تەڭرىتاغ كوماندىسى جىياڭسۇ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى
http://you.video.sina.com.cn/api/sinawebApi/outplayrefer.php/vid=136358795_6/s.swfئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 19- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ سەككىزىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا، جىياڭسۇ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى ئاخىرى 106-117 نەتىجە بىلەن رەقىبى جىياڭسۇ كوماندىسى تەرىپدىن مەغلۇپ قىلىندى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 39 نومۇر، 18 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ ليۇۋېي 28 نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ۋە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان 12 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 1 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 21 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ جۇ چى 13نومۇر، 6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 21-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا دۇڭگۇەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ كىنو – تېلېۋىزىيە – تىياتىر قانىلى ( ئۇيغۇرچە 5-قانىلى ) بۇ مەيدان مۇسابىقىنى نەخ مەيداندىن ئۇيغۇرچە ئۇلاپ كۆرسەتتى. مەلۇم بۇلىشىچە شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو – تېلېۋىزىيە – تىياتىر قانىلى شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىللىك بارلىق مۇسابىقىلىرىنى نەخ مەيداندىن ئۇيغۇرچە ئۇلاپ كۆرسىتىدىكەن.
شىرئەلى تۈزۈك نۇمۇر ئالمىغان مۇسابىقىدىلا ئۇتتۇرىدىكەن دىسە بۇ خەقمۇ{:101:} يەنە شۇ چەتئەللىكلەر قىزىتىكەن بۇ مۇسابىقىسىنى بەكلا ناچار ئوينىدى، كوماندىنىڭ چەتئەللىك ماھارغا بىقىنىۋىلىشى بەكلا ئېغىر بولدى. مۇداپىيەنىڭ ناچارلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ، تۆۋەن دەرىجىلىك سەۋەنلىكى بەكلا كۆپ بولدى، شىرئەلىنىڭ بىر قانچە توپنى بىرتەرەپ قىلىشى باشلانغۇچ بالىلىرىنىڭ توپ ئۇينىشىغا ئۇخشاپ قالدى، باش تېرىنىر ئاچچىقىدا مەيدانغا قايتا چىقارمىدى. شىرئېلىجان بۇ مۇسابىقىدە نۇمۇر ئالماپتىغۇ؟ http://cba.sports.sina.com.cn/cba/schedule/show/12492/
بەت:
[1]