terhemek يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 21:35:31

سۇ ساپلاشتۇرغۇچ ھەققىدە


  سۇ ساپلاشتۇرغۇچ ساتىدىغان بىرسى ئادەتتىكى تۇربا سۈيى ۋە دەرياسۈيىگە تۆت تال تاياقچىسى بار بىرخىل كىچىك ئۈسكىنىنى كىرگۈزۈپ توكقا چېتىپ كىچىك بىر تەجرىبە ئىشلەپ بەردى . ئۈسكىنە توكقا چېتىلىپ قىسقىغىنە ۋاقىتتىن كىيىن سۇ قايناپ لاۋىدەك كۆك رەڭگە ئۆزگىرەپ كەتتى .  بىردەمدىن كىيىن لاۋىغا ئۆزگەرگەن قىسمى سۇ ئاستىغا چۆكۈپ ، سۈيى ئۈستىگە لەيلەپ چىقتى .
   ئەمدى مىنىڭ سورىماقچى بولغىنىم . تۇربا سۈيىنى قويۇپ تۇرايلى ، ئۇزۇن زامانلاردىن بىرى ئىچىپ كېلىۋاتقان دەرياسۈيىنىڭ مۇشۇنداق لاۋا ھالەتكە ئايلىنىپ كېتىشى تازا كاللامدىن ئۆتمىدى ( خوتەندە ھازىرمۇ كۆپىنچە كىشىلەر دەرياسى سۈيىنى ئەتىۋارلاپ ئىچىدۇ ، مەخسۇس ئائىلىلەرگە دەريا سۈيى يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلارمۇ بار . ھەمدە بۆرىكىگە تاش چۈشۈپ قالغانلارغىمۇ تىۋىپلار دەريا سۈيىنى كۆپ ئىچىپ بېرىشىنى بۇيرۇيدۇ ) . زادى بىز ئىچىۋاتقان دەريا ،تۇربا سۇلىرى ئىچىگە نۇرغۇن زىيانلىق ماددىلار يۇشۇرۇنغانمۇ ياكى ئاۋۇ ئۈسكىنە سۇنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان ئالاھىدە قۇرۇلمىلىق ئۈسكىنىمۇ ؟ ۋە ياكى سۇنىڭ تەركىۋىدىكى بەزى بىر ماددىلار ئاۋۇ ئۈسكىنە  بىلەن رىئاكسىيەلىشىپ ئاشۇنداق ھالەتكە ئۆزكىرەپ قالغانمۇ ؟  زادى بىز پاكىزە ، زىيانسىز سۇ ئىچىش ئۈچۈن سۇ ساپلاشتۇرغۇچ سېتىۋېلىشىمىز كېرەكمۇ ؟
تاۋ باۋدىن سۇ ساپلاشتۇرغۇچ توغرىسىدا ئىزدەپ باقسام نۇرغۇنلىغان تۈرلىرى باركەن . باھاسىمۇ نەچچە يۈز كويدىن نەچچە مىڭ كويغىچە .  قايسى خىلدىكى سۇ ساپلاشتۇرغۇچنى سېتىۋالساق مۇۋاپىق ؟  
  بىلىدىغانلار مۇشۇ ھەقتە چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقسا ...

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 06:46:48

مۇشۇنىڭغا كەسپىرەك جاۋاپ بېرىدىغانلار بولسا،ياخشى بولاتتى.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 07:54:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-20 07:59  

  مەن ئۇ نەرسىنى ئىشلىتىپ باقمىغان، ئەمما سۇغا كۈچلۈك توك ئۈتكۈزسە راسىتلا كۈپۈك ۋا توك ئۈتكۈزگەن مىتالنىڭ ئىئونلېرى لەيلەپ چىقىدۇ. ئاندىن مىتال ئىئونى ئېغىر بولغاچ چۈكۈپ كىتىدۇ. بۇ تەرپى ئاكۇمۇلياتورلاردىمۇ شۇنداق بولغاچقا مىتال ئىئونلېرىنىڭ چۈكمە بۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن قۇتۇپ تاختىلېرى ئۇتتۇرساغا قەۋەت-قەۋەت تۇسۇقى بار قىستۇرما قىستۇرىدۇ، قىستۇرمىنى تۇلىراق ئىزولياتور دەپ ئويلايمىز، ئەمما يەنە شۇنداق بىر خۇسوسىيتىمۇ بار...
  ئۇنداق سۇ تازلىغۇچنى ھەرگىز ئىشلىتىشكە بولمايدۇ. ئىشلەتكەن مىتال مىس بولسا جىگەرگە ، قۇغوشۇن بولسا مىجەزگە زىيان قىلىدۇ. دارۋىن شۇ دەۋىردىكى قۇغوشۇندىن زەھەرلەنگەن دەپ قارىلىدۇ، شۇڭا ئاچچىقى يامان، تەرسا بۇپلا قالماي گاس بۇپ قىلىشىمۇ شۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىشى مومكىن.

يەنە ئاليومىن يارتا پارالىچنى كەلتۈرۈپ چىردىغانلىقى ئىنىقلانغان. ئاليومىننى قىزدۇرۇپ قورۇما تەييارلىماسلىق كېرەك...

kuysoyar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 09:41:37

مىتال ئىشلەتمەي قاپاق ئىشلەتسە بولغۇدەك ،ئەجدادلىرىمىز قاپاقتا سۇئىچىپ كەلگەنىكەن ،مەن ئىسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدىمۇ تۇزلۇق قاپىقى ۋە سۇ ئىچىدىغان قاپاقلار بولىدىغان .

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 09:43:21

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   pis-pas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-20 09:49  

مانىڭدەكما؟
http://v.youku.com/v_show/id_XMjg0MTA5MTU2.html
http://v.youku.com/v_show/id_XODI5MDA4Njc2.html

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 10:27:51

http://e.jznews.com.cn/N_QuestInfo.aspx?Code=30110

ace يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 11:34:36

ئاتا بوۋىلىرىمىز قىتىپ قالغان ناننى ئىرىقنىڭ سۈيىگە چىلاپ يەپ شۇنداق تەمبەل كۈچلۈك تۇرۇپتىكەن ، ئەيتاۋۇر مازامانغا كىلىپ تاماقلارنى شۇنچە ئىلغاپ قۇۋۋەتلىكىنى يەيمەن پاكىزىنى يەيمەن دەپ لەقۋا ئاجىز بولۇپ قالغىنىمىزنى تىخى كىسەللەرنىڭ كۆپلىكى........:o

Tuwatur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 12:08:14

ace يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 11:34 static/image/common/back.gif
ئاتا بوۋىلىرىمىز قىتىپ قالغان ناننى ئىرىقنىڭ سۈيىگە چ ...

ئۇ ۋاقىتتىكى ئېرىق- ئۆستەڭلەرنىڭ سۈيىنىڭ قانچىلىك پاكىزلىقىنى دېمىسەممۇ بىلىسىز.
ھازىرقى ئېرىقلاردىكى سۇغا نان چىلاپ يېيىش ئەمەس، قولىڭىزنىمۇ يۇيغىڭىز كەلمەيدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 12:26:18

قەشقەرنىڭ تۇربا سۈيى بەزىدە ئاچچىق بوپ قالىدۇ ، بىز پات پات ئاتۇشتىن سۇ ئەكىلىپ ئىشلىتىمىز ، قەشقەرگە كەلگەندىن بىرى تۇربىدىن  سۇ ئىچىپ باقماپتىمەن
   تۇربا سۇيى ياخشى ئەمەس يەرلەردە سۇ ساپلاشتۇرغۇچ ئىشلەتمىسە بولمىغۇدەك

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 13:37:03

ئاڭلىسام سۇ ساپلاشتۇرغۇچ بىلەن بىر تەرەپ قىلغان سۇنى ئۇزۇن مۇددەت ئىچىپ بەرسە، سۇدىكى مىكرو ئىلمىنىتلار يوق بولغان سەۋەپتىن ئادەمنىڭ ئىممونىت سېستىسى ئاجىزلاپ كىتىمىشقۇ؟

meslihet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 15:55:38

كەنئان دەيدىغان ماركىدىكى سۇ ساپلاشتۇرغۇنى ئىشلىتىۋاتقىنى 3 يىل بولدى، 1700 يۈەنگە ئالغان، ھەر يىلى 100 يۈەنگە سۈزگۈچ ئالماشتۇرىمىز.
ئىلگىرى چايدان چەينەكلەرگە سۇ تېشى قېلىن بىر قەۋەت قېتىپ قالاتتى، سۇ ساپلاشتۇرغۇ ئىشلەتكەننىڭياقى سۇ تېشى  پەيدا بولمىدى. سۈزگۈچنى ھەر قېتىم ئالماشتۇرغاندا ئۇنىڭدا سۈزۈلۈپ قالغان دۇغ-لاينى كۆرۈپ يائاللا دەپ قالىمەن.

ئاۋۇ مىتاللىق نەرسە سۇ سۈزمەيدۇ، سۇنىڭ قانداقلىغىنى ئۆلچەيدۇ، تۇرۇبا سۇيى، ئۆستەڭ سۈيى، بىر بوتۇلكا ساپ سۇنى ئايرىم ئايرىم شۇ نەرسە بىلەن سىناق قىلىپ باققاندا قانداقلىغىنى بىلگىلى بولىدۇ.
ئوخشاش بىر ئۆلچىگۈچ بىلەن تۇرۇبا سۈيىنى ۋە بازاردىن ئالغان بوتۇلكىلىق ساپ سۇنى سىناق قىلغاندىن كېيىن قايىل بولۇپ، سۇ ساپلاشتۇرغۇنى سېتىۋالغانمەن.

ئىمكانىيەت بولسا، تۇرۇبا سۈيى ياكى ئۆستەڭ سۈيىنى قاپاق، كۈپ دېگەندەك نەرسىلەردە ئۇزۇنراق سۈزۈلدۈرۈپ ئاندىن ئىشلەتسە ياخشى.

elxatrahim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 17:32:31

سۈ تازلىغۇچ دەيلى

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 08:58:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-22 09:12  

     كىچىكىمدە كونىلار دەريا ئۆستەڭلەرنىڭ ۋە كۆلنىڭ سۈيىنى كۈن كۆرگەن ئەركەك سۇ دەپ ئاتاپ، بۇنداق سۇ ئادەمگە ياقىدۇ دەيتى.  قۇدۇق ۋە بۇلاق سۈيىنى ئۆلۈك سۇ دەپ ئاتاپ، بۇنداق سۇ ئادەگە سوغۇق كېلىدۇ، ئەر كىشىنى زەئىفلەشتۈرىۋېتىدۇ دەيدىغانتى. مانا بۈگۈنكى كۈندە بەزى يەرلەردە چوڭقۇر قۇدۇق سۈيى تەركىبىدىكى فىتور مىقدارى ئۆلچەمدىن يۇقرىكەن دەپ ئاھالىلەرنىڭ ئىچىملىك سۇ تۇرۇبىسىنى بۇلغانمىغان دەريا سۈيىگە ئۇلاپ بولدى. گەرچە دەريا سۈيى تەركىبىدە كالتىسىي كاربونات، ماگىنىي كاربونات مىقدارى بىر قەدەر كۆپ ھەم باشقا مىنرال ماددىلار مەلۇم دەرجىدە بار بولسىمۇ، بۇ مىنرال ماددىلار(بولۇپمۇ كالتىسىي ئىئونى) ئادەم بەدىنىگە بەك زۆرۈر بولغاچقا ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلىش بىھاجەت. سۇ قاينىغاندىن قېپقالىدىغان سۇ دېتى ياكى توك ئارقىلىق مەجبۇرىي ئاجرىتىپ ئېلىنغان مىنرال ۋە باشقا مىكرو لەيلىمە ماددىلارغا قاراپلا بۇ ئارلاشمىلار بەدەنگە يىغىلىپ قالىدىكەندە دەپ ئويلاپ قېلىش ئارتۇقچە،چۈنكى ئادەمنىڭ ھەزىم قىلىش سېستىمىسى يۇقۇرقىدەك سۇدا ئېرىگەن تەبىي مېنراللارنىغۇ ھىچ قىينالمايلا تېگىشلىك جايلىرىغا يەتكۈزەلەيدۇ، ھەتتا (زەھەرلىك بولمىغان)دانچە ھالەتتىكى ئارلاشمىلارمۇ ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ تەسىرىدە ئېرىيدىغىنى ئېرىپ، ئېرىمەيدىغىنى ئۈچەي يوللىرى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەزىم قىلىش ئەزالىرىمۇ(ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن) باشقا ئەزالاردەك داۋاملىق تۈردە ئۆز-ئۆزىنى يېڭىلاپ تۇرىدىغان بولغاچقا،  ئۇنىڭ «ئۇپىراپ كونىراپ» نورمال خىزمەت قىلالماي قېلىشىدىن ئەنسىرىمەڭ. بەزى سۇ ساپلاشتۇرغۇچ ئېلانلىرىدا بىر قاراشقا ئادەمنى ئەنسىرىتىپ قويىدىغان مۇنداق گەپلەرنى ئۇچرىتىمىز:«ئادەم بەدىنى مۇنچىلىك ۋاقىتتا مۇنچىلىك كېرەكسىز ماددىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇنى سۈزۈشكە مەجبۇر، ئەمدى يەنىلا بەدىنىڭىزنى سۈزگۈچ قىلىپ ئىشلىتەمسىز؟ » دىگەندەك. ئەمما بۇ گەپ ئادەمنىڭ ھەزىم سېستىمىسىنىڭ ئالاھىدە سۈزۈش ساپلاشتۇرۇش فونكىتسىيىسىنى چۈشەنمىگەنلەرگىلا تەسىر قىلالايدۇ.
     ئەمما بۈگۈنكىدەك سۇلار بۇلغىنىپ كېتىۋاتقان شارائىتتا، سانائەتتىن بۇلغىنىش مەۋجۇت بولغان جايلارنىڭ يەر ئاستى سۇلىرىدا مەسىلە ئېغىر، يەنە  مەلۇم زىيانلىق مىكرو ئورگانىزىملارنى ئېپ يۈرگەن سۇلارمۇ  بولۇشى مۈمكىن، شۇڭا ئۇنداق سۇلارنى ساپلاشتۇرماي ئىچىشكە بولمايدۇ.   

KAPITAN39 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 09:45:14

ھەركىم ھەر نىمە دەيدۇ، ئۆزى بىلىپ ياشىغانغا يەتمەيدۇ.
بەت: [1]
: سۇ ساپلاشتۇرغۇچ ھەققىدە