durak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 15:40:45

مۇسۇلمانلار ۋە ئىلىم - پەن

1- مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم- پەن تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى :

   قەدىمقىلار ياراتقان ۋە قالدۇرۇپ كەتكەن مىراسلار ، مانا مۇشۇ مىراسلار ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىنى ھازىرقى دەرىجىگە يەتكۈزگەن . بىر شەخس ياكى جامائەتنىڭ ئىلىم- مەرىپەت ساھەسىدىكى تىرىشچانلىقلىرى يېڭى شەخسلەر ياكى جامائەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقلارىنىڭ پەيدا بولىشىغا يول ئاچقان . ئەگەر بۇنداق بولمىغاندا ئىنسانلار ۋە مەدەنىيەت تەرەققى قىلمىغان بولاتتى . چۈنكى ئىنساننىڭ ئىدىيەسىگە نىسبەتەن بىز ئۇنى ئۆسۈپ- تەرەققى قىلىدىغان مەۋجۇتلۇق دەپ قارىشىمىز كېرەك بولىدۇ ، ئۇنىڭ  بىر قىسمى مەلۇم   خاس ۋاقىتلاردا مۇئەييەن رول كۆرسەتكەن ، ۋە باشقا روللار ئۈچۈن يول ئاچىدۇ . مەسىلەن قەدىمىي گېركلار  پەلسەپە ۋە ئىلىم- پەندە رول ئوينىدى ۋە بۇ رول كېيىن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ ساھەلەردە رول ئوينىشى ئۈچۈن يول ئاچتى ، شۇنىڭغا ئوخشاش مۇسۇلمانلار ئوينىغان بۇ رول كېيىنكى غەرپلىكلەرنىڭ بۇ ساھەدە رول ئوينىشى ئۈچۈن  ئىدىيىۋىي ئەقلىي جەھەتتە تەييارلىق ھازىرلىدى . بۇ ساھەدە قايسىكىم  يەنەبىركىمدىن بالدۇر كەتكىنى يوق ، بەلكى شەخس ئۇنىڭدىن باشقىسىدىن ، بۇرۇنقىسىدىن ئالىدۇ ۋە شۇ ئاساستا تېخىمۇ راۋاجلاندۇرىدۇ ، ئىبنى ھەيسەم ( مەشھۇر مۇسۇلمان فىزىكا ئالىمى ، نۇرنىڭ فىزىكا ئىلمى ئالاھىدىلىگىگە يەنى گېئومېتىرىك ئوپتېكىشۇناسلىققا ئاساس سالغان  ) ۋە جابىر ئىبنى ھەييان (مىلادى 721- 815 ، مەشھۇر مۇسۇلمان خىمىك ، خىمىيە تەجرىبەشۇناسلىقىغا ئاساس سالغان  ، خىمىيە ئىلمىگە ئائىت 70 تىن ئارتۇق ئەسەر يېزىپ قالدۇرغان ۋە لاتىن تىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ياۋروپا تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ياۋروپادىكى ئۇنۋېرسىتېتلاردا دەرسلىك قىلىنغان ) ۋە شۇلار ئىككىسىگە ئوخشاش مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ مەۋجۇتلىغى گالىلۆ ۋە نىيوتونلارنىڭ پەيدا بولىشىغا يول ئاچقان . ئەگەر ئىبنى ھەيسەم تارىختا بولمىغان بولسا ئىدى نىيوتون ئىشنى ئىبنى ھەيسەم ئۆز دەۋرىدە باشلىغان ئىشتىن باشلايتتى ، شۇنىڭدەك جابىر ئىبنى ھەييان بولمىغاندا گالىلۆ مۇ ئىشنى مىلادى 8- ئەسىردىن باشلىشى كېرەك بولار ئىدى .
ئۇنداقتا ئەگەر مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ساھەدىكى تىرىشچانلىقلىرى بولمىغان بولسا ئىدى ، ياۋروپالىقلار  قايتا گۈللىنىشنى 14- ئەسىردە ئەمەس ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم- پەن گۈللىنىشى دەۋرى مىلادى 8- ئەسىردىن باشلىشى كېرەك بولار ئىدى .

2- ماتېماتىكا ساھەسىدە :

   مۇسۇلمانلار ماتېماتىكىدا كامالەتكە يەتكەن ۋە ئىنتايىن پىششىق ئىگەللىگەن ئىدى ، ئۇلار ماتېماتىكا ساھەسىدە نۇرغۇن بوشلۇقلارنى تولدۇرغان ، ۋە بۇلار ياۋروپالىق ئالىملارنى ھەۋەس قىلدۇرغان ۋە ھاڭ- تاڭ قالدۇرغان ئىدى .
مۇسۇلمانلار ھىندىلارنىڭ ساناق- رەقەم ئىلمىنى پىششىق ئىگەللىگەن ۋە ئۇلاردىن ھىساپلاش سېستىمىسىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنى ئىككى يۆلىنىشتە تەرەققى قىلدۇرغان ، بىرى شەرقتىكى ئەرەپلەر ئىشلىتىۋاتقان ھىندى رەقىمى ، يەنە بىر بولسا ئەرەپ رەقىمى دىگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان ھىساپلاش سېستىمىسىدۇر ، ئۇ دەسلىۋىدە مەغرىپ ۋە ئاندالۇسىيەگە ۋە كېيىنرەك ياۋروپاغا كىرگەن . ئۇ ھازىر پەرەڭ رەقىمى دىگەن نام بىلەن مەشھۇردۇر .
  مۇسۇلمانلار ئالگېبرانى تەتقىق قىلغان ۋە بۇ ساھەدە كىشىنى ھەس- ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن ئىدى . ئۇلار تۇنجى بولۇپ ئالگېبرانى سېستىمىلىق ۋە ئىلمىي ھالدا يەكۈنلەپ چىققان ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇنجى ئەۋلاد ماتېماتىك خەلىفە مامۇن دەۋرىدىكى مۇھەممەد ئىبنى موسا خەۋارىزمىي ئىدى . ئۇنىڭ ئالگېبرا كىتاۋى مەيلى ئەرەپ ياكى  غەرپ ئالىملىرىنى بولسۇن ئىلىم مەنبە- بۇلىقى سۈپىتىدە ئۇلارنى سۇغارغان ئىدى . بىز شۇ سۆزنىڭ توغۇرلىغىنى ھىس قىلماي تۇرالمايمىز : ئەل خەۋارىزمىي ئالگېبرا ۋە ھىساپلاش ئىلمىنى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويدى .  

3- فىزىكا ۋە خىمىيە ساھەسىدە :

مۇسۇلمانلار ئوپتىكا ئىلمىدە ناھايىتى يۇقۇرى سەۋىيەگە يەتكەن ئىدى ، كېپلېرنىڭ نۇر ئىلمى ساھەسىدىكى مەلۇماتلارغا ئىبنى ھەيسەمدىن ئېرىشكەنلىگى ئىسپاتلاندى  ، ئۇ قەدىمىي بۇ ئىلىمنىڭ مەزمۇنىنى يېڭىغا ئۆرىدى ۋە شۇ ئاساستا يېڭى ئىلىم ، يېقىنقى زامان ئوپتىكا ئىلمىنى بارلىققا كەلتۈردى .
ئەمما خىمىيە ئىلمىدە بولسا مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇنلىغان كەشپىياتلىرى ۋە يېڭىلىقلىرى بارلىققا كەلگەن ھە مۇھىم خىمىيىۋىي تەتقىقاتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن . ئۇلار  دىستىللياتسىيە تېخنىكىسى ، سۈزۈش تېخنىكىسى ، ئېرىتىش تېخنىكىسى ۋە كالىتسىيلاش تېخنىكىلىرىنى بىلەتتى ، ئۇلار ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى بولغان كىسلاتالىق ماددىلار ۋە خىمىيىلىك مۇرەككەپ بىرىكمىلەرنى كەشپ قىلغان .

4- تىبابەت ۋە دورىگەرلىك ساھەسىدە :

  مۇسۇلمانلارنىڭ يوقاپ كېتىش ئالدىدىكى تىبابەت ئىلمىنى قۇتقۇزىۋېلىش ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن يېڭىلىقلارنى كىرگۈزۈش جەھەتتە تۆھپىسى زور ، ئۇلار خىرۇرگىيە ( تاشقى كېسەللىكلەر  ئىلمىنى ) ئايرىم بىر پەن قىلىپ ئايرىغان ۋە دوختۇرخانا دىگەن بۇ ئۇقۇم ۋە شەيئىنى بارلىققا كەلتۈرگەن .
  دورىگەرلىك ئىلمىگە ئاساس سالغۇچىلار مۇسۇلمانلاردۇر ، ۋە ئۇلار ئەڭ دەسلەپتە دورىگەرلىك تەتقىقەت ئورۇنلىرىنى ۋە مەكتەپلىرىنى  قۇرغان  ، نۇرغۇنلىغان   دورىلىق ماددىلارنى بايقىغان ، ئالاھىدىلىكلىرىنى پىششىق بىلگەن ۋە مۇشۇلاردىن پايدىلىنىپ بىمارلارنى داۋالىغان . ۋە يەنە ئۆسۈملۈكلەردىن تىبابەت ۋە دورىگەرلىك ئۈچۈن پايدىلىق ماددىلارنى ئايرىپ تەقدىم قىلغان .

  ( پەلەستىنلىك ئالىم ، تەتقىقاتچى  قەدرىي ھافىز توقاننىڭ ماقالىسىدىن قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى  )

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:38:16

ئىشقىلىپ قەدىمقى زاماندا،ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسىدا يوق

anw8735 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:43:55

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:51:12

شۇ چاغدا نىمشقا شۇنداق؟ ھازىر نىمىشقا بۇنداق؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:53:34

دۇراك ئەپەندى بولسا مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ 20ئەسىر ۋە ھازىرقى دەۋردىكى نەتىجىلىرى بولسا خەۋەربەرسىڭىز؟

qin_dos يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:58:07

يۇقىردا ئىنكاس يازغان ئىككى تورداشنىڭ مەقسىتى ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ كەمچىلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىشمىدۇ؟ ياكى مۇسۇلمانلارنى كەم سۇندۇرۇپ مەسخىرە، قىلىشمىدۇ.

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:58:35

مېنىڭچە ئۆزىنىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلەش ياخشى ئىش! تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغلاردا تارىخ دەرسىدە مۇئەللىم قاچان بىر ئىككى ئېغىز تارىخىمىز توغرىستا گەپ قىلىپ بېرە دەپ شۇنچە تەلمۈرەتتىم.

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:58:36

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 17:38 static/image/common/back.gif
ئىشقىلىپ قەدىمقى زاماندا،ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسى ...

زامانىمىزغا نىسبەتەن باشقا دۆلەتلەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ  ئەھۋالىنىغۇ بىلمەيلى دەيلى ، ئاز دىگەندە مۇشۇ مۇنبەردىكى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ، تاشپولات روزى ئەپەندىلەر ، ۋە شۆھرەت مۇتەللىپ بىلگىجان قاتارلىق كىشىلەر  مۇسۇلمان ئالىملار سانالمامدا ؟ ياكى بىر يۈرۈش باشقا ئۆلچىمىڭىز بارمۇيە ... ئاڭلاپ باقايلى .

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:59:39

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 17:38 static/image/common/back.gif
ئىشقىلىپ قەدىمقى زاماندا،ھازىرقى زامان پەن تېخنىكىسى ...

مۇشۇ بالىنىڭ مۇسۇلمانلاردا ئۆچى بارمىكى دەيمەن. ئىسلام توغرلىق مۇسۇلمان توغرلىقلا تېما چىقسا زادى بىر نەرسىنى يېزىپ قالدۇرمىسا ئىچى پۇشۇپ قالامدىكى دەيمەن.

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:18:46

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 17:51 static/image/common/back.gif
شۇ چاغدا نىمشقا شۇنداق؟ ھازىر نىمىشقا بۇنداق؟

   يېقىندا ئىلىم -پەن  تەتقىقاتى، تىبابەت ۋە ئىنجىنىرلىق ساھەسىدە دۇنيادىكى ئالدىنقى 10 قاتاردا تۇرىدۇ دەپ تەرىپلەنگەن Imperial College London دىگەن مەكتەپنىڭ « يەرشارى ئىلمى ۋە ئىجىنېرلىغى » دىگەن فاكولتىتىدا ئوغلۇمنىڭ دەپ بېرىشىچە 196 نەپەر دوكتۇر ۋە دوكتۇر ئاشتى بار ئىكەن ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 30 % ئى مۇسۇلمان ئەللەردىن يەنى پاكىستان ، سۇدان ، نىگېرىيە ، ۋە شۇ يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەن ( Imperial College نىڭ تور بېكىتىدە بۇ ئىستاتىكا ماتىرىيالى بار ئىكەن ، ئۇلارنىڭ ئايرىم مەسجىت زاللىرى بار ئىكەن ) ، خەنزۇچە ئىسىم- فامىلە قوللانغان دوكتۇرلارنىڭ سانى 9 نەپەر ئىكەن ، ئەنگىلىيەدە ئوقۇۋاتقان باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بەك تىرىشچان ئىكەن ... شۇڭا  ھازىرقى ئەھۋال ئاساسىدا بۇرۇنقىدىن كەلگۈسىدە ئېشىپ كېتىشى مۈمكىن دەپ  ئويلايمەنغۇ ؟!

durak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:20:08

  بۇ ماقالە قىسقا ھەم ئىخچام ھالدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىلىم- پەن ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى چۈشەندۈرۈلگەچكە ، ئاتالمىش مۇسۇلمانلار ئىلىم - پەنگە سەل قارايدۇ دىگەندەك سەپسەتە - ئىغۋالارغا سېلىشتۇرما بولسۇن دىگەن مەقسەتتە ، ئىلىمنىڭ زاكىتى قاتارىدا قىممەتلىك ۋاقتىمنى ئاجرىتىپ باكاغا تەرجىمە قىلىپ يوللاپ قويدۇم ، ياقتۇرۇپ ئوقۇغايسىلەر  . :)

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:32:35

ناۋادا دۇنيانىڭ مەلۇم بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارغىمۇ تەرەققى قىلىشقا پۇرسەت بېرىلسە، بىلىملىكلىرى ئاسانلا قارىلىنىپ كەتمىسە، مۇسۇلمانلارنىڭ تەرەققىياتى يەنىلا جاھاننىڭ ئالدىنقى قاتارىغا كىرەلىشى مۇمكىن دېسەم، ياق دەيدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار.
ئەمىلىيەتتە تەرەققىياتنىڭ قانداق بولۇشى دىنى ئېتىقادى، مىللىتى، ئىرقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، پەقەت سەللا جاھاننىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋالغان ئىنسانلار باشقىلارنى باش كۆتۈرۈشكە پۇرسەت بەرمەيدۇ،  ئازراق كۆزگە كۆرۈنگەن زىيالىرىرى، ياكى بىلىملىكلىرىنى بىر نېمە قىلىپ، ئىككى پۇتىنى بىر ئۆتۈككە تىقىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە تەرەققى قىلالمىغىنىنى يەنە شۇ ئادەمنىڭ گەدىنىگە ئارتىپ، سەن دېگەن ياۋايى، ئاقچى، كۆكچى، شاپاقچى دەپ ھاقارەتلەيدۇ.
ئەلۋەتتە ئۇنداق بولۇشىدا كەينىدە قالغان قەۋمدىن چىققان مۇناپىق، غالچى، جاب باقتى، دەللاللارنىڭ رولى يەنىلا كىچىك بولمايدۇ.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:05:20

ئۆتمۈش ئۆتۇپ كەتتى. بۇرۇنلاردا ھەرقانچە ئىلغار بولسىمۇ بۇگۈنكى كۈندە ئىككى تال ماقالىگە ماتىريال بۇلۇشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. ھەقىقەت ئاچچىق بۇلىدۇ. باشقىلار سىزگە بۇگۈنگە قاراپ باھا بىرىدۇ، ئۆتمۈشتىكى نەتىجە شۇ زاماندىكىلەرنىڭ، بىزنىڭ ئەمەس.
يىغىپ ئېيتقاندا، بۇگۈن نەتىجە يارىتايلى.

yadlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:26:54

ئەلۋەتتە ئۇنداق بولۇشىدا كەينىدە قالغان قەۋمدىن چىققان مۇناپىق، غالچى، جاب باقتى، دەللاللارنىڭ رولى يەنىلا كىچىك بولمايدۇ.
توغرا دەيسىز . قاچانكى كىشلەر ئۆزىنىڭ كىملىكىنى توغرا بىلسە ،پەقەت جان بېقىشنىڭ قۇلى بۇلۇپ قالمىسىلا ئاندىن تەرەققىيات  ھۇقۇقى ئۆز قۇلىدا بۇلىدۇ .

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 19:34:08

Typography يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 17:59 static/image/common/back.gif
مۇشۇ بالىنىڭ مۇسۇلمانلاردا ئۆچى بارمىكى دەيمەن. ئىسل ...

ئۇ، ئىچى قېتىپ كەتسىمۇ تەرەت ھەققىدىكى گەپلەر نى ئوبدان ئوقۇۋالدى ھەقىچان.  

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 20:55:05

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 17:51 static/image/common/back.gif
شۇ چاغدا نىمشقا شۇنداق؟ ھازىر نىمىشقا بۇنداق؟

     ئۆزلە بۇنىڭ جاۋابىنى ئوبدان بىلىدىلا، قورساقتا بارنى غاچچىدە دەپلىۋەتمەمدىلا، مۇشۇ كەمدە بەك كەمسۆز بولىۋالدىلا جۇمۇ.:handshake

harunjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 21:27:28

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 17:51 static/image/common/back.gif
شۇ چاغدا نىمشقا شۇنداق؟ ھازىر نىمىشقا بۇنداق؟

ئۇچاغلاردا كىشىلەرنى بۆلۈۋېتىدىغان مەزھەب ، پىرقىلەر يوق ئىدى شۇڭا مۇسۇلمانلار ئىلىپ پەن ساھەسىدە ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى ياراتقان ، ھازىر بولسا دىن نامىدىكى ئازغۇن پىرقىلەر مۇسۇلمانلارنى ھەرخىل گۇرۇھلارغا بۆلۈۋەتتى، ئىلىم پەننى كىشىلەرگە سەت كۆرسەتتى،بەخت سائادەتنى ئىلىم مەرىپەتتىن ئەمەس  بەلكى پورۇخ بىلەن تىغدىن ئىزدەيدىغان قىلىپ قويدى، شۇ سەۋەبتىن تېرورچى دېگەن نام بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولدۇق

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 22:33:32

ھېي باللا خىجىل بولۇڭلا دەيمەن،قالپاق كىيگۈزۈشكە تەييار تۇرىدىكەنسىلە
مەن خاتا گەپ قىلمىدىم،ئۈستىدىمۇ ھارۇنجان دەپ بوپتۇ،مۇشۇلارنىڭ سەۋەبىدىن خەلقىمىز ئىلىم پەندىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىۋاتىدۇ…

yanhin918 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 22:52:32

ئەمما   مۇسۇلمانلار كىيىن  ئىلىم -پەندە تەرەققى قىلىدۇ  دەيدىغان بىرەر‹خەۋەر› نىڭ   بارلىقىنى   بىلمەيمىز  .شۇڭا   ئاھ پاھ   ئۇرۇشنىڭ   تازا   ئەھمىيىتى   يوقمىكى ........شۇنداقتىمۇ   ھەربىر مۇسۇلمان  تاقىتىنىڭ   يىتىشىچە   ئۆگەنگىنى   ياخشىدەك

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 01:06:31

harunjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 21:27 static/image/common/back.gif
ئۇچاغلاردا كىشىلەرنى بۆلۈۋېتىدىغان مەزھەب ، پىرقىلە ...

ئۇ چاغلاردا، دېگەننى قايسى يىلى قايسى چاغ؟ ئېنىق بىر دەۋەتمەمسىز گەپنى تولۇق قىلىپ؟
بەت: [1] 2 3
: مۇسۇلمانلار ۋە ئىلىم - پەن