NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 14:03:39

20-نويابىردىكى ئالتۇن بازار ۋە تەھلىلى

20-نويابىر ياۋرۇپا بازىرى دوللار كۆرسەتكۈچى 87.84 ئەتراپىدا، تۈنۆگۈن دوللار كۆرسەتكۈچى ئۆسۈپ بازار يېپىلدى. خەلقارا ئالتۇن ھەر ئونسىيەسى 1184 دوللار ئەتراپىدا، تۈنۆگۈن كەچتە ئالتۇن بازىرىدا ۋ شەكىللىك بازار شەكىللەندى، بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بۇلىدۇكى ئالتۇن 1200 دوللارلىق ئۆتكەنلىنى بۆسۈپ ئۆتىشى خېلى تەسكە توختايدىغان ئوخشايدۇ، بازار  1175~1195 ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى. ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ يىغىن قارارىدىن قارىغاندا ئامرىكىنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچى يەنىلا تۈۋەن ھالەتنى ساقلىشى مومكىن، مەبلەق سالغۇچىلار ئامرىكىنىڭ 10-ئايلىق س پ ئاي كۆرسەتكۈچىگە ئالاھىدە دىققەت قىلماقتا. ئەگەر ئامرىكىنىڭ مال باھا كۆرسەتكۈچى راستىنلا تۈۋەن چىقىپ قالسا، ئامرىكا فىدراتىسىيە زاپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش پىلانى كەينىگە سۈرىلىشى ھەمدە دوللار كۆرسەتكۈچىنى بېسىۋېتىشى مومكىن.

20-نويابىردىكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
بۈگۈن ھەرقايسى ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ چوڭ مۇھىم ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ 11-ئايلىق ياساش كەسپى پ م ئاي ئۇچۇرى كىلەر ھەپتىدىكى مىننەتدارلىق بايرىمى مۇناسىۋېتى بىلەن ئالدىغا سۈرۈلۈپ ئالدىن ئېلان قىلىنىدۇ، ھەمدە ئامرىكىنىڭ س پ ئاي ئۇچۇرى ، ئامرىكا ئىشسىزلىق فوندىنى ئىلتىماس قىلغانلارنىڭ سانى ، سېلىنىپ بولغان ئۆيلەرنىڭ سېتىلىش سانى قاتارلىق ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىڭ.

بۈگۈنكى تەھلىل:
1178ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە،زىيان 1173، نىشان 1184~1188
1195ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1200،نىشان1189~1184
1167 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە، زىيان 1162، نىشان 1172~1177
1207ئەتراپىدىن چۈشۈشكە، زىيان 1212،نىشان 1202~1197

كوت كوت  395619400  ئىقتىساد ئۈندىدار سالونى ئىزدەش نۇمۇرى iktisad
بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى گىرامى233يۈەن
بۈگۈنكى كۈمۈش باھاسى گىرامى 3.16يۈەن
بىر دوللار 6.119. يۈەن
بىر ياۋرۇ 7.6698يۈەن
بىر .فودىستىرلىڭ 9.5729يۈەن
بىر .فودىستىرلىڭ 1.5647 دوللار
بىر ياۋرۇ 1.2544دوللار
ئۆلچەم بىرلىكى بىر ئونسىيە ئالتۇن 31.1035 گىرامغا تەڭ .

سودا ئاساسى قىلىۋالماڭ . سودا قىلسىڭىز زىياننى تەڭشەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ ،بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق چوڭ بازارلاردا زىياننى تەڭشەشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالماڭ .ئالتۇن-كۈمۈش سودىسىدا دىققەت قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىش زىياننى تەڭشەش .بەلكىم بەزى ۋاقىتلاردا مەسىلەن سىز ئۆسۈشىگە ئېلىپ زىياننى تەڭشەپ قۇيسىڭىز بازار ئازراق چۈشۈپ زىيىنىغا سېتىلىپ كىتىپلا يەنە داۋاملىق ئۆسۈپ كىتىپ قالىدۇ ،بۇنداق ۋاقىتتا زىياننى تەڭشىمىسەم پايدا ئالاتتىكەنمەن دەپ ئويلاپ قالىسىز دە ،كىيىن زىياننى تەڭشىمەس بۇلۇپ قالسىز ، چوڭ بازارلارغا ئۇچىراپ قالغاندا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىز .بۇ يەردىكى ئالتۇن باھاسى زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى ئەمەس ،بەلكى توردىكى خام ئالتۇننىڭ باھاسى . زىببۇزىننەتنىڭ باھاسى خام ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا قىممەت بۇلىدۇ .

مەنبە ئىقتىساد ئۇندىدار سالون

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:39:34

بۇگۇنمۇ ئاخشامقىغا ئوخشاش چىرايلىق بازار بولسا بۇلاتتى.....

NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 11:40:41

perwazqil يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 18:39 static/image/common/back.gif
بۇگۇنمۇ ئاخشامقىغا ئوخشاش چىرايلىق بازار بولسا بۇلاتت ...

مەن يازغان تەھلىل بۇيىچە ئالدىڭىزمۇ ياكى؟ تۈنۆگۈن ئىككىسى توغرا چىققان ئىدى،

perwazqil يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 13:39:31

شۇنداق قىلغان ، تەھىلىڭىز توغرا چىقتى.......:lol
بەت: [1]
: 20-نويابىردىكى ئالتۇن بازار ۋە تەھلىلى