NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 11:39:46

21-نويابىردىكى ئالتۇن بازار ۋە تەھلىلى

21-نويابىر دوللار كۆرسەتكۈچى 87.74 ئەتراپىدا، تۈنۆگۈن بازار ئازراق چۈشۈپ كىچىك كىرىس شەكىللىك شام سىزىقى شەكىللنىپ بازار يېپىلدى. خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1194 دوللار ئەتراپىدا، تۈنۆگۈن 1200 لىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشى بىسىمغا ئۇچىراپ مەغلۇپ بولدى، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى 1200 ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈش يەنىلا مۈشكۈل، يەنىلا 1175~1195 مۇشۇ ئارىلىقتا تەۋرىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.

21-نويابىردىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ئېلان قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار بىرقەدەر ئاز، بازارنىڭ بايرامغا يېقىنلىشىش ئالدىدىكى كەيپىياتقا كىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، تەۋرىنىش بەلكىم كىچىكلىشى مومكىن. تۈنۆگۈن كەچتىكى ئامرىكىنىڭ ئۈچ چوڭ ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە ئامرىكىنىڭ 10-ئايلىق ياساش كەسپى مۆلچەردىن ياخشى چىقىپ 2013-يىلىدىن بۇيانقى يۇقىرى نوقتىنى ياراتتى. بۈگۈن ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بانكا باشلىقى دېلاجنىڭ 24-نۆۋەتلىك ياۋرۇپا بانكا ساھەسى يىغىنىدا سۆزلىگە نوتىقىغا دىققەت قىلىڭ. بۈگۈن بۇ ھەپتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى سودا كۈنى بازار تەڭشىلىشكە كىرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى.
تۈنۈگۈنكى تەھلىلدە 1178 دىن ئۆسۈشكە ئېلىش بىلەن 1195 دىن چۈشۈشكە ئېلىش دىگەن تەھلىل توغرا چىقتى، ھەر بىر تەھلىلدە ئاز دىگەندە 8 نوقتا پايدا بار.
بۈگۈنكى تەھلىل:
1185ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە،زىيان 1180، نىشان 1190~1195
1198ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1203، نىشان 1193~1188
1175 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1170، نىشان 1180~1185
1207ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1212،نىشان 1202~1197

كوت كوت  395619400  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى234يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.19يۈەن
بىر دوللار 6.123. يۈەن
بىر ياۋرۇ 7.6864يۈەن
بىر .فودىستىرلىڭ 9.6107يۈەن
بىر .فودىستىرلىڭ 1.5693 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.2554دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .

مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالون

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 16:15:53

تەھىلىڭىز ياخشى   چىقتى،،،،
بەت: [1]
: 21-نويابىردىكى ئالتۇن بازار ۋە تەھلىلى