سانجاي تاققا -تۇققىلىرى
سانجاي تاققا -تۇققىلىرىئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنش مۇنبىرىمىزدىكى بارلىق قېرىنداشلار ، مۇنبىرىمىزدە يۇمۇرلار ئازلاپ كەتكەن بولغانلىقتىن ، ئازراق تاققا - تۇققا ئېلىپ كەلدىم . كەيپىياتىڭلارنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ، مىسقالچىلىك پايدىسى بولوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
مەن مۇشۇ ئالدىنقى يازمىدا ئالتۇن -زەنجىر سودىسىغا تۇتۇش قىلغان ، بىراق كىيىن يەنە كەسىپ ئالماشتۇردۇم ، نىمىشقا دىسەڭلار ئەمدى بۇ توكسىكىلىتنىڭ ، تۇرمۇزى ئىشلىمەس بولوپ قالغاچقا ئۆيدىكى لامپۇچكىنى تالاغا ئورناتتىم . بىنا ئۆينىڭ پەلەمپىيى يۇرۇقراق تۇرمىسا كېچىسى ئۆيگە كىرىدىغانلار ، تېيىلىپ كەتمىسۇن دەپ ئويلاپ گۈرجەك بىلەن سىزىقچە چىقىرىپ قويدۇم . شۇڭلاشقىمۇ باشقىلار مىنى دوراپ ، بالكونغا دەسسەپ تۇرۇپ ئايغا قاراپ خىيال قىلىدىغان بولوپ قاپتۇ . شۇڭا مەن ، سورونلارغا بەكمۇ بارمايدىغان بولوپ قالدىم . سەۋەبى قار ياققان كۈنلىرى تالا ئىسسىق بولغاندىكىن ، ئۆيدىكى مەشنى تالاغا قۇيۇپ ، تالادىكى كۆمۈرلەرنى ئۆيگىلا دۆۋلەپ قويدۇم ، بۇنداق بولغاندا كىچىسى ئۆيگە ئوغرى كىرمەيدۇ دە . ئەمدى ئۇنىمۇ دېدۇق بۇنىمۇ دېدۇق ، سوروندا دۇتتار بىلەن سەكرەپ تۇرۇپ ئوقۇغان بىر ناخشام بارتى شۇنى ئېيتىپ بىرەي ، ياراپ قالسا كىلولاپلا ئۆتكۈزۈپ بىرەي ، غەلۋىر بىلەن ئىلغاپ چېچىڭلارنى مايلىساڭلار ، كىچىسى خورەك تاتمايدىغان بولىسىلەر .
خىيال قىلىپ ئۆگزىلەردە تۈنكېچە،
پايپاقلىرىڭ تۆشۈك ئىكەن يامىغىن.
دەرىتلىرىمنى سوراپ يۈرمە مېنىڭدىن،
راڭپىزىنى شوخلا بىلەن يەيدىكەن.
كۈلەر ئىكەن ئايمۇ قاراپ يارىمغا،
نىچۈن بولدى يۈرەكلىرىڭ لەختە قان.
يوللار يىراق ئېشەك مىنىپ بارايمۇ ،
تاكسىچىنىڭ پۇلىسىنى تۆلىۋەت .
ئاپتاپلاردا سايە بولوپ بېشىڭدا،
ياتالامسەن كۈن چۈشكىچەتىرەكتە.
ئاياغلارنى مايلاپ قويدۇم كىيىۋال،
مەن بارمايمەن ئەمدى يارىم مەلەڭگە.
ئېيتىپ بولوپلا قارىسام ھېچكىم يوق ، بۇلار نەگە كەتكەندۇ دەپ تالاغا چىقسام ، ناخشامدىن تەسىرلىنىپ كىتىپ لەپەرگە چۈشۈپ كىتىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى قوزىنى ئارغامچا بىلەن قۇدۇقتىن تارتىپ چىقىرۋالدۇق . بۇ سورۇنمۇ تۈگىدى قايتىپ كىتىۋاتسام ، يولدا بىرسى سەئەت سورىدى . مەن دېدىم : ئۇدۇل مېڭىپ سولغا قايرىلساڭ بىر رەخىت دۇككىنى بار ، شۇ يەردىن قايرىلساڭلا مۇنچا شۇ يەردە ، دەپ يولنى كۆرسۈتۈپ قويدۇم . ئەمما ، مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغانلا بىر ئىش ، بەزى ياشلار توي قىلغاندىن كىيىن كىلىشەلمىدىم دەپلا، سەۋەپ تېپىپ ئاجىرشىپ كىتىدىغان ناچار قىلمىش كۆپ بولوپ كەتتى . ئەمدى ئەر كىشى دىگەن ئۆينىڭ تۈۋرۈكى تۇرسا ، شۇ تۈۋرۈككە توك سىمى تارتىلمىسا ، ئۇ ئۆيگە قانداقمۇ يۇرۇقلۇق چۈشىدۇ قانداقمۇ ئىللىق بولىدۇ دەيسىلەر . شۇڭا مەن يازلىقى تالادا قالماي دەپ قۇلپىنى يانچۇقۇمغا سېلىۋالىدىغان بولدۇم . بۇنداق بولغاندا پارچە پۇل ئالغاندا قولايلىق بولارمىكىن دەپ ئويلايمەن . مۇبادا ئۇنداق بولمىسا ھېلىقى ئالغان پوسما بېشىمغا كىچىك كەپ قالىدۇ ، كىچىك كەپ قالسىغۇ ئالماشتۇرغىلى بولار ، بىراق ئۆي كۆچ دىسە بۇ تۆت تامنى مەن يالغۇز قانداقمۇ كۆتۈرۈپ يۆتكىيەلەيمەن . شۇڭا ، ئېغىلنى ئۆينىڭ ئىچىگە سېلىپ تېشىنى سىرلىۋەت ، شۇنداق قىلساڭ كېچىسى مەس كىلىپ ئېغىلدا قۇنۇپ قالمايسەن ، بۇ دېگىنىم سائەت ياسايمەن دىگىنىم ئەمەس ، ئەگەر ئېلىش نىيىتىڭ بولسا ، بىرەر توچەي قۇم دىگەننى مەن ئاپىرىپ بىرەي ، يۈزۈڭگە لاي سۈرتىۋالساڭ چىۋىن قونمايدۇ ، بەك قونىمە دىسە چوڭ ئۆيدە قونسۇن ، شۇڭا تاۋۇز دىگەننى ئۆگزىدە تېرىساڭ يازلىقى دەرىزەڭدىن كۈن چۈشمەيدۇ ، سالقىن بولوپ قالىسەن دەپ ئويلاپ ، بولدىلا بۇ يەردە خىيال قىلىپ ئولتۇرغۇچە ، بازارغا بېرىپ تۇنۇر سېلىشنى ئۆگىنىپ كىلىپ ، دۇككان ئاچاي دېدىم دەيدۇ .
مەنبە : ئۆز قەلىمىم
ئىزاھات : مەن بۇ ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغانلا بىر ئىش ، بەزى ياشلار توي قىلغاندىن كىيىن كىلىشەلمىدىم دەپلا، سەۋەپ تېپىپ ئاجىرشىپ كىتىدىغان ناچار قىلمىش كۆپ بولوپ كەتتى . ئەمدى ئەر كىشى دىگەن ئۆينىڭ تۈۋرۈكى تۇرسا ، شۇ تۈۋرۈككە توك سىمى تارتىلمىسا ، ئۇ ئۆيگە قانداقمۇ يۇرۇقلۇق چۈشىدۇ قانداقمۇ ئىللىق بولىدۇ دەيسىلەر . بۇ بىر بۆلەكنى ئوبدانراق تەھلىل قىلىپ بېقىشىڭلارنى سورايمەن . بالدۇر چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۇڭگۇز ئىشىپ كىتىپتۇ دەپ ئەبەيدىن ئىشىپ چۇشەمسىز نىمە؟ begir يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 06:52:34 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئاقچى سېستىرالاردىن زەپ زېرىكتىم
ئاقچى سېستىرا؟:loveliness: ياخشى تىما {:112:} بۇ بىر تاققا تۇققا ئەمەس ئىسىل ئەسەر بولۇپتۇ .:lol ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم parakende يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 12:06 static/image/common/back.gif
ياخشى يېزىپسىز قېرىندىشىم
رەھمەت مەن خەلقمنلا كۆلدۈرسەم مەيلى {:189:} ھاي :lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zemindar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-21 15:15
sanjay يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 14:11 static/image/common/back.gif
رەھمەت مەن خەلقمنلا كۆلدۈرسەم مەيلى
نېمىدېگەن ئۇلۇغۋار روھ. خەلقىڭلار كۈلەرمۇ ھازىر ..
ئەسىرلەپ كۈلدۈردىغان ئىشنى قىلىڭلار... بۇنىڭغا بەك بولسا سەككىز سىكىنۇت مىيقىدا كۈلەر .. تاققا تۇققا ماڭا مۇشۇ كەمگىچە ياقمايدۇ. ئەڭ دەسلەپ قۇربان ھېيىتلىق كىچىلىكىدە چىققاندىمۇ ياقمىغان ئىدى. « ئۆكتەبىر تىراكتۇر زاۋۇتى» دېگەن گەپكە كۈلگەنچىلىكمۇ كۈلمىگەن تاققا -تۇققۇغا ... sanjay يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 14:11 static/image/common/back.gif
رەھمەت مەن خەلقمنلا كۆلدۈرسەم مەيلى
پاھ نىمە دىگەن پاساھەتلىك سۆز بۇ! نىمە دىگەن ئۇلۇغۋار غايە بۇ! {:92:} بىزنىڭ كۈلۈش نۇقتىمىز بىر قەدەر تۆۋەن، شۇڭا بىزنى كۈلدۈرىمىز دەيدىغانلارغا يۇقىرى تەلەپ قويۇۋالساق بولمايدۇ...:lol jesurmen يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 18:02 static/image/common/back.gif
پاھ نىمە دىگەن پاساھەتلىك سۆز بۇ! نىمە دىگەن ئۇلۇغۋار ...
رەھمەت . سزدەك ئويلايدغانلا قانچە كۆپ بولسا مللتمىزمۇ روناق تاپار ئدى
بەت:
[1]
2