bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 08:39:23

NASA: يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى قىزىل داغ ھەققىدە

يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى قىزىل داغ ھەققىدە

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى

ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ خەۋىرىدە بولغىنىدەك، بىز ياشاۋاتقان قۇياش سىستېمىسىدا خۇددى تۆۋەندىكى 1-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك جەمئىي 8 پلانېتا بار:


1-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 8 پلانېتىنىڭ جايلىشىش ئەھۋالى.

بۇ 8 پلانېتىنىڭ ئىچىدىكى 5-پلانېتا يۇپىتېر بولۇپ، ئۇ قۇياش سىستېمىسىدىكى ئەڭ چوڭ پلانېتا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.ئۇ گازدىن تۈزۈلگەن پلانېتا بولۇپ، ئۇنىڭ ماسسىسى قۇياشنىڭ ماسسىسىنىڭ 0.001 ھەسسىسىگە، قالغان 7 پلانېتىنىڭ ماسسىنىڭ يىغىندىسىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ.ھازىرغىچە يۇپىتېرھەمراھلىرىدىن 67 دانىسى بايقالدى.يۇپىتېرنىڭ ئاتموسفېراسىنىڭ تەخمىنەن 75 پىرسەنتى ھىدروگېن، 24 پىرسەنتى گېلىي، قالغىنى باشقا ماددىلار بولۇپ،ئۇنىڭ ئىچكىي قىسمىنىڭ تەخمىنەن 71 پىرسەنتى ھىدروگېن، 24 پىرسەنتى گېلىي، قالغان 5 پىرسەنتى بولسا باشقا ئېلېمېنتلاردىن تۈزۈلگەن .بۇ پلانېتا 17-ئەسىردە بايقالغاندىلا ئۇنىڭ يۈزىدە بىر چوڭ قىزىل داغ بار بولۇپ، ئۇ داغ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ داغ ئىنگلىزچە «Great Red Spot» دەپ ئاتىلىدۇ.


2-رەسىم: قۇياش سىستېمىسىدىكى 5-پلانېتا يۇپىتېر.ئۇنىڭ تۆۋەن ئوڭ تەرىپىدە بىر چوڭ قىزىل داغ بار بولۇپ، ئۇ ئىنگلىزچە «Great Red Spot» دەپ ئاتىلىدۇ.

كىشىلەر يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى بۇ قىزىل داغنى «يوغان قۇيۇن» (giant storm) دەپ ئاتايدىغان بولۇپ،ئالىملارنىڭ ئۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولغانىدى.ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 2014-يىلى 13-نويابىر كۈنى، ئامېرىكا ئارىزونا شتاتىنىڭ تۇكسون (Tucson) شەھىرىدە ئامېرىكا ئاسترونومىيە جەمئىيىتى (American Astronomical Society) نىڭ بىر ئىلمىي دوكلات يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، ئاشۇ يىغىندا بىزنىڭ ئىدارىمىز ج پ ل دىن بارغان دوكتۇر كېۋىن بېينىس (Kevin Baines) يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى ئاشۇ قىزىل داغنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە بىر ئىلمىي دوكلات بەرگەن .ئۇنىڭ ئوتتۇرىغا قويغىنى بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر گۇرۇپپا تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇزۇن يىللىق تەتقىقات نەتىجىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە بۇ داغنى قۇياشتىن كەلگەن ئۇلترا-بىنەپشە رەڭلىك نۇرنىڭ يۇپىتېرنىڭ ئەڭ سىرتقى قىسمىدىكى گازلارنى كۆيدۈرۈۋېتىشى ياكى «داغلاپ قويۇشى» تۈپەيلىدىن ھاسىل بولغان ئىكەن.


3-رەسىم: يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى قىزىل داغ.بۇ داغ مەزكۇر رەسىمدە بىر قۇيۇندەك ئايلىنىپ تۇرىدىغان ئويمانلىقتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئورنى ناھايىتى ئېگىز بولۇپ، ئۇ ئەتىراپىدىكى باشقا بۇلۇتلاردىن تەخمىنەن 46 كىلومېتىر ئېگىزراق يەردە ئىكەن.يەر شارىدا يەر يۈزىدىن ئەڭ يىراق بولغان بۇلۇتلارنىڭ ئېگىزلىكى 12 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ناسانىڭ «كاسسىنى» (Cassini) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى 2000-يىلى يۇپىتېرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، يۇپىتېر ھەققىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يىغقان ئىدى.بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلار ئاشۇ ئۇچۇرلار بىلەن يەر يۈزىدىكى تەجرىبىخانىلاردا قولغا كەلتۈرگەن ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، ئۇلترا-بىنەپشە رەڭلىك نۇر ئاممىياك گازى بىلەن كاربون ھىدرىدقا چۈشكەندە مولېكۇلىلىق پارچىلىنىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان.شۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىرىقىدەك پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بېينىسنىڭ دېيىشىچە بۇ قىزىل داغ بىر چوڭ قۇيۇن ئەمەس بولۇپ، ئۇ كۈن نۇرىنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن پەيدا بولغان داغ ئىكەن.ئەمما بۇ بىر يوغان چاقنىڭ شەكلىنى ئالغان قىزىل داغنىڭ نېمە ئۈچۈن نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى شۇ پېتى ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى ھازىرمۇ بىر چوڭ سىر بولۇپ تۇرۇۋېتىپتۇ.


قوشۇمچە (1):

ئالدىنقى ھەپتە، يەنى 2014-يىلى 9-نويابىر كۈنى، ناسا، رۇسىيە ۋە ياۋروپا ئالەم مەركىزىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان 3 كىشى ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارا ئالەم پونكىتىدىكى 165 كۈنلۈك خىزمەت ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، تۆۋەندىكى 4-رەسىمدە كۆرسىتىلگەن قۇرۇلما بىلەن قازاقىستانغا سالامەت قايتىپ چۈشكەن،ھەمدە قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا ئېرىشكەن (5-رەسىم).


4-رەسىم:ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ياۋروپانىڭ 3 ئالەم ئۇچقۇچىسى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى قازاقىستان تۇپرىقىغا چۈشكەندىكى بىر كۆرىنىش.بۇ ئەترەت ئىنگلىزچە«Expedition 41 Crews» دەپ ئاتىلىدۇ.


5-رەسىم: قازاقىستان ھۆكۈمىتى يۇقىرىدىكى 3 ئالەم ئۇچقۇچىسىنى كۈتۈۋاتقان ۋاقىتتىكى بىر كۆرىنىش.


قوشۇمچە (2):

ناسا 2011-يىلى 24-ماي كۈنى «ئورىئون» (Orion) دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭى تىپتىكى ئالەم كېمىسىنى ياساپ چىقىش پىلانىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئالدىمىزدىكى 4-دىكابىر كۈنى ئورىئوننى ئۇچۇرۇشنىڭ تۇنجى قېتىملىق سىنىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ.قىزىقىدىغان قېرىنداشلار شۇ كۈنىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ قويساڭلار بولىدۇ.سىناقتىن كېيىن مەنمۇ ئىمكانىيىتىمنىڭ يار بېرىشىچە يەنە بىر خەۋەر تەييارلاشقا تىرىشىمەن.ناسانىڭ ھازىرقى پىلانى ئورىئون سىناقلاردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئايغا، مارسقا ۋە ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تاشلىرى) غا چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىش.


6-رەسىم: ئورىئوننى راكېتاغا يۈكلەش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىۋاتقاندىكى بىر كۆرىنىش.


7-رەسىم (سىزما رەسىم): ئورىئوننىڭ راكېتادىن ئايرىلغان ۋاقتىدىكى بىر كۆرۈنىشى.

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

Jupiter
http://en.wikipedia.org/wiki/Jupiter

Jupiter's Great Red Spot Likely One Big UV 'Sunburn'

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 10:27:21

بۇ 8 پلانېتىنىڭ ئىچىدىكى 5-پلانېتا يۇپىتېر بولۇپ،
ئەركىن ئاكا، پلوتو نى بۇرۇن 9- پلانتتا دەيتتۇق، ھازىر ئۇنى قۇياش سېستىمىسىنىڭ 9- پلانتتا لىق ئورنىدىن چىقىرىۋىرىتىشنىڭئاساسى نىمە ؟
ئاسترونومىيەدە ئىشلىتىدىغان 1-ئالەم تېزلىكى،2- ئالەم تېزلىكى ۋە 3- ئالەم تېزلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى يۇقىرىمۇ. ياكى ئەمەلىيەتتىكى تېزلىك بىلەن نەزەرەيىۋى تېزلىكتە مەلۇم پەرق بولامدۇ؟
ئەگەر مۇشۇ ئىككى تېزلىكتە ئەمەلىيەت جەريانىدا پەرق كۆرۈلۈپ قالسا ، ئۇنى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تەڭشىيەلەمدۇ ياكى ئاپلا دەپ باشقا كەلگەننى كۈتەمدۇ؟

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 10:38:46

ناسانىڭ «كاسسىنى» (Cassini) ناملىق ئالەم ئۇچقۇرى 2000-يىلى يۇپىتېرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ، يۇپىتېر ھەققىدە نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى يىغقان ئىدى.بۇ تەتقىقاتنى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتچىلار ئاشۇ ئۇچۇرلار بىلەن يەر يۈزىدىكى تەجرىبىخانىلاردا قولغا كەلتۈرگەن ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ، ئۇلترا-بىنەپشە رەڭلىك نۇر ئاممىياك گازى بىلەن كاربون ھىدرىدقا چۈشكەندە مولېكۇلىلىق پارچىلىنىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايقىغان.شۇنىڭغا ئاساسەن يۇقىرىقىدەك پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مۇنداق ئويلاپ قالدىم، يەرشارى 3-ئوربىتىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، يۇپىتىرغا قارىغاندا قۇياشقا ،تېخىمۇ يېقىن .ئۇلتىېرا بىنەپشە نۇرنىڭ تەسىرىگە تېخىمۇ كۈچلۈكرەك ئۇچرايدۇ.ئەمىسە يەر شارى ئاتمۇسفىرا يۈزىدە نىمىشقا ئۇنداق قىزىل داغ شەكىللەنمەيدۇ؟
ئۇنى كاربون تۆت ئوكسىد توپلىنىپ قالغان جاي دەپ قاراشقا بولامدۇ؟
چۈنكى يۇپېتىرنىڭ تارتىش كۈچى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ،ھاۋاقاتلىمى زىچلىقى يۇقىرى بولغان گازلاردىن تۈزۈلگەن دەپ قارىساق،ئۇھالدا كاربون تۆت ئوكسىدنىڭ زىچلىقى ئۇلاردىن تۆۋەنرەك بولسا،بەلكىم ئۇ يۇقىرىغا توپلىنىپ قالغانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە كاربون تۆت ئوكسېدنىڭ نۇر سېپىكتېرىمۇ قىزىل بولىدۇغۇ دەيمەن. ياكى ئۇ يۇپېتىر ئاتموسفىراسىدىكى ئېنىرگىيە كۈچلۈك رايۇنمۇ؟

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 10:40:19

شۇنداق قىلىپ قۇياش سېستىمىسىدىكى ھەمرىيى ئەڭ كۆپ پلانتا يۇپېتىرمۇ ياكى ساتۇرىنمۇ؟

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 10:42:55

مارس بىلەن يۇپىتىر ئارىسدا ئاستروئىد بەلۋىغى باركەن ،ئۇچقۇرلار يۇپىتىرغا يېقىلىشىش ئۈچۈن ئۇلارغا سوقۇلماي ئۆتۈش ئۈچۈن ،يېڭى لىنىيە تاپقان ئوخشىمامدۇ، ياكى ئۇدۇل كەلگەن ئاستروئىدنى ئېتىپ پارتلىتىپ يول ئاچامدۇ؟

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 10:44:21

Ehsan21 يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 10:27 static/image/common/back.gif
ئەركىن ئاكا، پلوتو نى بۇرۇن 9- پلانتتا دەيتتۇق، ھازىر ئ ...

ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام ئېھسان ئۇكام،

دۇنيادا «خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلىكى» (International Astronomical Union) دېگەن بىر تەشكىلات بار بولۇپ، ئاسترونومىيە ساھەسىدىكى چوڭ-چوڭ نەرسىلەر ئۈستىدە شۇلار قارار ئالىدۇ.بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى بۇرۇنقى 9-پلانېتا «پلۇتو» نىڭ «پلانېتا» دېگەن سالاھىيىتىنى ئېلىپ تاشلاشتۇر.

پلۇتو 1930-يىلى بايقىلىپ، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭغا «قۇياش سىستېمىسىدىكى 9-پلانېتا» دېگەن سالاھىيەت بېرىلگەن ئىدى.كېيىنكى 75 يىل ئىچىدە ئالىملار پلۇتونى ۋە قۇياش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكى ئىشلارنى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش نەتىجىسىدە پلۇتونىڭ سالاھىيىتىدە زور ئۆزگىرىشلەر بولدى.1977-يىلى «چىرون» (Chiron) دەپ ئاتىلىدىغان بىر كىچىك پلانېتا بايقالدى.2005-يىلى بولسا «ئېرىس» دەپ ئاتىلىدىغان، ماسسىسى پلۇتونىڭكىدىن 27 پىرسەنت چوڭراق بولغان يەنە بىر كىچىك پلانېتا بايقالدى.شۇنىڭ بىلەن 2006-يىلى «خەلقئارا ئاسترونومىيە بىرلىكى» يىغىن ئېچىپ، «پلانېتا» دېگەن ئۇقۇمغا يېڭى ئېنىقلىما بەردى.ئاشۇ يېڭى ئېنىقلىما ئاساسىدا پلۇتو ئۆزىنىڭ «9-پلانېتا» دېگەن سالاھىيىتىنى يوقۇتۇپ، قۇياش سىستېمىسىدىكى پلانېتىلارنىڭ سانى 9 دىن 8 گە چۈشۈپ قالدى. شۇ چاغدا، يەنى 2006-يىلى، بىزنىڭ ئىدارە جايلاشقان «پاسادېنا» دېگەن شەھەرنىڭ ئاھالىلىرى «ناسا پلۇتونى ئۆلتۈرۈپ قويدى»، دەپ بىر قانچە كۈن نامايىش قىلىپ، ناسا غا نارازىلىق بىلدۈردى.

سىز سورىغان 2-سوئالغا سەل ئىزدىنىپ ئاندىن جاۋاب بېرەي.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 10:48:12

Ehsan21 يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 10:38 static/image/common/back.gif
مۇنداق ئويلاپ قالدىم، يەرشارى 3-ئوربىتىدا ھەرىكەت قىل ...


بۇ سوئالىڭىزنىڭ كەسپىلىكى بەكراق كۈچلۈك بولۇپ، مەن كۆرگەن ماقالىدا بۇ ھەقتە بايان يوق ئىكەن.شۇڭا بۇ مەسىلە ئۈستىدە سىزمۇ ئىزدىنىپ بېقىڭ، مەنمۇ ئىمكانىيىتىمگە قاراپ شۇنداق قىلاي.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 10:52:01

Ehsan21 يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 10:40 static/image/common/back.gif
شۇنداق قىلىپ قۇياش سېستىمىسىدىكى ھەمرىيى ئەڭ كۆپ پلان ...


ھەمراھىنىڭ كۆپلىكىدە يۇپىتېر 1-ئورۇندا (67 ھەمراھى بار)، ساتۇرن 2-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، 2014-يىلى ئاپرىلغىچە بايقالغان ساتۇرننىڭ ھەمراھىنىڭ سانى 62.

bilimxumar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 11:00:34

Ehsan21 يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 10:42 static/image/common/back.gif
مارس بىلەن يۇپىتىر ئارىسدا ئاستروئىد بەلۋىغى باركەن ، ...

ئاستېرويد بەلۋىغىدا نەچچە مىليارد ئاستېرويد (كائىنات ئۇچار تاشلىرى) بار بولۇپ، ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئەگەر بىز ئاشۇ ئاستېرويدلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە ئەكەلسەك، ئۇنىڭ چوڭلۇقى ئاي شارىچىلىكمۇ كەلمەيدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاستېرويد بەلۋىقىنىڭ كەڭلىكى قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئارىلىقىغا تەڭ بولۇپ، ئۇ ئاستېرويدلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ناھايىتى چوڭ، ياكى ئۇلارنىڭ جايلىشىشى ئىنتايىن شالاڭ.

شۇنداق بولغاچقا ناسا ھازىرغا قەدەر ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان ئالەم ئۇچقۇرلىرىنىڭ بىرەرسىگە ئاستېرويد بەلۋىقىنىڭ تاشلىرى سوقۇلۇپ باقمىدى.
http://space-facts.com/asteroid-belt/

tiroy يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 11:05:16

توققۇز پىلانىت گاز تۈرىدىكى پىلانىتا ۋە يەر تۈردىكى پىلانىتا دەپ ئايرىلدىكەن....
ئەركىنكا مۇشۇ توغۇرسىدا تەپسىلىرەك چۈشەندۈرۈپ قويسىڭز...................
گاز تۈرىكى پىلانىتقا قۇنۇش ۋەياكىئايغا ئوخشاش دەسسەپ تۇرۇش مۇمكىنمۇ{:92:}

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 12:59:27

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-20 13:08

يۇپتىرئوڭاي، ساتۇرىنسەكەنتىر، كۇرىد مارىس، سەۋىت ۋىنرا. ئارزۇ مىركۇرىي. چولپان يۇلتۇزى مارىسنى كۆرسىتىدۇ ، كەچتە غەرىپتە، تاڭدا شەرىقتە كۇرىنىدۇ. يۇپتىر نى ئادەمدىكى كۆز بىلەن قايەردىن ئىزدەيمىز. بىلىدىغانلار ئايىمىغان بولساڭلار.

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 15:12:46

مۇشۇ گازدىن تۇزۇلگەن پىلانىت دىسە ئويلاپ قالىمەن، شۇنداق پىلانىتقا دەسسەپ سالسا قانداق بۇلار، مەركىزىگىچە چۆكۈپ كىرىپ كىتەرمۇ، ياكى ساسلىققا دەسسەپ سالغاندەك ئېغىر قەدەملەر بىلەن ماڭغىلى بۇلارمۇ، ئىشقىلىپ ئاجايىپ تۇيۇلىدۇ، پۇتۇن بىر پىلانىت گاز بولسا، تەسەۋۋۇر قىلىپ بۇلالمىدىم.{:92:}

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:37:48

يۇپىتىرغا ئوخشاش گاز پىلانىتلارغا ئەگەر مىتورىت ياكى كىچىكرەك سەييارە ۋە ياكى قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز سوقۇلسا قانداق ھادىسە يۈز بېرىشى مۇمكىن؟يۇپىتىرنىڭ قېلىن ئاتموسفىراسىمۇ يەر شارى ئاتموسفىراسىدەك ئاستىروئىدنى كۆيدۈرۈپ تاشلامدۇ؟ئەگەر ئاستىروئىد بىۋاستە يۇپىتىرنىڭ يۈزىگە سوقۇلسا پارتىلاش يۈز بېرەمدۇ ياكى ئىچىگە كىرىپ كېتەمدۇ؟

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 20:08:34

Ehsan21 يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 10:38 static/image/common/back.gif
مۇنداق ئويلاپ قالدىم، يەرشارى 3-ئوربىتىدا ھەرىكەت قىل ...

مېنىڭچە بۇيەر شارى ۋەيۇپىتىرنىڭ قۇياشقا بىلەن بولغان ئارىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى ئاتموسفىرا قاتلىمىنى تەشكىل قىلغۇچى ماددىلار مۇناسىۋەتلىك، يۇپىتېرنىڭئاتموسفىراسى بولسا ئاساسەن ھىدروگېن ۋەگېلىيدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، ھىدروگېن بولسا كۆيۈشچان گاز، يەر شارى ئاتموسفىراسى بولسا ئاساسلىقى ئازوت ۋە ئوكسىگىندىن تەركىب تاپقان، كۆيۈشچان ئەمەس.شۇڭابۇ ئىككى خىل ئاتموسفىرانىڭ قوياش رادىئاتسيسىگە ئۇچراش دەرىجىسى ئوخشىماسلىقى مۈمكىن.
كاربون تۆت ئوكسىد مەسلىسىگە كەلسەك ،بۇ گازنىڭ زىچلىقى ھىدروگېنغا قارىغاندا خىلىلا چوڭ بولغاچقايۇپىتېر ئاتموسفىراسىنىڭ ئۈستى تەرىپىدە لەيلىۋىلىشى ئەقىلگە تازا مۇۋاپىق ئەمەس، سىز دەۋاتقان سېپكېتىر بىلەن يۇپىتېر دىكى قىزىل داغئىككىسى ئىككى مەسىلە.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 21:12:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Baqka تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-20 22:58

سابىق 9- پىلانىت پىلۇتو (پلۇتون)، باشقا بىر ھەمراھمۇ ياكى ئىشقىلىپ بىر ئاسمان جىسىمى بىلەن ئوربىتىلىشىپ ئايلىنىشقان، شۇڭا دەرىجىسى چۈشۈرۈۋېتىلگەن. پەقەت يۇلتۇزنىلا ئايلانسا ئاندىن پىلانېت بولالايدۇ.

گاز پلانېت، يۇپىتىر شۇنداق گاز پىلانت بولسا، ئۇنىڭ مەركىزىي قىسىمىنىڭ زىچلىقى بەلكىم بىزنىڭ بەدەن زىچلىقىمىزدىن ئېشىپ چۈشىدۇ، شالاڭ قىسمىدا چۆكۈپ كېتىمىز، قۇيۇق قىسىمىدا ئاستا چۆكىمىز، زىچ قىسىمىدا، سۈيىمىز چىقىپ كېتىشى مۇمكىن، ئىشقىلىپ ماشىنا ھەيدىگىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ.

يۇپىتېر راستىنلا تۆمۈر بىلەن سىلتىسىي ئاتا قىلىنمىغان غەلىتە پىلانېتكەن، لېكىن ئۇنىڭدا خەتەرلىك يېقىلغۇ باركەن. غايەت زور تارتىشىش كۈچى، يۇپىتېردىكى گازلارنى قىسىپ، سازلىقتىكى پاتقاققا ئوخشاش خېمىر قىلىۋىتەرمىكىن.

nijat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 21:21:17

678123 يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 12:59 static/image/common/back.gif
يۇپتىرئوڭاي، ساتۇرىنسەكەنتىر، كۇرىد مارىس، سەۋىت ۋ ...

چولپان يۇلتۇز دېگىنىۋېنىرا (Venus) نى كۆرسىتىدۇ،يورۇقلۇق دەرىجىسى ئەڭ كۈچلۈك يۇلتۇز، ئۇنىڭدىن قالسىلا يۇپىتېرنىڭ يورۇقلۇقى كۈچلۈك ، ھازىرىقى ئورنى كۈندۈزلۈك ئاسماندىمىكى ؟يەنە بىر نەچچە ئايدىن كېيىنكەچلىك ئاسماندىن ئىزدەپ بېقىڭ .

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 22:58:04

678123 يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 12:59:27 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-20 1

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 23:25:03

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-20 23:28

غەيۇرغا قارتىلغان. سىلى كۆرسەتكەنيۇلۇنۇشتىكى شىر سۇرەتلىكى ارىسلان بۇرۇجىنى كۆرسىتىدۇ.شۇ بۇرۇج يۇلتۇزلارنى اسماندىن .ىزدەۋاتقىلى بىرنەچچە اي بولدى تاپالمايۋاتىمەن. شەرىقتىمۇ غەرىپتىمۇ پەستىرەكتىمۇ ەمىلىي ورنىنى دەپ بىرەلىمو؟مارەسىملەرنى قايەردىن چۇشۇردىلە. مەن خەنسو چىسنى كۆرگەن ۇيغۇرچە چۇشەندۇرۇلەىننى كۇرۇپ باقماپتىكەنمەن.

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 23:57:58

678123 يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 23:25:03 static/image/common/back.gif
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   678123 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-20 2

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 00:01:30

gayur1 يوللىغان ۋاقتى2014-11-20 23:57:58 static/image/common/back.gif


بەت: [1] 2
: NASA: يۇپىتېرنىڭ يۈزىدىكى قىزىل داغ ھەققىدە