begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 22:12:22

ئۇبۇنتۇ بۇرادەر(ubuntu mate )دە copy بۇلۇتىنى ئىشلىتىش


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
  نىمىشقىكىن ئۇبۇنتۇ قىزغىنلىقىم باشقىدىن كۆتۈرۈلۈپ ئۈزۈمىنىڭ ئۇبۇنتۇدا قىلالىغانلېرىمنى كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى ئويلاپ قالدىم.  
1. fire fox قىستۇرمىلېرى
ئېلان چەكلەش قىستۇرمىسى adblock plus , توردىكى ۋىدىئولارنى چۈشۈرۈش ياردەمچىسى vedio downlaodhelper  بۇ قىستۇرما بىلەن www.flvxz.com  تور بىتىدىن پايدىلانساق يوۋكۇ دىگەندەكلەرنىڭ تېرمىنالىنى كىرەك قىلمىساقمۇ بۇلىدۇ.  theme font &size changer تور بىكەتلەرنىڭ كۆرۈنىشى ۋە خەت نۇسخسىنى ئىختىيارىي تەڭشىگىلى بۇلىدۇ.
2. ھەممىمىزگە مەلوملۇق مەملىكىتىمىزدىكى تور بۇلۇتلېرى بەكلا تۇراقسىز، بۇ تۇراقسىزلىق بەزىدە جۇڭگولۇقلارنى بەكلا ئۇسال قىلىشى مۇمكىن. مەن بىر قىتىم ubuntukylin ئورگان بىتىگە كىرىپ ئۇبۇنتۇكيلىن نى چۈشۈرۈپ باقاي دەپ چۈشۈرۈشنى باسسام بەيدۇ نىڭ بۇلۇتىغا يوللاپتىكەن‹‹ كەچۈرۈڭ ، يىڭىلاندى›› دىگەندەك خەتلەر بىلەن بىر قۇشقاچ تۇرىدۇ . ھەي! ئورگان تورى تۇرۇپ سەت يۈزى چۈشتىدە بۇ ئۇبۇنتۇ كىيلىننىڭ ...... ئاندىن ئۇبۇنتۇ ئورگان تەرەپ (كانانىكول) بىتىگە كىرىپ ئۇبۇنتۇ كىيلىننى چۈشۈرسەم نورمال چۈشتى.  شۇنداق ئويلىدىم، جوڭگونىڭ نەچچە ئون مىليونلۇق مەبلەغ سىلىنغان تۈرلېرىنىڭ تور ئەمەلىيتى شۇمۇ؟؟؟؟
ئەمدى نەق ئەپكە كەلسەك مەن تەۋسىيە قىلىۋاتقان بۇ بۇلۇت ھەقىقەتەن مۇقىم بۇلۇپ ‹‹قەغەز ئەجدىرھا›› دەك پىسپاس ئىشنى ھەرگىز قىلمايدۇ. ئەمما بەزىدە ¨بۇ¨ لارنىڭ ئىچى تارلىق قىلىپ چەتنىڭ تورىنى چەكلەپ قويسا ماڭىمۇ ئامال يوق.
ئالدى بىلەن www.copy.com غا كىرىپ ئىشلىتىۋاتقان سىستېمىڭىزغا ماس تېرمىنالىنى چۈشۈرىسىز. مەن بۇ يەردە ئۇبۇنتۇ-لىنۇكىس نۇسخىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۈتىمەن.  ئالدى بىلەن چۈشۈرىۋالغان ئاخىرقى نامى tgz بولغان پىرىسلانغان ھۈججەتنى پىرىستىن يىشىمىز. ئاندىن پىرىستىن يىشىلگەن مۇندەرىجىگە كىرسەك ئۇ يەردە readme ناملىق بىر ھۈججەت بار شۇنى ئىچىپ ئىنگىلىزچە چۈشەندۈرۈش بۇيىچە مەشغۇلات قىلساقمۇ بۇلىدۇ. ئەگەردە بۇ بىر ئاۋارىچىلىق دەپ قارىسىڭىزياكى ئىنگىلىزچىنى ئۇقمىسىڭىز؛ بىۋاستە X86(كومپىيوتىرىڭىزنىڭ سەپلىمىسگە ئاساسەن ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن) مۇندەرىجىسىگە كىرىپ مائوس ئوڭ كۇنۇپكدا بۇ يەردە تېرمىنال ئاچ بۇيرۇقى بۇيىچە بىر تېرمىنال ئاچىمىز ۋە بۇ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساقلا copy غا كىرىش كۆزنىكىگە كىرىدۇ  ۋە كومپىيوتىرغا ئورنىتىلىدۇ
CopyAgent/.


ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 16:01:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ghalibjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 16:02  

قانداق قىلسام ئۈستەلنى سىزنىكىدەك قىلمەن ؟


توردىن بىر  نەرسە ئالاي دىسەم ئۇبۇنتۇ بولمايدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇبۇنتۇ بىلەن كۆزنەكنى قوش  سېستىما  قىپ ئىشلىتىۋاتمەن ....

راس  گەپنى قىلسام بۇ  ئۇبۇنتۇ بەك مۇقۇم ئەمەسكەن ، ئىسىدە  يوق بىرە  ھۆججەتنى يۇيۇپ قويغانغا  ئاللا توۋا  دىگۈزۋىتىدىكەن .... ئا چاغدا  قارسام ئۈستەل يۈزىدىن باشقا ھىچنىمە  يوق ، بەك ھەرەج تاررتىپ كەتكەن مەن .... بەك تەستە ئوڭشىغان


ئەمما  مۇشۇ ئۇيغۇرچىگە بولغان قوللىشى يامان ياقىدۇ ماڭا  .... ئەگەر  بىر  كىشلىك سەۋيە  بولسا مۇشۇ ئۇبۇنتۇ بەك ياخشىكەن قانداق ئوينايمە  دىسە  شۇنداق ئوينايدىغان ئىشكەن ....


ئەمما  سەۋيە ۋە  ۋاقىت (تۇيۇقسىز كاشلا  كۈرۈلسە  ئادەمنى بەك ئاۋارە  قىلدىكە  ) يەتمەي قېلىپ ئۇبۇنتۇنى قوزغىتىپ باقمىغىلى نەچچە  ئايچە  بۇلاپ قالدى ماڭا  

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 16:15:10

قانداق قىلسا بىز 用户名نى root قىلىپ تەڭشىيەلەيمىز

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 17:37:39

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 16:01 static/image/common/back.gif
قانداق قىلسام ئۈستەلنى سىزنىكىدەك قىلمەن ؟




ئۈستەلنى مىنىڭكىدەك قىلىش ئۈچۈن Ubuntu mate14.04  نى ئورنىتىپ Cairo-Dock نى قاچىلاپ كومپىيوتىر ئىچىلغاندا تەڭ قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشىۋالغاندىن كىيىن ئىكراننىڭ ئەڭ ئاستىدىكى تاختىنى ئۈچۈرۈپ تاشلايسىز.
¨ توردىن بىر  نەرسە ئالاي دىسەم ئۇبۇنتۇ بولمايدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇبۇنتۇ بىلەن كۆزنەكنى قوش  سېستىما  قىپ ئىشلىتىۋاتمەن .... ¨  ئۇبۇنتۇ ۋىندوۋسقا ئوخشىمايدۇ . ھەممىنى ۋىندوۋسقا ئوخشاش قىلىمەن دىيشنى مۇۋاپىق دەپ قارىمايمەن. ئەمما توردىن مال سىتىۋىلىش دىگەندەكلەرنى ئۇبۇنتۇ دىمۇ قىلىغىلى بۇلىدۇ ئوت تۈلكە تور كۆرگۈچىنىڭ قىستۇرمىلېرىدىن پايدىلىنىڭ.
¨ راس  گەپنى قىلسام بۇ  ئۇبۇنتۇ بەك مۇقۇم ئەمەسكەن ، ئىسىدە  يوق بىرە  ھۆججەتنى يۇيۇپ قويغانغا  ئاللا توۋا  دىگۈزۋىتىدىكەن .... ئا چاغدا  قارسام ئۈستەل يۈزىدىن باشقا ھىچنىمە  يوق ، بەك ھەرەج تاررتىپ كەتكەن مەن .... بەك تەستە ئوڭشىغان¨  
ئەمما بۇ پىكىرىڭىزگە قەتئىي قۇشۇلمايمەن. ئۇبۇنتۇ نىڭ مۇقىملىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئەگەر سىز خاتا مەشغۇلات قىلغان بولسىڭىز بۇنى ئۇبۇنتۇ دىن كۆرمەي ئۆزىڭىزدىن كۆرۈڭ.  مۇنداق ئىش ئەگەر سىز توختىماستىن قالايمىقان ۋە خالىغانچە مەشغۇلات قلىۋەرسىڭىز ئۇبۇنتۇ ئەمەس ئالما، ئاندىرويىد بولسۇن ۋە ياكى ۋىندوۋس بولسۇن ھامان خاتالىق كىپ چىقىدۇ بۇلارنى مەن بىشىمدىن كەچۈرگەن.
مەنمۇ ئۇبۇنتۇ نى نەچچە قىتىم ئۈچۈرۈپ يەنە نەچچە قىتىم قاچىلاپ دىگەندەك ئىشقىلىپ بىكار بولسام قېرىشىپ قۇيىمەن. مەن ھىچكىمنىڭ ئۇبۇنتۇ نى مەڭگۈلۈك ئىشلىتىشگە ھۈددە قىلالمايمەن. ئەمما ئۆزۈم قىزىقىمەن. ياخشىكەن دەپ قارىغان جايلېرى بولسا باشقىلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىپ قۇيىمەن.  بۇ يەردە ئۇبۇنتۇ ئورگان تەرەپ قولايدىغان ئۇبۇنتۇ بۇرادەر ( Ubuntu Mate ) نىڭ ئۇزاق ۋاقىتلىق نەشىرى ئېلان قىلىنىپتۇ، ئورگان تەرەپ ئەڭ تۈۋەن قاتتىق دىتال تەلىپى ئىچكى ساقلىغۇچ 512 مىگابايت ئىكەن.  XP دىن باشقا سىستېما ئىشلىتىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن بىر ياخشى تاللاشكەن دەپ قارىدىم. ئۈزۈم قاچىلىساممۇ بەكلا يىنىڭ خۇددىي ئۇبۇنتۇ 10.04 نى ئىشلەتكەندەكلا يىنىككەن  http://www.omgubuntu.co.uk/2014/11/ubuntu-mate-14-04-download-released

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 17:40:45

cooloff يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 16:15 static/image/common/back.gif
قانداق قىلسا بىز 用户名نى root قىلىپ تەڭشىيەلەيمىز

بۇ ھەقتە قۇتبەگ بىلوگىدا يازما بار . ئادەتتە ئۇبۇنتۇدا Root نامىدا تىزىمغا كىرىشكە ھاجىتىمىز چۈشمەيدۇ.

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 18:08:47

ۋىدوۋىستا ئىشلەتكەن پرىنتېرلارنىڭ قوزغىتىش پىروگراممىلىرى ئىشلىگەن بولسا مەنمۇ ئۇبۇنتۇغا كۆچكەن بولار ئىدىم :(

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 18:24:29

abdrtt يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 18:08 static/image/common/back.gif
ۋىدوۋىستا ئىشلەتكەن پرىنتېرلارنىڭ قوزغىتىش پىروگرامم ...

قوللايدۇ...........مۇت

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 21:52:14

پىروگىراممىرلار
مۇشۇ ئىزدىنىشنىڭ يانفۇن تور نۇسخىسىدا سىن كۆرىنىش ئۇلانمىسى بار بەتنىڭ نۇرمال ئىچىلماسلىق
مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمامدۇ


  

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 11:12:49

begmurad يوللىغان ۋاقتى  2014-11-22 18:24 static/image/common/back.gif
قوللايدۇ...........مۇت

بۇ دىگەنلىك «ۋىندوۋىستا ئىشلىگەن سىستېمىلار، ئۇبۇنتۇدا ئىشلەيدۇ ....» دىگەنلىك بولامدۇ؟ مەسلەن، Net مۇھىتىدا تۈزۈلگەن مەلۇم بىر پىروگراممىنى ئۇبۇنتۇدا قوزغاتساق قوزغىلامدۇ؟....

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 06:36:11

سىز يەنە باشقىلارنىڭ گەپلېرىگە ئىشىنىپ قاپسىز، ئۇبۇنتۇ قاتتىق دىتالللارنى ئىنتايىن ياخشى تۇنۇيدۇ،14.04 باشلاپ ئاندىرويىد نى چاتقان ھامان سىغىملېرىنى بىۋاستە چىقىرىپ بېرىدىغان بولدى. يەنە تىخى ئالىپتا مۇدا بولغان ئاردىينو نىڭمۇ پىروگىراممىلېرى بار.پىرىنتىر، سىمسىز تور كارتىسى، سىمسىز روتىرنى تەڭشەش ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسۇللېرى بار. ئەمما ئۆزىنىڭ يولى بىلەن ھەل قىلىدۇ چۈنكى بۇ ئۇبۇنتۇ.
بەت: [1]
: ئۇبۇنتۇ بۇرادەر(ubuntu mate )دە copy بۇلۇتىنى ئىشلىتىش