ئالتۇن كۈمۈش سودا ئەسكەرتىشى
ئالتۇن كۈمۈش سودا ئەسكەرتىشىبۈگۈنكى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىدا، دوللار كۆرسەتكۈچ 87.65 ئەتراپىدا ئايلاندى ، خەلقئارا ئالتۇن باھاسى 1193.88 دوللار ئەتراپىدا ئايلاندى ، تۈنۈگۈن ئالتۇن كۈمۈش باھاسى كىچىك ئاساستا يۇقىرى ئۆرلىگەن ، ئالتۇن باھاسى يەنە بىر قېتىم 1200 دوللاردىكى ئۆتكەلگە يېقىنلاشقان ، كۈمۈش باھاسى 16.10 دوللاردىكى بۆسۈش كۈچىنى ساقلاپ قالغان . سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىشىچە ، ئامېرىكا پۇل پاخاللىشىش كىچىك ئاساستا يۇقىرى ئۆرلەپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا تىرەكلىك رول كۆرسەتكەن . بۈگۈن ئالتۇن باھاسى داۋاملىق 1175-1195 دوللاردىكى نۇقتىلادا تەۋرىنىدۇ. بۈگۈن بازاردا سانلىق مەلۇماتلار بىر قەدەر ئاز . بۈگۈن دىققەت قىلىدىغان نۇقتا بولسا ياۋرۇپا مەركىزى بانكا ئەمەلدارى ۋە ياۋرو رايونى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ نۇتۇق سۆزى ، ئەگەر ياۋرۇپا مەركىزى بانكىنىڭ بانكا باشلىقى داللاس نۇتۇق سۆزىدە داۋاملىق كەڭ سىياسەتنى تەدبىرىنى چىقارسا ، ئۇچاغدا ياۋرۇ قىممىتى تۆۋەنلىشى مۇمكىن ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ دوللار كۆرسەتكۈچ ۋە ئالتۇن كۈمۈش باھاسىمۇ تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن .
كېلىش مەنبەسى ئۇيغۇر ئالتۇن تورى
تور ئادرېسى www.uyaltun.com
بەت:
[1]