سىزدە قانچە تۇرلۇك قورقۇش كىسىلى بار؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-21 19:32ئادەملەرنىڭ مىجەز خاراكتىرى تاللاش ئوبىكتى مۇلاھىزە قىلىش ئوي پىكىرى ۋەكەلگۇسىگە بولغان نىشانى ئوخشاش بولمايدۇ ،شۇنىڭغا ئوخشاش ئادەملەردىكى (恐惧症)قورقۇش كىسىلىمۇ ھەرخىل بولىدۇ.بەزىلەر نىمە ئۇچۇن شۇ نەرسە ۋە شەيئىيلەردىن قورقۇدىغانلىقىنى بىلىپ يىتەلىسە بەزىلەر نىمىشقا قورقىدىغانلىقىنى ئەسلا بىلمەيدۇ،
مەن بۇگۇن بۇ تېمىنى يوللىشىمدىكى مەقسەت مۇنبەرداشلار بىلەن بىللە مۇشۇ بىزدە قانداق قورقۇش كىسىلى بارلىقى سەۋەبى ۋە بەزى تەرەپلەرنى ئورتاقلىشىپ ئۆتسەك دەپ ئويلىدىم.
مەسىلەن.ياۋايى ھايۋانلاردىن قورقۇش(قۇرۇت ،قوڭغۇز،ئىت،شىر يولۋاس،ئۆمۇچۇك،بۆرە....)
سۇدىن قورقۇش،
ئىگىز يەردىن قورقۇش،
يالغۇزلۇقتىن ياكى ئادەمسىز يەرلەردىن قورقۇش.
قاراڭغۇدىن قورقۇش،
دوسكا ياكى بىرنەرسە جىجىغان ئاۋازدىن قورقۇش.
سان سىفىردىن قورقۇش،
ئادەم كۆپ يەردە سۆزلەشتىن قورقۇش،
دوختۇرخانىدىن ياكى چىش دوختۇرىدىن قورقۇش
ماشىنا ۋە ئايرۇپىلاندا ئولتۇرۇشتىن قورقۇش
ئىمتاھامدىن قورقۇش
چاقماق چىقىلغاندا قورقۇش
سېرىق رەڭدىن قورقۇش
ئۆتكۇر نۇردىن قورقۇش
4كوچا ئىغىزىدن قورقۇش
لىفىتتىن قورقۇش
دەرىس ۋاختىدا قول كۆتۇرۇپ جاۋاپ بىرىشتىن قوقۇش
چاچتىن قورقۇش
مازارلىقتىن قورقۇش
ئازگال ئۆرەكتىن قورقۇش
توي قىلىشتىن قورقۇش...
تۇرلىرى كۆپ قالغىنى تورداشلار ئۆزىدە بار بولغان قورقۇش ئالامەتلىرى بىلەن تولۇقلاپ ئۆتسە بولىدۇ
مەنبە ئۆزۇم
مەندە ياۋايى ھايۋانلاردىن قورقۇش(قۇرۇت ،قوڭغۇز،ئىت،شىر يولۋاس،ئۆمۇچۇك،بۆرە....)ۋە ئىگىز يەردىن قورقۇش،مۇشۇ ئىككىسى باركەن،باشقىلىرىدىن بەك قورقۇپ كەتمەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tuygu0995 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-22 14:42
مەندە يۇقۇرقى قورقۇشلاردىن بەزىلىرى بار بولغاندىن تاشقىرى، ئادەمدىن قان چىققىننى كۆرسەممۇ قورقىمەن. مەن دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان، لېكىن دېڭىزدىن قورقىدىغاندەك ھېس قىلىمەن :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dilnazuk تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-22 15:26
ئۆمۈچۈكنىڭ يېقىندىن تارتىلغان كۆرىنىشى ئازراقمۇ قورقۇنچلۇق ئەمەسكەن ، نۇرغۇن رەسىملىرىنى كۆرۈپتىمەن ، كۆپ قىسىمنىڭ ئۈچ تۆت كۆزى بار ، قارىماققا قىزىقارلىق كۆرۈنىدىكەن :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا terhemek تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-22 16:12
نىمىشقىكىن چاشقاندىن قورقىمەنغۇ تاڭ . كىچىكىنام چاشقاننى كۆرسەممۇ بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ تۇرغان ئورنۇمدىن سەكرەپ كىتىمەن . :funk: دۇرۇس ياشاۋېتىپمۇ قارىغا قېلىشتىن قورقۇش جەمىيەتتىكى نۇرغۇن ئادەملەردىكى ئورتاق قورقۇشمىكىن دەيمەن.{:87:} مەن ئمتىھانغا ياخشى تەييارلىق بىلەن كىردىغان بولغاچقا، ئانچە قورقۇپ كەتمەيدىكەنمەن . خۇدايىمدىن قورۇقساق كىسەللىك بولماس {:92:} مىنىڭ ئىشتىھايىم ياخشى ،ئۇيقۇم ئېسىل، مەندىنمۇ قورقۇش يوق.{:92:} قورىقماسلىق كىسلىمۇ بارمۇ ؟ مەن ئۇلارنىڭ ھىچ قايسسىدىن قورقمايدىكەنمەن newstar يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 16:13 static/image/common/back.gif
دۇرۇس ياشاۋېتىپمۇ قارىغا قېلىشتىن قورقۇش جەمىيەتتىكى ...
:handshake :lol
توغرا ، قورقىدۇ.
كىشىلەر ئۆزلىكىدىن قورقۇپ،تۈگۈلۈپ كىتىۋاتىدۇ مۇشۇ كۈنلەردە:L مەن قاراڭغۇدىن ئادەم كۆپ يەردە سۆزلەشتىن سۇدىن ،دوسكا ياكى تامغا جىجىغان ئاۋازدىن تۆت كوچا ئىغىزىدىن سانسىفىردىن قورقۇش كىسىلىم بار
بۇ يەردىكى قورقۇش دىگەن نوقۇللا قورقۇپ كىتىش ئەيمىنىش ئەمەس بەلكى ئاشۇ تۇردىكى ئىشلارنى خالىماسلىق كۆرگىسى كەلمەسلىك شۇنداق ئىشلارنى ئۇچراتقاندا بىرخىل بەدەندە قارشى ئىنكاس بولۇشمىكىن. ئاجىزلىق دېگەن نىمە دېسە،ئۆلۈم ۋە مال-دۇنياسىز قېلىشتىن قورقۇش دەپ جاۋاپ بېرىلىپتىكەن. Jengchi يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 16:23 static/image/common/back.gif
خۇدايىمدىن قورۇقساق كىسەللىك بولماس
ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن بۇ يەردە دىيىلگەن كىسەللىك تۇرى قورقۇش ئوخشىمايدۇ.
بۇ بىرخىل بەدەندە شۇ ئىشقا قارشى ئىنكاس بولىدىغان خالىمايدىغان شۇ مەنزىرە ۋە شۇ ئىشلارنى كۆرۇشنى ياقتۇرمايدىغان بىزارلىق پىسخىكىسى. attir يوللىغان ۋاقتى 2014-11-22 17:15 static/image/common/back.gif
ئاللاھتىن قورقۇش بىلەن بۇ يەردە دىيىلگەن كىسەللىك تۇ ...
ئەسلى مۇنداقمىتى يە :lol ،،،كۆپ رەھمەت جۇما خان ! مەندە يۇقارقى تېمىدىكى ھىچقايسى قورقۇش يوقكەن. مىنىڭچە بىزدىكى قورقۇشنىڭ بەزىلېرى سۈنئىي ھالدىكى ئىدىيە سىڭدۈرۈشتىن كىلىپ چىققان . مەسلەن جىندىن قورقۇش، يېرىم كىچىدە قاپقاراڭغۇدا سىرتقا چىقشىتىن قورقۇش ياكى ئۆيگە قايتىپ كىرىۋاتقاندا كەينىدىن بىرەر قورقۇنۇشلۇق مەخلۇق خۇددىي مۇرىمىزگە بىرنى ئۇرۇپ قۇيۇپ بىزنى ھالاكەت قۇيۇنىغا سۈرەپ كىرىپ كىتىدىغاندەك ھىس قىلىش.
جىن دىگەن بۇ خىل ئۇقۇم ۋە جىنغا ئالاقىدار تەسەۋۋۇرلار چوڭلارنىڭ بىزگە جىن ھەققىدىكى كىچىكىمىزدىن سىڭدۈرگەن تەربىيەسىدىن كەلگەن بۇلۇپ ئەمەلىيەتتە بىزدىكى بىر خىل خاتا تۇيغۇ ۋە تەسەۋۋۇرنىڭ سەۋەپچىسىدۇر. ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق ھىچقانچە قورقۇنۇچلۇق ئەمەس.
مۇنبەردىكى بەزىلېرىمىز ئۆزىنى قورقماس ھىساپلىۋاپتۇ مەن ئۇنىڭغا ئىشەنمىدىم ياكى ئۇ مۇتلەق ئەمەس.
مىنىڭ بايقىشىمچە قورقۇش ياكى باتۇرلۇقمۇ نىسپىي بۇلىدىكەن. قانداق دىسىڭىز مەن قايسى كۈنى موتو مىنىپ كىىتپ بېرىپ بىر ئىش تۈپەيلى شۇنداق تىز ھەيدىدىم ھەتتا بەزى سۈرئەتنى ئاستىلىتىدىغان جايلاردىمۇ قەتئىي ئاستىلاتمىدىم غەلىت يېرى شۇكى مەن شۇ مۇشۇ چاغدا بىرەر قاتناش ئۇچراپ قالسا سۇقىۋىتىپ باقسام بومامدۇ دىگەن تۇيغۇغىمۇ كىلىپ قالدىم ھازىر ئويلىسام ئۆزۈمگە بەكلا ھەيران قالىمەن. توۋا شۇ چاغدا ئىلاھىي كۈچ بىلىۋالغاندەك ماڭا بىرەر قاتناش بىلەن سۇقۇلۇش پۇرسىتى بەرمىدى. باش سۈرەت ئالماشتۇرۇش مودا بولغان ئوخشىمامدۇ مۇنبەردە؟ مۇشۇ باھانىدە بىر ئىشنى دېگۈم كەپقالدى. بۈگۈن يانفۇنىمنى يەڭگىللىتىپ قوياي دەپ كومپيۇتېرغا چېتىپ خالتىمۇ_خالتا ماتىلىغان. widgetone دېگەن بىر خالتىنىڭ سىغىمى يۈز مىگابايتقا يىقىن بولاپ قاپتۇ. ئېچىگە كىرىپ قارىسام ساپلا ھەقاسىلىرىنىڭ باش سۈرەت رەسىمى بىلەن يوللىغان سۈرەتلەركەن. قارىسام بەزى باش سۈرەتلەر دوقمۇش_دوقمۇشتا خەخنىڭ نەرسىسىنى بىرە-يېرىم سائەت سىقىمدىۋالمىسا كۈنى ئۆتمەيدىغانلارنى خوش قىلىدىغانلاركەن. شۇڭا مۇشۇ يانفۇن ئەپ نۇسخىسىدا سۈرەتسىز ھالەتتە كۆرگىلى بولماسمۇ؟ مۇشۇنىڭدا چىقىۋاتقانلار ئاۋۇ خالتىنى ۋاقتى_ۋاقتىدا قېقىپ، باش سۈرەتكىمۇ ئىگە بۇلۇپ يۈرگەيسىزلەر...
بەت:
[1]
2