qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 16:33:15

دىققەتنى يىغىش ۋە گىپنوز ھەققىدە پاراڭلاشساق

مىنىڭ يادىلاپ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىم بەك تۆۋەن، باشقىلار بەش–ئون قىتىم ئوقۇپ يادىلىغاننى مەن ئوتتۇز–قىرىق قىتىم ئوقۇپمۇ يادىلىيالمايمەن، دىققىتىم ئاسان چىچىلىپ كىتىپ زىھنىمنى يىغىشتا قىينىلىمەن. كىچىكىمدىنلا بەك خىيالپەرەس، جىق ئىشلارنى ئويلاش، ئىشلارنىڭ ھەر خىل ئىھتىماللىقىنى ئويلاش خارەكتىرىمگە سىڭىپ كەتكەن، لىكىن ئەمىلى ئىش قىلىش ئىقتىدارىم تۆۋەن، ھەركىتىم ئاستا، ئىنكاسىم تىز ئەمەس. بۇ ئىشلار مىنى بەكلا بىئارام قىلىدۇ.

     جىق خىياللارنى قىلىش، ئەمىلى تۇرمۇشتا بىرئىشنى قىلغاندا خىيال بىلەن بولۇپ كىتىپ ھاڭۋاقتىلىق قىلىش، ئۇگىنىشتە دىققىتىنى يىغالماسلىق ...قاتارلىقلار زىھنىنى يىغالماسلىقنىڭ ئىپادىسىكەن. شۇڭا بۇنى قانداق ھەل قىلىش توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ باققان بولساق.

    گىپنوز ئارقىلىق ئەستە ساقلاشنى يۇقىرى كۆتەرگىنى بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم، شۇڭا بىر گىپنوزچىنىڭ تىلفۇن نۇمرىنى توردىن تىپىپ ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشتىم، ئۇگىنىش قىلىشتا، ناماز ئوقۇشتا زىھنىمنى يىغالماي قىينىلۋاتقانلىقىمنى ئۇنىڭغا ئىيتىپ، گىپنوز ئارقىلىق بۇلارنى ھەل قىلغىنى بولدىغان ياكى بولمايدىغانلىقىنى سورىدىم، ئۇ: گىپنوز بۇنىڭ ئۇنۇملۇك چارىسى دەيدۇ. لىكىن گىپنوز قىلىش، گىپنوز ئۇگىتىش، گىپنوزغا مۇناسىۋەتلىك ئۇيغۇرچە كىتاپلار بىلەن تەمىنلەش ھەققى بەك يۇقىرىكەن. ھەم گىپنوزغا بولغان بىر قىسىم ئەندىشە گۇمانلىرىممۇ بار بولغاچقا ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. گىپنوزچىلار ئادەتتە كىشىلەرنىڭ يوشۇرۇن ئىڭى بىلەن ھەپىلىشىدىغان بولغاچقا، پىسخكا، پەلسەپە، دىننى بىلىملەرنى بىلىملەرنى ياخشى بىلگەندە يوشۇرۇن ئاڭغا تەسىر قىلىش كۇچىنى يۇقىرى كۆتۇرگىنى بولدىغانلىقىنى ئاڭلىغاچقا گىپنوزنىڭ سەلبىي ۋە ئىجابىي تەرەپلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.

    گىپنوز نەزىريىسى ۋە ئەمىلىي مىساللىرىنىڭ كۆپىنچىسىگە غەرىپنىڭ تەپەككۇر ئەندىزىسى چۇڭقۇر تەسىر قىلغاندەك ھىس قىلىپ ئىھتىيات پوزىتسىيەسىدىمۇ بولۇپ قالدىم، لىكىن گىپنوزغا بولغان چۇشەنچەم تۆۋەن بولغاچقا ئىنىق بىر نەرسە دىيەلمەي قالدىم.

   مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم قانداق قىلغاندا، يات ئىدىئولوگىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمىغان ئاساستا گىپنوزنى چۇشەنگىنى ۋە ئۇگەنگىنى بولىدۇ، يوشۇرۇن ئاڭنى تىخىمۇ ياخشى چۇشۇنۇش ئۇچۇن، دىققەتنى مەركەزلەشتۇرۇشنى يۇقىرى كۆتۇرۇش ئۇچۇن قانداق قىلساق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتە پاراڭلىشىپ باققان بولساق.

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:54:05

‹‹قانداق قىلغاندا، يات ئىدىئولوگىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىمىغان ئاساستا گىپنوزنى چۇشەنگىنى ۋە ئۇگەنگىنى بولىدۇ››
ئاۋال چوقۇم ئۆزڭىزنىڭ كىملىكنى ئىنتايىن ئېنىق بىلشىڭىز كېرەك.يەنى تارىخمىز ،مەدەنىيەتمىز توغرىستا ئىنتايىن ئېنىق چۈشەنچە بولغاندا ،يات مەدەنىيەت بىلەن بولغان ئەڭ كىچىك پاسىللارنىمۇ ئېنىق ئايرىشىڭىز كېرەك.ھەم گىپنوزغا قارتا تەنقىدىي پوزىتسىيەدە بولشىڭىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.تەۋسىيە ئەڭ ياخشىسى گىپنوزغا ئىشەنمەڭ!  زۇلپىقار بارات مۇئەللىمنى ئىزدەڭ!

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:05:25

ناماز ئوقۇغاندا دىققەت چېچېلىپ كىتىش توغرۇسىدا 86،ئۇيغۇر،ئەفىيفىي ئەپەندى بولسا بىلگەنلىرىنى دەپ باقسا؟

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:06:43

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:14:16

توردىن ئىزدەپ گىپنوز ۋە دىققەتنى يىغىش توغۇرلۇق مۇنداق مەزمۇننى ئۇچىراتتىم:« گېپنوز ھالىتىگە كىرىش جەريانى بولسا،دىققەتنىڭ يىغىلىش جەريانى،يىغىلغان نۇقتا بولسا گېپنوز ئۇستىسىنڭ بەرگەن بېشارەت مەزمۇنى» .
يەنە مۇشۇ ھەقتە مۇنداق مەزمۇن باركەن «ئامىرىكا پىسخولوگىيە ئايلىق ژورنىلى ئېلان قىلغان تەجىرىبىگە ئاساسلانغاندا،ئادەم گېپنوز ھالىتىدە تۇرغان ۋاقىتتا،دىققەتنىڭ تەقسىملىنىش دائىرىسى بارغانسىرى كىچىكلەپ تاكى ئېنتايىن تار دائىرىگە ئۆتىدۇ ».

qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:07:04

     نۇرغۇن ئادەم  گىپنوز ئەكىس ئەتكەن فىلىم-ۋىدىئولارنى  كۆرۈپ ھەيران قېلىشىدۇ ،   مەنمۇ شۇ ،      ئەجىبا  گىپنوز  يەنە ئاشۇ گىپنوزچىلار  راستلا شۇنداق يامانمىدۇ؟

burkut327 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:16:33

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   burkut327 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-20 19:21  

    مەخسۇس گىپنوز تەربىيلەش كۇرسى باركەن. مەنغۇ ئانچە بەك قىزىقمىدىم ھازىرچە.  
   بىر پاراڭ ئىسمگە كەلدى:
  -مۇشۇ سەھنىدە گىپنوز قىلىپ نىم قىلىدىغاندۇ زادى، يا كىسەل داۋالىمايدىكەن؟
  - گىپنوز قىلىپ دەسسەپ ئوينايدۇ.
   دىققەتنى يىغالماسلىقنى كاللىسىدا ئويلايدىغان ئىش جىق، يەنى غېمى جىق ئادەملەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ دەپ ئويلايمەن. مەنمۇ بىر مەزگىل ھىچ ئىشقا دېققىتىمىنى يىغالمايتتىم. كاللامدا ھەر خىل ئوي، بەك چۇۋالچاق. ھازىر ئۇنداق ئەمەس، ئۆگىنىش ، كىتاپ كۆرۈش ۋە باشقا ئىشلاردا ئاساسەن پۈتۈن دېققىتىم بىلەن ئىش قىلالايمەن.ئىھتىمال ئىجتىمائىي ئالاقە، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئاددىيلىق سەۋەب بولغاندۇ.
    مۇشۇ ساھەدە ئىزدىنىپ باققانلار ياكى تەجرىبىسى بارلار پىكىر قىلسا، ئاڭلاپ باقساق.gio-noz  دەپ بىر توردىشىمىز بولىدىغان، سۆزلەپ باقسا بولىتتى.
  

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:18:55

گىپىنوز ھالىتىگە كىرەلمەيدىغان ئادەملەرمۇ بۈلىدىكەن.ئۇلار قايسى خىلدىكى ئادەملەردۇ؟

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:34:40

مىنىڭ قىزىقىدىغىنىم سەھنە گىپنوزى ئەمەس، گىپنوز ئارقىلىق يوشۇرۇن ئاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان، ئالاقە قىلىدىغان جەۋھىرىنىڭ ماھىيىتىنى چۇشۇنۇش.

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:39:25

ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
مىنىڭچە نامازدا دېققەتنى يىغالماسلىقنى گېپنوز ئارقىلىق ئوڭشىغىلى بولماس...
سىز ناماز ئوقۇغاندا بىرىنچى بۇلۇپ قەلبىڭىزنى ئاللاھقا باغلاپ تۇرۇپ ئوقۇسىڭىز دېققىتىڭىز چېچىلمايدۇ..
ناماز دېگەن ھەركەت ئەمەس ئولتۇرۇپ قوپۇپلا قويسا ئادا بولدىغان...
شۇڭا سىز نامازنىڭ مەنىسىنى ھەقىقى چۈشىنىپ ئاندىن ناماز ئوقۇسىڭىز نامازدا دېققىتىڭىز چېچىلمايدۇ...
بۇنى گېپنوز ئارقىلىق داۋالايمەن دېمەي ئۆزىڭىزنىڭ قەلبىدىكى نىپاقلىق ئالامەتلىرىنى يوقىتىڭ...
ئاندىن نامازغا تۇرۇڭ.

ئەسكەرتىش؛ئەگەر گېپىمدە خاتالىق بولسا تۈزۈتۈپ بېرىشىڭلارنى سەمىمى سورايمەن.

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:46:35

ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ۋە باشقۇرغۇچىلار؛
مەن يۇقۇردىكى ئىنكاسىمدا ناماز توغۇرلۇق بىزە گەپ قىلدىم...
مەن مۇنبەرگە يېڭىياچە بولغاچقا ئۇخمايمەن...شۇنداق گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ سالسام قانۇنى جەھەتتىن خىلاپلىق گەپ-سۆزلەرنى قىلغان ھېسابلىنىپ قالارمەنمۇ.....؟
سەل ئەنسىرەپ قالدىمچۇ...

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:51:05

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 18:06 static/image/common/back.gif
مۇنۇ تېما تۇرۇپلا مېنى بىر خىيالغا سېلىپ قويدى . مۇنبەر ...

ئاللاھ شىپاتلىق بەرسۇن ئاكا. ئاللاھ بالىڭىزنىڭ پات ئاردا سەللى مازا ساقىيىشىغا ياردەمدە بولسۇن.

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:55:18

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 19:18 static/image/common/back.gif
گىپىنوز ھالىتىگە كىرەلمەيدىغان ئادەملەرمۇ بۈلىدىكەن. ...

مەن شۇ تۈردە بولۇپ قالماي يەنە ، ئۆتكەندە بىر ئاغىنەمنىڭ ئاكىسى مەخسۇس مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن شۇغۇللىناتىكەن ماڭا سىناپ باق دىسەم مىنى پەقەت گىپ نوز قىلالمىغان ئىدى. مەنمۇ ھەيران ئۇمۇ ھەيران. بىراق ئاپىسىنى قىلالىغان ئىدى يەنە ئاغىنەمنىمۇ يەنى ئېنىسىنىمۇقىلالىدى.

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:58:50

UkuGin يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 19:46 static/image/common/back.gif
ھۆرمەتلىك مۇنبەر ئەھلى ۋە باشقۇرغۇچىلار؛
مەن يۇقۇردىك ...

شۇ ئىنكاسىنى يېزىشىڭىز ھوكۇمەت قانۇنىغا خىلاپ بولمىغان بىلەن ئىزدىنىش قانۇنىغا خىلاپ بەلكىم شۇ ئىنكاسىڭىز سەۋەبىدىن ئىزدىنىش تۇرمىسىدا بىر يېل يېتىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن .

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 20:13:51

horazjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 19:58 static/image/common/back.gif
شۇ ئىنكاسىنى يېزىشىڭىز ھوكۇمەت قانۇنىغا خىلاپ بولمىغ ...

ئو....
ئىزدىنىش تۈرمىسى دېگەن نىمىدۇ ئەمدى....؟
قارىغاندا مەن جىق نەرسىلەرنى بىلمەيدىغان ئوخشايمەن..
ئەمدى ئىنكاس يازماي ئەمسە....
سىز مۇشۇ مۇنبەرنىڭ باشقۇرغۇچىسىما...؟

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 20:18:46

ھە مەن باشقۇرغۇچىلانى باشقۇرىدىغان باشقۇرغۇچى..سىز ئالدىراپ ئىنكاس يازىمەن دىمەي بىرە يىل ئىنكاس كورۇڭ . بولمىسا ئىزدىنىش تۇرمىسىغا سولىۋەتسەم ئۇ يەردە قىيلىنپ قالسىز . ئۇ تۇرمىدىكى جىنايەتچىلە بەك قەبىھ ....

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 21:23:18

horazjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 20:18:46 static/image/common/back.gif
ھە مەن باشقۇرغۇچىلانى باشقۇرىدىغان باشقۇرغۇچى..سىز ئا
ئانداغ چاقچاق قىلمايلى، يۈرەكتىت چاتاق چىقىدۇ جۇما! :lol

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 21:52:45

گىپنوز دېگەنلەرگە ئىشەنمەڭ ساپلا ئادەم ئالدايدىغان ئىشلار ئۇ
نەق گەپكە كېلەيلى
مېڭىنى قۇۋەتلەپ بەرسىڭىز ئەستە تۇتۇش قابىلىيتىڭىزنى ياخشىلايدۇ، ھەر كۈنى سەھەردە بىر تال ئالما يەڭ
ئۆزىڭىزگە مۇناسىۋەتسىز ئىشلار ھەققىدە ئاز باش قاتتۇرۇڭ،، مۇھىم بولمىغان ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىڭ
بەك مۇھىم دەپ قارىغان ئىشلارنى خاتىرىگە يېزىۋېلىپ ئۇنتۇپ كەتسىڭىزمۇ بولىدۇ
مېڭىدە توپلانغان ئۇچۇرلار بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، مېڭە ئىشلىتىدىغان ئىشلار كۆپ بولۇپ كەتسە ئادەم ئاسانلا ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا مېڭىڭىزدە ساقلاش مۇھىم بولمىغان ئۇچۇرلارنى ساقلىماڭ
كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ، ئەپۇچانلىق، كەڭ قورساقلىق ھەمىشە سىزگە ھەمراھ بولسۇن
ئۆ گىنىش قىلغاندا دىققىتىڭىز تولا چېچىلسا مۇھىتىڭىزدىكى دىققىتىڭىزنى چاچىدىغان شەيئىنى  شۇ مۇھىتتىن چىقىرۋېتىڭ،
دىققىتىڭىزنى مەركەزلەشتۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلغان خىيالنىڭ نبېمىلىكىنى تېپىپ چىقىپ  مەسىلىنى ھەل قىلىڭ

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 21:55:56

ما  مەن تۇزگەن ئىزدىنىش قانۇنى كورۇپ ، مۇشۇ بويىچە ماڭساڭ چاتاق چىقمايدۇ ئۇكام :lol:lolhttp://bbs.izdinix.com/thread-57695-1-1.html

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 21:56:18

تىلفۇندا باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى قانداق قىلسام نەقىل ئالالايمەن؟
بەت: [1] 2 3
: دىققەتنى يىغىش ۋە گىپنوز ھەققىدە پاراڭلاشساق