sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 12:45:12

(سىرداش تېۋىپ) ئاتا ئانىلارغا بالىلارنىڭ ساغلاملىقى توغرىسىدا سەم...

                                                                                


             (سىرداش تېۋىپ) ئاتا ئانىلارغا بالىلارنىڭ ساغلاملىقى توغرىسىدا سەممىي تەكلىپ

  ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !!! ھۆرمەتلىك ئاتا ئانىلار ، كەمىنە سىرداش تېۋىپ تۆۋەندە سىزلەرنىڭ يۈرەك پارەڭلار بولغان ئاشۇ سەبىي بالىلىرىڭلارنى تەبىئي ئۇسۇلدا داۋالىتىشىڭلارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى، بەدەن ساپاسىغا بولغان ئىجابىي تەسىرى ۋە كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان، سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بالىلارنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى ۋە بەدەن ساپاسىغا بولغان سەلبىي تەسىرى توغرىسىدا سىزلەرگە بىر -ئىككى ئېغىز سەمىمىي تەكلىپىمنى  ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆتمەكچىمەن !!!
كىشىلەرنىڭ ئىستىمال سەۋىيسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ سەبىي بالىلىرىمىزغا تاللايدىغان  ساغلاملىق بۇيۇملىرىنى قانداق تاللاش كۆپ قىسىم ئاتا ئانىلار دىققەت قىلىدىغان مۇھىم نۇقتىغا ئايلاندى. بالىلار جەمىيەتنىڭ كىلەچىكى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى ، ئۇلارغا ياخشى بولغان ئۇزۇقلىنىش ۋە ساغلام بولغان داۋالىنىش مۇھىتى ھازىرلاش ھەر بىر ئاتا ئانىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ھەم مەسئۇلىيتى .
   كونىلاردا<< ساغلام  تەندە ساپ ئەقىل >>، <<تەن ساقلىق زور بايلىق>> دەيدىغان ماقال-تەمسىل بار ! ئاشۇ ساغلام بولغان تەن ۋە ساپ بولغان ئەقىلگە ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن  ساغلام بولغان ئۇزۇقلۇق ۋە تەبىئي بولغان دۇرىلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تۇنۇپ يىتىش ئىنتايىن مۇھىم !
مىللىتىمىزنىڭ  ئانا تېبابىتى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىمىزنىڭ بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان زۇكام، يۆتەل ، كالىتسىي كەملىككە قارىتا بىرىلىدىغان مۇنداق بىر نەچچە خىل دۇرىسىنى گەپلىرىم سەل تاققا تۇققا چىقىپ قالسىمۇ بىر تۇنۇشتۇرغۇم كېلىپ قالدى ، بۇ خىل كىسەللىكلەرگە بىرىلىدىغان دۇرىلار تۆۋەندىكىچە :

بالىلاردىكى زۇكامغا قارىتا ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇر تېبابەت دۇرىلىرىدىن:
    كاشكاپ جەۋھىرى، زۇكام جەۋھىرى قاتارلىق دۇرىلار بۇلۇپ بۇ دۇرىلارنىڭ بالىلاردىكى زۇكامغا بولغان تەسىرى غەرىپ تېبابىتىنىڭ خېلى مەن مەن دىگەن دۇرىلىرىدىن قېلىشمايدۇ !!!

بالىلاردىكى يۆتەلگە ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر تېبابەت دۇرىلىرىدىن :
زۇفا جەۋھىرى ، زۇفا شەربىتى ، سەرپىستان جەۋھىرى ، بادام جەۋھىرى ، لوئوقى بادام ، چىلخوزا جەۋھىرى ، لوئوقى چىلخوزا قاتارلىق دۇرىلار بۇلۇپ بۇ دۇرىلارنى يۈتەلنىڭ ھەرخىل خارەكتىرىگە قارىتا مۇۋاپىق، توغرا  ئۇسۇلدا ئىشلىتەلىگەندە بالىلاردىكى ئۆپكە ياللۇغى ، سۇزۇلما خارەكتىرلىك كاناي ياللۇغى قاتارلىق كىسەللەرگە قارىتا ئاجايىپ ياخشى تەسىر قىلىدىغان بۇلۇپ ، بۇ دۇرىلارنى ئىشلىتىپ بالىلىرىنىڭ كىسەللىك ئازابىدىن قۇتۇلىشىغا بىرەر قېتىم سەۋەپ قىلىپ باققان ئاتا -ئانا ئامال بار باشقا تېبابەت دۇرىلىرىنى بالىلىرىغا ئىشلەتمەيدىغان دەرىجىدە ئۇنىڭغا ئاشىق بۇلۇپ قالغۇسى ھەمدە  شۇنداق بۇلۇپ كەلمەكتە !

بالىلاردىكى كالىتسىي كەملىككە قارىتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر تېبابەت دۇرىلىرىدىن :
نارفىننە ئىچىملىكى، كالىتسىي تۇللۇقلاش ئىچىملىكى، نارفىننە جەۋھىرى ، ئامىلە نۆشدارى  قاتارلىق دۇرىلار بار بۇلۇپ يۇقارقى دۇرىلار ۋە ئىچىملىكلەرنىڭ كالىتسىي تۇللۇقلاشتىكى رۇلى سىز بازارلاردا سېتىۋالىدىغان ، كۆزىڭىزنى ئالا چەكمەن قىلىۋېتىدىغان ،ئىسىل قاپقا ئورالغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىدىن كۆپ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىز ئىدى ، بۇنداق كارخانىلارمۇ كۆپىيىپ كەتمەستىن بەلكى تەبىيلىكنى قوغلىشىدىغان ھالەت شەكىللىنىپ سىزنىڭ قايسى مەھسۇلات تەبىيدۇ دەيدىغان ئەنسىرىشىڭىزگە خاتىمە بىرەر ئىدى .

ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقارقى سۆزلەپ ئۆتكەن ئۈچ خىلدىكى كىسەلگە ئىشلىتىدىغان دۇرىلار تەبىئىي بۇلۇپلا قالماستىن خۇددى بىر چالمىدا ئىككى پاختەكنى سوققاندەكلا پەرزەنتىڭىزنىڭ ئەقلىنى ئاشۇرۇش ، تەپەككۇرىنى ئۇرغۇتۇش، ئاشقازان خىزمىتىنى ياخشىلاش رۇلىغىمۇ ئىگە .
    يەنى يۇقارقى دۇرىلار تەركىبىدىكى بادام ، چىلخوزا،سەرپىستان قاتارلىقلارنىڭ بەلغەم بۇشىتىش ، نەپەس راۋانلاشتۇرۇش رۇلى بۇلۇپلا قالماستىن يەنە مىڭە خىزمىتىنى ياخشىلاش ، چاچ ئۆستۈرۈش، ئۇزۇقلۇق تۇللۇقلاش، ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار .
شۇنداقلا يەنە كالىتسىي تۇللۇقلايدىغان دۇرا تەركىبىدىكى پىننە، ئامىلە، ئانار شەربىتى ، بېھى شەربىتى قاتارلىق دۇرىلارنىڭ كالىتسىي تۇللۇقلاشتىن سىرت يەنە ھەزىم ياخشىلاش ، بوي ئۆستۈرۈش، قۇرۇق ھۆنى پەسەيتىش، ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەش، جىگەرنى ياشارتىش ، قان تۇللۇقلاش رۇلىمۇ بار بۇلۇپ ، سىز شۇ كىلىش  مەنبەسى ئېنىق بولمىغان  شۇ ئۇزۇقلۇقلارغا خەجلىگەن پۇللىرىڭىزنى بۇنداق تەبىئىي نەرسىلەرگە چىقىم قىلسىڭىز قوشلاپ ئۈنۈمگە ئىگە بۇلۇپ ، پەرزەنتىڭىزنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ بىرەلەيسىز .
شۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ خەلىق ئاممىسىنىڭ سەبىي بالىلارنىڭ داۋالىنىش ، ئۇزۇقلىنىش مەسىللىرىگە قارىتا يۇقارقىدەك چۈشەنچىلەرنىمۇ بىلىپ قويغاننىڭ زىينى بولماسلىقى مۈمكىن دىگەن نىيەتتە يۇقارقىلارنى سەمىمىي ئەسكەرتىپ ئۆتتۈم . يېزىقچىلىق ماھارىتىمنىڭ يىتەرسىزلىكى تۈپەيلى بەزى سۆزلەر جايىدا بولماي قالغان بولسا ئەپۇ قىلىۋېتىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن .

مەنبە: ئەلداۋا ئۇيغۇر تېبابەت مۇنبىرى                    ئاپتۇرى : سىرداش تېۋىپ
تور ئادىرسىم : www.aldawa.cn

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 14:13:16

بالىلارنىڭ چىشىنى غۇچۇرلىتىشە نىمە سەۋەب ، ئىلاجى نىمىكى ، كىچىلىكى دەھشەت غۇچۇرلىتۇدىكى ، چىشلىرى ئۇۋۇلىپ كىتەمىكى دەپ ئەنسىرەيمەن ، 6 ياش ، قىز .

urhun3 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 14:57:49

tirkax يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 14:13 static/image/common/back.gif
بالىلارنىڭ چىشىنى غۇچۇرلىتىشە نىمە سەۋەب ، ئىلاجى نىم ...

بالىلارنىڭ  ئۇخلىغانداچىشىنى غۇچۇرلىتىشىنىڭ سەۋەپبى كۈپۈنچە كالتىسى كەملىك ياكى ئۈچەي پارازىت قۇرۇتى بلەن مۇناسۋەتلىك.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 15:10:43

شۇنداق قىلىپ ئەلداۋا تورىدىن ئىككىسى بار بولدىمۇ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 15:21:46

يۈكسەلباينىڭ بېتى ئوخشايدۇ دەپتىمەن. :funk:

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 15:57:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   obulqasim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-20 16:00  

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 15:21 static/image/common/back.gif
يۈكسەلباينىڭ بېتى ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مېنىڭ قۇرسۇقۇم ھەر كۈنى كەچ سائەت2.30دىن كىيىن ئاغرىيدىغان بولىۋالدى،چوڭ كىچك تەرەت نورمال تاماقمۇ نورمال،
بۈگۈن بەش كۈن بولدى،يىزىلىق دوختۇرخانىغا كىرسەم گۈلقەننىت بەرگەن مەنپەئەتى بولمىدى،دورا دۇكىنىدىن دورا ئېلىپ يىسەممۇ مەنپەئەتى بولمىدى ناھيىلىك دوختۇرىانىغا كۆرىنەي دىسەم،كۈندۈزى پەقەتلا ئاغىرىمايدۇ بىر مەسلەھەت بەرگەن بولسىڭىز!!!

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 15:58:03

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 15:21 static/image/common/back.gif
يۈكسەلباينىڭ بېتى ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

يېشىم 35

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 16:01:51

obulqasim يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 15:57 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مېنىڭ قۇرسۇقۇم ھەر كۈنى كەچ سائەت2 ...

‏قۇرسقىڭىز بەك ئېچىپ كەتكەندىمۇ ئاغرىمدۇ ؟

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 16:32:32

ياق

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 16:45:34

لوئوقى بادام، نارفىننە ئىچىملىكى سىناقتىن ئۆتكەن، ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى. ئەلۋەتتە، دورىلارنىڭ ياخشىسىنى تاللاپ ئالالىسىڭىز.
زۇكامغا 'مۇرەككەپ يېزىخو جەۋھىرى 复方一枝蒿颗粒 دىگەن دورىنىڭ ئۈنۈمى ياخشى، زۇكام جەۋھىرىنىڭ بالىلارغا ماس كېلىدىغان ۋە ماس كەلمەيدىغان ئىككى خىلى بار، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك.

65505879 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:16:07

بالام  تام يالايدۇ ، بىز كۆرمىگەندە  ھەتتا تامنى يالاپ ، چىشلەپ  ئاپپاق تامنىڭ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى پۇچۇق قىلىۋەتتى  2 ياش  ئوغۇل .  يېقىنقى 3-4  ئايدىن بېرى بۇنداق ئىش يۇز بەرمىدى كىيىن يەنە شۇنداق بۇلۇپ قالارمۇ؟؟؟؟     يەنە بىرى   بالام  زۇكام ياكى يۆتەل بوپ قالسىلا  سول قۇلىقى ئاقىدۇ ئوڭ قۇلىقى ساق . كۆك ماڭقىغا  ئوخشاش شىلىمشىق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ . پاختىنى ئىشىپ كوچىلاپ قۇيىمەن 4كۈندە ئوڭشىلىدۇ. دوختۇر كۆردى  ئوتتۇرا قۇلاق ياللۇغى دەپ  头孢  نىمە   ...  نىمە  دەپ دورا بۇيرۇدى ئۇنىمۇ قىلدىم  يەنىلا ئوخشاش زۇكام بولسىلا قوزغىلىدۇ ، بۇ 3ئاي ئىچىدە خۇداغا شۈكرى  زۇكام بولمىدى تۈنۈگۈن يەنە زۇكام ئالامىتى بار . ئەنسىرەپ قالدىم  مۇشۇنىڭ دورىسى بارمىدۇ . مەسلىھەت بەرسەڭلار

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:20:56

obulqasim يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 16:32 static/image/common/back.gif
ياق

‏ئاغرىشى كېرەكتىغۇ .‏(كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
‏ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارسى بۇلۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپتىمەن .
‏ئەڭ تىپىك ئالامەتلىرى: تاماقتىن بۇرۇن يەنى قورساق ئاچقاندا ۋە كېچىدە ،قورسقنىڭ ئوتتۇرا ئۈستى تەرىپى كۆيگەندەك ئاغرىيدۇ .:

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:45:58

Qumaltag يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 17:20 static/image/common/back.gif
‏ئاغرىشى كېرەكتىغۇ .‏(كۈلگەن چىراي ئىپادىسى)
‏ئون ئىك ...

قانداق قىلسام بولار

sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 23:27:24

obulqasim يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 15:57 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مېنىڭ قۇرسۇقۇم ھەر كۈنى كەچ سائەت2 ...

. سۇئالىم :   سىزنىڭ قوسىقىڭىزنىڭ ئاغرىش ئورنى كىندىك ئۈستىدىكى جايدىكى ئىككى تاغاقنىڭ ئويمان يىرىدىمۇ؟

2.سۇئالىم :   چوڭ تەرەت نورمال بولسا ئۇنداقتا ئۇنىڭ رەڭگى قارا كىلىدىغان ئىش بارمۇ؟

3.سۇئالىم : سىزدە ناشتىنى ۋاقتىدا قىلمايدىغان ئادەت بارمىدى؟

4.سۇئالىم : سىزدە ئەتتىگىنى ئاغزىڭىز ئاچچىق بۇلىدىغان، ۋە ئېغىزمان( ئىككى ئەينەك سۆڭەك ) ئارلىقى ئاغرىيدىغان ئىشمۇ بارمۇ ؟ يەنى ئۆت ياللۇغى بارمۇ؟  


tanha19 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 08:14:39

بۇ مەھسۇلاتلار قايسى شىركەتنىڭ ياخشىراق ؟  نەچچىلىگەن شىركەتلەرنىڭ بار ئىكەن.

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 11:42:46

sirdaxtewip يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 23:27 static/image/common/back.gif
. سۇئالىم :   سىزنىڭ قوسىقىڭىزنىڭ ئاغرىش ئورنى كىندىك ئ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
تور بېتىڭىزگە ئىنكاس يازسام جاۋاپ قايتۇرمىدىڭىز،بۇيەردە  جاۋاپ يازاي
1.شۇنداق2.ئۇنداق ئەمەس3.ناشتىنى ۋاقتىدا قىلىمەن4.كىچىسى ئاغزىم ئاچچىق تۈكۈرۈككە تولىدۇ شۇڭا تولا تۈكۈرىمەن،
ھازىر كىچىسى قورسىقىم ئاغىرىسا ئازراق نان بىلەن چاي ئىچسەم ئاغرىق قويۇپ بېرىۋاتىدۇ.
بېشىغا كەلگەنلەر بولسا مەسلىھەتىڭلارنى ئايىمىغايسىلەر

obulqasim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 12:48:56

ھىچقايسىڭلار كۆرمىگەن ئوخشايسىلەر

sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 22:19:07

sirdaxtewip يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 23:27 static/image/common/back.gif
. سۇئالىم :   سىزنىڭ قوسىقىڭىزنىڭ ئاغرىش ئورنى كىندىك ئ ...

مانا بۇ سىزدىكى ئاشقازان 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغىنىڭ ئالامىتى !   يارا تېخى شەكىللەنمىگەن ھالەتتىكى بەدەن بەلگۈسى! سىز بۇنىڭغا قارىتا ۋاقتىدا داۋالاش تەدبىرلىرىنى قولىنىڭ ، سەل قاراشقا بولمايدۇ!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 22:40:15

ئالىملارنىڭ يېقىندا ئىسپاتلىشىچە ئاشقازان كېسىلى يۇقۇملۇق يەنى يۇقىدىكەن
ئاشقازان كىرىش ئېغىزى Sشەكىللىك بۇرمىسىمان باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن

sirdaxtewip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 22:55:21

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 22:40 static/image/common/back.gif
ئالىملارنىڭ يېقىندا ئىسپاتلىشىچە ئاشقازان كېسىلى يۇق ...

ھەممىسى ئەمەس ، بىر قىسىمى يۇقىدۇ.  بۇنىڭمۇ باكتىريىلىك ۋە باكتىريىسىز دەپ ئىككى خىل تۈرى بار ئەمەسمۇ..............
بەت: [1]
: (سىرداش تېۋىپ) ئاتا ئانىلارغا بالىلارنىڭ ساغلاملىقى توغرىسىدا سەم...