TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 10:38:27

تاشپولات: پروفېسسور ياسۇھىدە فۇكۇموتو ئىلمى دوكلات سۆزلەيدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-20 10:41  

مەن بىلەن بىرگە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ۋە ئاقار جىسىملار ئالىمى، پروفېسسور، Dr.ياسۇھىدە فۇكۇموتو بىزنىڭ مەكتەپتە مۇشۇ ئاينىڭ 21-كۈنى ئىلمى دوكلات سۆزلەيدۇ. ئۇ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى سانفرانسىسكودا ئېچىلىدىغان ئامېرىكا فىزىكا جەمئىيىتىنىڭ ئاقار جىسىملار بۆلۈمىدىمۇ سۆزلەيدۇ. ئۇ ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىڭ سانائەت ماتېماتىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ دىرېكتورى ۋە ياپونىيە ئاقار جىسىملار جەمئىيىتىنىڭ دىرېكتورى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىمەكتە. كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېت ياپونىيەنىڭ 7 دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرى.


3 يىلنىڭ ئالدىدا Dr. ياسۇھىدە فۇكۇموتو مېنى ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېت تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇ كۆرۈنۈش بىز بىرلىكتە ئۇنۇڭ ئىشخانىسىدا ھازىرقى تەتقىقاتىمىزنى مۇنازىرىلىشىۋاتقان ۋاقتىمىز ئىدى.
بۇ قېتىمقى ئىلمى دوكلاتتا ئېلىكتۇر ماگنىت ئېقىم مېخانىكىسىدىكى توپولوگىيە كۆزقاراشنى (MHD) تەڭلىمىسىنى يېشىش ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ماگنىتلىق ئايلانما تۇراقسىزلىقىنى ئانالىز قىلىپ، ئۇنۇڭ قوللىنىشى كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. بۇ تۇراقسىزلىق يۇلتۇزلار سىستېمىسى (Galaxies) دا يۇلتۇزلار شەكىللەنگەندە پەيدا بولىدىغان چەمبەرلىك جۇغلانما مەركىزىدە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ تۇراقسىزلىقنى ماگنىت مەيداندىكى “Vortex” سىزىقلىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن. بىزنىڭ بۇ تەتقىقاتىمىز يەنە قارا ئۆڭكۈر ۋە قۇياش يۈزىدە پارتلاشتىن كېلىپ چىققان ھەرخىل ماگنىتلىق تۇراقسىزلىقلارغىمۇ قوللىنىدۇ.

مەن تەتقىقاتىم توغرىلىق ھازىر يېزىۋاتقان “ئانا دىيار تەسىراتلىرى” دا تەپسىلىي توختىلىمەن.

تۆۋەندىكى بۇ قېتىمقى دوكلات ئېلاننىڭ بىزنىڭ مەكتەپ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىنگلىزچە نۇسخىسى. بۇ ئېلاندا ئىلمى دوكلاتنىڭ تېمىسى، ئۇنۇڭ قىسقىچە مەزمۇنى ۋە Dr. ياسۇھىدە فۇكۇموتونىڭ تەرجىمالىمۇ بېرىلگەن.  ئىنگلىزچە  بىلىدىغانلار ئۇنۇڭدىن پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


بۇ رەسىم 3 يىلنىڭ ئالدىدا Dr. ياسۇھىدە فۇكۇموتونىڭ ئىشخانىسىدا تارتىلغان.
ProfessorYasuhide Fukumoto will be on campus this week to present results on researchbased in fluid dynamics. University of Antelope Valley Mathematics ProfessorTaxpulat Ruzi Ph.D. collaborated with Fukumoto on the theory for "thesteady motion of a spherical vortex of a conducting fluid subject to the Hall effect. Fukumoto is the Director of Institute of Mathematics for Industryat Kyushu University - one of seven major national universities in Japan. Also,he is the Director Japan Society of Fluid Mechanics

ProfessorFukumoto will be speaking at the 67th Annual Meeting of the American PhysicalSociety's Division of Fluid Dynamics (APS-DFD) in San Fransisco. The meeting ishosted by Stanford University, UC Berkeley, and Santa Clara University

Dr.Yasuhide Fukumoto is scheduled to arrive at the University of Antelope Valleyon November 21, 2014. The presentation will begin at 3:00 pm in the East Wingof the Grand Ballroom. The Grand Ballroom is located at 44055 N. Sierra Hwy.,Lancaster, CA 93534
If you areinterested in attending the presentation and meeting Dr. Fukumoto, please feelfree to come to this event. You are more than welcome to attend this event toask questions relating mathematics and physics

If youhave any questions, please contact Dr. Taxpulat Ruzi at taxpulat.ruzi@uav.edu

Title:
Topological ideas in magnetohydrodynamics (MHD) and its application tomagnetorotational instability (MRI)

Abstract:
This seminar starts with an outline of derivation of the equations describingthe magnetohydrodynamics (MHD), namely, dynamics of an electrically conducting fluidsubject to a magnetic field. Then topological invariants of an ideal MHD areexpounded. These invariants imply preservation of the link and knot types ofmagnetic-field lines and 'generalized' vortex-lines
Ingalaxies, stars are formed at the center of accretion disks by absorbingmatters. Since the total angular momentum is conserved, the angular momentummust be transported away while the mass is absorbed to the center. Themagnetorotational instability (MRI) is a desired mechanism for triggering turbulencenecessary to account for outwards transport of the angular momentum. The latterhalf of the seminar is devoted to show our recent contribution to thethree-dimensional MRI in the presence of toroidal field

http://www.uav.edu/index.aspx?page=28&recordid=563&returnURL=%2findex.aspx

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 08:22:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 08:24  

مەن بىلەن بىرگە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ۋە ئاقار جىسىملار ئالىمى در. ياسۇھىدە فۇكۇموتو بىزنىڭ مەكتەپتە ئىلمى دوكلات سۆزلىدى.



























ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 08:43:00

سىلىنىڭ خۇشال ھالەتتىكى رەسىملېرىنى كۆرسىمۇ ئادەم بىر خىل تاتلىق بۇپ قالىدىكەن تاشپۇلات ئاكا...
  ناۋادا پۇرسەت بۇلۇپ ، مۇشۇ لىكسەيەلەر دىيارىمىزدا سۆزلەنسە چۈشىنەلەيدىغان ماتىماتىكا ھەۋەسكارلېرىمىزدىن چۈشىنىدىغانلار 50تىن كەم بولماسمىكىن دەيمەن. يەنە بىر تۇرۇپ ماتىماتىكىمۇ كەسپى نۇقتىدىن ئۇخشىماسمىكىن دەپمۇ ئويلاپ قالىمەن.
  بۇرۇن بىر مۇنبەر بار ئىدى ‹‹بىلىمخۇمارلار كۇلۇبى›› دەپ، شۇ مۇنبەر قۇرغۇچىسىمۇ ماتىماتىكا تىمىلېرىنى كۆپ يوللايدىغان. كىيىن نەچچە قىتىم كىرەي دىسەم ئىچىلمىدى.
  ئاندىن تورداشلارمۇ پىكىر قاتناشتۇرۇپ باقسا؛ ئاۋۇ ماگىنىت ئىلمىدا ھازىر ئادەتتىكى مۇھىتتا ماگىنىت كۈچىنى تۇسىدىغان ماتىرياللار قايسى دەرىجىگە بارغاندۇ...

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 10:05:35

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 08:43 static/image/common/back.gif
سىلىنىڭ خۇشال ھالەتتىكى رەسىملېرىنى كۆرسىمۇ ئادەم بى ...

ئابلىمىت ئۇكام ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت.  خۇشال-خورۇم ۋە چاقچاق بىلەن يۈرۈش مېنىڭ ئادىتىم. بۇ دۇنياغا ئاتاقلىق ياپونلۇق ئالىم 1999-يىلى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى بىلەن شۇ ئىككى مەكتەپتە ئىلمى نۇتۇق سۆزلىگەن ئىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇنۇڭ بىلەن بىرگە بارغان ئىدىم.  مېنىڭ تەكلىپىم بىلەن ئۇ بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنى  ئوقۇتۇۋاتىدۇ. ئۇ ئۇيغۇر يىگىتى بۇ ياپونلۇق ئالىمدىن كېلەر يىلى فىزىكىدىن دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالىدۇ.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 11:10:14

تەتقىقاتىڭلارغا ئاللاھ مەدەتكار بولغاي !

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 11:41:22

TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 10:05 static/image/common/back.gif
ئابلىمىت ئۇكام ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت.  خۇشال-خورۇم ۋە چ ...

بۇ ئۇچۇرلېرىدىن تىخىمۇ خوش بولدۇم. دىيارىمىزدا تەبئى-پەن كەسىپلېرىدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاددىراق ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلېرىغى بېرىپ ئەمىلى مەشغۇلات قىلىپ، نەزىريەنى ئەمىليەتكە بىرلەشتۈرۈش پۇرسىتىمۇ يوق دىيەرلىك، ئىلىكتىر كەسىپلېرىدە ئۇقۇغانلار تەلىيى بولسا قايسىدۇر ناھىيلىك تىلۋىزىيە ئىستانسىلېرىدا ئاددى مەشغۇلات قىلىش بىلەن پاراكتىكىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغان ئىشلارنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم. شۇ ئۇقۇغۇچىنىڭ كەلگۈسىدە نەتىجە قازىنىپ خەلقىمىز ئىچىدە تەبئى-پەن كەسىپلېرىگە بىر قىزغىنلىق دۇلقۇنى ئىلىپ كىلىشىگە تىلەكداشمەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 13:05:43

   خۇددى ئاۋۇ ياپونيىلىك پېروففىسسور ئەپەندىنىڭ قولىدا بىر قېرىندىشىمىز ئوقۇۋاتقاندەكلا مۇھتەرەم تاشپولات روزى ئۇستازىمىزنىڭ قولىدىمۇ بىر قانچىلىغان ياشلىرىمىز ئىلىم تەھسىل قىلىپ، ئۇستازلىرىدىنمۇ ئېشىپ كېتىشىنى سەمىيمىي ئۈمۈت قىلىمەن.:)

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 10:10:32

sahabe يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 13:05 static/image/common/back.gif
خۇددى ئاۋۇ ياپونيىلىك پېروففىسسور ئەپەندىنىڭ قولىدا ...

بۇ ئىشمۇ كېلەر يىلى بولۇپ قالىدۇ. مەكتىپىمىز كېلەر يىلى 3 ئايدىن باشلاپ چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماقچى.  يەنە كېلەر يىلى 1-ئايدىن باشلاپ ئىنژېنېرلىق ئىلمىدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىمۇ قوبۇل قىلماقچى.

826581589 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 12:02:58

TashpolatRozi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 10:10 static/image/common/back.gif
بۇ ئىشمۇ كېلەر يىلى بولۇپ قالىدۇ. مەكتىپىمىز كېلەر يى ...

مۇشۇ ئىلكتىر ئاپتوماتلاشتۇرۇشتين ئىنژىنىرلققا ئوقوغۇچى قوبۇل قىلامدۇ ،ئاكا ،سىزنڭ مەكتىۋىڭىزدە؟

abcd يوللانغان ۋاقتى 2014-11-25 13:01:23

‏تاشپولاتكا، تەتقىقاتلىرىڭىزغا ئۇتۇق،سىز ۋە ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن،
‏بىزلەرگە نىسىپ بولمىغان ئوقۇشلارنىڭ بالىلىرىمغا نىسىب بولۇشى ئۈچۈن بولسىمۇ، ئەڭ يۇقىرى چەكتە تېرىشىمەن،

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 12:10:50

826581589 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 12:02 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئىلكتىر ئاپتوماتلاشتۇرۇشتين ئىنژىنىرلققا ئوقوغ ...

مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپ ئېلېكتر ئىنژېنېرى.

TashpolatRozi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-26 12:33:30

abcd يوللىغان ۋاقتى  2014-11-25 13:01 static/image/common/back.gif
‏تاشپولاتكا، تەتقىقاتلىرىڭىزغا ئۇتۇق،سىز ۋە ئائىلىڭى ...

رەھمەت سەمىمىي سۆزلىرىڭىزگە! ئاتا-ئانىنىڭ ياراملىق پەرزەنت تەربىيىلىشى مىللەتكە قوشقان ئەڭ چوڭ تۆھپىلەرنىڭ بىرى بولىدۇ.  
بەت: [1]
: تاشپولات: پروفېسسور ياسۇھىدە فۇكۇموتو ئىلمى دوكلات سۆزلەيدۇ