uyaltun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 14:03:36

بۈگۈنكى پېرېۋوت نىسبىتى تەھلىلى

بۈگۈنكى پېرېۋوت نىسبىتى تەھلىلى

         FX168خەۋىرى ، بۈگۈن ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ، دوللار / يېن باھاسى 118.25 ئەتىراپىدا ئايلانغان ؛ ئالدىنقى سودا كۈنى يۇقىرى ئۆرلەپ 119 ئۆتكىلىگە يېقىنلاشقان بولۇپ ، نۆۋەتتە يەنە كىچىك ئاساستا يۇقىرى ئۆرلىگەن ؛ تەھلىل قىلغۇچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە ، دوللار / يېن باھاسىنىڭ قىسقا ۋاقىتلىق بۆسۈش نۇقتىسى 119.00 بولۇپ ، بۈگۈن بېيجىڭ ۋاقتى 07:50 دە ، دوللار / يېن باھاسى 118.23/25 بولدى .
FX168 خەۋىرى ، بۈگۈن يەنە ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ، فوندستېرلىڭ/ دوللار باھاسى 1.5690 ئەتىراپىدا ئايلانغان ؛ ئالدىنقى سودا كۈنى فوندستېرلىڭ يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ ، ئەڭ يۇقىرى باھاسى 1.5736 ئەتىراپىدا بولغان ، كېيىن يەنە تۆۋەنلەپ ، بېيجىڭ ۋاقتى 08:25 دە ، فوندستېرلىڭ/ دوللار باھاسى 1.5690/92 بولدى .

كېلىش مەنبەسى ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
تور ئادرېسى www.uyaltun.com
بەت: [1]
: بۈگۈنكى پېرېۋوت نىسبىتى تەھلىلى