NIRWANA يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 16:58:37

ئاخىرلاشمىغان شېئېر

ئاخىرلاشمىغان شېئېر
دائىم شۇنداق باشلىنىدۇ.
بىر ئاسمان،ئىككى ئاسمان،ئۈچ ئاسمان
ساناۋېرىپ ئېزىقىپ كەتتىم،
ئېزىقىپ كەتتىم  كۆرسۇن دەپ سېنى.
كەلمىگىنى سەن،كەتمىگىنىمۇ سەن،
يىراقتا قالغىنى،
تاشقا ئايلىنىپ كەتكىنى،
مىنى ساراڭ قىلغىنى،
ھەممىسى سەن.
كىشىلەر مىنى ساراڭ دىيىشىدۇ.
ساراڭ دىيىشىدۇ سۆيگەنلەرنى،
سۆيۈلگەنلەرنى ھەم ئۆزىنى.
مىنىڭ خەتلىرىمنى؟
سېنىڭ كۈلگىنىڭنى؟
،تەلۋىلىكىڭنى؟
ئاسىيلىقىڭنى؟
تويلۇقۇڭنى؟
تويلۇق ئۈچۈن سېتىلغىنىڭنى؟
خەخنىڭ ئاستىدا رەسۋا بولغىنىڭنى.
ئۇلار كۆرگەنمىدۇ؟
كۆرگەنمىدۇ ئۇلار ھەممىنى؟!
ھېچنىمە قىلىش كىرەك ئىدى،
ھېچنىمە دېيىش كىرەك ئىدى،
پىسخىك پارچىلىنىش كېسىلى بولۇش ئۈچۈن،
ئېلىشىپ قېلىش ئۈچۈن،
نىرۋىسىدىن ئادىشىش ئۈچۈن،
يىرتىلغان پەردەڭنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن،
بىر قېتىم
پەقەت…

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 08:41:54

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Uyghur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 08:44  

ئەخلەت!
مۇشۇنى تەستىقلىغان ئادىلجانغا ھەيرانمەن. ياكى ئىزدىنىش باشقۇرغۇچىللىرى ھەممىسى شئېر تەستىقلىيالايدىغان شئېرخۇمارلاردىن بوپ كەتتىمۇ؟

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 09:09:20

سالام ئۆلدى دەپ بىرنى يازغاندىكىن ماۋۇئاخىرلاشمىغان شېئىرنى ئەخلەتچېلىكىگە سېلىۋەتسىڭىزمۇ بوپتىكەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 09:23:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 09:26  

   بۇ ھېلىقى چاغدىن بېرى ئىزدىنىشتىن غىپپىدە تىكىۋەتكەن «جەسەت» دىگەن شۇمۇ-يا؟  بۇنىڭ ئىمزايىمۇ جەسەتنىڭ ئىمزاسىدەكلا قىپقىزىل ئاسىيلىق پۇراپلا تۇرىدىغان ئىمزاكەن.

ersoy يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 09:26:30

بۇ سالام ئۆلدىنىڭ بىشى ئۇخشىمامدۇ.
سېرىق فىلىم ،سېىرق ھىكايە،سېرىق شېئىر ، ئۇ قەدەر رەسۋالىشىپ كەتمەڭلا:'(

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 09:35:41

«رەسۋائىزىم» لىق ئۇسلۇبىدا شېئىر يازدىغان بايراقدار شائىرنىڭ نەمۇنىلىك ئەسەرلىرىكەن ماۋۇ «سالام ئۆلدى»بىلەن بۇ تىما،

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 09:38:32

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 09:23 static/image/common/back.gif
بۇ ھېلىقى چاغدىن بېرى ئىزدىنىشتىن غىپپىدە تىكىۋەتكە ...

بۇ جەسەت ئەمەس، جەسەتتە ھىچ بولمىسا پىشكە بەدىئىي دىت بار . ماۋۇسى ئىزدىنىشتىكىلەرنىڭ تىلىنى سېغىنىپ قالغان بىر ئەبلەخكەن.

oguzhan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 10:19:22

Uyghur يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 09:38 static/image/common/back.gif
بۇ جەسەت ئەمەس، جەسەتتە ھىچ بولمىسا پىشكە بەدىئىي دىت ...

مىنىڭچىمۇ  جەسەت  شۇمىكىن  دەيمەن ،جەسەتمۇ  بىرلا ۋاقىت ئىچىدە  ئىككى ئۈچ تېما يولۋىتەتى، ھەمدە  يەنە يازغان  تېمسىنىڭ  مەزمۇنى  ،باشقىلارنىڭ  خوتىنىغا  ئايلىنىپ  كەتكەن  سۆيگۈنى توغرىسىدا ئىدى ،ئىشقىلىپ  بەك  ئوخشاشلام  تۇيۇلدى ماڭا .

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 10:26:35

:lolيەنە بامۇ؟

terhemek يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 10:36:17

خۇمسى شېئىركەن بۇ ... بىراۋلار ئەرگە تەگسە چىدىماي كەينىدىن تىللاپ يۈرۈپ . ئەركىشىنىڭ قىلدىغان ئىشىمۇ بۇ

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 11:21:52

ئەر كىشى بىجىرىم بولسا خوتۇن توختايدۇ.

xxxxxx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 13:51:29

ئەخلەت!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 22:52:58

   بۇ بالىنى ھەممەيلەن ئەيىپلەش بىلەنلا بوپ كېتىپتۇق ئەمەسمۇ(مەنمۇ شۇ). ئۇنىڭغا سەمىيمىي نەسىھەت ۋە چىرايلىقچە ھېكمەتلىك چۈشەندۈرۈش بېرىش كۆپۈنچىمىزنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمىغاندەك تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ھەققىدە جىقراقىمىز يامان گۇمان قىلىۋاتىمىزمىكىن دەيمەن. شەخسەن مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداقراق بىر ئىشقا قانداق پوزىتسىيە تۇتقانلىقىنى ئۇنتۇپ خاتالىشىپتىمەن. يەنى ئۆز ۋاقتىدا جانابىي رەسۇلۇللاھنىڭ ئالدىغا بىر ياش يىگىت كېلىپ زىنا قىلىشقا رۇخسەت قىلىشنى سورىغاندا، سۆيۈملۈك رەسۇلىمىز بۇ بالىغا پەقەت ئاچچىقلىمايلا قالماستىن، بەلكى ناھايتى يۇمشاق مۇئامىلە بىلەن ۋە ناھايتى ھېكمەتلىك ئۇسلۇبتا مىسال بىلەن چۈشەندۈرۈپ، زىنادىن ئىبارەت بۇ قەبىھ قىلمىشتىن ئۇ ياش بالىنى يىرگەندۈرەلىگەنكەن،  شۇندىن كىيىن ئۇ بالا تاكى ھاياتىنىڭ ئاخىرىسىغىچە  ئۇنداق يامان ئىشقا يېقىنمۇ كەلمەي ئۆتۈپتىكەن(ھەدىستە شۇنداق بايان باركەن).  يەنە مۇنداق بىر ۋەقەمۇ دىققىتىمىزنى تارتىشى كېرەككەن: ئۆز ۋاقتىدا (پەيغەمبىرىمىزنىڭ زامانىدا) بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ ساھابىلەر بىلەن مەسچىتتىكى چاغدا بىر تاغلىق ئەرەپ مەسچىت ئىچىگە كىرىپ سىيىشكە باشلىغان، شۇنىڭ بىلەن بەزى ساھابىلەر غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرغىلى يوپۇرلۇپ كەلگەندە پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى توسۇپ «بولدى قويۇڭلار، ئۇ  ھاجىتىنى ئادا قىلىۋالسۇن، ئۇ بىلمەيدۇ» دىگەن ۋە بىر چىلەك سۇ ئەكىلىپ سۈيدۈك ئۈستىگە تۆكۈۋېتىشكە بۇيرىغانكەن. شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەرابىي كىشى شۇ مەيداندىلا شاھادەت ئېيتىپ مۇسۇلمان بوپتىكەن. شۇڭا بىزمۇ بۇ قىسسەلەردىن ئىبرەت ئېلىپ كەڭ قوساق ھەم ھېكمەتلىك ئىش قىلغۇچى بولساق دىگەن تەكلىپنى مۇنبەر ئەھلىگە سۇنىمەن.(ئالدىنقى تېمىسىغا يازغان ئىنكاسىمنى بۇ يەرگىمۇ چاپلاپ قويدۇم)

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 09:43:41

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 22:52 static/image/common/back.gif
بۇ بالىنى ھەممەيلەن ئەيىپلەش بىلەنلا بوپ كېتىپتۇق ئە ...

مۇشۇ بىر ئىنكاسىڭىز ئۈچۈن سىزگە غايىبانە ھالدا ئەڭ ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدىم، قېرىندىشىم!
بەت: [1]
: ئاخىرلاشمىغان شېئېر