، ئەتىراپتىكى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان ئېسىل مېھمانسارايلارنىڭ يېنىدا غېرىپلارچە شۇمشىيىپ تۇرغان ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كۇتۇپخانىنى ھەې قېتىم كۆرسەم مېنى يىغا باسىدۇ .كۇنىنى رېستۇرانلاردا ناخشا -موزىكىلارنىڭ لەرزان پەپىلىىتىىش بىلەن ئۆتكۇزۇپ ، ئۆزىنىڭ ئەتىىسنىڭ قانداق بولۇشىنى بىلمەي ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ نادانلىقىغا يىغىلىغۇم كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر چاغدا مىللەتنىڭ خەلىقنىڭ مەنپەئەتىنى ئاغزىدىن چۇشۇرمەيدىغان رەھبەرلەرنىمۇ ، ئۆزىنى ئاجايىپ بىلەرمەن ھىساپلايدىغان كىشلەرنىمۇ پارىجدىكى شۇ كۇتۇپخانىلارنى كۆرۇپ باقسىكەن كىتاپسىز قالغان مىللەتنىڭ جەميەتكە قانچىلىك ئاپەت كەلتۇرىدىغانلىقىنى چۈشەنسىكەن ، دىگۇم كىلىدۇ .

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 17:49:13

ئاپتۇنۇم رايونلۇق كۈتۈپخانىنىڭ 20 يىل ئىچىلماي قالغانلىقى مىنى بەكلا ئەپسوسلاندۇردى ئەمما شەخسىيلەر كۈتۈپخانا ئاچسىمۇ بۇلىدىغۇ؟   

Aqsu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 18:04:41

مەن بېيجىڭ يولىدىكى بۇ كۇتۇپخانىغا بېرىپ باققان مۇھىتى پاكىزە، كىتاپلىرىنىڭ سانىمۇ تۈرىمۇ كۆپ.
ئىلېكتىرونلۇق كۇتۇپخانا رايۇنىمۇ كىملىكنى ئاپارسا ئىككى سائەت ھەقسىز بولغاچقا پات-پات بېرىپ
تورغا چىقىپ ماتېريال كۆرۈپ كېلەتتىم. يېقىندا كۈتۈپخانىنىمۇ بېزەش سەۋەبى بىلەن ئەتىراپىنى توسۇپ
يەنە تاقىلىپ قالدى. بۇنىڭغىمۇ بىر يىل بولاي دەپ قالدى....  بۇنى بېزەشكە يەنە قانچىلىك ۋاقىت كېتەر....!؟

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 19:24:12

Aqsu يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 18:04 static/image/common/back.gif
مەن بېيجىڭ يولىدىكى بۇ كۇتۇپخانىغا بېرىپ باققان مۇھىت ...

قورساق تويغاندا ئاندىن پۈتىدۇ ئۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 19:33:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 19:42  

مەنمۇ كىركەن ، ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ بىر ئىغىز ئىكەن
ئۇيغۇر چە كىتابلار ئون نەچچە ئىشكاپتا بار ، قالغىنى قازاق ، قىرغىز ، موڭغۇلچە كىتابلار
ئۇنچە كۆپتەك ھىس قىلمىدىم……
  مەدىنىيەت ئىنقىلابىنىڭ كىتابلىرىمۇ خىلى ئورۇن ئىگەللەپتۇ
   
      
   قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە شەھەرلىك
كۈتۈپخانىلارغا كىرىپ پات پات كىتاب ئارىيەت ئاللاتتىم

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 19:36:52

مەن بىلەن تەڭتۈش بالىلارنىڭ كۆپىنجىسى كۈتۈپخانا بىلەن كىتابخانىنىڭ پەرقىنى بىلمەيدۇ

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 20:00:57

كۇتۇپخانا ئاشخانىدىن قالسىلا مەن ئەڭ ئامراق جاي

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 20:03:50

     بۇرۇن مەكتەپ كۇتۇپخانىسى بارتى ، كۆك ئەينەكلىك ئىشىكى بىلەن باشقا ئۇقۇتۇش بىنالىرىدىن روشەن پەرقلىنىپ تۇراتتى ، مەكتىۋىمىزگە كەلگەنلەر مۇشۇ كۇتۇپخانا بىناسىنى ئارقا تەگلىك قىلىپ رەسىمگە چۇشەتتى ....

    دىمىسىمۇ ئۇ كۇتۇپخانا بىز ئۈرۈمچىدە ئۇقۇۋاتقان بەش يىل داۋامىدا پۈتمىگەنتى ، كىيىن پۈتۈپتۇ دەپ ئاڭلىغان ، ئەمما كىرىشكە نىسىپ بولمىدى ...

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 20:21:11

دىلدار ئەزىزى خانىمنىڭ ئاياللارغا يازغان بىر كىتاۋى بارغۇ دەيمەن؟
ئۇيغۇرلارنىڭ ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى ھەققىدە يازغان تۇنجى كىتاۋى دېسە ئارتۇق كەتمەيدۇ دەپ قارايمەن.

kaplanqak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 20:42:43

2004-يىلى پۇتكەن دىگەن خاتا بولۇپ قالدىمۇ ،ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بىيجىڭ يولىغا بىرىپ ئەزالىق كىنىشكىسى بىجىرگىنىم ئېسىمدە .

yiltizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 23:14:53

مەدەنىيەت سەنئەت مەكتىپىدە بىر شۆبىسى بار. چىنە زاۋۇتىدىكى.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 04:56:12

begmurad يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 17:49 static/image/common/back.gif
ئاپتۇنۇم رايونلۇق كۈتۈپخانىنىڭ 20 يىل ئىچىلماي قالغانل ...

شەخسىيلەر ئاچمايدۇ. سەۋەبى: پۇلار بارلار قىممىتىنى بىلمەيدۇ. پۇلى يوقلار قىلالمايدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 09:04:23

خوتەندە بىر باي ئاچقىنىمۇ كۈتۈپخانىدۇ ، كىرىپ كىتاپ ئوقۇسا ھەقسىز تاماق بىرىدىغان

yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 09:43:48

بىلكۈچ كۈتۈپخانىسى بار

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 09:58:47

dolkun531 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 20:21:11 static/image/common/back.gif
دىلدار ئەزىزى خانىمنىڭ ئاياللارغا يازغان بىر كىتاۋى ب
«گۈزەللىك سىزگە يار بولسۇن» دېگەن كىتاپمۇ؟

joshua يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 11:03:34

2004- يىلى پۈتكەن ئەمەس، ئۇندىن بۇرۇن. پۈتكەن چېغىدا ئاپام ماڭا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەزالىق كىنىشكىسى بېجىرىپ بەرگەن ئېنىق ئېسىمدە. 99-يىلىدىن كېيىن ئەمەس ئىشقىلىپ.

alshah يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:00:07

مارالبېشى ناھىيىلىك كۈتۈپخانىنىڭ قەيەردىلىكىنى كىم دەپ بېرىدۇ؟  كونىسىنى چېقىۋېتىپ بىر نەچچە يىل يوقاپ كەتكەن، ھازىر ئاڭلىسام قايتىدىن ئېچىپتىكەن....

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 19:39:35

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 09:58 static/image/common/back.gif
«گۈزەللىك سىزگە يار بولسۇن» دېگەن كىتاپمۇ؟

دەل شۇ.

Ozuyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:27:45

كۈتۈپخانىلارنىڭ كۆپ بولۇشى كىشىلەرنى مەدىنىيەتكە باشلايدۇ.  مەدىنىيەتنى چۈشەنمەيدىغان بەدەۋىلەر باش بولغان جايلاردا ئاشۇنداق مەدەنىيەتسىزلىك ساماندەك، قوشنىمىز بولغان  تاشكەنت، بېشكەك، ئالمۇتالاردا كۈتۈپخانىلار، مۇزىخانىلار، ساغلام مەدەنىيەت سارايلىرى كۆپ دەيدۇ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:43:46

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 09:58 static/image/common/back.gif
«گۈزەللىك سىزگە يار بولسۇن» دېگەن كىتاپمۇ؟

شۇ ئېلىشمان كىتاب شۇ.
بەت: [1] 2
: ئۈرۈمچىنىڭ كۇتۇپخانىسىز ئۆتكەن 20يىلى