سالام ئۆلدى
سالام ئۆلدىسالام ئۆلدى دىيىشىدۇ .
جىنازەمنى كۆتۈرۈپ تېز-تېز قەدەملەر بىلەن ئېلىپ ماڭىدۇ.
ئېلىپ ماڭىدۇ سېنىڭ قېشىڭغا.
لېكىن ئۇلار بىلمەيدۇ،
ئېزىققىنىمنى،
كىتاپ ئوقۇغىنىمنى،
شېئېر يازغىنىمنى،
ساز چالغىنىمنى،
ناخشا ئېيتقىنىمنى،
ھاراق ئىچكىنىمنى،
نېشە چەككىنىمنى،
كىملەر بىلەن ياتقىنىمنى،
بىرسىنى ئۆلگۈدەك سۆيگۈنۈمنى.
ئۇلار بىلمەيدۇ،
سىنى ئۇنتۇش ئۈچۈن
چېچىلىپ ياتقان روھلاندۇرۇش دورىسىنى.
ياكى
بۇزۇلغان قىزلىقىڭنى.
مىنى بىلمەيدۇ دەمسەن؟
توي كۈنى نىمە ئويلىغىنىڭنى،
نىمە دىگىنىڭنى،
نىمە قىلغىنىڭنى،
شەھۋەت ئالدىدا ،
ئۇندەك،
تۇزدەك،
سۇدەك ئىرىگىنىڭنى.
يوتقىنىڭنىڭ ئىسسىغىنىنى،
پاچىقىڭغا ئوت كەتكىنىنى،
يوتقانغا پاتمايۋاتقان رەزىل ھاياجىنىڭنى.
ئۇ كۈنى بىرمۇ ئادەمنىڭ مىنى چۈشەنمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمەن.
ئۆلۈپ كېتىدىغان كۈن شۇنداق بولاتتى،
نېچشى مىنى يوقلاپ كىلەتتى،
تەڭرى مىنى دوزاخقا سالاتتى،
چۈنكى ئۇ تەڭرىگە ئاسىي ئىدى.
شۇنداق قىلىپ سالام ئۈلۈپ كېتەتتى،
ئۈلۈپ كېتەتتى سىنىڭ قېشىڭغا،
ئۈلۈپ كېتەتتى دوزاخلىرىڭغا،
ئۈلۈپ كېتەتتى،
ئۇزۇن چاچلىرىڭغا،
قاپقارا قاشلىرىڭغا،
قان رەڭ لەۋلىرىڭگە،
تۈنرەڭ كۆزلىرىڭگە،
سىنىڭ چەكسىز رەسۋالىقىڭغا…
سالام، كۈرۈشۈش ئۆلدى، دىگەن تېمىمىكى دەپتىمە ئاتالمىش بىرنىمەئىزىمچە شېئىر ئىكەندە بۇ ھىم...جەسەتنىڭ شېرىغا تەڭكەش بوپتۇغۇ.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا iqbal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-23 06:41
شېرىيەت يالىڭاچلىنىدىغان كۈنلەر كېلىۋېتىپتۇدەــــ رەسۇل ھەمزەتوف «ئىلگىرى شېرىيەت ئاشكارا ئىدى،ئاياللار مپەردە ئىچىدە ئىدى؛ھازىر شېرىيەت يوشۇرۇندى،ئاياللار بولسا يالىڭاچ يۈرۈپتۇ....دېگەندەك بىر گەپ قىپتىكەن بىر ۋاقلاردا.قارىسام شېرىيەتمۇ ئاياللارمۇ ئوخشاش يالىڭاچ،ھاياسىزلىشىپ كىتىۋېتىپتۇ بۇ كۈنلىدە... بەختىيارنى بۇنىڭدىن ئېسىل ئەسەرلەرنى يازالايدۇ دەپ خىيال قىلاتتىم ... ھاياسىزلىق قاپلىغان ئەخلەت ئىكەن . سىلە بىزگە قىلىدىغانغا ئىش بوممىغاندىكىن مۇشۇنداق قىلىپ ھاياتىغا ئۆزىچە مەنا ئاتا قىلىپ يۈرۈيدۇ بۇ ئادىمىزاتلار .........بىچارىچىلىك شئېرىي پىكىر ئاز يا يوق،شئېرىي ھىسىيات مەجبۇرلانغان ،ياسالغان . ھاياسىز يالىڭاچلىقنى يازسام چىنلىق چىقارمىكىن دەپ قالغان. ئەپسۇس ، بۇنى يازغۇچىدە نە بەدىئي دىت ،نە ئەقىدىۋى ئاڭ ،نە ئۇيغۇرچە خىيال يوقكەن.
ئەخلەت! ئۈچۈرۋەتسەڭلار بۇپتىكەن بۇنى... Uyghur يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 08:39:21 static/image/common/back.gif
شئېرىي پىكىر ئاز يا يوق،شئېرىي ھىسىيات مەجبۇرلانغان ،
مەن قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمىگەن كۆڭلۇمدىكى گەپلەرنى قىپسىز مەن ياقتۇردۇم. يازمىغاندىن يازغان ياخشى، لېكىن يەنە ئازراق پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان يەرلىرى باردەك تۇيۇلدى. قايتا تەھرىرلەپ پىششىقلاپ ئىشلىسە شېئىر بولمامدۇ يە..؟
بۇرۇقتۇملۇقتىن مۇشۇنداق ئوچۇق يالىڭاچ بولسىمۇ ئېنىقلىق ياخشى دەپ ئويلايمەن. بۇ نىمە ؟قىزلىقى بۇزۇلغان بىرە رەسۋانىڭ ھىكايىسىمۇ:lol
بۇ سانسارادىن نىرۋاناغا يەتكەن تەقۋادار راھىپ ئوخشايدۇ. :lol راھىبلار تەقۋادارلىشىپ كەتسە ، شەھۋانى بوپ كېتىدىغان ئوخشىمامدۇ؟:lol ئېسىل شېئىركەن، شېئىرنىڭ ئېسىللىقى بىر توپ ياسالمىنىڭ رەسۋالىقىنى ئېسىگە سېلىپ، چىچاڭشىتىپ ئىنكاس يازدۇرۋەتكەنلىكىدە.{:92:} شېئىر دىل ۋە تىل گۈزەللىكى دىمەكتۇر، لېكىن بۇ نەرسىدە دىلنىڭ رەسۋالىقى ، يالىڭاچ تىل بىلەن ئىپادىلنىپتۇ.
يالىڭاچلىق بار يەردە گۈزەللىك يوق. شۇڭا شېئىر دەپ ئاتاشنىڭ ئۆزى بىر كۈلكىلىك ئىش. ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئالدىدا شۇنچە گۇناھقا پېتىپ تۇرۇپمۇ، ئۆلۈم ئالدىدا بولسىمۇ پۇشايمان قىلمىغاننى شەيتاننىڭ قۇلى دەيمىز.
بۇ ئەخلەتنى شەيتانىزىم دەپ ئاتىساق توغرا بولىدۇ. ئەرگە بىرىۋەتكەن تارىخى ئارامىنى بۇزۇپ قويۇپتۇ يازغۇچىنىڭ. salambay يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 11:18 static/image/common/back.gif
ئەرگە بىرىۋەتكەن تارىخى ئارامىنى بۇزۇپ قويۇپتۇ يازغۇچ ...
خېلى ئوبدان تەسىراتىڭىز باكەن ھە، قېرىندىشىم. ئۇلۇغ ئاللاھتىن سەۋىر تىلەيمەن.{:92:} zuwansiz يوللىغان ۋاقتى 2014-11-23 11:21:13 static/image/common/back.gif
خېلى ئوبدان تەسىراتىڭىز باكەن ھە، قېرىندىشىم. ئۇلۇغ ئ
چوڭقۇرلۇقتا قولىڭىزغا سۇ قۇيۇپ بىرەلمەيدىغاندەك...
بەت:
[1]
2