XJTV5 دىن كاتتا خوشخەۋەر
شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو – تېلېۋىزىيە – تىياتىر قانىلى ( ئۇيغۇرچە 5-قانىلى ) قۇرۇلۇپ ھازىرغىچە، ئۇيغۇر كۈرەرمەنلەرنى سەرخىل كىنو-تىلۋىزىيە فىلىملىرى تەمىن ئەتكەندىن باشقا يەنە، مەدەنىيەت بوستانى، تەلەي يۇلتۇزى، ئىكران، جەلىپكار شىنجاڭ، شىنجاڭ تەنتەربىيىسى قاتارلىق نادىر پىراگىرامىلارنى تەسىس قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ كەلدى. يىقىنقى يىللاردىن بىرى دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، ياۋرۇپا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى، بىيجىڭ ئولىمپىك تەنھەركەت يىغىنى ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى، شىنجاڭ لاتارىيە پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىسى، شىنجاڭ تاشئالما پۇتبول كوماندىسى مۇسابىقىسىنى نەخ مەيداندىن ئۇيغۇر تىلدا ئۇلاپ كۆرسۇتۇپ، كەڭ تەنتەربىيە توپ مەستانىلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئىرىشىپ كەلدى.1999-يىلى شىنجاڭ گۇاڭخۇي كەسپىي مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى « شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۇچار يولۋاس ئەرلەر ۋاسكېتبول كۇلۇبى » نى قۇردى. 2000-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ « ئۇچار يۇلۋاس » كۇلۇبى جۇڭگۇ كەسپىي ۋاسكېتبول ساھەسىگە قاراپ رەسمىي قەدەم ئالدى. 2000-يىلى شىنجاڭ « ئۇچار يۇلۋاس » كوماندىسى ئەمىلىي كۈچىگە تايىنىپ جۇڭگۇ كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ 3-دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە ئالتە مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىدە غەلبە قىلىپ چېمپىيۇنلۇق سالاھىيىتى بىلەن بىر دەرىجە يۇقۇرى بىرلەشمىگە ئۆرلىدى. 2001-يىلى 2-دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلار ئىچىدىمۇ چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى. 2002-يىلى مەملىكەت بۇيىچە ئۆتكۈزۈلگەن « يىزا ئىگىلىك بانكىسى لوڭقىسى » نى تالىشىش ۋاسكېتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇنلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئوڭۇشلۇق ھالدا جۇڭگۇ ۋاسكېتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەڭ ئالى سەھنىسى بولغان CBA گە قاتنىشىش شەرىپىگە نائىل بولدى. CBA بىرلەشمىسىگە قاتناشقان دەسلەپكى ئىككى يىلدا بىرلەشمىدىكى 16 كوماندا ئىچىدە، ئۇدا بەشىنچىلىككە ئېرىشىپ شىنجاڭ تەنتەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى مەملىكەتلىك ئەڭ يۇقۇرى سەھنىدە نامايەن قىلدى. شۇنىڭدىن كىيىن، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كوماندىسى قەيسىرانە روھ ۋە شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە « ئۇچار يۇلۋاس » ئۇسلۇبى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلۇشقا باشلىدى.
شىنجاڭ كوماندىسى يىقىنقى ئالتە يىل جەريانىدا تۆت قىتىم CBA بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، تۆت قىتىم ئىككىنچى بۇلۇشتەك ياخشى نەتىجىسى بىلەن دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى تاراتقۇلار ۋە تەنتەربىيە تەھلىلچىلىرىنىڭ قىزىق پاراڭ تىمىسىغا ئايلاندى. شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ياخشى نەتىجىسى تەبىئى ھالدا كەڭ ئۇيغۇر توپ مەستانىلىرىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى. ئۇيغۇر توپ مەستانىلىرى شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ شىنجاڭ گۇاڭخۇي ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىلىرىنى ئۇيغۇر تىلدا ئۇلاپ تارقىتىشىنى ئارزۇ قىلدى.
توپ مەستانىلىرىنىڭ بۇ ئارزۇ-ئىستىكى ئاخىرى رىئاللىققا ئايلاندى. 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىنو – تېلېۋىزىيە – تىياتىر قانىلى ( ئۇيغۇرچە 5-قانىلى ) 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ سەككىزىنچى ئايلانمسىدىكى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى بىلەن جىياڭسۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسنىڭ مۇسابىقىنى نەخ مەيداندىن ئۇيغۇرچە ئۇلاپ كۆرسەتتى. مەلۇم بۇلىشىچە شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو – تېلېۋىزىيە – تىياتىر قانىلى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك بارلىق مۇسابىقىلىرىنى نەخ مەيداندىن ئۇيغۇرچە ئۇلاپ كۆرسىتىشنى تەستىقلىغان بۇلۇپ، ھەر ھەپتىنىڭ چارشەنبە، جۇمە، يەكشەنبە كۈنلىرى ئۈرۇمچى ۋاقتى كەچ سائەت 30؛5 دىن باشلاپ نەخ مەيداندىن ئۇيغۇرچە ئۇلاپ تارقىتىدىكەن.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
كاتتا كاتتا خوشخەۋەركەن ئالامەت ياخشى خەۋەركەن!
كونا ۋاسكىتبول مەستانىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇر تىلىدا چۈشەندۈرگەن ئاشۇ مۇسابىقىلەرنى چوقۇم كۆرىمەن!
ھە راست، مۇسابىقىنى كىم چۈشەندۈرىدۇ؟ مۇمكىن بولسا سىز چۈشەندۈرسىڭىز بەك ياخشى بولامدىكىن دەيمەن :lol TV كارتىسى بارلار كارتىنى تەييار قىلىپ تۇرساق بولغۇدەك، مۇسابىقىلەرنى كۆچۈرۈپ ساقلىۋالايلى{:87:} ئەمدى شىنجاڭنىڭ كۇماندىسى ئىككى بولدىمۇ ؟ گۇاڭخۈينىڭ قاتناشمامدۇ ؟ ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 21:50:04 static/image/common/back.gif
ئەمدى شىنجاڭنىڭ كۇماندىسى ئىككى بولدىمۇ ؟ گۇاڭخۈينىڭ
شىنجاڭدىن قاتنىشىۋاتقان كوماندىلار ھازىرمۇ پەقەت بىرلا. بۇرۇنقى شىنجاڭ گۇاڭخۈي دېگىنى ھازىرقى تەڭرىتاغ يېزا_ئىگىلىك بانكىسى كوماندىسى دېگەن شۇ. گۇاڭخۇي ۋە ماۋۇ كوماندىنىڭ مەن بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى يوق
پۇتبول بولسا كۆرەتتىم تىك ئولتۇرۇپ … شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قاناللىرى قاچانلىققا 高清频道 نى يولغا قويىدۇ ؟ (ھازىرغۇ خەنزۇچە قاناللىرىمۇ يولغا قويمىدى ) ilter يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 21:50:04 static/image/common/back.gif
ئەمدى شىنجاڭنىڭ كۇماندىسى ئىككى بولدىمۇ ؟ گۇاڭخۈينىڭ
يەنە ئەينى يىللىرىدىكى ب دەرىجىلىك پۇتبۇل مۇسابىقىسىغا قاتناشقان كوماندىنىڭ مەلۇم مەزگىللىك ئاتىلىش نامىنى مىلىيۇنلاپ پۇل خەجلەپ بىردەم «جۈنيۆ خەيتاڭ (تاشئالما)»، بىردەم «تەنتەربىيە لاتارىيىسى» دېگەنگە ئوخشاش ئىش. بىراق ياۋروپادىكى پۇتبۇل كۇلۇبلىرى ئاساسەن كۇلۇپ جايلاشقان شەھەرنىڭ نامى بىلەنلا ئاتىلىدۇ. شىركەتلەر پۇتبۇل مەيدانىنىڭ ۋاقىتلىق نام ھوقوقىنى سېتىۋىلىش(مەسىلەن: ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبۇل بىرلەشمىسىدىكى مانچىستېر شەھىرى كوماندىسىنىڭ ساھىبخان مەيدانىنىڭ ئاتىلىش ھوقۇقىنى بىر ئەرەپ باي سېتىۋىلىپ مەيدان نامىنى «ئىتقاد» دەپ قويدى. ئارسىنال كۇلۇبىنىڭ مەيدان نامى «خەلىپە» دېگەندەك...)، پۇتبولچىلارنىڭ كىيمىنىڭ ئالدى، كەينى، يېڭى، پۇشقىقى.... دېگەنلەرنىڭ ئىلان ئورنىنى سېتۋالىدۇ.... iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 22:46:26 static/image/common/back.gif
گۇاڭخۇي ۋە ماۋۇ كوماندىنىڭ مەن بىلەن ئانچە مۇناسىۋىتى
كۆرەۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى شۇ شىرئەلىنى، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مەۋلان_مەردان ئاكا_ئۇكىلار، مۇرات... ئادىلجان تېرىنىر ۋە ئوغلى ئارسلاننى بار دەپلا كۆرىدۇ. قىرغىز قېرىنداشلار قىرانبىك ماكەننى، مۇڭغۇللار باتۇر نى دەپ كۆرگەندەك... دېمىسىمۇ NBA دەك يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلەرنىڭ ئالدىدا بۇنى مۇسابىقە دېگىلى بولمىسىمۇ.... ۋاقىت ئىسراپچىلقى. خۇشخەۋەركەن. لېكىن ئاۋۇ «كاتتا» دېگەن سۆز ئارتۇق كېتىپتۇ. نىمىشقا ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرى قاتناشقان مۇسابىقىلەرنى نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقاتمايدۇ ؟ مەن مۇشۇنچىلىك ياشاپ بىرەر قېتىممۇ ئۇيغۇر كوماندىلىرىنىڭ تېلىۋىزوردىكى مۇسابىقىسىنى كۆرمەپتىمەن . شۇ ئارماندا ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ ئەمدى ... begir يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 06:55 static/image/common/back.gif
نىمىشقا ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىلىرى قاتناشقان مۇسابىقى ...
xjtv5 تە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ بەرگەن ئىدى. شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن باشقا كوماندىنىڭ ئوينىغان مۇسابىقىسىنى ھاجىتى يوق!
ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈپ بەمىسىمۇ جوڭياڭ دىئىەنشىتەينىڭ تارقاتقىنىنى كۆرسەك بولىدۇ ھەممىمىز جوڭگۇلۇق بوغاندىكىن. راستىلا خوش-خەۋەر ئىكەن {:92:} ھېچ بولمىغاندا بىر ئۇيغۇر ئىش ئورنىغا ئېرىشپتۇ:lol
ياخشى ئىشكەن ziyali يوللىغان ۋاقتى 2014-11-21 08:44 static/image/common/back.gif
ھېچ بولمىغاندا بىر ئۇيغۇر ئىش ئورنىغا ئېرىشپتۇ
ياخش ...
توغرا، ھەممىمىز جۇڭگولۇق بولغاندىن كېيىن دېسەك، شۇ ئۇيغۇر ئىشسىز قالغان بولاتتى ھېلى. مەنمۇ مۇسابىقە چۈشەندۈرلۈشىنى ئۇيغۇرچە ئاڭلاپ ھەيران قالغانتىم؟ بىكار قىلىپ بۇ قىتىمقىسىنى تەرجىمە قىلغان ئوخشايدۇ دەپتىمە تىخى. ۋاسكىتبول ماھىرى دىگەن كارتون فىلىمىنى شۇنداق ياخشى كۆرگىنىم بىلەن مۇشۇ ۋاسكتىبول مۇسابىقىسىنى كۆرۇشكە پەقەت قىزىققمايمەن دىسە، قىزقىشىمۇ ئاجايىپ نەرسە
بەت:
[1]