waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 20:21:44

تەڭرىتاغ كوماندىسى دۇڭگۇەن كوماندىسىغا ئۇتتۇردى

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 21- كۈنى كەچ سائەت 30؛5 دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ تۇقىزىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، دۇڭگۇەن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى چەتئەللىك ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 45 نۇمۇر ئالغان بۇلسىمۇ بىراق يىڭى چەتئەللىك ئەزا ئىستىفاننىڭ ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولماي ئاران 10 نۇمۇر ئىلىپ ئاخىرى 96-102 نەتىجە بىلەن رەقىبى  دۇڭگۇەن كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئۇدا ئىككى مەيدان مەغلۇپ بولدى.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  تۆت ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ 45 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 13 نومۇر، 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛  ئىستىفان پۇنۇ 10 نومۇر ئالدى؛ جۇ چى 10 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ليۇۋېي  9 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى. تاڭ جىڭدۇڭ بەدەن تەكشۇرۇشتىن ئۆتۇپ مەيدانغا چىقتى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 23-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز  مەيدانىدا گۇاڭدۇڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 13:56:17

بۇيىل ئۈمىد بارمۇ؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 14:09:15

تەرجىمىدە «تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىندى» دەپ خەنسۇچە ئورامدا گەپ قىلغۇچە « پالانى كوماندىغا ئۇتتۇرىۋەتتى، يېڭىلىپ قالدى » دېسەك زادى بولمايدىغان نەرى باردۇ؟ ۋاقتىڭىز چىقسا ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ بىلوگىدا مۇشۇ «تور تەرجىمىسى» توغرىسىدا بىر تېما بار كۆرۈپ باقارسىز.
يەنە بىرسى «قوش خانىلىق نومۇر ئالدى» دەپ گەپنى ئۇزاتقۇچە نەخ ئالغان نومۇرنى دەپلا گەپنى باشلىساق مۇمكىن بولارمۇ؟

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 14:11:57

ناۋادا تەرجىمىدە ماشىنا تەرجىمىگە تايانساڭلا يۇقارقى گەپلىرىم ئۈچۈن ئۆزرە...
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى دۇڭگۇەن كوماندىسىغا ئۇتتۇردى