تاشپولات: ئاتومدىن كىچىك 2 زەررىچە بايقالدى
ئاتومدىن كىچىك 2 زەررىچە بايقالدىتاشپولات روزى
ياۋروپا ئاتوم تەتقىقات ئورگىنى(CERN) مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى، دۇنيادا ئەڭ چوڭ بولغان زەررىچە تېزلەتكۈچى (Large Hadron Collider、LHC)ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىدە، كانادالىق زەررىچە فىزىكا ئالىمى Randy Lewisنىڭ پەرەز قىلغان 2 زەررىچىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
CERN نىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، بۇ قېتىم بايقالغان ئىككى زەررىچىنىڭ ئىسىملىرى Xi_b'- بىلەن Xi_b*- بولۇپ، ئۇلار ئېغىر زەررىچىلەر (baryon)تۈرىگە كىرىدىكەن. ئېغىر زەررىچىلەر ناھايىتى كۈچلۈك بولغان 3 دانە كۋارىك(Quark) دىن قۇرۇلغان بىرىكمە زەررىچىدىن ئىبارەت. پروتون ياكى نېيترونلار ئېغىر دەرىجىلەرنى بىر تۇرى دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ ئىككى زەررىچە ئۈستىدىكى تەجرىبە 2011-يىلى ۋە 2012-يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئۇنۇڭدىن ئېلىنغان تەتقىقات نەتىجە ماقالىنى، ئامېرىكا فىزىكا جەمئىيىتىنىڭ Physical Review Letters ژۇرنىلىغا ئەۋەتىپ بەرگەن.
LHC بولسا 2012-يىلى، مادىلارغا ئېغىرلىق پەيدا قىلىدىغان ھەگىس (Higgs) زەررىچىنى بايقاپ دۇنيادا داڭ چىقارغان ئىدى.
بۇ ئىككى زەررىچىنىڭ بايقىلىشى ئالەمنىڭ ئەسلى ھالىتى بىلىشتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.
تېخىمۇ كوپ ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چېكىڭ:
http://www.cbc.ca/news/technology/new-subatomic-particles-predicted-by-canadians-found-at-cern-1.2840199
LHC بولسا 2012-يىلى، مادىلارغا ئېغىرلىق پەيدا قىلىدىغان ھەگىس (Higgs) زەررىچىنى بايقاپ دۇنيادا داڭ چىقارغان ئىدى.
ئەگەر ھېككىس زەررىچىسى ئايرىۋىتىلگەن ماتىرىيال ئارقىلىق ئۇچار ماشىنا ياسىساق ھە ! مۇشۇ تىزلەتكۈچنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا قانداق ئەمەلى مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى پەقەت بىلمەيمەن. تورلاردىمۇ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ئاز ئىكەن. پەقەت نەزەرىيە تەتقىقاتى ئۈچۈنلا خىزمەت قىلسا، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ نىمىشقا ياسىغىنىنى چۈشەنمىدىم. يېڭى ماتىريال دىگەندەك ساھەلەردىمۇ ئەمەلى قوللۇنۇشچانلىقى بارمىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە مۇشۇ تۈردىكى تىزلەتكۈچلەر بىر ئىككىسى بولسا يېتەرلىك.
بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، دۆلەت دەپ چىگرا بولمىسا، ئوخشاش تۈردىكى نۇرغۇن ئۈسكۈنىلەرنى ھەر بىر دۆلەتنىڭ ئايرىم ياساپ، ئىسراپچىلىق قىلشنىڭ زۆرۈرىيېتى قالماسكەن. مارىسقىمۇ ئاللا بۇرۇن كۆچۈپ كېتەر بولغىتۇق. ئۇ ئىككى كىچىك زەرچىنىڭ ماسلىرى ئۆزئارا تەڭمۇ ياكى
پەرقلىنەمدۇ؟ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۈسكۈنە بىلەن دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك ماددىنى تېپىپ چىقتۇق. :lol
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-23 10:26
bayawat يوللىغان ۋاقتى 2014-11-20 12:25 static/image/common/back.gif
ئۇ ئىككى كىچىك زەرچىنىڭ ماسلىرى ئۆزئارا تەڭمۇ ياكى
پە ...
ماسسىلىرى پروتوننىڭ 6 ھەسسىگە توغرا كېلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئايلانما يوللىشى ئوخشىمايدىغان بولۇپ، بېكىتىلگەن يوللىنىشقا قاراپ ماسسىلىرىمۇ ئوخشىمايدىكەن. ئالدىنقىسى كېيىنكىسىدىن ئازراقلا يەڭگىل ئىكەن.
بەت:
[1]