neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:50:38

بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟

بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟

«ﺋﺎﻧﺎ» - ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻗﯘم ﺋﻪﻣﻪس. «ﺋﺎﻧﺎ» - ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟوﻟﻰ.
ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ۋە ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏلاﻧﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ، ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪۇ. دﯦﻤﻪك، ﻣﻪۋﺟﯘدات ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪۇ، ﺋﺎﻧﯩﺪا ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ، ﺋﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻧﻪ ﺑﯘﻟﯩﻘﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلار دۇﻧﻴﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻟﯩﻲ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎراﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘلار ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻧﺎ - ﺋﺎﻟﻪم، ﺋﺎﻧﺎ - ﺑﯩﻠﯩﻢ ۋە ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرﻏﺎ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪت ﺑﯧﻐﯩﺸلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﻗﻪددەس ﺳﯘﺑﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻴﻪ. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋە ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﮬﺎﻟﺪا ﻳﻮرۇﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ ﮬﻪم ﻳﺎزﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﯘﻳﻐﯘرلار «ﺋﺎﻧﺎ»ﻧﻰ ﻣﻪرﻛﻪز ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺟﻪرﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇپ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﮬﻪﺗﺘﺎ «ﺋﺎﻧﺎ»ﻧﻰ ﺳﯜﭘﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﯜﺗﯜن ﺑﯩﺮ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮازﯨﻨﻰ ﺳﯩﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ - ﺋﯘﻳﻐﯘر ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﺪﯨﻜﻰ.
«ﺋﺎﻧﺎ» دﯦﮕﻪن ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﻪ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك: ﺋﺎﻧﺎ - ﮬﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﮬﺎﻟﻘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻏﻘﯘﭼﻰ. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺑﺎرﭼﻪ ﺷﻪﻳﺌﯩﮕﻪ ﺋﻮرﺗﺎق ﺑﻮﻟﯘپ، ﺑﯩﺮ ﺗﯜپ ﻳﺎۋا ﺋﻮﺗﻤﯘ ﺋﺎﻧﺎ، ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯚز ۋۇﺟﯘدﯨﺪا ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻧﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪۈرﯨﺪۇ. ﻣﯧﻜﻴﺎﻧﻤﯘ ﺋﺎﻧﺎ، ﺋﯘﻣﯘ ﭼﯜﺟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜرۈپ، ﺗﺎﭘﻘﺎن-ﺗﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘلارﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ. ﺑﯩﺰدﯨﻤﯘ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪت «ﺗﯘﻏﯘپ ﻗﻮﻳﻐﯘﭼﯩﺪﯨﻨلا ﺋﯩﺒﺎرەت» دەپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧلار ﺗﺎلاي. ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ، دەپ ﺋﺎﺗﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ۋەﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ، ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن «ﺋﯩﻨﺴﺎن» ﺑﻮﻟﯘش ﺷﻪرﯨﭙﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﻴﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ. «ﺋﺎﻧﺎ» ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜن-ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﺑﻪدەل، ﺑﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮرﺗﺎق. ﺋﻪﮔﻪر ﺗﻪﯕﺮى ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارﻏﺎ «ﻣﯧﮭﯩﺮ»دﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﮔﯜزەل ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪرﻣﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪس ﺟﻪﺑﯩﺮ-ﺟﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘلارﻧﻰ ﺗﯘﻧﺠﯘﻗﺘﯘرۇۋەﺗﻜﻪن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮى ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا دەل ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ﻣﺎلاي. ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﺎلاﻳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻜﻰ، ﺋﺎﻧﺎ دەل ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯚﻟﯩﮕﻪن ﺑﻪدەﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﯟار ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜرەﻟﯩﮕﻪن. ﺋﻪﮔﻪر دۇﻧﻴﺎدا ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯧﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯩﭙﺘﯩﺪاﺋﯩﻲ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ، دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎﺑﺎﮬﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻛﯘﮬﯩﻘﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن ﺑﻮلاﺗﺘﻰ، ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺋﺎﻧﺎ ﻣﯧﮭﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﮬﺮﯨﻤﻪن ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﭘﻪرزەﻧﺘﻤﯘ ﺑﺎﻏﺮى ﺗﺎش ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ.
ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪا ﺋﻪﻟﻠﻪﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ: ﺋﯘلار ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺑﻪرﮔﻪن ﻗﯘرﺑﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﻳﯟەﻧﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﮬﺎزا ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺴﻜﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﻨﻰ ﻧﺎﺧﺸﺎ-ﻗﻮﺷﺎﻗلارﻏﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇپ، ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰور ﺋﯧﻜﺮاﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻰ، vcd ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪپ، ﺑﺎزارلارﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ-ﻪﻛﺘﻰ ۋە ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﺒﺮەت ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﭘﺎراﺳﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺪى. ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮلار ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﻳﺎزدى، ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﯩلارﻣﯘ ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﻛﯜﻳﻠﯩﺪى. ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﭘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪى ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻣﯩﺸﭽﺎن ﺋﻪۋلادلارﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺐ ﺳﺎداﺳﻰ. ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﯧﻠﻰ ﺑﻮش ﺋﻪۋلادلار ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ؟ ﺑﯘ ﻳﻪﻧﯩلا ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻪﭘﻘﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺳﺎددا، ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﺗﺎ-ﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﮬﺴﯘﻟﻰ. ﻗﻪدﯨﻤﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﯩلار ﺋﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﻪﯕﮕﺎﮬﻘﺎ ﺋﯘزۇﺗﯘۋﯦﺘﯩﭗ، ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎر ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ، ﺋﯘلار ﺋﻪرﻟﯩﺮى ۋە ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯧﮭﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ «ﻣﯩﺖ» ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺘﺘﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ روﮬﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎپ دۇﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ. ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﻧﯩلار ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯩﺮاق ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯘزاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪا، ﺋﯚرﺗﯩﻨﯩﭗ ﻳﯩﻐلاپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪۇ. ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻪﭘﻘﻪت - ﺑﻮﻟﯘﻣﺴﯩﺰ ﺋﻪۋلادلارﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯚﺷﯜك. ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇپ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯘﻏﯘرۇﻟﻐﺎن ﺧﻪﻟﻖ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ-ﯩﭽﯩﻚ ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﻪزەر ﺳﺎﻟﺴﺎق، ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇپ روﮬﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﺘﺎ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﯟەﺗﻜﻪن ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردﯨﻜﻰ «ﺋﺎﻧﺎ» ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﻪۋۋۇپ ﺧﺎﮬﯩﺸﯩﺪا راﺳﺎ ﭘﯩﺸﯘرۇﻟﻐﺎن. ﺑﯘ ﮬﺎل ﻣﻪﺷﺮەپ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺑﯩﺮﻗﻪدەر روﺷﻪن ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﺪۇ:
«ﺋﺎﻧﺎ رازى، ﺧﯘدا رازى، ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪد ﻣﯘﺳﺘﺎﭘﺎ رازى».
دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ رازى ﻗﯩﻠﺴﯩلا ﺧﯘدا رازى ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪۇ، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺧﯘداﻧﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮۇﻗﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن ۋە ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎﻧﯩلارﻧﻰ رازى ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨلا، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯘدا رازى. ﻣﻪﺷﺮەﭘﻨﯩﯔ دﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﯩﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯘ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺷﯧﺌﯩﺮلاﺷﺘﯘرۇﻟﯘپ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻗﻮﻳﯘق ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎت ﺗﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ. ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙلارﻧﻰ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗلاﺷﺘﯘرۇش ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ. ﺗﻪﺳﻪۋۋۇﭘﻤﯘ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﻗﺎﻳﻨﺎق. ﻛﯚﻳﯜم - ﺋﺎﻧﯩلاردﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺳﯜﭘﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﺎرﻗﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار »ﺋﺎﻧﺎ»ﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻨﻰ «ﻛﯚﻳﯜم» ﺑﯩﻠﻪﻧلا ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪن ۋە ﺷﯘ داﺋﯩﺮﯨﺪە ﺗﻪﻟﻘﯩﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎن.
»ﺋﺎﻧﺎ» دﯦﮕﻪن ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎر، ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺎﻣﻤﯘل ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ، دﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻳﯜﻛﺴﻪﻛﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜرەﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨلا، ﭘﯧﺪاﮔﻮﮔﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرەﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ۋە ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﺪۇراﻟﯩﻐﺎﻧﺪا؛ ﺋﯘلارﻏﺎ ﻛﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻧﺪە، ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻧﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﻗﯩلاﻟﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺋﯘلارﻧﻰ ﺟﺎزاﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻧﻰ ﻣﯩﺰان ﻗﯩلاﻟﯩﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪدەس ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜزەﻟﻪﻳﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘلا ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﻗﻪددەﺳﻠﯩﻜﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﮬﯧﻜﺎﻳﻪت: ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن، ﺋﯘ ﻳﯩﺮاق ﺑﯩﺮ ﺷﻪﮬﻪرﮔﻪ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ، ﺑﯘ ﺋﺎرﯨﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎۋلارﻧﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎۋۇزﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮاﭘﺘﯘ، ﺋﺎﻳﺎل ﺋﯚز ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ دﯦﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﺎ، ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮدا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜرﮔﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﭘﺘﯘ. ﻏﻪزەﭘﻠﻪﻧﮕﻪن ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺗﯧﭙﯩﭙﺘﯘ ۋە ﮬﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪي ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﭙﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻗﺴﺎ، ﺋﻮﻏﻠﻰ ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘزۇش ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺳﻮدا ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪن، ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﻛﯜﻧﮕﻪن ﺋﺎﻧﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ روﮬﯩﻐﺎ دۇﺋﺎ ﻗﯩﭙﺘﯘ ۋە ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘرﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚز زﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘ. ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪۇرﯦﮭﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜرﻧﯩﯔ »ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﺎﻧﺎ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﭼﯚﭼﻪك» دﯦﮕﻪن ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎۋﻏﺎ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ، ﺋﯘلارﻏﺎ ﻣﺎلاﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﻗﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪﺗﻠﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪن. ﺑﯘﻧﺪاق ﺗﯧﻤﺎ ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪۇ. ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺳﯚﻳﯩﺪۇ، دۇﻧﻴﺎدا ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻧﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮەك. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﯘ ﺳﯚﻳﮕﯜﻧﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﺎﻟﻘﯩﻐﺎن ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎب ﺳﯚﻳﮕﯜﮔﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪردە ﺋﯘﭼﺮاۋەرﻣﻪﻳﺪۇ.
ﺗﯘﻣﺎرس - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻜﻪ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى. ﻛﻪﻳﺨﺴﯩﺮاۋ ﻣﺎﺳﺎﮔﯩﺘلارﻧﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە، ﺗﯘﻣﺎرس ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﻰ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪۇ، ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزى ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻳﺨﺴﯩﺮاۋﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﮬﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻤﺎلارﻧﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ دەۋر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا، ﺋﺎﻧﯩلاردا ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ روﮬﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﺋﺎﻧﯩلاردا ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق ﺑﻮﻟﯘش ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ، زاﻣﺎﻧﻐﺎ لاﻳﯩﻖ ﭘﺎراﺳﻪت، ﺋﻪﺧلاﻗﯩﻲ ﭼﯩﺮﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪﻗﯟاﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺋﯘﻳﻐﯘرلاردا «ﺑﺎلاﯕﻨﻰ ﺋﺎﻳﯩﺴﺎڭ ﺑﺎلاﻏﺎ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪن» دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ ﺑﺎر. ۋاﭘﺎﺳﯩﺰ ﺑﺎﻟﯩلار - ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻧﻮﻗﯘل ﻛﯚﻳﯜﻧﯜش دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪا ﺋﯜﻧﮕﻪن ﺷﯘﻣﺒﯘﻳﺎ.
ﺋﺎددﯨﻲ ﺋﺎﻧﯩلار ۋە ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻧﺎ. ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎددﯨﻴﻠﯩﻘﯩﺪا ﺑﻪزﯨﺪە ﺋﺎﻟﻪﻣﭽﻪ ﮬﯧﻜﻤﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﺎﻧﯩلارﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯜت ﮬﻪﻗﻘﻰ ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ۋاﭘﺎﻏﺎ ﺋﻪرزﯨﻴﺪۇ، ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺳﯜت ﺋﻪﻣﮕﯜﻛﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلارلا ﺋﯚز ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ۋە دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎراش ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪرﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﺳﻰ ۋە ﺷﺎن-ﺷﻪرﯨﭙﻰ. ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﯩلا، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ - ﺳﯜت ﺑﯧﺮﯨﺶ ۋە ﻣﯧﮭﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﯩﺸلا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﭘﻪرزەﻧﺘﻠﻪرﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰ ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪي ﻳﺎﺷﯩﻴﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﺶ.
ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ۋە دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎراﺷلار ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜك ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن دەۋردە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﯩﺪۇ. ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯧﮭﯩﺮ-ﺷﻪﭘﻘﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﭘﻠﻪت ﺑﯚﺷﯜﻛﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرۇۋاﻟﻐﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ، ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪك ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺋﯩﺴﺘﺮاﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪۇرﻏﺎن ﺋﺎﻧﯩلار ﻛﯧﺮەك.
ﺋﺎﻧﺎ، ﻣﻪن ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﺪا ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﻪرزدار.

ئابدۇ قادىر جالالىدىننىڭ << جۇڭگو مىللەتلېرى>>ژورنىلىنىڭ 2004-يىلى2- سانىغا بىسىلغان ماقالىسىدىن ئىلىندى

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 19:58:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 21:18  

   بىزگە مۇشۇنداق ئانىلارلا كېرەك بوپ قالماستىن، بەلكى قىز-ئاياللىرىنىڭ مىللەت ۋە جەمىيەت ئالدىدىكى يۈكسەك بۇرچىنى، قەدىر-قىممىتىنى تونۇتۇپ تۇرىدىغان ۋە ئۇلارنى ئىلىم-ھېكمەت بىلەن تەربىيلەپ تۇرىدىغان دادىلارمۇ ئوخشاشلا كېرەك. مەن، سىز، ياكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدە كەلگۈسىدىكى بىر مۇتەپەككۇر-ئالىم ياكى بىر داھىينىڭ ئانىسى يېتىشىپ چىقىشى كېرەك!  شۇڭا بىزمۇ قىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ تەربىيىسىدە ھىچبولمىسا مۇشۇنداقراق بىر نىشاننى كۆڭلىمىزگە بولسىمۇ پۈككەن بولۇشىمىز لازىمدۇر .

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 20:10:31

Ctrl+v  ماھارىتىڭىز بوپ قويىدىكەن

Erkbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 20:32:15

بىزگە قانداق دادىلار كېرەك؟

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 20:44:40

:lol:lol

musilina1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 20:57:04

بىزگە شەرمىي -ھايالىق،ئەخلاقلىق،پەزىلەتلىك،مېھرى -ۋاپالىق ،ۋىجدانلىق،ئىمان -ئېتىقادلىق ،كۆيۈمچان...  ئانىلار،ۋىجدانلىق،غۇرۇرلۇق،ئىمان -ئېتىقادلىق ،يىراقنى كۆرەر،كۆيۈمچان..... ئاتىلار كېرەك...

ئادەمنى ئويغا سالغۇدەك،ئەھمىيەتلىك ماقالىكەن.....

salam101 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 21:24:04

نەفىسە بەك ئوبدان تېما يوللاپسىز سىزگە دەيدىغان گەپباتى چچ 243496956 مالال كۆرمەي مىنى قاچىلاڭ ماقۇلما

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 21:42:41

چ چ ئۈندىدار سوراشلارنى ئۆزگىگىلا ئۇچۇر قىلغۇلۇق...

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 22:03:48

قانداق ئانا كېرەكلىكىنى ئىزدىنىپ  بىرنەرسە يازغانغا ئەقلىم ھەيران..... قانداق ئانا كېرەكلىكىنى باشقىلار دەپ بەرمىسە بىلەلمەي مۇشۇنى ئوقۇپ ئويغا چۆككەنلەرگە تېخى ئەقلىم ھەيران... ئۆلمىسەك كۆرىدىكەنمىزدە تېخى......

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 23:09:50

مۇشۇ ماقالىنى كۆرسەملا بىئارام بولىمەن، چالغىلى داپ تاپالماي، ئۈستەلنى مۇشلاپ ئوينىغاندەكلا بىلىنىدۇ ماڭا.

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 23:15:13

مىنڭچە، (مىنىڭ ئائىلەمدە) مەندەك بىر دادانىڭ رولى بەك موھىم!

ھازىرقى دەۋردە، پەرزەنتلەرگە ھەمرا بولۇش، بالىلارنىڭ بىزدىن كۈتكەن ئەڭ چوڭ ئارزۇسى!

قانچىلىكىمىز ئورۇندىيالىدۇق؟
پۇل موھىم! لىكىن ئائىلە ئۇنىڭدىن موھىم!!!!

ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 23:18:20

پەرزەنت تەربىيەلەش- ئۇيغۇر جەمىيەتىدە ئانا ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ، دىسە ئىشەنەيمەن. خىىزمەتداشلىرىم بۇنىڭغا گۇۋاھتۇر!

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 23:49:44

لىيۇخۇلەن دەك ئانىلار لازىم چىغىۋا

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 23:52:27

باشقۇرغۇچى گىلاس خىنىم غەزەپ ئوبدان چوڭ بوپتىكەنلا ، چىمنىڭ بالىسى سىلە

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 23:59:37

لىيوخولەندەك.....{:92:}
بىچارە نەفىسە نىمە قىلاتىڭىز بۇ تىمىنى يوللاپ ئىزدىنىشقا

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 07:42:44

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 08:49:37

ماڭا ئۆزۈمنىڭ ئاپىسىلا كېرەك.. مېنىڭچە ھەممە ئادەمگە شۇنداقتۇ، ھېچكىم ئاپىسىنى قانداقتۇر ئېسىل ئايال بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس پەقەت ئۆزىنىڭ ئاپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن سۆيىدۇ...

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 09:16:30

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 08:49 static/image/common/back.gif
ماڭا ئۆزۈمنىڭ ئاپىسىلا كېرەك.. مېنىڭچە ھەممە ئادەمگە ش ...

ئوماق ۋۇييۇ قوقماڭ، بىر توپ تاش مايمۇن ئۆزىگە ئانا ئىزدەۋاتقىلى خېلى بولدى، ماۋزۇغا قارىمامسىز، (بىزگە) دەپ تۇرمامدۇ، سىزدەك ئانىسى بارلار قوقمىساڭلارمۇ بولىدۇ،

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 11:35:14

ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
بۇ ماقالە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىنىڭ ماقالىسى ئىكەن...
ھەقىقەتەن ياخشى ماقالىكەن.
ھازىرقى بىرقىسىم ئائىلىگە نىسبەتەن كېلىنلىك،ئەرگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى،بالىغا نىسبەتەن ئانىلىق مەسئۇلىيىتىنى ئۇنۇتقانلار ئۈچۈن ،ھەم شۇلارغا ئىگە بولغۇچى ئاكا-ئىنى قېرىنداشلار ئۈچۈن بىر ئويلىنىشقا ئۈندىگۈدەك ماقالىكەن.
_ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.

ياخشى ماقالىلەر بولسا يەنە يوللاپ تۇراسىز.
بەت: [1] 2
: بىزگە قانداق ئانىلار كېرەك؟