huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 09:48:00

تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە

تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە            
ئابلىكىم ھەسەن ئۆگەن

جاراھەت چاپلىمىسى ئىشلەپچىقرىش تېخنىكىسى ئاددىي، خام ماتېرىيال مەنبەسى تولۇق بولغاچقا، ئۇنى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىلارمۇ ناھايىتى كۆپ، شۇڭا بازار رىقابىتىمۇ ئىنتايىن كەسكىن. ياپونىيەدىكى جاراھەت چاپلىمىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان «مىدونى» شىركىتىنىڭ خوجايىنى خۇيتىيەن ئۆز مەھسۇلاتلىرىنىڭ بازار ئىگىلەش نىسبىتى كۈنسېرى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەشكە باشلىغانىدى.
بىر كۈنى ئۇنىڭ كاللىسىدا مۇنداق بىر خىيال پەيدا بولىدۇ:«ئەنئەنىۋى جاراھەت چاپلانمىلىرى پەقەت بىر خىل، ئاددىي، نېمىشقا بۇنداق ھالەتنى ئۆزگەرتمەيمىز؟ جاراھەت چاپلىمىسىنى بىر خىللا قىلىپ قالماي، قىزىل، كۆك، يېشىڭ رەڭلىك قىلىپ باقساق بولمامدۇ؟ جاراھەت چاپلىمىسى چوقۇم تۈزلا بولۇشى زۆرۈرمۇ؟ يۈرەك ياكى كالباسا شەكىللىك بولسا بولمامدۇ؟ جاراھەت چاپلىمىسىنىڭ ئۈستىگە خەت يازساق نېمىشقا بولمايدۇ؟» خۇيتىيەن جىڭشاۋ بۇ خىياللىرىنى ناھايىتى تېزلا رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ، «شادلىق جاراھەت چاپلىمىسى» ناملىق يېڭى نۇسخىدىكى جاراھەت چاپلىمىسىنى بازارغا سالدى. ئەنئەنىۋى چاپلىمىغا ئوخشىمايدىغان جاراھەت چاپلىمىسىنىڭ رەڭلىرى كۆركەم، نۇسخىسى كۆپ خىل، شۇنداق ئۈستىگە «گۈللۈك ياغلىق»، «ئەجەپ ئاغرىدى»، «مەن بەك خۇشال» دېگگندەك قىزىقارلىق خەتلەر يېزىلغانىدى، شۇڭا بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا خېرىدارلارنى جەلپ قىلىۋالدى. ئارىدىن تېخى بىر يىل ئۆتمەيلا، 83 مىليون كۇرۇپكا سېتىلدى.
مۇتەخەسسىسلەر بۇ رېئاللىقتىن مۇنداق يەكۈن چىقاردى: كالا گۆشى دۇكىنىنىڭ نادا خوجايىنى پەقەت «كالا گۆشى» ساتىدۇ، ناۋادا ئۇ خوجايىن ئاقىل بولسا «ئوبراز» ساتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى دائىم ئۆزگەرتىپ تۇرۇش ئىقتىدارى بولمىسا بولمايدۇ. «مىدونى» شىركىتىنىڭ كاساتلىشىۋاتقان جاراھەت چاپلىمىسىنى شۇنچە زور بازارغا ئىگە قىلالىشىغا، دەل ئۇنىڭ ئەنئەنىنى بۇزۇپ، تەپەككۇر قىلىشقا جۈرئەت قىلغانلىقى تۈرتكە بولغان.
مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى.

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 11:09:03

توغىرا! يېڭىلىق ھامان كونىلىقنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ.

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 02:07:03

@kokkaptar جان ۋە باشقا بىلىدىغانلارغا:
ئىنكاسنى قانداق قىلىپ، تېما ساقلىغاندەك ساقلىۋالغىلى بولىدۇ؟

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 14:50:35

abdulehed يوللىغان ۋاقتى2014-11-21 02:07 static/image/common/back.gif
@kokkaptar جان ۋە باشقا بىلىدىغانلارغا:
ئىنكاسنى قانداق قىل ...

ئىنكاس مۇستەقىل ئۇچۇر ئەمەس، تىما بولمىسا ئىنكاسمۇ بولمايدۇ، شۇڭا ئىنكاسنى ئايرىم ساقلىۋالغىلى بولمايدۇ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 17:03:12

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى2014-11-23 14:50:35 static/image/common/back.gif


ئىنكاس مۇستەقىل ئۇچۇر ئەمەس، تىما بولمىسا ئىنكاسمۇ ب
مۇنبەرنىڭ يانفۇن ئەپ دېتالىدا رەسىمسىز ھالەتتە كۆرگىلى بولامدۇ؟

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 17:10:21

kokkaptar يوللىغان ۋاقتى2014-11-23 14:50 static/image/common/back.gif
ئىنكاس مۇستەقىل ئۇچۇر ئەمەس، تىما بولمىسا ئىنكاسمۇ ب ...

تېما ئۆچۈرۈلسىمۇ، ساقلىۋالغان تېما ئىنكاسلار بىلەن ساقلىنىپ قالامدا؟
بەت: [1]
: تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە