huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 08:32:07

قەرز ئېلىش

قەرز ئېلىش
رۇخسارى ئابدۇرېشىت

«خەيئېر» گۇرۇھى دۇنيادىكى چوڭ ئائىلە ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ بىرى، 1984-يىلى جۇڭگونىڭ چىڭداۋ شەھىردە قۇرۇلغان. ھازىر بۇ گۇرۇھنىڭ دۇنيادا 21 سائەت رايونى، بەش تەتقىقات مەركىزى، 19 چەتئەل سودا شىركىتى، 80 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى بار، يىللىق تىجارەت سوممىسى 163 مىليارد يۈەن، شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جاڭ رۇيمىن. ئۇ باشقۇرغۇچىلارغا دائىم مۇنداق دەيدۇ:«خىزمەتچىلەرنىڭ كۆڭلىدە كارخانا بولۇش ئۈچۈن، باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۆڭلىدە خىزمەتچىلەر بولۇشى كېرەك، خىزمەتچىلەر كارخانىنى ياخشى كۆرسۇن دېسەك، كارخانا رەھبەرلىرى ئالدى بىلەن خىزمەتچىلەرنى ياخشى كۆرۈشى كېرەك».
1984-يىلى «خەيئېر» گۇرۇھى زىيان تارتىپ، ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى، شۇڭا شۇ يىلى 1-ئايدا جاڭ رۇيمىن يېڭى يىلنى كۆڭلى غەش ھالەتتە ئۆتكۈزدى. قېرىنشقاندەك چاغان يېقىنلاپ قالغاچقا، ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ بىئارام بولدى. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىشقىمۇ پۇل يوق تۇرسا، پاراۋانلىقتىن سۆز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان كارخانىغا بانكىمۇ قەرز پۇل بېرىشنى رەت قىلاتتى.
بىراق جاڭ رۇيمىن بەل قويۇۋەتمىدى. ئەينى يىلى يېزىلاردا ھۆددىگەرلىك تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولغاچقا، يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ئازراق پۇل بولىدىغانلىقىنى جاڭ رۇيمىن ئوبداق بىلەتتى. شۇڭا ئۇ قوشنا داشەن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسىنى تېپىپ، ئازراق قەرز ئېلىپ قىيىن ئۆتكەلدىن
ئۆتۈۋېلىش كويىغا كىردى. ئۇنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن ئىلتىجا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن شۇجى تۇرۇپلا تەسىرلىنىپ، چاغانغا ئۈچ كۈن قالغاندا «خەيئېر» شىركىتىگە قەرز بەردى. «خەيئېر» نىڭ مالىيە بۆلۈم باشلىقى يېزا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن پۇلنى ئۈچ چاقلىق ۋېلىسىپىتكە بېسىپ، زاۋۇتقا كېلىپلا ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە مائاش ۋە بەش جىڭدىن تاسما بېلىق تارقاتتى. جاڭ رۇيمىننىڭ قەرز ئېلىپ بولسىمۇ مائاش تارقاتقانلىقى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى تەسىرلەندۈردى، ئۇلار «باشلىق قەرز ئېلىپ مائاش بېرىۋاتسا، بىز قەرزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ياخشى ئىشلىمىسەك بولامدۇ؟» دەپ ئىگىلىك تىكلەش يولىدا قان-تەر ئاققۇزۇشقا ھازىرلىنىشتى.
دېمەك، باشقۇرغۇچىنىڭ ئادىمىيلىك پەزىلىتى، پاراسىتى ۋە كەسپىي تەربىيەلىنىشى ئۇنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنىڭ قانداقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادىمىيلىك خىسلىتى كۈچلۈك رەھبەرنىڭ كەينىدە بارلىقىنى كوللېكتىپقا بېغىشلايدىغان خىزمەتچىلەر بولىدۇ. بۇ مەقسەتكە يېتىش ئۈچۈن، باشقۇرغۇچىلار قىيىنچىلىق ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا ئۆتۈشى، مەنپەئەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى بىلىشى، ئاكتىپ روھى ھالەت ۋە يوشۇرۇن تەسىر كۈچى ھازىرلىشى كېرەك.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 10:58:05

ئىشچى -خىزمەتچىسى كىچىكىپ قالسا 50 يۈەن ،100يۈەن تۇتۇپ ،20-30 خىزمەتچىسى بار ،بىر شىكەرت خۇجايىنىڭ ، ،مائاشتىن بىر ئايدا بىر-ئىككى مىڭ يۈەن ئىقسات بۇلۇپ قالدى دەپ گۈل-قەقەلىرى ئىچىلىپ كەتكىنى ئاڭلاپ قاتتىق ھەيران قالغان.ئاقىۋەتتە بۇ خىل قاتتىق باشقۇرۇش تۈزىمى تېخىمۇ قاتتىق قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ،ئىشچى خىزمەتچىلەر كىچىكىپ قالسا ،كەلمەيلا قۇيدىغان ھالەتنى شەكىلەندۈرگەن،چۈنكى بىر مىنۇت كىچىكسىمۇ 50 يۈەن تۇتىدۇ،ئەمما ئۇ خىزمەتچى بىر كۈن روخسەت سۇرىسا 80يۈەن.
بۇ جەھەتتە غەرىپ كاپىتالىزىمى ئىشچى -خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت ئۈنۈمىنى ،ئاكتىپچانلىقنى ئاشۇرۇش جەھەتتە نەچچە يۈز يىلنى بېشىدىن ئۈتكۈزۈپ پىشىپ قاق بۇلۇپ كەتكەندەك. قېنى چەتئەلدە خۇسۇسىي شىركەتلەردە كىچىككىپ قالغانلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ ،چەتئەللەردە ئۇقۇۋاتقان ،ئىشلەۋاتقانلاردىن ئاڭلاپ باقىلى!!!

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 12:49:01

Aشىركەت : ئەتىگەندە 8 دە دەل ۋاقتىدا خىزمەتكە چىقىشى كېرەك، خىزمەت ۋاقتىدا تېلىفۇن ئىشلىتىشكە، شەخسى ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ، كېچىكسە، رۇخسەت سورىسا، كەلمىسە جەرىمانە قويۇلىدۇ. ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلىسە قوشۇمچە پۇل بېرىلىدۇ، شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىشى بار. ۋاقتىدا ئىشقا چىقىدۇ، ۋاقتىدا ئىشتىن چۈشىدۇ.

B شىركەت : ئەتىگەندە قانداق ۋاقىتتا ئىشقا كەلسە مەيلى، خىزمەت ۋاقتىدا ئويۇن ئوينىسىمۇ، قەھۋەخانىغا كىرىپ ئولتۇرسىمۇ ، تېلىفۇن پاراڭلاشسىمۇ بولىدۇ، ھېچىقانداق جەرىمانە يوق.

C شىركەت : ئىشقا كەلسىمۇ مەيلى كەلمىسىمۇ مەيلى، خىزمەت ئورنىغا بالىلىرىنى ئەكىلىپ ئويناتسىمۇ بولىدۇ، خىزمەت ۋاقتىدا سۇ ئۈزگىلى بارسىمۇ بولىدۇ.

قېنى ئويلاپ  بېقىڭلار قايسى شىركەتنىڭ تۈزىمى شىركەتنى تەرەققىي قىلدۇرالايدۇ؟

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 12:54:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-21 12:56  

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 10:58 static/image/common/back.gif
ئىشچى -خىزمەتچىسى كىچىكىپ قالسا 50 يۈەن ،100يۈەن تۇتۇپ ،20 ...

سېلىشتۇرغىدەك نەرى بار. ئەگەر يەر كۆلىمى، نوپۇس سانى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمىگەن دۆلەتلەركە سېلىشتۇرسىڭىز باشقا گەپ. بەلكى ھىندىستان بىلەن سېلىشتۇرسىمۇ بولغىدەك.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 13:26:02

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 12:54 static/image/common/back.gif
سېلىشتۇرغىدەك نەرى بار. ئەگەر يەر كۆلىمى، نوپۇس سانى  ...

نىمنى سېلىشتۇرىمىز دەۋاتىسىز؟
مەن نىمىنى سېلىشتۈرۋېتىپتىمەن؟{:122:}

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 13:31:48

talmas1 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 13:26 static/image/common/back.gif
نىمنى سېلىشتۇرىمىز دەۋاتىسىز؟
مەن نىمىنى سېلىشتۈرۋې ...

ئىشچىلارغا قاراتقان مۇئامىلىنى دېمەكچى ئىدىم. ئادەم پىششىقى، تۆكمە- تۆكمە يەر بىلەن، ئادەمگە بەك ئىھتىياجلىق يەرنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدىكەن.

talmas1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 13:34:57

بىلدىم :lol

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 13:37:04

«.......«خەيئېر» گۇرۇھى دۇنيادىكى چوڭ ئائىلە ئېلېكتىر كارخانىلىرىنىڭ بىرى، 1984-يىلى جۇڭگونىڭ چىڭداۋ شەھىردە قۇرۇلغان. ھازىر بۇ گۇرۇھنىڭ دۇنيادا 21 سائەت رايونى، بەش تەتقىقات مەركىزى، 19 چەتئەل سودا شىركىتى، 80 مىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى بار، يىللىق تىجارەت سوممىسى 163 مىليارد يۈەن،....»

30 يىللىق تارىخقا ئىگە، ئالەمشۇمۇل داڭقى بار بىر شىركەتنىڭ، شۇنچىۋالا ئىشچى بىلەن يىللىق تىجارەت سوممىسىنىڭ مىقدارى بەك كۈلكىلىك ئىكەن. بەلكى باج يوشۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق تۆۋەن مەلۇم قىلغاندۇر. ياكى بولمىسا ئەڭ ئەزان ، پاخال مەھسۇلات ئىشلەپ چىقىرىپ، ئېلىشىغا ساتامدىكىن.....

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 16:27:45

خەيئېر توڭلاتقۇسىنىڭ سۈپىتى بۇرۇنقىدەك ياخشى ئەمەسكەن .ئۆيدىكىسى ئۇزۇن چىدىمىدى .

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 17:50:24

بەزى شىركەتلەر ئادەم باشقۇردۇق دەپ، بەكلا ئاشۇرۋتىدۇ. بىر مىنۇت كىچىكسە 50 يۈەن! ئادەم بولغانكەن تۇرمۇشى بولىدۇ، كۈندە ھەممە ئىشلار نۇرمال بولمايدۇ، ھەرخىل سەۋەب بىلەن كىچىكىش ئىشلىرى بوپ قالىدۇ. نىمە ئىش بولسا پۇل ئارقىلىق جۆندەيمىز دەپ قالدىغان ئوخشايدۇ، ئاخىردا يەنىلا، قولىدىن ئىش كەلمىسىمۇ باشقا مۇھىت ئالماشتۇرۇشقا كۆزى يەتمەيدىغان، پۇل تۇتىۋالسىمۇ مەيلى دەپ تۇردىغان بىر توپ نان قېپىلار بىلەن تەرەققى قىلالماي، كىرىمنى خىزمەتچىلەرنىڭ مۇئاشىدىن سىقىپ، يا بىراقلا يوقالماي، يا تەرەققى قىلىپ كەتمەي ئۆتىدۇ.

مىكروسوفىتنىڭ مۇنداق بىر ھېكايىسى بار:
مىكروسوفىتنىڭ خىزمەت بىناسىنىڭ ئالدىدا ماشىنا توختىتىش مەيدانى بار بولۇپ، خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ماشىنىسى باركەن. ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا بىر قانچە بوش ئورۇن قالدىكەن. باشقۇرغۇچى خادىم دىققەت قىلىپ كۈزەتسە، بەزى خىزمەتچىلەر كىچىكىپ كىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ باشقۇرغۇچى بىر چارە ئىزدەپ، ھېلقى بوش ئورۇنغا يەنە بىر قانچە بوش ئورۇننى قوشۇپ، ياندىكى بىنادىكى شىركەتكە ئىجارە بىرىۋىتىپتۇ. كىچىكىپ كەلسە ماشىنىسى قويىدىغان ئورۇن يوق، ئامال يوق خىزمەت بىناسىدىن يىراق ئورۇنغا قويۇش كېرەككەن، شۇڭا ھەممىسى ئالدىراپ كىچىكمەيدۇ دەپ ئويلاپتۇ. ئەتىسى بىر خىزمەتچى كىچىكىپ كىلىپ ماشىنىسىنى قويدىغان ئورۇن تاپالماي، باشقۇرغۇچىنى ئىزدەپ بىر ھازا تاكاللاشقاندىن كىيىن، ئىستىپا بىردىغانلىقىنى ئېيىتىپتۇ. باشقۇرغۇچى بۇنىڭدىن چۆچۈپ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى خاتا قىلغانلىقىنى ھىس قىلىپتۇ. دەرھال ئىجارە بەرگەن ئورۇنلارنى قايتۇرۇۋاپتۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى شىركەتلەر ئادەم ئىشلىتىشكە بەكلا ئۇستا بولۇپ، مەن مۇئاش بەگەنكىن دىگىنىم ھېساب دەپ قالدىكەن. ھەممە ئىشنىڭ يولىدا بولغىنى ياخشى. مىنىڭ قارشىمچە مۇشۇ تېخنىك خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىندىغان خىزمەتچىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى مۇشۇنداق لاۋزا تۈزۈم سەۋەبىدىن ئىشلىمەيدۇ. بىرەر تېخنىكىلىق مەسىلە كۆرۈلسە قانداقلا بولمىسۇن كىچىچە بولسىمۇ چوقۇم ئوڭشاڭ دەيدۇ، ئەتىگەندە كىچىكسە قوڭىنى يۈزىگە چاپلايدۇ.

بۇنداق قۇللارچە خىزمەت تۈزۈمىگە چىداپ خىزمەت قىلغان تەقدىردىمۇ، شىركەتكە بولغان ئۆچمەنلىكنى كۈچەيتىدۇ. خىزمىتىگە بولغان مەسئۇلىيەتنى سۇسلاشتۇرىدۇ.

ئاخىردا بالىلارنىڭ مۇئاشىدىن تۇتۇپ ھەمدە ۋاقتىدا بەرمەي، خەقنىڭ ھەققىنى يەيدىغان ئىپلاس شىركەتلەرگە يۈرەك سۆزۈم:
شىركەت قۇرۇپ پۇل تاپىمەن دىمەي، سەنشىخاڭزىدىكى مەدىكارلار قوشۇنىغا قوشۇلۇش!

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 18:27:04

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-21 13:37 static/image/common/back.gif
«.......«خەيئېر» گۇرۇھى دۇنيادىكى چوڭ ئائىلە ئېلېكتىر كا ...

جان، قارىسىغا سۆزلەۋەرمەيلى، مەيلى نېمىلا بولمىسۇن «خەيئېر » شىركىتى دۆلىتىمىزنىڭ بايراقدار شىركىتىنىڭ بىرسى، يەنە كېلىپ بۇ شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلاتلىرى پاخال، ئەڭ ئەرزان باھالىق مەھسۇلاتلار ئەمەس، مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى خېلىلا ياخشى، ئەينى ۋاقىتتا بۇ شىركەتنىڭ توڭلاتقۇلىرى دۆلىتىمىز ئىچىدە سۈپىتىنىڭ ياخشىلىقى بىلەن خېلىلا تىلغا ئېلىنغان.
دېمەكچى بولغۇنۇم  «خەيئېر » نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى پاخال دېگىنىڭىز قەتئى قاملاشمايدۇ.  «ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدەش پىرىنسىپى»نى ھەممىگە قوللىنىش ئەقلى بار ئادەمنىڭ قىلدىغان ئىشى ئەمەس.
دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى سانائەتلىشىش سەۋىيىسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا  «خەيئېر »نىڭ مەھسۇلاتلىرى خېلىلا سۈپەتلىك.

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 18:35:21

جان سىز ئائىلە ئېلېكتىرون سارايلىرىنى ئايلىنىپ بېقىڭلار.
ئۆيۈمدە تېلېۋېزور، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ ھەممىسى خەيئىر، ھىچ بۇزۇلۇپ قالمىدى. مەنچە باشقا ماركىلارغا قارىغاندا خېلى سۈپەتلىك

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 18:42:48

خەيئېر ماركىسى - بايۋەتچىلىكنىڭ سىمۋۇلى ...

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 19:57:59

بولدىلا دەۋىتەي،
A شىركەت جۇڭگودىكى شىركەت بولۇپ،  قۇرۇلۇپ ئىككى يىلدىن كېيىن ۋەيران بولۇشقا ئىلتىماس قىلىدۇ.
B شىركەت بولسا مېكروسوفىت شىركىتى
C شىركەت بولسا  گوگۇل شىركىتى

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 21:49:38

نەچچە يىل بولدى تەبەسۇمنىڭ توڭلاتقۇسىنى ئىشلىتۋاتقىلى سۇپەت بولدىكەنغۇ ، بۇ سۇپەتمۇ پۇلغا قاراپ  بولدىغان نەرسىكەن {:92:}

Destur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 17:28:18

مەنمۇ بىلىكاننىڭ تېلىفۇنىنى ئىشلىتىپ كۆرگەن.ئاۋازى ۋە ئىكرانى سۈزۈك،پات-پات ئىكران پەردىسىنى ئالماشتۇرۇپ تۇردۇم.شۇنداق راھەت ھەردۇقۇم چىقتى.ئۇنىڭ ئۈستىگە شىركەتتىكى باللار بىلەن كىيىن تونۇشۇپ قالدىم ،كىيىن شىركەتكە كىرىپ مۇڭداشقاچ ئولتۇرسام،بىر خېرىدارى كىرىپ كەلدى ۋە باش دېرىكتۇرنى ئىزدەيمەن دەپلا چالۋاقاپ كەتتى.760 كويغا ئالغان تېلىفۇنى 5ئايمۇ چىدىماپتۇدەك.قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ ئېكرانى كۆك بولۇۋاپتۇ.كىيىن زادى بىز مىللىيلارنىڭ مەھسۇلاتىلىرى ئانداق-مانداق دەپلا كەتتى.باشقىلار خۇددى بىكارغا تۇتقۇزۇپ قويىدىغاندەك ئالدىغا كېلىپ رىمۇنىت قىلىپ بېرىدىغاندەك.ئىچىمدە ئۇيغۇرلار مەھسۇلاتىلىرىنى چۇقۇم سونىدەك قىممەت بولسىمۇ ھەقىقى بۇزۇلماس ئىشلىشى پەرزدەكلا.ھەييييييييييييييييييي دەپ كەتتىم.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 00:45:54

ئۈستىدە خەيئېرنىڭ ۋاكالەتچىلىرىدىن بارچاغۋا نەچچىسى
بەت: [1]
: قەرز ئېلىش